查看完整版本: [-- قاينۇق پۇتبۇلى ۋە قاينۇق كۈلدۈرگىلىرى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى -> قاينۇق پۇتبۇلى ۋە قاينۇق كۈلدۈرگىلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kaynuk003 2011-07-27 00:38
    دىلمۇك تېغى ــ تەڭرىتاغ سېستېمىسىنىڭ غەربىي قىسمى بولۇپ، شوق-ئەركە ئىلى دەرياسى مۇڭغۇلكۈرە شوتىدىن باشلىنىپ شەرققە قاراپ ئېقىپ،ئاندىن مۇشۇ تاغنى ئايلىنىپ غەربكە قاراپ ئېقىپ قازاقىستان زېمىنىدىكى بالقاشقا قۇيۇلىدۇ(يەنى،بۇ تاغنىڭ يېرىمى قازاقستان تەۋەلىكىدە).مانا مۇشۇ تاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى چاپچال ناھىيەسى تەۋەلىكىدە كان، قوغۇنچى، قاينۇق، جاغستاي،چوڭبۇغرا قاتارلىق ئۇيغۇر يېزىلىرى بار. يەنى،تارانچى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرى بار.    مۇشۇ يۇرتلار ئىچىدە قاينۇق ( تارىختا قارناق ياكى قايناق بۇلاق دەپ ئاتالغان دەپ ئىككى خىل ئاتاش بار) دېگەن يۇرت  مۇشۇ تاغ ئېتىكىدىكى بەش يېزىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ قىزىقچى تارانچى يېزىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ قىزىقچىسى يەنە مۇشۇ قاينۇق تارانچىلىرى. ئىشەنمەمسىز ؟ خالمۇرات ئۆمەر(چوڭ ئەيسا) جاغىستايلىق . مۇشۇ قاينۇقلۇقلار شۇ ئەيسادىن ئونى كەلسىمۇ بىر قارا قورساق دېھقاننى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ ‹‹ئوينىتىپ›› قويالايدۇ. 
        بىرىنچى كۈلدۈرگە: 
     شاشتىندام چۈشلۈكى چاي ئىچىپ ئولتۇرسا بىر تونۇشى ئۆيگە كىرىپ كەپتۇ-دە، بىلىپ بىلمەيلا‹‹تارت›› لا قىلىپ ئوسۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇ ئۆزىچە چاندۇرمايمەن دەپ:
ــ ۋاھ،دالان ئۆيۈڭنىڭ لىملىرى نوچىكەنە؟!ــ دەپتىكەن.  شاشتىندام شۇ ھامان يامپاشقىلا ئاپتۇ: 
ــ نەدىكىنى،ساراي ئۆينىڭكىنى كۆسەڭغۇ چىچىپلىۋېتەتتىڭ. 
   مانا مۇشۇنداق. ئەزەلدىن باشقىلارنى كولدۇرلىتىشقا ئۇستا قاينۇق تارانچىلىرى ئەزەلدىن پۇتبۇلغا شۇنداق ھېرىسمەن ئىدى. يىللار ئۆتۈپ-ئۆتۈپ بۇيىلغا كەلگەندە قاينۇق پۇتبۇلىدا غەلىتە ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. چىرايلىقىدىن كەلسەك :  
   بۇيىل قاينۇق ئۆسمۈرلىرى ناھىيە بويىچە يەنە چىمپىيۇن بولدى(ئۇلار نۇرغۇن نۆۋەت لوڭقا كۆتۈردى)،ھەم ناھىيەگە ۋەكالىتەن،ۋىلايەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بولدى.   5-ئايلىق بايرام مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە پۇتبۇل مۇسابىقىسى قىسقارتىۋېتىلدى( بۇ مۇشۇ يېڭى شۇجىنىڭ بۇيىلدا قىلغان تۇنجى چوووڭ،يۇغغغااان ئىشى).  شۇنىڭ بىلەن قوغۇنچىدا ئېلىپ بېرىلغان بەش يېزىنىڭ مۇسابىقىسىدە پۇتبولدا نۆۆۆۆۆل بولدۇق.   تۈنۈگۈنكىنى دېسەك، چوڭ -كىچىك مەشىق قىلىۋاتقان توپخۇمارلىرىمىز ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبۇل مەيدانىدىن قوغلىنىپتۇ.  ھاراق،تاماكا،رېستۇران،قىمار،نەشە دېگەندىن چەكلىمەيدۇ!! ئازراقلا ئۆملىشىپ،بىر يەرگە كېلىپ قالساڭ خەتەرلىكتە. خەتەرلىك! خەتەرلىك بولماي،ۋارتانى رەگەتكە قىلىپ، پۇتبۇلنى بومبا قىلىپ ئېتىپ ساساڭ  بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خەتەر بولماسۇي!؟!    پارتىيە-ھۆكۈمەت ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز پۇتبۇلچىلىقىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈپ،زور مەبلەغ ئاجراتتى ھەم ئاجرىتىۋاتىدۇ بۇنى بىلىشەمسەنەي كاتتىۋاشلار؟!؟!    بارى،مىرەھمەتجان،دىلمۇرات،ئۆتكۈر،ئابدۇۋەلى،يەھيا،،،يەنە پەرھات،ئەراپاتلار بىر-بىرىدىن بەكرەك چاقنىشىۋاتىدۇ ،مۇشۇلاردىن خەۋىرىڭ بامۇي زادى؟!  بوشراق يە، ئا شۇجىدىن ساۋاق ئال! ھارام قاتما يەنە! بوش چاغلىما، بىمەھەل قۇترىغان جيا باۋخۇانىڭ(قاتتىق چىرىكلىشىپ قانۇن تورىغا چۈشكەن ئەمەلدار) كاچىتىغا سالغان قاينۇقلۇق بۇ!!!!  ئاغزىدىن سۈت ھېدى گۈپۈلدەپ تۇرغان سەبىيلەرنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ، قانچىلىك كۆكلەپ كېتەرسەناي؟!  
      ئىككىنچى كۈلدۈرگە: 
   كۆپىنچە ياشلىرىمىز كوچىدا تاماكا چەكمەيدۇ. تاماكا  ساتىدىغان دۇكانمۇ يوق دېيەرلىك(بەزىبىر تويماسلارنىڭ دۇكىنىدىن چىقىپلا قالمىسا). 
   تىلىۋلدى تەيگۇ  ياش چاغلىرىنىڭ بىر كېچىسى ئالايىتەن بىر ئاغىنىسى بىلەن تاماكا چەككەچ ئايلىنىشقا چىقىپتۇ. قايتىپ كېلىپ قارىسا دوقمۇشتا بىر نەچچەيلەن ئولتۇرغىدەك. ئاغىنىسى:
ــ قايسىڭ ،ــ دېسە ھېچقايسسى جاۋاب قايتۇرماپتۇ.  
ــ توختا ،مەن بېرىپ قاراپ باقاي،ــ دەپ تەيگۇ بېرىپ تاماكىسىنى قاتتىق شوراپ يورۇقىدا ئۇلارنى تونۇشقا باشلاپتۇ،ــ ماۋۇ ياسىنجىكامكەن،ماۋۇ توختىكامكەن،ماۋۇ،،،ــ ‹‹چاڭ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تاماكىنىڭ ئوتى ساليۇت ئۇچقۇنىدەك چېچىلىپتۇ،ــ قاچە ئاداش ،دادامكەن!!        
                                                     ئىلھامىم كېلىپ قالسا،  
                                                     داۋامى  بولۇپ قالا. 
                                                     چېنىپ قالسا ناۋادا، 
                                                     ماۋۇ گەپنى باشقا يەردە قىلىپ يۈرمەڭلار!!!


