查看完整版本: [-- ھاكىم نەسىردىن ئەپەندىنىڭ بۇيرىقى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> ھاكىم نەسىردىن ئەپەندىنىڭ بۇيرىقى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

zaman 2011-06-22 00:41
گەپدانلار زامانىسىنىڭ سۆزمەنلەر مەزگىلىدە ، نەسرىدىن ئەپەندى يىڭى كۈلكە ناھىيسىگە ھاكىم بولۇپ سايلاندى . بىر كۇنى ئۇ ، ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك سەنئىتىنى نامايەن قىلىپ ، تۆۋەندىكىدەك بۇيرۇق چۇشۇردى :
1. ئوت يۇرەك شائىر ل.مۇتەللىپنىڭ << ئەپەندى بولماق >> دىگەن شىئرى قايتا تۇزىتىلسۇن .ئەپەندى بولۇشنىڭ ئۆلچىمى مىنىڭ قىياپىتىمگە ، سۆز-ھەركىتىمگە ئەينەن تەقلىد قىلىنسۇن .
2.ناھىيە خەلىقنىڭ كىيىم -كىچىكى بىرلىككە كەلتۇرۇلۇپ ، ئەر-ئايال ئوخشاشلا ئاق، قارا ئۇزۇن يوللۇق پەرىجە ، پاختەك رەڭ خام يۆگەلگەن چوڭ سەللە كىيىش ، قىزىل ،سىرىق يوللۇق خورجۇن ئىشلىتىش ئوموملاشسۇن .
3. ناھىيە سودا ماگزىنلىرىدىكى سومكا سىتىش پۇكەيلىرىدە بىردەك خورجۇن سىتىلسۇن ، جىمى ئاۋام سومكا ئورنىغا خورجۇن ئىشلەتسۇن ، ئىدارە - جەمئيەتلەرنىڭ ئارخىپ ماتىرياللىرى بىردەك خورجۇنلاشتۇرۇلسۇن .
4. ناھىيلىك خەلىق ئىغىز ئەدەبىياتى خىزمىتى جاللاندۇرۇلۇپ ، بارچە خەلىق << نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى >> دېگەن يۈرۈشلۈك كىتاپتىن كىشى بىشىغا بىردىن سىتىۋىلىپ بارلىق لەتىپىلەرنى ياد ئالسۇن .
5. ناھىيە تەۋەسىدىكى ئىشچى -خىزمەتچى ، دېھقان - چارۋىچى يولداشلارغا ھەرئاينىڭ ئاخىرى شەنبىسىدە ، غۇلجىلىق داڭلىقى چاقچاقچى ھېسام قۇرباننى تەكلىپ قىلىپ ، لەتىپە سۆزلەش نۇتۇق كۇرسى ئىچىلسۇن .كۇرۇس چىقىمىنى كۇرسانتلار ئۆز ئۈستىگە ئالسۇن .مەزكۇر كۇرۇسنىڭ كۇرۇس تاماملاش گۇۋاھنامىسى___ ئىشچى -خىزمەتچىلەر ئۇچۇن ئۇنۋان ئىلىش ،يىللىق سىناپ تەكشۇرۇش ، مۇنەۋەر باھالاش جەھەتلەردە ئالدىنقى شەرىت قىلىنسۇن .دېھقان-چارۋىچىلار ئۇچۇن نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ، ئولتۇراق ئۆيلۇك رەسمىيتى تۇغۇت كۆرسەتكۇچى بىجىرىشتە بىرىنچى ئۆتكەل قىلىنسۇن .
6. ھەر بىر كىشى ھەر كۈنى بىردىن يىڭى لەتىپە ئىجات قىلىنسۇن ، ئىجات قىلىنغان لەتىپىلەر بىردەك مىنىڭ نامىمدا ئىلان قىلىنسۇن .
7. رادىئو-تىلىۋىزىيە ، ئىلان تەشۋىقاتى تىخىمۇ كۈچەيتىلىپ ، مەخسۇس لەتىپە ئاڭلىتىش پروگرامما سەھىپىسى ، بەت ستونى تەسىس قىلىنىپ ، بىر كۇندە ئۇچ قىتىم ، ھەر قىتىمدا 20 مىنۇت ، بىر لەتىپىنى ئىككى ئاي ئاڭلىتىش ئىزچىللاشتۇرۇلسۇن .دېكتۇر-رىياسەتچىلەرنىڭ سۆز - ھەركەتلىرىدە لەتىپە پۇرىقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ، خادىملار ھەر ئىككى مىنۇتتا بىر قىتىم ھىجايسۇن .
