查看完整版本: [-- تەۋبە نامىزى(ھەمزە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> تەۋبە نامىزى(ھەمزە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2011-06-26 12:17
تەۋبە نامىزى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھ.

تەۋبە بولسا ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈچۈن نىئىمەت قىلىپ بەرگەن ئەڭ چوڭ مەرھىمىتى.

بۇلۇپمۇ بىز رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇممىتىگە بەكمۇ ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن.

بۇرۇنقى ئۇممەتلەردىن گۇناھ ئۆتكۈزۈشۈپ تەۋبە قىلماقچى بولغانلىرى بىر-بىرىنى ئۆلتۇرشۇپ ئاللاھقا بولغان سدادىقلىقىنى نامايەن قىلىشقان.

ئەمما بىزلەرگە گۇناھ ئىش قىلىپ قالساق ھەرقانچە چوڭ گۇناھ بولسىمۇ چىن قەلبىمىزدىن تەۋبە قىلساق ئاللاھ گۇناھىمىزنى كەچۇرىدۇ.

ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ گۇناھ ئۆتكىزىدىغانلىقىنى بىلگنلىكتىن ‹تەۋبە›دىن ئىبارەت بىر چىقىش يۇلىنى بىزلەرگە بەرگەن. ئاللاھ بەندىلىرىنى خاتالاشماڭلار دىمەستىن ەۇناھ ئىشلارنى قىلساڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار دىگەن. بۇ نىمە دىگەن رەھىمدىللىق،نىمە دىگەن كەڭ قۇرساقلىق،نىمە دىگەن كۇيۇمچانلىق ھە!!!!!!1

ئاللاھ بەندىلىرىگە تۇلىمۇ مىھرىباندۇر.

قۇرئاندا تەۋبە قىلىش توغۇرلۇق مۇنداق دىيىلگەن[پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، (ئۇلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر] سۈرە ھۇد90.ئايەت

تەۋبە قىلىش ئۆز ساھىبىنى بەختكە ئىرىشتۇرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دىگەن{ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار اﷲ غا تەۋبە قىلىڭلار} سۈرە نۇر 31.ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

تەۋبە قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە تەۋبەنىڭ شاراپىتى توغۇرلۇق كەلگەن ئايەت ھەدىسلار ئىنتايىن كۆپتۇر.

ئەمما بىزنىڭ توختالماقچى بولغىنىمىز بۇ ئەمەس بەلكى تەۋبە نامىزىدۇر.

ئاللاھ مۇشۇ ئۇممەتكە تەۋبە دەرۋازىسىنى ئېچۋەتتى، ھەتتاكى بۇ ئىشىك كۇن مەغرىپتىن چىققىچە،بەندىنىڭ جېنى ھەلقۇمغا كەلگۈچە ئۇچۇق تۇرىدۇ.

1.تەۋبە نامىزى شەرىئەت يولغا قويغان ناماز.پۈتكۈل ئالىملار بۇنىڭ توغىرلىقىا بىرلىككە كەلدى.

تۈۋەندە بۇ ھەقتە كەلگەن مەزمۇنلارغا قاراپ باقايلى..

ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم دەيدۇ «قانداق بىر گۇناھكار بەندە چىرايلىق تاھارەت ئېلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ قىلغان گۇناھلىرىغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.» دىدى.ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى{تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا اﷲ نى ياد ئېتىدۇ. گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان اﷲ دىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ} (سۈرە ئالئىمران 35.ئايەت) ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان 1521.نۇمۇرلۇق ھەدىس .ئالبانى سەھىھ دىگەن.

ۋە يەنە بىر ھەدىستە بۇ ناماز توغۇرلۇق مۇنداق دىيىلگەن.

