查看完整版本: [-- ئايخان ئانا ئەۋلاتلىرى چىمپىيون بولدى.... --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى -> ئايخان ئانا ئەۋلاتلىرى چىمپىيون بولدى.... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kuwruk 2011-07-20 15:14
ئايخان ئانا مەكتىۋىنىڭ لۇنىڭدىكى مۇسابىقىگە چۈشكەن كاماندىلار تىزىملىگى ۋە نەتىجە جەدۋىلى
99ـــــ2000 يىللىق ئا گۇرۇپپا    جەمى 9 كاماندا
1。抚顺新野足球俱乐部      فۇشۇن شىنيى پۇتبول كۇلۇبى      
2。长沙德馨园小学            چاڭشىيا      
3。新疆伊犁阿依汗小学      شىنجاڭ ئېلى ئايخان ئانا مەكتەپ    
4。 济南市体校二队           نەنجىڭ شەھرلىك تەنتەربىيە مەكتىۋى  2 – كاماندا          
5。淄博市淄川区足协          زىچۈەن شەھرى      
6。鲁能足校(张导队)         لۇنىڭ پۈتبول مەكتىۋى
7济南赛客少儿足球俱乐部    جىنەن سەيكې ئۆسمۇرلەر پۇتبول كۇلۇبى          
8山西省全民健身中心。           شەنشى ئاۋام چىنىقىش مەركزى      
1.长沙德馨园1_3阿依汗。                                 چاڭشا 1ــ 3 ئايخان ئانا مەكتۋى      
2.抚顺新野0_3阿依汗小学.                                فۇشۇن شىنيې  0ــ 3 ئايخان ئانا مەكتۋى    
3 阿依汗小学4_0山西全民健身中心                     شەنشى ئاۋام چىنىقىش مەركىز   0ــ 4 ئايخان ئانا مەكتۋى    
。5,阿依汗小学8_1济南体校二队。                      جىنەن تەنتەربىيە مەكتىۋى  1ــ 8 ئايخان ئانا مەكتۋى    
6,阿依汗小学0_0鲁能(张导队)                              لۇنىڭ كاماندىسى  0ــ 0 ئايخان ئانا مەكتۋى    
7.淄川区足协1_2阿依汗小学。                               زىچۈەن رايۇنلۇق پۇتبول بىرلەشمىسى  1ــ 2 ئايخان ئانا مەكتۋى    
8济南赛客0_3阿依汗小学。                                          جىنەن بېيكې  0ــ 3 ئايخان ئانا مەكتۋى      
ئومۇمى ئۇرغان توپ سانى 23 ، كەتكۈزۈپ قويغان توپ سانى 3 . نەتىقىسى چىمپىيون .
2001ــــــــ 2002 – يىللىق ب گۇرۇپپا جەمى 11 كاماندا
1.北京八一翱翔足球俱乐部。
   بېيجىڭ بايى پەيتوپ، پۇتبول كۇلۇبى  
2.淄博高新区第八小学。  
  زىبو گاۋشىن رايۈنلۇق 8- باشلانغۇچ  
3.新疆伊犁阿依汗小学。
شىنجاڭ غۇلجا ئايغىان ئانا باشلانغۇچ  
4  长沙德馨园小学一队  
چاڭشا دېشىنيۇەن باشلانغۈچ      
5鲁能?足校(于导队)
لۇنىڭ پۈتبول مەكتىۋى
6.禹城市实验小学二队。
  يۇچېڭ تەجرىبە مەكتىۋى 2- كاماندىسى
7.东营一佳少儿足球俱乐部。  
  دوڭگوڭ يىجا ئۆسمۇرلەر پۇتبول كۇلۇبى
8.浙江衡州华腾青少年体育俱乐部
جېجياڭ خېڭجوۋ خۇا ياش ئۆسمۇرلەر تەنتەربىيە كۇلۇبى        
9.济南韩导足球训练营
جىنەت چاۋداۋ پۇتبول تەربيىلەش ئورنى      
  10山西省青少年足球训练基地狄村小学  
شەنىشى ئۆلكىلىك ياش ئۆسمۇرلەر پۇتبول تەربىيىلەش بازىسى    
11.抚顺新野足球俱乐部
فۇشىنشىن پۇتبول كۇلۇبى      
  
