كوكتالالىق |
2011-07-11 12:15 |
ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 10-ئىيۇل شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ ئۆزگەتىلگەندىن كېيىنكى تەۋرىنىش دەرىجىسىنىڭ 7.3 بال ئىكەنلىكىنى، ئىۋاتې ناھىيىسى قاتارلىق تىنچ ئوكيان دېڭىز قىرغىقىدىكى رايونلارنىڭ دېڭىز تاشقىنىدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان ئۇقتۇرۇشنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇ جاي ۋاقتى 10-ئىيۇل سائەت 9 دىن 57 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8 دىن 57 مىنۇت) ئۆتكەندە، ياپونىيەنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرىدىكى سىرتقى دېڭىزدا يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 38 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 143.5 گرادۇس بولۇپ، ياپونىيەنىڭ مىياگى ناھىيىسى دېڭىز قىرغىقى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 200 كىلومېتىر كېلىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچراش ۋە ئادەملەرنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى توغرىلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن. يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارسى ئىۋاتې ناھىيىسى، مىياگى ناھىيىسى ۋە فۇكۇشىما ناھيىسىدىكى تىنچ ئوكيان دېڭىز قىرغىقى رايونىدا دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن بولۇپ، ئىۋاتې ناھىيىسىدىكى ئوفۇناتو ۋە فۇكۇشىما ناھىيىسىدىكى سومادا دېڭىز تاشقىنىنىڭ ئېگىزلىكى 10 سانتىمېتىرغا يەتكەن. ياپونىيە توكيو ئېلېكتر شىركىتىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، فۇكۇشىما بىرىنچى يادرو ئىستانسىسىدا سوۋۇتۇش ۋە قوغداش ئەسلىھەلىرى بولغانلىقتىن يەر تەۋرەش جەريانىدا غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلمىگەن. مەنبەسى :تېڭشۈن
|
|