查看完整版本: [-- مىليۇنلوق مەكىت قويلىرى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ساياھەت -> مىليۇنلوق مەكىت قويلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كۈرەش 2011-07-18 00:34
كەڭ ساي قويغۇچى...كەڭ ساي قويغۇچى

[attachment=11522]

[attachment=11523]

[attachment=11524]

[attachment=11525]

[attachment=11526]

[attachment=11527]

[attachment=11528]

[attachment=11529]


[attachment=11531]

polat555 2011-07-18 10:50
بۇ گۇاڭگۇ ئوخشىمامدۇ   

oghuzkhan 2011-07-18 13:04
komshiri bek egimesh iken .

nida0998 2011-07-18 13:30
مەركىت قويىنىڭ سورتىنىڭ ياخشىسى ئەڭ يۇقۇرى باھاسى 20 مىليونغا چىقتى .

kiliq 2011-07-18 13:33
بۇ ئالتۇن تۇغىدىغان قويمىكەن  

موتۇ 2011-07-18 13:46
بۇ  قوينىڭ  گۆشى . كىلۇسى   قانچە  پۇلدۇ؟

samanyoli 2011-07-18 14:31
بۇ قويلار ھەممىسى ھارام بوپ ئۆلىدۇ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ھەرگىز گۆشى يىيىلمەيدۇ،،،،،،بۇ سودىنى قىلىۋاتقانلار زور كۆپچىلىكى يۇرت يۇرتلاردىكى تەقۋالار،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،بۇ سودىنى ھىچكىم ياقتۇرمايدۇ ھەم ھىچكىم توغرا دىمەيدۇ پەقەت قاتناشقۇچىلارلا بۇنىڭ سىرتىدا،،يامان يېرى سان ساناقسىز دىنسىزلار ھىلىقى قويچى تەقۋالارنى دىنغا مەنسۈپ قىلىپ كۈزىتىدىغان بولغاچقا بۇ سودا سەۋەپلىك ،دىنننى يامان كۆرىدىغان ،سۆكىدىغان گەپ سۆزلەر ئاينىشقا باشلىدى،،(شەرىئەت نىمىشقا مۇشۇنداق يىلتىزى يوق سودىنى رۇخسەت قىلىدۇ دىمەكچى)

ibrayim 2011-07-18 14:36
بىزنىڭ خوشنىلارمۇ تۇرامدۇ نىمە.!!!

amanxa 2011-07-18 14:52
بىرسى ئۆلسە نەچچە مىليۇن يوق!!

nida0998 2011-07-18 16:27
ئالتۇندەك پاقلان تۇغىدىغان قويكەن .................

alpacino 2011-07-18 16:40
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-07-18 14:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ قويلار ھەممىسى ھارام بوپ ئۆلىدۇ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ھەرگىز گۆشى يىيىلمەيدۇ،،،،،،بۇ سودىنى قىلىۋاتقانلار زور كۆپچىلىكى يۇرت يۇرتلاردىكى تەقۋالار،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،بۇ سودىنى ھىچكىم ياقتۇرمايدۇ ھەم ھىچكىم توغرا دىمەيدۇ پەقەت قاتناشقۇچىلارلا بۇنىڭ سىرتىدا،،يامان يېرى سان ساناقسىز دىنسىزلار ھىلىقى قويچى تەقۋالارنى دىنغا مەنسۈپ قىلىپ كۈزىتىدىغان بولغاچقا بۇ سودا سەۋەپلىك ،دىنننى يامان كۆرىدىغان ،سۆكىدىغان گەپ سۆزلەر ئاينىشقا باشلىدى،،(شەرىئەت نىمىشقا مۇشۇنداق يىلتىزى يوق سودىنى رۇخسەت قىلىدۇ دىمەكچى)



بۇ  قانداق  گەپ ئەمدى   ؟؟؟؟؟؟؟؟  قوينڭ  باھاسى ئۆرلەپ مىليۇنغا  چىقسىمۇ  ھارام  دىگۈلۈكما  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟   

بۇ  سودىنىڭ  دىنمىزغا  قانداق زىت  كېلىدىغان  يەرلىرى  بار  ،   بىلۋالغان بولساق   ؟

ئەلىف 2011-07-18 17:15
شۇ  قېرىندىشىم ،  بولسا  تەپسىلىرەك  دەڭە !  بىزمۇ  بىلىۋالايلى ،  سىز  بۇ  قويلارنى  كۆز -كۆز  قىلىش،  رىيا  مەقسىتىدە   ئېلىپ  ساتىدۇ  دىمەكچىمۇ يا؟؟؟ ................