1.淄博第八小学1_6阿依汗
زىبو گاۋشىن رايۈنلۇق 8- باشلانغۇچ  1ــ 6 ئايخان ئانا مەكتۋى      
2.东营一佳0_5阿依汗小学。
دوڭگوڭ يىجا ئۆسمۇرلەر پۇتبول كۇلۇبى  0ــ 5 ئايخان ئانا مەكتۋى    
3鲁能A队1_8阿依汗小学.  
لۇنىڭ پۈتبول مەكتىۋى  1ــ 8 ئايخان ئانا مەكتۋى    
4.抚顺新野1-6阿依汗小学。
فۇشىنشىن پۇتبول كۇلۇبى  1ــ 6 ئايخان ئانا مەكتۋى    
5.阿依汗小学9-0山西狄村小学。
شەنىشى ئۆلكىلىك ياش ئۆسمۇرلەر پۇتبول تەربىيىلەش بازىسى 0ــ 9 ئايخان ئانا مەكتۋى
   6.阿依汗小学5-3德馨园一队。
چاڭشا دېشىنيۇەن باشلانغۈچ  3ــ 5 ئايخان ئانا مەكتۋى      
7.阿依汗小学8-0北京八一翱翔.
بېيجىڭ بايى پەيتوپ، پۇتبول كۇلۇبى  0ــ 8 ئايخان ئانا مەكتۋى        
8。阿衣汗小学2-0禹城实小儿队。
يۇچېڭ تەجرىبە مەكتىۋى 2- كاماندىسى  0ــ 2 ئايخان ئانا مەكتۋى      
9,济南韩导队0-7阿依汗小学,
جىنەت چاۋداۋ پۇتبول تەربيىلەش ئورنى  0ــ 7 ئايخان ئانا مەكتۋى        
10。衡州华滕0-3阿依汗小学  
جېجياڭ خېڭجوۋ خۇا ياش ئۆسمۇرلەر تەنتەربىيە كۇلۇبى  0ــ 3 ئايخان ئانا مەكتۋى        
        
ئومۇمى ئۇرغان توپ سانى 59  كەتكۈزۈپ قويغان توپ سانى 6  نەتجىسى چىمپيون .
http://www.elqut.cn/read.php?tid-31745.html

albax 2011-07-20 17:13
   بۇيەردە بولغان بولساڭلار ساقىلىرىم مۇزماق بىلەن مىھمان قىلاركەنمەن ! ياشاپ كىتىڭلار !

0999 2011-07-20 18:47
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى albax نىڭ 2011-07-20 17:13 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
   بۇيەردە بولغان بولساڭلار ساقىلىرىم مۇزماق بىلەن مىھمان قىلاركەنمەن ! ياشاپ كىتىڭلار !


 كەلگەندە قىلسىڭىزمۇ بىرگە ھېساب  

nida0998 2011-07-20 20:59
ھۇررا..........چۇجۇكلەرىم...........ئەۋلاتلەرىم............جۇڭگۇنىڭ ئۇممۇدى سىلەردە گەر قەدرىنى بىلسە.

dakar 2011-07-20 23:48
ئۇماق ئۇكىلىرىم يارايسىلەر  ..  ھەممە يەرنىڭ شامىلىنى پاكىز قىلىپ قۇيۇپسىلەر .

ھەقىقىي ئەركەكنىڭ  ئەۋلاتلىرى  مۇشۇنداق شاش بۇلىدۇ . ئېسل  

karakax 2011-07-21 10:05
ئاپىرىن،سىلەرگە ئۇيغۇر ئوغلانلىرى ياشاپ كىتىڭلار.................................     

