查看完整版本: [-- كومپيۇتېر بۇزۇلۇپ قالغاندا ئىشلىتىدىغان جىددىي تەدبىرلەر --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كومپيۇتېردىن سۇئال - جاۋابلار -> كومپيۇتېر بۇزۇلۇپ قالغاندا ئىشلىتىدىغان جىددىي تەدبىرلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كوكتالالىق 2011-07-08 09:20
1. كومپيۇتېر باش ئاپپاراتنى قوزغاتقاندا، BIOS كۆرۈنۈشى چىقسا باش ئاپپاراتتا چوڭ چاتاق يوق، ئەگەر BIOS كۆرۈنمىسە چوقۇم باش ئاپپاراتنى ئېچىش كېرەك.
2. ئەگەر ئېكران چىرىغى يانسا،باش ئاپپارات چىرىغى يانمىسا ، شامالدۇرغۇچ ئايلانمىسا ، كۆپ ھاللاردا باش ئاپپارات قوزغىتىش كۇنۇپكىسىدىكى چاتاق ياكى بولمىسا ئاساسلىق تاختا (主板)توك يولى چاتاق.
3. ئەگەر باش ئاپپارات چىرىغى پۈتۈنلەي نورمال، شامالدۇرغۇچ ئايلىنىشى نورمال ، ئېكراندا ھېچنېمە كۆرۈنمىسە biosنىڭ خاتالىق سىگنالىغا ئاساسەن چاتاقنى تېپىپ چىقسا بولىدۇ.
4. ئەگەر BIOS سىگنالى نورمال بولسا ئۇ چاغدا چاتاق ئېكران سىمىدا ياكى ئېكراندا بولىدۇ.


ئىچكى ساقلىغۇچ كارتىسىنى كومپيۇتېر تەكشۈرگەندە ئىچكى ساقلىغۇچ كارتىسىنىڭ سىغىمى ئەسلىدىكىسى بىلەن ئوخشىمىسا:
1. ئورنىتىش ياخشى ئەمەس
2. ئەگەر ئىككىدىن ئارتۇق بولسا بىر-بىرسىنى قوللىمايدۇ
3. ئاساسلىق تاختا قوللىمايدۇ
4. ئىچكى ساقلىغۇچ كارتىسىدا فىزىكىلىق خاتالىق بار


كومپيۇتېر قاتتىق دىسكا ۋە ئوپتىك دىسكىنى تونالمىسا:
1. ئۇلىنىش خاتالىق ياكى سىمدا خاتالىق
2. قاتتىق دىسكىنىڭ تەڭشەش سىمىدە خاتالىق
3. قاتتىق دىسكىدىكى خاتالىق ياكى IDE ئۇلىنىش ئېغىزىدىكى خاتالىق


cmos نىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالغاندا :
1. ئاساسلىق تاختىدىكى تەڭشەش سىمى ياكى ئاساسلىق تاختىنىڭ باتارېيەسىنى ئېلىۋېتىش ئارقىلىق ئاساسلىق تاختىنىڭ توكىنى ئۈزۈش
2. DOS بۇيرۇقى ئارقىلىق تازىلاش

مەنبە:كومپۇتۇتۇر بىلىملىرىدىن پايدىلاندىم.


كۆكئاي 2011-07-08 11:08
كومپىيوتور  ئۆزلىكىدىن قايتا قوزغۇلدىغان بۇلۇپ قالسا چۇ؟  

turkizat 2011-07-08 11:16
رەخمەت سىزگە.

تارىخ 2011-07-08 11:49
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى كۆكئاي نىڭ 2011-07-08 11:08 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كومپىيوتور  ئۆزلىكىدىن قايتا قوزغۇلدىغان بۇلۇپ قالسا چۇ؟  

توك مەنبەسىنىڭ چاتىغى بۇلۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقۇرى.

ئوقۇغۇچى 2011-07-08 13:27
بۇ مەسلىگە ئىنىق بىرلا نوختىدىن چۈشەنبە بەرسەك تازا ياخشى بولمايدۇ.
بۇنىڭ يۈز بىرىش سەبىگە قاراش كىرەك. مەسىلەن: نىمە سەۋەپتىن تۇيۇسىزلا شۇنداق بۇلۇپ قالدى؟ ياكى سېستىما ياماقلىرىنى يامىغانمۇ؟ ياكى بىرەر دىتال قاچىلغانمۇ؟ ياكى bios قىسمىغا تەڭشەش ئېلىپ بارغانمۇ؟
ياكى ئىچكى ساقلىغۇچ شامالدۇرغۇچى نورمال ئايلانمامدۇ؟
يۇقارقى بىرەر ئەھۋال يۈز بەرمىسە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئۆزلىگىدىن قايتا قوزغىلىدىغان بۇلۇپ قالمايدۇ.
بۇ كۈپۈنچە كومپىيوتىرنىڭ قاتتىق دىتال قىسمىدىن كاشىلا كۈرۈلگەندە ئاندىن يۈز بىرىدىغان ئەھۋال.
شۇڭا مەن يۇقاردا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان مەسىلىلەر ھەققىدە بىر ئويلىنىپ بېقىڭ.
ئەگەر قايتا قوزغلىشىنىڭ ئالدىدا كومپىيوتىردا سۈرئەت ئاستىلاپ كىتىش، قېتىۋېلىش ئەھۋالى كۈرۈلسە كۈپۈنچە شامالدۇرغۇچ نورمال ئايلىنالماي ئىچكى ساقلىغۇچ قىززىپ كىتىش سەۋەبىدىن كومپىيوتىر قايتا قوزغىلىش ئەھۋالى كۈرلىدۇ.
كومپىيوتىرنى قايتا قوزغىتىپ ئاساسى ماشىنا قېپى ئىگە بىر قاراپ بېقىڭ، بىنورمال ئەھۋاللار بارمۇ يوق؟
ئاندىن ئىنق بىر نەرسە دىگىلى بۇلىدۇ  


بۇ جاۋاپنى مەن بۇلاقجان تۇرىدىكى بۇلاقجندىن مەسلىھەت سۇراپ ئالدىم.
بىۋاستە كۆرىشەي دىسىڭىز  ؛  http://bulakjan.com/  كىرىپ سۆزلىشىپ بېقىڭ.
سىزنىڭ كومپىيوتىر جەھەتتىكى سۇئالىڭىزغا  قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ ئالالايسىز.

dulbarqin310 2011-07-09 16:44
رەھمەت ھە ، پايدىلانسام بولغۇدەك كەسپىم مۇشۇ بولغاندىكىن ھە!


查看完整版本: [-- كومپيۇتېر بۇزۇلۇپ قالغاندا ئىشلىتىدىغان جىددىي تەدبىرلەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.042930 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us