0999 2011-07-27 18:14
شاشىدىنكام قىززىق  ئادەمكەن ... ئامما يۇمۇر بولا مۇشتاخ بولا...تىلىۋالدى تەيگۇچۇ مۇسابىقە توختاتقاننى دېسەڭ ،پۇشقاخنى تۈرۈپ دەسسىەىملا كېلىدۇ گۇيلانى...

dilmuk007 2011-07-29 19:39
مەنمۇ قاينۇقلۇق، ئىلھامىڭ كىلىپ قالسا يەنىمۇ قىزىق يۇمۇرلاردىن يوللىغىن(تازا شاشتىندامنىڭكىنى جۇما)!!!!!!!گۇللە  قاينۇق.......... 

kuwruk 2011-07-30 01:11
ماۋۇ سەھرالىقلار ئۇزى يۇمۇر دەپ ئۇزى كۇلوپ كەتكىننى،،،،،،،،،،،،!!!!!!!!!!!!!!!!!!!   

جەسۇرجەڭچى 2011-07-30 16:25
سىلەر تىخى  ھەر قىتىمقى  مۇسابىقىلەردە  دائىم قاينۇق كۇماندىسى ئۈچۈ ن مەدەت بۇلۇپ كىلىۋاتقان ئازات ،تۇرسۇن <زەرگا> قاتارلىق ئاكىلىرىمىزنىڭ قىزىق يۇمۇر چاقچاقلىرىنى ئاڭلىمىدىڭلاردە ،  مەننمۇ شاشىدىن ئاكا يۇمۇرلىرىدىن بىرنى دەپ بىرەي  ،
شاشىدىن ئاكىنىڭ ئەكرەم ئىسىملىك بەك شۇخ ھەم ئىش  ىۇش ياخمايدىغان بىر ئوغلى بار ئىكەن . بىر كۈنى ئەكرەم خاڭغا چىقىپ كۇمۇر ئەكىلىمەن دەپ ،چوڭ تىراكتۇر بىلەن چىقىپ كىتىپ ئەتىسى بىر خالتا كۆمۈرنى ئىلىپ قايتىپ كىلىپ ئورۇندىن تۇرغىلى ئۇنىماي يىتىۋاپتىكەن شاشىدىن دادام بالام تۇرەۋۇي ئورۇنىڭدىن ئەكەگەن كۆمۈرىڭ تۈگىگىچە بىر قىتىم ئىسىنىۋال دەپتۇ.

kuwruk 2011-07-30 16:36
شاشىدىن --شاڭشىدىن ....ئەرشىدىن--سەنشىدىن----سىشىدىن------   


查看完整版本: [-- قاينۇق پۇتبۇلى ۋە قاينۇق كۈلدۈرگىلىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.066117 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us