samanyoli 2011-07-18 17:51
ئۈستىدىكى بۇرادەر،،،،،،،،،،،،،،،،بۇ يەردە ھارام دىگەن گەپ چىقمىدى،،،بۇ ئادەتتىكى يەردىن چىقىدىغان گەپ ئەمەس،،ئەگەر ھارام دىيىلىدىغان بولسا ،ئاللىقاچان چەكلەشكە تىرىشقان بولاتتۇق ،،ھازىرقى گەپ دەل مۇشۇ سودىغا پەتىۋا جەھەتتىن يول بېرىلىۋاتىدۇ،،،،،،،،،،،،،،لېكىن بۇ سودىنىڭ جەمىيىتىمىزگە بېرىۋاتقان تەسىرى ئىنتايىن سەلبى،كىشىلەر ئارىسدا مۇشۇ سودا سەۋەپلىك مۇسۇلمانلارنى چىشلەپ ئوينايدىغان گەپ سۆزلەر كۆپىيىشكە باشلىدى،،،،
ئەمدى بىز بۇ سودىنىڭ ماھىيىتىنى ئازراق ئىلگىرلەپ چۈشىنىپ باقايلى،سودا دىگەن ئىككى تەرەپ مەلۇم ئېھتىياجى ئۈچۈن بىر بىرسى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل ئالماشتۇرۇش ھەركىتىدۇر،بۇ خىل ھەركەتتە ئالماشتۇرۇلغان مال ياكى ھەرقانداق بىر نەرسە چوقۇم شۇ ئېھتىياجىلق كىشىنىڭ مەلۇم ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ ،،شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ، ،ئىلگىرىكى دەۋىرلەردە مالغا مال ئالماشتۇرۇلغان بولسا ھازىر مالغا ئالتۇن ياكى قەغەز پۇل ئالماشتۇرۇلىدۇ،ئىشقىلىپ نىمىلا ئالماشتۇرۇلمىسۇن ئۇ پەقەت ئېھتىياج تۇپەيلى ۋۇجۇتقا چىقىدۇ .ھەم ئالماشتۇرۇلغان ماللار شۇ ئېھتىياجىلىق نۇقتىغا ئىشلىتىلىدۇ،ۋە شۇ يەردە ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ،
لېكىن بۇ قوي سودىسغا قاراپ باقايلى،بۇ خىلىدكى قوينىڭ ئېھتىياجلىق نۇقتىسى زادى قەيەر،،؟ ئۇنى كىم نىمە ئىشقا ئىشلىتىدۇ،ئۇنى ياكى تىبابەتتە يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىق دەپ قارامدۇ ؟ياكى تېرىسىدىن ئالتۇن ھەل چىقامدۇ،،زادى نىمىسى ئۇنى شۇنداق يۇقىرى قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ،،،،،قىزىق يېرى ئاللاھ بىزگە پايدىلىنىش ئۈچۈن ھالال قىلىپ بەرگەن بۇ قويلار ،ھەممىسى ھارام بولۇپ ئۆلىدۇ ،ئۇنى ھىچقانداق يەردە پىچاق بىلەن بوغۇزلاپ يىمەيدۇ،سەۋەبى -قىممەت بولغانلىق ئۈچۈن ئۆلگىلى ئاز قالغان چاغدىمۇ ،مانا ساقىيىپ قالار ،ئەنە ساقىيىپ قالار دىگەن تەمەدە سۈكۈت قىلىنىپ ھارام بولىدۇ،
بۇ قوي سودىسىغا كىرىشىپ بىر بىرىگە پىچاق كۆتۈرۈشكەن تەقۋالارمۇ ئاز ئەمەس،،ئۆلۈپ قالغان چاغدا زىيننى بۆلۈشەلمەي،

مىسكىن 2011-07-18 18:05
ئالتۇن تېزەكلەيدىغان ئىشەكتىن بىرنى ئالاي دىگەن نەدە ساتىدىغاندۇ؟

okya 2011-07-18 18:34
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 12قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-07-18 17:51 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :



بو قويلارنىڭ ئۇرىقىنى ئالىمىز دەپ شۇنداق قىممەت ساتامدىكەن؟
مەن ئاڭلىماپتىكەنمەن بۇرۇن ،تەپسىلىراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ياخشى بولاتتى،بۇ قويلارنىڭ قىممىتى زادى قەيەردە؟
چامغۇر دەپ ئىسمىمۇ باركەن

nida0998 2011-07-18 19:40
ئىھتىياج دىسەك بوما ماشىنا قاندۇرغان ئىھتىياجنى سانتانامۇ قاندۇرالايدۇ ،لىكىن ئىختىزادى يار بەرگەنلەر سانتانا ئالماي بوما ئالىدۇ،نەچچە مىليونغا قاش تېشى ئالغانلىمۇ ئۇنىڭغا ئىھتىياجى يوق تۇرۇپ سېتىش مەخسىدىدە ئالىدۇ،بۇنداق مەسىللىگە بىزنىڭ تىجارەت يولىمىز تارلىشىپ كەتكەن مۇشۇنداق پەيتتە كەڭرەك يول تۇتقان ياخشى دەپ قارايمەن.