8. قارا رەڭلىك ئىشەكلەر قاتناش ۋاستىسى قىلىنسۇن ، شەھەر كوچىلىرىغا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى كىرىش مەنئي قىلىنسۇن .
9.بۇندىن كىيىن يىڭى تۇغۇلغان تەخەيلەر بىردەك قارا رەڭدە بويۇلۇپ ، << ئەپەندىم >> ماركىلىق قارا ئىشەكلەر خەلقارالىق بازارغا كىرگىزۇلسۇن ، بىر جۇپ ئىشەك سىتىۋالغانلارغا بىر تەخەي قوشۇپ بىرىلسۇن .
10.نۆۋەتتە تەكىتلىنىىۋاتقىنى ساپا مائارىپى بىردەك << جاپا مائارىپى >> غا ئۆزگەرتىلسۇن . كىچىك شۇملارنىڭ سوئال - سوراقلىرىغا ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى جاۋاپ بەرسۇن ، << تارىم غۇنچىلىرى >> ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدىكى خادىملار پىقىرنى ئاۋارە قىلمىسۇن .
11. << قۇۋ نەسىردىن ئەپەندى >> ، << ئەخمەق نەسىردىن ئەپەندى >> ... ... دېگەندەك قۇرۇق سۆز - چۆچەكلەرنى ئويدۇرۇپ چىقارغان ، پىقىرنىڭ نامىغا داغ تەككۇزگەن كىتاپلار يىغىۋىلىنىپ كۆيدۇرۇلسۇن ، شۇ خىلدىكى لەتىپىلەرنى ئوقىغان - ئاڭلىغانلار بىردەك ئىستىل تۈزۈتۈش ھەركىتىگە قاتناشتۇرۇلسۇن . ئۇلار << دانا نەسرىدىن ئەپەندى >> ، << ئاق كۆڭۇل نەسرىدىن ئەپەندى >> .......دېگەن كىتاپلارنى قايتا-قايتا ئوقۇسۇن .
12.ناھىيە تەۋەسىدىكى بارلىق پۇقرالار << نەسرىدىن ئەپەندى >> ماركىلىق سوپۇن پاراشۇكى ئىشلەتسۇن . باشقا خىلدىكى سوپۇن پاراشۇكى ئىشلەتكەنلەرنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۇرۇشتە قىلىنىپ << ئەپەندى >> سوراق خانىسىغا باشلاپ كىلىنىدۇ .
13. ناھىيىگە قاراشلىق ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىك كىتاپلىرىدىكى سەلەي چاققان ، موللا زەيدىن ھېسام قۇربان چاخچاقلىرى چىقىرىپ تاشلانسۇن ، دەرىسلىك مەزمۇنى مىنىڭ نامىمدىكى لەتىپىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش ئاسساسىدا قايتا تۈزۈتىلسۇن.
مەنبە :فەريات تورى 

دېدار 2011-06-22 14:30
نەسىردىن ئەپەندى بەكلا شەخسىيەتچى بوپ كەتتىمۇ ئەمدى ؟

natsist 2011-06-22 14:56
ئەڭ ياخشىسى ئەپەندىم ھاكىم بولمىسا بولغۇدەك بولمىسا ئىشلا قالايمىقانلىشىپ كەتكۈدەك

adash 2011-06-22 22:20
«بىر جۇپ ئىشەك سىتىۋالغانلارغا بىر تەخەي قوشۇپ بىرىلسۇن .» 
مانداق يەلىرىمۇ با دەيلى،سودىگەر چاقىرىشقا ئىپى باركەن.

sarsan1117 2011-06-23 08:51
مەزمۇنى چوڭقۇركەن ، دېمىسىمۇ بىزنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرىمىز ...

abduwali123 2011-06-24 17:13
بۇلىدىدىغان گەپكەنغۇ؟

dralim919 2011-06-29 02:55
سەل تۇزى كەممۇ نىمە؟


查看完整版本: [-- ھاكىم نەسىردىن ئەپەندىنىڭ بۇيرىقى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.054601 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us