قىساس 2011-07-21 13:48
جىنىم قوزىللىرىم ئادەمنى نىمانداق خوشال قىلۋىتىسىلەر ،ئايخان ئانىمىزنىڭ روھى قانچە خوشال بولۇپ كەتكەندۇ     

taranqi217 2011-07-21 14:32
ئەسسالامئەلەيكۇم !
نەچچىۋاقىتتىن سىرىتتىن قاراپ ئولتۇرغان ......
كۆۋرۇك ئاكا مۇنۇ خەۋىرىڭىز مىنى بەكلا ھاياجانلاندۇردى -جۇمۇ !


       بۇ ئەزىمەتلىرىمىز ئويغۇر بالىلىرىنىڭ جاسارىتىنى نامايەن قىپتو !
كۆۋرۇك ئاكا سۆرىتى بولغان بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى !

muhtarbay 2011-07-21 16:36
تېخنىكىسىنى نامايان قىلغان ئايغان ئانا مەكتىۋىنىڭ ئۇيغۇر قېنى تومۇر تومۇرلىدا ئۇخچۇپ ئېقىۋاتقان ئەزىمەتلىرى شەرەپ بىلەن غۇلجىغا ماڭدى . ئۇلار شىنجاڭ دىيارىنىڭ پۇتبول كەلگۈسىنى پۈتكۈل جوڭگۈغا تونۇتۇپ نامەيەن قىلدى .
بۇ مۇسابىقدە ئومومى توپ سانى جەھەتتە 3 كى كە قارشى 23 ، 6 گە قارشى 59 دەڭ سەرخىل نەتىجە بىلەن شەرەپ گۈلىنى مەيدىسىگە تاقاپ يۇرتقا قايتتى ( تەپسىلاتى : http://bbs.elqut.cn/read.php?tid-31745.html)  
ئەزىمەتلىرىمىز ھازىر مۇشۇ ماقالىنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا لوياڭدىن ئاشقان ئىكەن . ئۇلار ئاللا خالىسا 22 چېسلا  ئەتىگەن سائەت 6 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپىدا ئۇرۇمچىگە چۈشىدۈ ، ھەم ئەتىگەن سائەت 8دىن 50 نىڭ پويىزى بىلەن غۇلجىغا قايتىدۇ . ئاللا خالىسا ئۇلار بىلەن 23 - چىسلا كەچ سائەت 8 دىن ئاشقاندا غۇلجا پويىز ۋوگزالىدا كۆرۈشىمىز . مۇشۇ تاپتا مىنىڭ ھازىرلا پويىز ۋوگزالىغا گۇل تۈۇتۇپ بېرىپ ئۇلارنى ساقلىغۇم ، ھەممە كىشىگە بىزنىڭ ئوماق ئەزىمەتلىرىمىز كەلمەكچى مەن بۇ گۈلنى ئۇلارغا سوغا قىلىمەن  دىگۈم كېلىۋاتىدۇ .  
بىچارە ئەزىمەتلىرىمىز بارغۇچە 56 سائەت پويىزدا يول يۇرۇپ بىر كۈنلا ئارام ئېلىپ مۇسابىقە چۈشۈپ چارچىغان ئىدى .  نەچچە كۈنلۈك كەسكىن جەڭ قىلىپ رەقىپلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇپ زەپەر قۇچتى ، يەنە كۆپ دەم ئالمايلا يەنە 56 سائەتلىك جاپالىق پويىز سەپىرىنى باشلاپ يۇرتقا يولغا چىقتى ، ئەزىمەتلىرىم ھارمىغايسىلەر ، پۈتكۈل شىنجاڭ ، پۈتكۈل ئۇيغۇر قەۋمى سىلەرگە مەدەت ، ۋە دۇئا ئوقۇۋاتىدۇ ، ئەزىمەتلىرىم سىلەر كەلگەدە سىلەرنى پۈتۈن ئانا ماكان ، پۈتۈن ئەل يۇرۇت ، پۈتۈن ۋەتەن ، پۈتۈن ئۇيغۇر باغرىغا باسىدۇ . ئىنىلىرىم سىلەر بىلەن ئەلقۇت پويىز ۋوگزالىدا كەڭ قۇچاق ئېچىپ ، سىلەر بىلەن باغاشلىشىپ كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار ، ياق ئەلقۇتلا ئەمەس پۈتۈن ئۇيغۇر ئىنتىزار ، ھەم شۇناق قىلىدۈ!

