查看完整版本: [-- ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى -> ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تاھىربەگ 2011-06-17 22:49
   ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا
بۇلازىۋىچ يىتەكلىگەن جۇڭگونىڭ دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىزىق نۇقستىغا ئايلاندى.
بىيجىڭ ۋاقتى 16-ئىيۇن.خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تور بېكىتىنىڭ لوندۇن ئولىمپىك يىغىنى مەخسۇس قانىلىدا جۇڭگونىڭ ئولىمپىك كوماندىسىدىكى شىنجاڭلىق ئىككى ئۇيغۇر ماھىر تونۇشتۇرۇلغان ماقالە بىسىلدى،ماقالىنىڭ تىمىسى:<<ئىككى ئۇيغۇر ماھىرنىڭ ئولىمپىك ئارزۇسى>>







ماقالىنىڭ ئەسلى تېكىستى:جۇڭگونىڭ شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلار ئىلگىرى پۇتبول ساھەسىدە ناھايتى ئاز تاللاپ
چىقىلاتتى،ئۇلار ھەمىشە ئات ئۈستىدە ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنتەربىيە تالانتىنى نامايان قىلاتتى.ئەمما بۈگۈن ئىككى ياش تالانىتلىق ماھىر ئوتتۇرىغا چىقتى،ئۇلار ئابدۇلبارى  بىلەن مىرەخمەتجان...ئۇلار 2012-يىللىق لوندۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسدە مەيدانغا چىقىپ تۆھپە يارىتىش ئۇچۇن تىرىشۋاتىدۇ.22ياشلىق ئابدۇلبارى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك كوماندىسى يىشىل شەھەردە ئۆزىنىڭ يەككە ھۇجۇم قىلىش ماھارىتىنى نامايان قىلغان.ئىككى ياش كىچىك بولغان مىرەخمەتجان بولسا ئادەم ناھايتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسنىڭ ھەل قىلغۇچ ئارقا بىكى،ئۇلارنىڭ ئۆز كۇلۇبىدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن دۆلەت كوماندىسىغا ۋەكىللىك قىلىپ جەڭگە قاتنىشش پۇرسىتىگە ئىرىشتى.بۇلازىۋىچ يىتەكلىگەن جۇڭگو دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسغا كىرىپ 2012-يىللىق لۇندون ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى تەييارلىق مۇسابىقىسگە قاتنىشش سالاھىيتىگە ئىرىشتى.
مىرەخمەتجان قەشقەردىكى پۇتبولچى ئائىلىسدە تۇغۇلغان،ئۇنىڭ دادىسى ۋە تاغىسى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن دۆلەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان،2004-يىلى مىرەخمەتجان 10ياش ۋاقتىدا ،شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ مەشىق قىلىش تەكلىۋىگە ئىرىشكەن.بۇ  كۇلۇبنىڭ مەشىقى مىرەخمەتجاننى تىزلا ئۆرلەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.ئۇ تىزلا ھەممىگە تونۇلغان چولپان بولۇپ قالغان.2009-يىلى مىرەخمەتجان جۇڭگو دۆلەتلىك ياشلار كوماندسىغا كىرگەن،بىراق ئۇنىڭ ھەقىقى نام چىقارغان ۋاقتى 2010-يىلى ،ئاۋۋال مىرەخمەتجان بىرىنجى قىتىملىق قورامىغا يەتكەنلەر ئىچىدىن دۆلەت كوماندىسغا قاتناشقان شىنجاڭلىق بولۇپ قالغان.بۇ 2010-يىلى 1-ئايلار ئىدى،ئارقىدىن ئۇ خنەن قۇرۇلۇشىچىلىقى ۋە بىيجىڭ گوئەن ئوتتۇرا بىرلەشمە مۇسابىقىسدە ئۆزىنىڭ تالانىتىنى نامايان قىلغان،كىين يىلئاخىرىدا گۇۋاڭجۇ ئاسيا تەنتەربىيسدە ،دۆلەت ئولىمپىك كوماندسىنىڭ قىرغىزستاننى يەڭگەن مۇسابىقىسدە مىرەخمەتجان بىر قىتىملىق ھۇجۇمغا ياردەم قىلغان.
ئۇ ئىپادىسى مۇقىم بولغان بىر سول بېك بولۇپلا قالماي يەنە ئۆزىنىڭكۆپكە ماھىرلىقىنى جارى قىلدۇردى. ئۇ سول بىكتىن باشقا يەنە مۇداپىئەسىمان ئوتتۇرا مەيدان ئوينايدۇ. بۇرۇنقى جوڭگو كوماندىسىنىڭ ۋە شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ ھوجۇمچىسى بولغان سۇماۋجېن ئۇنىڭغا باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:"ئۇنىڭ تېخىنىكىسى ياخشى.ئۇزۇن پاس ياكى سول تەرەپتىن بۆسۈش ئارقىلىق ھوجۇم قوزغىيالايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا مۇداپىئەسى ياخشى.
مىرەخمەتجان 3-ئايدا ئاياكىس كوماندىسىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۋالغان بولسىمۇ ، لېكىن ئاخىرى بارالمىدى،ھازىر20ياشلىق ئۇ پۇتۇن دىقىقىتىنى بۇ يەكشەنبە(19-ئىيۇن)ۋە كىلەر پەيشەنبە(23-ئىيۇن) دىكى ئولىمپىك سالاھىيەت مۇسابىقسىدىكى ئومان بىلەن مۇسابىقىغا قاراتماقتا.ئۇ مۇنداق دەيدۇ:" غەربى ئاسىيالىقلارنىڭ تېخىنىكىسى ياخشى،ھەرىكىتى  تىز، لېكىن بىز تەشكىللىچانلىقىمىز ۋە بەدىنىمىز بىلەن بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلەيمىز." 
  