ئەبى دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ.ئۇ رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم  دەيدۇ«كىمكى چىرايلىق تاھارەت ئېلىپ خۇزۇئ خۇشۇئ بىلەن ئىككى رەكئەت ياكى تۆت رەكئەت(رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن 2مۇ ياكى 4مۇ ئىنىق دىگەنلىكىنى ئەسلىيەلمىگەن) ناماز ئوقۇپ قىلغان گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.  ئالبانىي رەھىمەھۇللە تۈزگەن سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 3398.نۇمۇرلۇق ھەدىس

تەۋبە نامىزى مۇسۇلمانلاردىن چوڭ-كىچىك گۇناھ قىلغانلار ئۈچۈن ئوقۇسا بۇلىدىغان نامازدۇر. گۇناھ ئۆتكۈزگەن مۇسۇلمان كىشى تەۋبە نامىزى ئوقۇپ قىلغان گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۇرىدۇ. تەۋبە قىلىش،ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەش بارلىق مۇسۇلمانلارغا ۋاجىپ.

2.تەۋبە نامىزىنىڭ ۋاقتى.

مۇسۇلمان كىشى بىرەر گۇناھ ئىشنى قىلىپ سالغاندا بۇ نامازنى ئوقۇپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىشى مۇستەھەپ سانىلىدۇ.(ئەلۋەتتە بۇ نامازنى ئوقۇمايمۇ مەغپىرەت قىلسا بۇلبدۇ.ئەمما ئوقۇش ئەپزەل)

ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى تۇۋەندىكى ئىشلار سادىر بۇپ قالمىغان ئەھۋالدا قۇبۇل قىلىدۇ.

1.  جان ھەلقۇمغا كىلىپ قالغان بولسا تەۋبە پايدىسىز بۇلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزى«ئاللاھ بەندىلىرنىڭ تەۋبىسىنى شۇ بەندە غەر-غەر قىلى قالمىغان بولسىلا قۇبۇل قىلىدۇ(يەنى سەكراتقا چۇشمىگەن بولسىلا)»(تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى 3537.نۇمۇرلۇق ھەدىس.ئالبانى بۇ ھەدىسنى ھەسەن دەپ باھالىغان)

2.  كۇن مەغرىپتىن چىقىپ قالسا قىلغان تەۋبىسى پايدىسىز بۇلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزى«قانداق بىر كىشى كۇن مەغرىپتىن چىقىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ»(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان 2703.نۇمۇرلۇق ھەدىس)

بۇ ناماز ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتتىن باشقا ھەر قانداق چاغدا ئوقۇسا بۇلىدۇ. خالىسا تۆت رەكئەت،خالىسا ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ. ھەدىسلەرگە قارغاندا ئىككى رەكئەت ئوقۇشنىڭ سەھىھلىقى كۈچلۈك.

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دەيدۇ.سەۋەبلىك نامازلارنى (يەنى مەلۇم ئىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ناماز،مەسلەن كۈن تۇتۇلۇش نامىزى،تەۋبە نامىزى،مەسجىد نامىزى،تىلاۋەت سەجدىسى،تاھارەتتىن كىيىنكى ناماز) ۋاقىت ئىتىبارى بىلەن بەزى چاغلاردا ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن (مەسلەن ئەسىردىن كىيىن) ۋاقىتلاردىمۇ ئوقۇش دۇرۇس.

3.تەۋبە نامىزىنىڭ سۈپىتى.

تەۋبە نامىزى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  رىۋايەت قىلغان ھەدىسكە كۈرە ئىككى رەكئەت.بۇ نامازنى يالغۇز ئوقۇش كىرەك. باشقا نەپلى نامازلارغا ئوخشاش جامائەت بىلەن ئوقۇش شەرىئەتتە يولغا قۇيۇلمىغان. بۇ نامازدا رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەلۇم بىر سۈرنى ئوقۇغانلىقىنى ئىسباتلانمىغان. شۇڭا خالىغان سۈرلەرنى ئوقۇسا بۇلىدۇ.

بۇ نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەپ قىلغان گۇناھىغا پۇشايمان قىلىدۇ.