بۇ مۇسابىقىگە بېرىشقا تەييارلىق قىلىش، مەشىق قىلىش ، ئىقتىساد توپلاش جەريانىدا  قۇربانتاي ، ئەيساجان ، شۆھرەت ،ئېرپان ، ئىليار قاتارلىق تېئنىرلار بارلىق قان تەرىنى تۆتى ، شەنبە يەكشەنبە دىمىدى، تەتىل دىمىدى ، ھەممە ئادەم ئشىتىن چۈشكەندە ئۇلار مەكتەپتە بالىلار بىلەن بىللە ، ھەممە ئادەم شەنبە يەكشەنبە ئۆي ئىشلىرى ۋە سەيلە ساياھەتتە بولسا ئۇلار مەكتەپتە بالىلار بىلەن بىللە ، ھەمما ئادەم تەتىلدە سىرتتا ساياھەتتە ئۇلار يەنىلا بالىلار بىلەن بىللە .
مانا مۇسابىقىگە چاقىرىق كەلدى.  باللار تەييار ، ئۇزغۇنلار تەييار ، تۇلپارلار تەييار ، ئەپسۇس! ئىقتىساد ، ئىقتىساد !....  ئىقتىساد ... بىچارە تېئنىرلارغا يەنە يىڭى غەم ، ئۇلار تەرەپپمۇ تەرەپ يۈگۈردى، ئاتا - ئانىلار بىلەن بىرمۇ _ بىر كۆرۈشتى . ئاتىلار قايىل كەلدى، پۈلى بارلار پۈ چىقاردى ، پۈلى يوقلار ياخشى تىلەكلەرنى قىلدى . نامازلىرىدا دۇئا ئوقۇدى .  مەرىپەتپەرۋەر ، پۇتبولخۇمار ئايخان ئانا مەكتىۋىنىڭ مۇدىرى ئۆمەرجان ئەپەندىمۇ قاراپ تۇرمىدى، ئۆمەرجان ئۆز مەكتىۋىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىمكانىيتى بىلەن ئىقتىسادى ياردەمدە بولدى . مۇھىمى ئۇنىڭ روھى جەھتتە قوللىشى بەك كۈچلۈك بولدى . مائارىپ ئىدارىسى ، مەدەنەنىيەت ئىدرارىسى  بىر قاتار ئورۇنلارنىڭ قاتمۇ _ قات رەسمىيەتلىرى بىردىن بىردىن پۈتتۈردى ، ئۇلارغا كاپالەت بەردى . ئىقتساد يەنىلا تولۇق ھەل بولمىدى. مانا مەرىپەتپەرۋەر ، پۈتبول سۆيەر ئابلىمىت ئاكا مەردلەرچە ئوتتۇرىغا چىقتى . ھەم ئۇلار بىلەن بىللە بېرىپ ئۇلار بىلەن جاپادىمۇ ، ھالەۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغانلىغىنى ئېيىتتى . ھەمدە سەپەر ۋە مۇسابىقە جەريانىدا بالىلارنىڭ ھەرخىل چىقىملىرىغا مەسئۇل بولدى. شۇنداقلا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئىككى كوماندىنىڭ ساھىپخان ئورۇنغا تۆلەشكە تېگىشلىك بارلىق ياتاق ھەم تاماق پۇلىنى ئۈستىگە ئالدى. مەن بۇ يەردە ئابلىمىت ئاكىغا مەكتەپ ، كوماندا تېرىنىر-تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە  