查看完整版本: [-- قازاغىستانلىق بالىلار چىنىقىشقا ئامراق --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى -> قازاغىستانلىق بالىلار چىنىقىشقا ئامراق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

sirik 2011-06-26 18:38

      ھازىر 30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا بىر چىرايلىق قورساق سىلىپ ئولتۇرۇپ قوپقىچە پۇشۇلدايدىغان، چوڭلار بىلەن بىر داستخاندا ئولتۇرۇپ قالسا پۇتى قولىشىپ قىمىرلاپ بىر ئىزىدا ئولتۇرالمايدىغان، دوختۇردا تەكشۈرتسە قان قويۇق، جىگەرنى ماي قاپلىغان دەپ دىئاگنۇس قويۇلغان كىشىلەر ھىچقاچان ئۆزىنىڭ ئاز ھەركەت قىلغىندىن ساۋاق ئالمايدۇ.

توقچىلىق بولىۋاتقان زامانىمىزدا ئوبدان يەپ، ئوبدان ئۇخلاپ بەدىنىمىزگە زىيادە ماي توپلاۋاتىمىز.بۇنداق بولغاننىڭ قىلچە پايدىسى بولمايدۇ.

  ئۆزىڭىز ھورۇنلۇق قىلغان بولسىڭىز،ئەمدى بالىڭىزنى چىنىقتۇرۇڭ،چىنىققان بالا باشقا بالىلارغا قارىغاندا چىداملىق كۈچلۈك بولىدۇ!!!

سىز قانداق تەرنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان؟

جاۋاپ: - شاھمات ئوينىغان....بوپ قالمىسۇن..





جەڭچى 2011-06-26 18:52
شۇنداق   شاھمات ئويناش  تەنەركەت ئەمەس،،،،،ئۇ مەندىنمۇ  ئۆتە چىنقىدىكەن  قايىل بولدۇم.

alpacino 2011-06-26 18:53
كاساپەت پەيدەك يەڭگىلكىنا   ..........  قېيىنلىق دەرىجىسى  بەك يۇقىرى  ھەركەتلەركەن  .   

tokkustara 2011-06-26 18:58
دەر ھەقىقەت شۇنداق

kuwruk 2011-06-26 21:26
خەپ ئەتە ئەتىگەندىن باشلاپ چىنىقىمەن دەۋاتقىلى ماڭا 50يىل بۇلوپ قالدى،،،،،،!!!!!!!!!!!!!

ohho~duqu 2011-06-26 21:42
ما فىلىمنى ياخشى يوللاپسىز، ئادەم چېنىقىپ بەرسە سالامدتلىككە پايدىلىق بولۇشىدىن سىرت ئۆز ئىرادىسىمۇ چىڭىيىپ ماڭىدۇ. ھەممە ئۇيغۇر باللىرى چېنىقىپ تۇرغان بولسا يىگىتلىرىمىز قارىماققا چەبدەس كۆرۈنگەن بولاتتى ، تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان مىللەتتىن ئۈمۈت نۇرى چاقنايدۇ، مەنمۇ چېنىقىش ئۆيىگە بېرىپ بىر يىللىق پۇلنى تاپشۇرىۋەتتىم ، چېنىققانسىرى ئادەمنىڭ كەيپىياتى كۆتىرەڭگۈ بولىدىكەن

ئەينەك 2011-06-26 21:47
قولىنىڭ كۈچى كارامەتكەن.

donal 2011-06-27 09:54
    مەنمۇ دەھشەت ئامراق چېنىقىشقا ...

avam0507 2011-06-27 10:40
مەنمۇ بەزىدە چېنىقىپ قويىمەن. كەچلىكى كومپىيوتېر مەشغۇلاتىدىن قول ئۈزۈپ  ئەتىدىن باشلاپ يەنە داۋاملاشتۇرمىسام.

almiliq 2011-06-27 15:12
چېنىقىدىغان مەيدانى ئەجەپ پەيزىكىنا، خالسىا باغدا، تاغدا مەشىق قىلىلىدىكەن، ئۈسكۈنىلەرمۇ تولۇقكەن....
تەبىئىي چىنىقىش، يېشىل چىنىقىش ھەركىتىكەن،بۇ....

uytag 2011-06-27 15:25
ئولىمپىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشسا بولغۇدەك~

ark-zat 2011-06-27 15:50
مەنمۇ ئەتىدىن باشلاپ چېنقىمەن ، ئەتىدىن باشلاپ سائەت 6دە تۇرىمەن دەۋاتقىلى ساپمۇ ساق 13يىل بۇلۇپتۇ مانا .

دولاتا 2011-06-27 19:15
مەنمۇ ياخشى كۆرۈمەن چىنىقىشنى مەيدان يوق ئەپسۇس، بۇرۇن مەكتەپ مەيدانلىرىغا كىرىپ خالىغانچە مەشىق قىلاتتۇق ھازىر ئەپسۇس دەرۋازا يېنىغىمۇ بارغىلى قويمايدۇ بىزنى.

بىناۋا 2011-07-07 12:25
سېمىزلىك--ھايۋانغا خاستۇر.


查看完整版本: [-- قازاغىستانلىق بالىلار چىنىقىشقا ئامراق --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.049925 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us