مۇستەھەپ بولغان تەۋبە نامىزىنى ئوقۇش بىلەن بىرگە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش،سەدقە قىلىش....  بۇ ياخشى ئەمەللەر قىلغان خاتالىقلارنى ئۆچرىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا «ياخشى ئىشلار يامان ئىشلارنى كەتكۇزىدۇ» دىگەن. شۇڭا قىلغان خاتالىقىمىزغا تەۋبە قىلىپ ئىككى رەكئەت تەۋبە نامىزى ئوقۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ئارقىدىنلا ئۆزى قادىر بولغان ياخشىلىقلارنى كۆپ قىلىش كىرەك. ياخشىلىقلارنى كۆپ قىلىش ھەق يولدا مېڭىشقا سەۋەب  بۇلىدۇ. رىۋايەتلەردە كىلىشىچە ئىسلام ئەسكەرلىنىڭ قۇماندانى،ئاللاھنىڭ قېلىچى خالىد ئىبنى ۋەلى رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق سورىغان.

-يا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى.مەن ئىمان ئېيتىشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى قىلغانىدىم. شۇ قىلغان ياخشىلىقلىرىمنىڭ ماڭا پايدىسى بۇلامدۇ؟ دىگەندە. رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:- سەن شۇ قىلغان ياخشىلىقلىرىڭ ئۈچۈن ھىدايەت قىلىندىڭ دىگەنىكەن.

كىچىك ياخشىلىقلارغىمۇ سەل قارىماسلىق كىرەك.

مانا يۇقارقىلار تەۋبە نامىزى توغۇرلۇق كەلگەن مەزمۇنلار.

تەييارلىغۇچى- ھەمزە

 

 

 


نەزىرە 2011-06-26 12:29
ۋە  ئەلەيكۇم  ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھ!!! ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!!!   ئادەم گۇناھ ئۆتكۈزگەنسىرى قەلبى شۇنداق قېتىپ كىتىدىكەن . .....ئۇلۇغ ئاللاھ بىر ئىنساننى تۆۋبىگە مۇيەسسەر قىلسا ئۇ ئىنسان نېمىدىگەن بەخىتلىك ئىنسان ھە!!!

muslima32 2011-06-26 17:31
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام :ھەمزە قېرىندىشىم ھازىرقى دەۋىردە بىرەر ئادەم راك كىسە لگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسا ئۇنىڭدىن كىيىن تۆۋبە قىلسا ئۇنىڭ تۆۋبىسى قۇبۇل بولامدۇ .مۇشىنىڭغا بىر ئېنىق جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز ،ئاللاھ ئىگەم ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن،.............

asanat 2011-06-26 18:28
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھ!
ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن.ئاللاھنىڭ پەزىلى نىمە دىگەن ئۇلۇغ ھە!

ئابدۇل~ئەزېز 2011-06-26 23:31
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  ئاللا  ئاجىرىڭىز نى بەرسۇن  ھەمزە  قېرىندىشىم ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز اللە رەخمەت قىلسۇن گۇنا بىر  ئوتۇن   توۋبە بىرئوتتۇر  ئوت ئوتۇننى كويدۇرۋەتسە كۇل بولغاندەك توۋبە قىلغانكىشىنىڭ گۇناھتىن پاك بۇلىشىغا اللە نىڭ ۋەدىسىبا چۇنكى اللە قۇرئاننىكەرىمدە اللە دىن قورقۇپ توۋبە قىلىڭلا اللەتوۋبە قىلغۇچىلارغا رەھىم قىلغۇچىدۇر دىگەن

samanyoli 2011-06-26 23:49
[attachment=11308]
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى muslima32 نىڭ 2011-06-26 17:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام :ھەمزە قېرىندىشىم ھازىرقى دەۋىردە بىرەر ئادەم راك كىسە لگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسا ئۇنىڭدىن كىيىن تۆۋبە قىلسا ئۇنىڭ تۆۋبىسى قۇبۇل بولامدۇ .مۇشىنىڭغا بىر ئېنىق جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز ،ئاللاھ ئىگەم ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن،.............