eltabir9 2011-07-18 19:57
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 15قەۋەتتىكى nida0998 نىڭ 2011-07-18 19:40 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىھتىياج دىسەك بوما ماشىنا قاندۇرغان ئىھتىياجنى سانتانامۇ قاندۇرالايدۇ ،لىكىن ئىختىزادى يار بەرگەنلەر سانتانا ئالماي بوما ئالىدۇ،نەچچە مىليونغا قاش تېشى ئالغانلىمۇ ئۇنىڭغا ئىھتىياجى يوق تۇرۇپ سېتىش مەخسىدىدە ئالىدۇ،بۇنداق مەسىللىگە بىزنىڭ تىجارەت يولىمىز تارلىشىپ كەتكەن مۇشۇنداق پەيتتە كەڭرەك يول تۇتقان ياخشى دەپ قارايمەن.

گىپىىڭىز ئورۇنلۇق.

تارىخ 2011-07-18 20:09
ئاجايىپ خەخكىنا ، بۇ قوي سودىسىنى ھارام دەپ كىم سىزگە شۇنداق دىدى، ئەجەبا خۇتەندە چىقىدىغان قاشتىشى باھاسىز سودا بۇيۇمى بولسا بولىدىكەن قوي باھاسىز سودا بۇيۇمى بولسا بولمامدىكەن.(بىلىپ قويۇڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ كۆپۈنچىسى قوي باققۇچى بوپتىكەن)
پەقەت ئېلىپ ساتقۇچى قوينى ئېلىپ ساتقاندا راس گەپ قىلسا بولۇدۇ. يالغاندىن بۇ ساغلىق پالانچىنىڭ(يەنى ھېلىقى قىممەت قوچقار)دىن بوغاز(قوينىڭ قوسىغىدىكى ھامىلە) دەپ باشقىلارنى ئالدىمىسىلا بولدى. ئىسلام دىنىدا باشقا سودا بۇيۇملىردىمۇ يالغان گەپ قىلىپ باشقىلارنى ئالدىسا ھارام بولۇدىغۇ. سىز قوي سودىسىنى قىلىدىغانلار كۆپۈنچە تەقۋالار دەپ نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى،بەلكىم ئاللاھ شۇ تەقۋالارغا مۇشۇ قوينى باھانە قىلىپ بىر چىقىش يولى تېپىپ بەرگەندۇ،بىلىپ قويۇڭ ھازىر بىزنىڭ شىنجاڭدىنلا ئەمەس ئىچكىردىن پۇلنى قەيەرگە ئىشلىتىشنى بىلەلمەيۋاتقان بايۋەتچىلەر كىلىپ شۇ قويلارنى نەچچە مىليۇنغا سېتىۋېلىپ ئىچكىرگە ئېلىپ چىقىپ كىتىپ بارىدۇ(ھېچ بولمىغاندا ئۇرۇغىنى)،ئىچكىردىكى بايۋەتچىلەرنىڭ ئېشىپ تېشىپ كەتكەن پۇللىرى شىنجاڭدىكى تەقۋالارنىڭ يانچۇقىغا كىرسە بولمامدىكەن. ئۇنداق ئىچى كۆيۇكلۈك قىلمايلى قېرىنداشلار.

almiliq 2011-07-18 21:16
ئۆتكەندە مەكىتتىن مەھەللىمىزدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئاچىمىز ئۆسمۈرلۈك ھاياتى ئۆتكەن مەھەللىسىنى يوقلاپ كەلگەندە بىزگە شۇنداق دەپ بەرگەن ئىدى، ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئىدۇق، مەكىت قويىنى سويۇپ يېيىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆرۈش ئۈچۈنمۇ پۇل كېتىدىكەن.
ئاۋۇ كىشىنىڭ ئارقىسىدىكى ماشىنىلارنىڭ ئېسىللىقىنى، تېخى بىرسىنىڭ نومۇر تاختىسىمۇ يوق يېڭى ماشىنىكەن..     
[attachment=11535]

saifulla 2011-07-18 21:26
ئاللاھ  بىزگە قوينى نىمىگە يارىتىپ بەرگەن؟

biliwal 2011-07-18 21:30
بىزنىڭ ئۆيدە بىر ئۆدەك بار.10 مىليونغا ساتىمەن دىسەملا ئالماس باشقىلارمۇ.
بۇ قوينىڭ قىممىتى زادى قەيەردە؟بىلگەنلەر ئوچۇقراق قىلىپ جاۋاپ بەرگەن بولسا ياخشى بولارتى.
بىشى  غەيرى بولغاچغاچقىلا  قىممەت ئەمەستۇر -ھە؟