ئاتا ئانىلارغا ۋاكالىتەن ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ( ئابلىمىت ئاكا ئۆزىنىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى باشقىلارغا ئېيتماسلىقنى تاپىلىغان بولسىمۇ ، ئەمما،مەن بۇيەردە  ئۇنىڭ بۇ ئاددى رەھمىتىمىنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.) كاماندا مانا مۇشۇنداق يولغا چىقتى ، 26 تەنھەركەتچى 5 نەپەر يېتەكچى تېئېنىردىدن تەركىپ تاپقان 33 كىشىلىك تۇلپارلار گۇرۇپپىسى يورغىتىپ لۇنۇڭغا يۇرۇپ كەتتى !
سەپەر باشلاندى ، 5 نەپەر تېئىنىر يېتەكچى بىر مىنۇتمۇ خاتىرجەم تۇرالمايتتى ، كېچىلىرى بىر مىنۇتمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايتتى . چۈنكى ئۇلار مىللەتنىڭ پۈتبول كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان 26 مايسىنى ئېلىپ ماڭماڭتا ئېى ئۇلارنىڭ ئامانلىقى ھەممىنى بېسىپ چۈشەتتى . لۇنۇڭغا يېتىپ باردى . يەنە ئارام يوق . يەنە ئۇيقۇ يوق . چۈنكى 26 مايسا ئارام ئېلىشى ، بەدەن قۇۋىتى ئەسلىگە كېلىشى، ئەزەلدىن ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بۇ 26 مايسىغا ئاتا - ئاندىن، يۇرتتىن ئايرىلىش قىيىنچىلىغىنى بىلدۇرمەسلىگى كېرەك . ئۇلار 26 مايسىنىڭ ئانىسى ، ئۇلار 26 مايسىنىڭ ئاتىسى ئىدى.
مانا ئەجرىنىڭ تېگى ئالتۇن ، سەبرىدىن ھالۋا پىشىدۇ . ئۇلار ئۇزغۇن بولدى ! ھۇررا ! ئالغا !  ئۇغۇرۇم ! ئالغا  ! سىلەر جوڭگۈ پۈتبولچىلىقىنى يۈلتۈزلىرى ! سىلەر جوڭگۈ  پۈتبولچىلىغى دۇنياغا تونۇتىسىلەر !
قەدىرلىك پۈتبول خۇمارلار ! قەدىرلىك ئۇيغۇر ئەھلى ! بۇ ئۇزغۇنلارنىڭ ئالدىغا 1 سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ھۇررا توۋالاپ كۈتىۋالىدغانغا ۋاقتىڭىز بارمىكىن ؟ قېنى قەلەمرىڭىزدىن ، ئېغىزلىرىڭىزدىن چىققان ھۇررا سادالىرى ئەمەلىيەتتە كۆرىنەمدىكىن ؟ مەرتى مەيداندا سىنا دەپتىكەن كونىلار ، قېنى كىم مەن بىلەن ۋەدىلىشەلەيدۇ ؟  يۈرۈڭلار ۋوگزالدا كۆرىشەيلى ! ۋوگزالدا ھوررا توۋلاپ ئۇزغۇنلارنى كۈتىۋالايلى !
تامام
ئەلقۇت مەرىپەت تورىدىن ئەلقۇت  www.elqut.cn