ھەمزە 2011-06-27 00:05
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى muslima32 نىڭ 2011-06-26 17:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام :ھەمزە قېرىندىشىم ھازىرقى دەۋىردە بىرەر ئادەم راك كىسە لگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسا ئۇنىڭدىن كىيىن تۆۋبە قىلسا ئۇنىڭ تۆۋبىسى قۇبۇل بولامدۇ .مۇشىنىڭغا بىر ئېنىق جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز ،ئاللاھ ئىگەم ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن،.............


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
تىمىدا دىيىلگەنغۇ كۇن غەرىپتىن چىقىپ قالمىسا ، شۇ ئادەم سەكراتقا چۇشۇپلا قالمىسا قىلغان گۇناھىغا تەۋبە قىلسا ئاللاھ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ.
ھازىرقى دەۋرىدىغۇ بەزى راك كىسەللەرگە شىپا بۇلىدىغان دورىلار چىقۋاتىدۇ. قەتئىي دورا پايدا قىلمايدىغان ئەيدىز كىسىلى بۇپ قالغان ئادەممۇ چىن قەلبىدىن ئاللاھقا تەۋبە قىلسا تەۋبىسى قۇۈبۇل قىلنىدۇ.

نۇرس 2011-06-27 15:22
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاللاھ رازى بولسۇن !

دۇنيا03 2011-07-19 00:29
ئاللا ياتقان يىرىڭىزنى جەننەتتە قىلسۇن قىرىندىشىم. نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم بۇزۇلۇپلا تۇرىدۇ. ئەمدى قانچە قىلساممۇ ماڭا ھەرگىز ئۇچۇر يازالمايسىز. چۈنكى ھاياتلىقىڭىزدا سىز بىلەن ئەسرا بولالمىدىم. تالاي تورداشلار سىز ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتىدۇ.

saljuq 2011-07-19 23:47
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى دۇنيا03 نىڭ 2011-07-19 00:29 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاللا ياتقان يىرىڭىزنى جەننەتتە قىلسۇن قىرىندىشىم. نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم بۇزۇلۇپلا تۇرىدۇ. ئەمدى قانچە قىلساممۇ ماڭا ھەرگىز ئۇچۇر يازالمايسىز. چۈنكى ھاياتلىقىڭىزدا سىز بىلەن ئەسرا بولالمىدىم. تالاي تورداشلار سىز ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتىدۇ.

شۇنداق، ئاللاھ مەرھۇمغا ھەسسلىەپ ساۋاپ ئاتا قىلغاي، مەنمۇ ھەمزە ئىنىمنىڭ مەنپەئەتلىك تېمىلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق نۇرغۇن خاتا، گۇناھ ئىشلاردىن قول ئۈزگەن ۋە بىلىملەرگە ئېرىشكەنمەن.

muslima32 2011-07-23 04:07
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ياتقان يىرىڭىز جەننەتتە بولسۇن ئامىن..................

0998888 2011-08-05 18:36
مەن  مەرھۇم              قىرىندشىم ھەمزە ۋە ئۇنى قوللاپ ئنكاس يازغان بارلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلارغا،چىن قەلبىمدىن ئاللانىڭ رەھمتىنى  ۋەئەپۇ قىلنىشنى تىلەيمەن.............

ئىزباسار 2011-09-22 22:46
گۈزەل تىما گۈزەل ئىنكاسلار................. مەنمۇ بۇ مۇنبەرگە ئۇنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى سەۋەبلىك كىرگەن...
ئەپسۇس مەنمۇ ئۇنىڭ بار ۋاقىتلىرىدا كىرەلىگەن بولسام ئۇنىڭ بىلەن ئەسرارلىشار ئىدىم. مەن ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭ تىمىلىرىنى بلوگىمغا يۆتكەپ ھەمزە بلوگى شەكىللەندۇرىمەن


查看完整版本: [-- تەۋبە نامىزى(ھەمزە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059744 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us