查看完整版本: [-- خېجىڭ ناھىيىسىدە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن يۈز بېرىپ ئۈچ ئادەم قازا قىلدى! --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شىنجاڭ خەۋەرلىرى -> خېجىڭ ناھىيىسىدە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن يۈز بېرىپ ئۈچ ئادەم قازا قىلدى! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

albax 2011-06-20 18:29
[attachment=11271]





جۇڭگو ئاخبارات تورى 19-ئىيۇن تېلگېراممىسى: شىنجاڭ خوشۇت ناھىيىسى، خېجىڭ ناھىيىسى ج خ  تارماقلىرىنىڭ دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ كىرئۇت يېزىسىدا 18-ئىيۇن لاتقا-شېغىللىق ئېقىن يۈز بەرگەن، بۇ ئاپەتتە 37 نەپەر ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ ئېشەك مىنىپ ساياھەتكە چىققان تورداشلار قاپسىلىپ قېلىپ، ئۈچ ئادەم بەختكە قارشى تالاپەتكە ئۇچرىغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى رەھبەرلىك بۇ ئىشقا جىددىي قاراپ كۆرسەتمە بېرىپ، «بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش» نى تەلەپ قىلدى. ئوبلاست، ناھىيە، يېزا قاتارلىق ئۈچ ھۆكۈمەت ج خ، سەھىيە قاتالىق ئورگاندىكى 70 نەچچە ج خ ساقچىسى، دوختۇر-سېستىرالارنى تەشكىللەپ قۇتقۇزۇش ماشنىسى، كۈرەكلىك ئېلېۋاتور، يېمەكلىك قاتارلىقلارنى ئېلىپ قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى، ھەمدە سۇ بۇزىۋەتكەن يولنى جىددىي رىمونت قىلدى. نۆۋەتتە، قاپسلىپ قالغانلاردىن 34 ئادەم قۇتقۇزۋېلىندى، بۇنىڭدىن باشقا ئۈچ ئادەم قازا قىلدى.

fatih204 2011-06-20 21:08
بۇ شاڭيۇ تەرەپلەردە بولغان ئىشمۇ ؟ ياكى دا سەنكۇۋ تەرەپلەردە بولغان ئىشمۇ ؟

kuwruk 2011-06-20 21:20
بۇ ئاپەتتە 37 نەپەر ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ ئېشەك مىنىپ ساياھەتكە چىققان تورداشلار قاپسىلىپ قېلىپ، ئۈچ ئادەم بەختكە قارشى تالاپەتكە ئۇچرىغان
----قايسى مۇنبەردىكى بالىلاردۇر،،،،،،،،ھىلىمۇ ياخشى سامان يۇلى دىگەن دۇتنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىشەك مىنىپ ساياھەت قىلىپ يۇرمەپتۇق،،،!

albax 2011-06-20 21:24
   دا سەنكۇۋ ،شاڭيۇ خېجىڭنىڭ غەربىدە ، قىرغۇت يېزىسى خېجىڭنىڭ شەرقىگە ،خۇشۇت ناھىيىسىنىڭ شىمالىغا توغرا كىلىدۇ .  چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان تاغلىق يېزا . يۇلى خەتەرلىك . ئەينە چاغدىكى لىن بىياۋنىڭ ئىسكىلاتلىرى بار . ئۇ يەردە يەنە سىرلىق بىر كۆل بار . يازمىدىكى ئېقىننىڭ سۈيى بۇ كۆلگە قىش - ياز قۇيۇلىدۇ ، لېكىن سۇنىڭ چىقىش ئېغىزى يوق . بۇيەردە ئاسمان - پەلەك ئۆسكەن تاغ سۇۋادانلىرى بار .

fatih204 2011-06-20 21:34
ھەي ئىسىت  ئوتكەندە دالا ساياھىتى قىلغاندا شىياۋسەنكۇۋغا بارغۇچە قىرغۇت يىزىسىغا بارساقچۇ ،،، مەنزىرسى خېلى چىرايلىقمۇ ئۇ جاينىڭ ؟؟

hll 2011-06-20 22:57
   مەن تىخى بىزنىڭ كەڭ سايدىكى تورداشلا مىكىندەپ قاپتىمەن  چاقچاق .

albax 2011-06-21 10:30
   تاغ مەنزىرىسى ، تارىخ مەنزىرىسى ، لىن بىياۋ 60 - يىللاردا تاغنىڭ چوققىسىغا ياسىغان تونىل  ، يېرىمى قالغان كۆۋرۈك ، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش دەۋرىدىكى شۇئارلار  ، تاغنى تىشىپ ياسىغان ئامبارلار  ....................... ئىشقىلىپ ھاۋاسى ساپ ، چىرايلىق . نىمىشقىكىن ماڭا سۇۋادانلىرى بەك تەسىر قىلىپتىكەن . چوڭلىرىغا قارىسىڭىز ئاسمانغا قۇچاق يېيىپ چىقىپ كەتكەن ، شۇنداق مەغرۇر ، شۇنداق ھەيۋەت . مەن ئىككى قېتىم بارغان ، لېكىن ياز پەسلى ئەمەس . مۇشۇ كۈنلەردە مىنىڭچە ئۇ يەرگە گەپ كەتمەيدۇ . بېرىش توغرا كەلسە چۇقۇم دالا ماشىنىسىدا بېرىش كىرەك .  ئاۋۇ كۆۋرۇك ئەپەندىنى كەلكۈن ئېقىتىپ كىتىپتۇ ، كىچىك ماشىنا ماڭالمايدۇ .
فاتىخ سىزمۇ كۆرلىدىن ئوخشىمامسىز  ؟

fatih204 2011-06-21 12:50
كورلىدىن تۇرۇپ بۇنچە گۇزەل يەرنى بىلمىگىنىمگە ئەپسۇسلىنىمەن ،،،  ئاللاھ نەسىب قىلسا بىرگە چۇگلەپ كېلەرمىز ،،،

turkizat 2011-06-21 15:51
مەنمۇ خېجىڭلىق تۇرۇپ ھەجەپ ئاڭلىماي قاپتىمەنيا بۇئىشنى

ئەلباش ئەپەندىم سىزمۇ خېجىڭلىق ئوخشىمامسىز ؟ بۇ مىنىڭ چ چ 412115314 مۇمكىن بۇسا تۇنۇشۇپ قالايلى.ئورتاق مەسىللىە .ئۇستىدە پىكىرلىشەمىز

albax 2011-06-21 16:23
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى turkizat نىڭ 2011-06-21 15:51 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
مەنمۇ خېجىڭلىق تۇرۇپ ھەجەپ ئاڭلىماي قاپتىمەنيا بۇئىشنى

ئەلباش ئەپەندىم سىزمۇ خېجىڭلىق ئوخشىمامسىز ؟ بۇ مىنىڭ چ چ 412115314 مۇمكىن بۇسا تۇنۇشۇپ قالايلى.ئورتاق مەسىللىە .ئۇستىدە پىكىرلىشەمىز

كورلا تەۋەسىدىكى كەڭسايلىقلار تۇنۇشىۋالىدىكەنمىزدە ؟

تاش 2011-06-22 13:30
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى albax نىڭ 2011-06-21 16:23 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

كورلا تەۋەسىدىكى كەڭسايلىقلار تۇنۇشىۋالىدىكەنمىزدە ؟

شۇنداق قىلىڭلار.ئەمما بىزنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!!!!!!!!!!!!!!!!!


查看完整版本: [-- خېجىڭ ناھىيىسىدە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن يۈز بېرىپ ئۈچ ئادەم قازا قىلدى! --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.074849 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us