كۆكئاي 2011-07-18 21:34
20  مىليون پۇلىڭىز بولسا ئىلىپ يەڭ

nida0998 2011-07-18 21:37
دىنىمىزنىڭ مەخسىدى مۇسۇلمانلارغا توغرا يول كۆرسىتىپ بېرىش ،ئەھلى ئىلىملىرمىزنىڭ ۋەزىپىسى ئېنىق دەلىلى بولمىغان مۇشۇنداق ئىختىزادى مۇئەممالىنى بىزنىڭ ياشاش شارايىتىمىز ئىژتىمائى ئورنىمىز ئىختىزادى ئەھۋالىمىز غا ئاساسەن ئىژتىھات يولى ئارقىلىق[شەرىئەت يول قويغان ئەڭ كەڭ دائىردە] جاۋاپ بېرىشى زۆرۇر .

saifulla 2011-07-18 22:12
20 مىلىيونغا سىز ئىلىپ خوجىڭىز غا  ھەدىيە قىلىۋىتەر سىز... مىنىڭ تىخى 20 مىلىيونغا  قوي ئىلىپ يىگۈدەك ھالىم يوق.

تاھىربەگ 2011-07-18 22:35
مىنىڭ قولۇمغا چۈشتىمۇ بولدى ، 10 مىنۇتتا كانارىغا چىقىرىپ بولىمەن  

لۇتفى 2011-07-18 23:15
     بۇنىڭغا  ئىلىم ئەھلىلىرى بىر  نەرسە دېسۇن            بىراق   مېنىڭچە  بۇ  قىيامەتنىڭ  ئالامەتلىرىدىن  خۇددى ئەرەبلەرنىڭ سېلىۋاتقان بىنالىرىغا ئوخشاش ............    پادىچىلارنىڭ ئېگىز ئىمارەتلەرنى سېلىشتا  بەسلىشىشى .........قىيامەتنىڭ  ئالامەتلىرىدىن  ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان بىر  ھەدىسمۇ  بار           قالغىنىنى  ئېگەم  ئۆزى   بىلىدۇ       ئىشقىلىپ  مەن   بۇلارنى   ياقتۇرمايمەن    

كۈرەش 2011-07-18 23:49
بۇ سودا شەرىئىتىمىزدە توغرىكەن.ھەم بولىدىكەن،گەپ ئەمدى شۇ سودىنىڭ شەكلى ئۆزگۈرۈپ ھاراملىق دائىرىسىگە كىرىپ قالماسلىقىدا......
بۇ قوينىڭ سودىسى ھەققىدە دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ دۇرۇسلىقىغا پەتىۋا بىرىش بىلەن بىرگە شەكلى ئۆزگۈرۈپ كەتمەسلىككە ئەسكەرتىش بەرگەن!
مىنىڭ قىزىقىدىغىنىم پەقەت مەكىت قويى(بىر ئاتىلىشىدا دولان قويى) دەپ ئانا يۇرتىمىزغا جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغان ،دۇنيانى تاڭ قالدۇرغان ،زور ئىختىسادى قىممەتكە ئىگە بولغان بۇ تىلسىم قويدۇر.
بۇخىل بىھىساب ئىختىسادى قىممەتكە ئىگە تاۋار مالنى بىز ئۇيغۇرلارغا ئىختىسادى پايدىلنىش نىئمىتى قىلىپ بەرگەن اللەقا شۈكرى........!!!!!

قوزام 2011-07-19 00:24
بۇ قوي ئالتۇن  تىزەكلەيدىغان ئوخشايدۇ  

amanxa 2011-07-19 09:18
ئاشۇ قويلار شۇنداق داڭلىق قوي ساتىدىغانلاردا بولماي، نامرات دىھقانلىرىمىزنىڭ قولىدا بولسا ئىدى، ھەرگىز بۇنداق بولماس ئىدى...
بىلىشىمچە شۇ قويلارنى بىر-بىرىگە قىممەت سىتپ، ئىلىپ دىگەندەك باھاسىنى ئۆستۈردىكەن ئۆزلىرى، پالانچىنىڭ قوچقىرىنى قويغانەي...پالانچىنىڭ ساغلىقىدىن  تۇغۇلغانەي دىگەندەك قىلىپ...مۇشۇنچىلىكلا ئىش...