taranqi 2011-07-21 21:02
bu  maktap      man  toptapkan    qaglardemu  nahayti  yahxiti    ular  burunmu  kup  ketimeqkerda    qempeyon    bolgannti     yaxapkathuljia  balire  

kuwruk 2011-07-21 21:48
[quote]بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى taranqi217 نىڭ 2011-07-21 14:32 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئەسسالامئەلەيكۇم !
نەچچىۋاقىتتىن سىرىتتىن قاراپ ئولتۇرغان ......
كۆۋرۇك ئاكا مۇنۇ خەۋىرىڭىز مىنى بەكلا ھاياجانلاندۇردى -جۇمۇ !
----ئۇكا ،،ھۇررا مۇنبىرىدە گازىر سىتىپ يۇرەتتۇڭغۇ؟؟؟؟؟
سىنى كۇردۇم ،،،دۇڭمازاردىكى سازلىقتىكى مۇسابىقىدە ،،،،ئۇچەي كاۋاپ سىتىپ خىلى پايدا ئاپسەن ھە،،،،،تاپقان پۈلۇڭدىن سامان يۇلى دىگەن بۇرادەرگە بىر دانە تۆپ ئىلىپ بەرگىنە ،،،،،تۆپ تەپكىسى باتتىكەن،،،،،!

watanuqun 2011-07-24 21:15
    

amanxa 2011-07-24 21:24
مۇسابىقىدە يىڭىشلا ئەمەس، پەرىققە قاراڭلا، نەچچىدە -نەچچە مانداق ؟ ۋاھ.....

taranqi217 2011-08-06 09:05
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى kuwruk نىڭ 2011-07-21 21:48 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
[quote]بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى taranqi217 نىڭ 2011-07-21 14:32 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئەسسالامئەلەيكۇم !
نەچچىۋاقىتتىن سىرىتتىن قاراپ ئولتۇرغان ......
كۆۋرۇك ئاكا مۇنۇ خەۋىرىڭىز مىنى بەكلا ھاياجانلاندۇردى -جۇمۇ !
----ئۇكا ،،ھۇررا مۇنبىرىدە گازىر سىتىپ يۇرەتتۇڭغۇ؟؟؟؟؟
.......

ھىي شەلىك .... ئۇ مۇسابىقىگە چىققانتىڭما ...........
تونىماپتىمەندە........
مەس يۇگەن بىرەسىنىغۇ كۆرگەندەك قىلىمىغان !

kuwruk 2011-08-07 21:01
[quote]بۇ مەزمۇن 13قەۋەتتىكى taranqi217 نىڭ 2011-08-06 09:05 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :

ھىي شەلىك .... ئۇ مۇسابىقىگە چىققانتىڭما ...........
تونىماپتىمەندە........
مەس يۇگەن بىرەسىنىغۇ كۆرگەندەك قىلىمىغان !
----سەن سەھرالىق مىنى تۇنالامسەن؟؟ئۇمرىڭدە كۇرگەن تۇنجى پوتبۇل مۇسابىقىسى تۇرسا ئۇ ،،ھاڭۋىقىپ ئۇلتۇراتتۇڭغۇ،،،،چىملىققا قۇڭاڭنى قۇيۇپ،،!!!!!!!

taranqi217 2011-08-09 15:34
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى kuwruk نىڭ 2011-08-07 21:01 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
[quote]بۇ مەزمۇن 13قەۋەتتىكى taranqi217 نىڭ 2011-08-06 09:05 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :

ھىي شەلىك .... ئۇ مۇسابىقىگە چىققانتىڭما ...........
تونىماپتىمەندە........
مەس يۇگەن بىرەسىنىغۇ كۆرگەندەك قىلىمىغان !
.......

ئۇزەڭنى داملاش ماھارىتىڭ بولىدىكەن جۇمۇ .......
ھىلقى كىيىملىرىنى كۆتۇرگىزىدىغانغا بىرلىرىنى ئىلىۋالغان توراتتى سەن ئەمەستو شۇ ....
مۇخۇرەك چىكىپ ئولتۇرغان سەندۇ .....

دىلناز 2011-08-09 16:56
سىلەر نىمانداق قىزىق

ئۇيغۇرقىزى 2011-08-09 20:15
بارىكاللاھ ئۇيغۇر باللىرى.         

deyarem 2011-08-10 17:23
ياشاپ كىتىڭلار


查看完整版本: [-- ئايخان ئانا ئەۋلاتلىرى چىمپىيون بولدى.... --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.082594 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us