مۇتەللىپمۇخەممە 2011-07-19 11:26
ئالتۇن تۇگامدۇ يا قويمۇ؟؟؟       

aral52 2011-07-20 00:19
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى kiliq نىڭ 2011-07-18 13:33 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ ئالتۇن تۇغىدىغان قويمىكەن  

、ئالتۇن تۇغدۇردىغان قوي.....باشقىلار مىڭ تەستە سورىتنى ياخشىلاپ شۇنچىلىق قىلسا سىز زە .....؟

iltebir 2011-07-20 00:49
مەكىت قويى بولسا: مەكتنىڭ نامىنى تونۇتقان دولاننىڭ كىندىكى يانتاق يېزىسىدىن چىقىدۇ.

abdul 2011-07-20 03:27
مانا بىز ئۆلتۈرۈپ بۇغۇزلاپ يەيمىز  يەنە ھالال قىلىپ يەيمىز  يەنە بەشقا گەپ بامۇ يە قېرىندىشىم
ئەجەپ  بول دىلا

armani8 2011-07-20 11:04
ئەي قېرىنداشلار مەنمۇ بۇ قويدىن ئىككىنى باققان بىرسى تۇغۇلۇپ ئون نەچچە كۈن بولغاندا 3000يۈئەن قىلدى ،باشقىلارمۇ ئىككى خىل پەتىۋا  بەرگەن .سودىسىنى توغرا قىلسا ھالال دىگەنلەرمۇ بولدى

inkaschi 2011-07-20 11:07
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 28قەۋەتتىكى amanxa نىڭ 2011-07-19 09:18 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاشۇ قويلار شۇنداق داڭلىق قوي ساتىدىغانلاردا بولماي، نامرات دىھقانلىرىمىزنىڭ قولىدا بولسا ئىدى، ھەرگىز بۇنداق بولماس ئىدى...
بىلىشىمچە شۇ قويلارنى بىر-بىرىگە قىممەت سىتپ، ئىلىپ دىگەندەك باھاسىنى ئۆستۈردىكەن ئۆزلىرى، پالانچىنىڭ قوچقىرىنى قويغانەي...پالانچىنىڭ ساغلىقىدىن  تۇغۇلغانەي دىگەندەك قىلىپ...مۇشۇنچىلىكلا ئىش...



ئاشۇ قويلار ھازىر كىمنىڭ قۇلىدا بولسا يەنىلا قىممەت،كىم قوينى ئالسا باشقىلار خالىغانچە پايدا بېرىپ سېتىۋېلىۋاتىدۇ ۋە پايدىسىغا سېتىۋاتىدۇ.

oghuzhan 2011-07-20 11:31
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بۇ قوي پەقەت قازانغا چۈشكەندە ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ .
ئىنسان ئۆز نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەندە ئۇنىڭ شۇ ئەمەللىرى چىرايلىق كۆرسىتىلىدۇ .

turkizat 2011-07-20 12:42
مەن ئىلگىرى بۇنداق قىممەت قوشقارلىرنى با دەپ ئاڭلىغان لىكىن كۆرۇپ باخماپتىكەنمەن بۇگۇن رەسىمدە بولسىمۇ كۆردۇم ئۇقۇشقارلارنىڭ تەن قۇرۇلۇشى ھەقىقەتەن ئۆزگىچىكەن.لىكىن شۇنداختىمۇ شۇنچۇلىۋاللا پۇلغاياراپكەتكىدەك نىمەئالاھىدىلىكى بادۇ
بو قوشقارلارنىڭ بىلىدىغانللا بولسا يوللاپ قويساڭلار مەندەك بىلمەيدىغانلار بىلىۋالساق.

مۇتەللىپمۇخەممە 2011-07-20 17:49
مېنىڭچە بۇ پۇلدارلارنىڭ قىلغىلى ئىش تاپالماي كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئويۇنى، خۇددى ھازىرقى ئەرەپلەر ئىسلام ئۈممىتىنىڭ نىمە بولۇشى بىلەن كارى بولماي، ئىگىز بىنا سېلىشتا بەسلىشىش ۋە ئاددى بىر تۆگىنى نەچچە يۈز مىليونغا سېتىۋېلىپ شۇنىڭغا قاراپ  ئۆزىنى خوش قىلغان بىلەن ئوخشاش.


查看完整版本: [-- مىليۇنلوق مەكىت قويلىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.062500 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us