مىرئەخمەتجاننىڭ ئوڭۇشلىق سىجىل تەرەققىياتىغا سىلىشتۇغاندا ئابدۇلبارىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئاقار يۇلتۇزدەك بولدى.شىنجاڭنىڭ يەرلىك كوماندىسىدا نەچچە يىل توپ تەپكەندىن كىيىن ،خاڭجۇ كومانسدىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ۋۇجىنگۇي ئۇنىڭغا بىر خوشاللىنالىق پۇرسەت بەردى. ئۇ ناھايىتى تىزلا  كوماندىدا ئورنىنى تىكلەش ۋە بىرلەشمىدە توپ ئۇرۇش نىشانىغا يەتتى.ئاسىيا پۇتبول سەھنىسىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئوۋلاش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇردى.
بۇ يىللىق ئاسىيا ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا ياپونىيەنىڭ ناگۇيا گىرامپۇس بىلەن بولغان مۇسابىقىسىدا زاپاس ئەزا بولۇپ چىققان ئابدۇلبارى پۇتىغا تۇنجى تەگكەن توپى بىلەن رامىلىسقا ياردەم توپ چىقاردى، كىيىن ئۇ يەنەبىر توپ ئۇرغاندىن كىيىن كوماندا 2:0نەتىجە بىلەن ئۇتتى.
 
گەرچە كىيىنرەك كۆتىرىلىپ چىققان بولسىمۇ ، ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا،بىلازىۋىچنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، بۇ 9-نومۇر ئومان بىلەن يەكشەنبە شاڭخەيدىكى  مۇسابىقىسىدا ئۆزىنىڭ بىرىنجى توپىنى ئۇرۇشىغا ئىشەنمەكتە. 
 
ئابدۇلبارى مۇنداق دەيدۇ:"كوماندىمىز تەشكىللەنگەندىن بۇيان تېخى ئۇتۇپ باقمىدى،لېكىن بارغانسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ .بىز مەشقاۋۇلىمىزنىڭ بىزنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدا ئەڭ كۈچلۇك ھالىتىمىزگە ئەكىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.مېنىڭ شەخسى نىشانىم ، جىقراق نومۇر ئېلىپ ،سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىن ئۈزۈپ چىقىش."

بۇئىككى ئەزىمەت بىلەن تەپسىلىي تونۇشماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى تېمىغا مەرھەممەت


facebook 2011-06-17 23:51
   ناھايىتى ياخشى ،ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى دىسەك ئېشىپ كىتەمىكىن

fatih204 2011-06-17 23:59
كاشىلىياس!!! ، مىر ئەخمەتجان 2004 يىلى ئون ياشتا ئەمەس ، ئۇ چاغدا ئون ياشتا بولسا ھازىر ئاران 17 ياشقا كىرگەن بولامدۇ ؟؟
ئەمما ئۇ ھازىر 22 ياشقۇ دەيمەن ،،، ئەتىدىكى مۇسابىقىدا مىر ئەخمەتجان ئابدۇلبارى بىلەن بىرگە مەيدانغا چىقسا بولاتتى ،،،،  
بۇگۇن توپ ئوينىغان ئىدۇق ، قارشى تەرەپ ۋارتاسىدا بولغان بولساڭ تۇگەيتىڭدە ،،،،

tokkustara 2011-06-18 00:10
فاتىق قېرىندىشىم مۇسابىقە ئەتە ئەمەس ،بەلكى ئالدىمىزدا كىلىدىغان 19-چىسلا يەكشەنبە cctv5شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 5.30ئۆتكەندە قويىلىدۇ جوڭگو ئولىمپىك كوماندىسى بىلەن ئومان ئولىمپىك كوماندىسى ئوينايدۇ ،
ئەتە دىگەن جوڭگو بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىنى بار

fatih204 2011-06-18 00:13
ۋوي راس ،، يەكشەنبە ئۇرۇمچى ۋاقتى 5 يېرىمدىمۇ نىمە ھە ،،، بۇ ئىككىسى بولمىسا كورۇپمۇ قويمايتىم بۇلارنىڭ مۇسابىقىسىنى ،، بۇ مىنىڭ بۇلارنىڭ مۇسابىقىسىنى 2002 -يىلى تۇركىيە جوڭگو مۇسابىقىسىدىن كىيىنكى ئىككىنجى قېتىم دىققەت قىلىشىم  ،،،،

kaysarjan 2011-06-18 00:13
ئولانڭ ئويغور ئىكەنلگنى بزدن بلەك كم بلدو؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

tokkustara 2011-06-18 00:14
خەنلەر بىلىدۇ

kaysarjan 2011-06-18 00:16
قايسى خەنلە؟؟؟؟؟؟؟؟

kaysarjan 2011-06-18 00:16
قايسى خەنلە؟؟؟؟؟؟؟؟

fatih204 2011-06-18 00:17
ياپونىيىلىكلەرمۇ بىلىدۇ ،،
ئەينى چاغدا ياپونىيەنىڭ كوماندىسىغا دەھشەت توپتىن بىرنى ئۇرىۋەتكەن ئابدۇلبارى ،،،

kaysarjan 2011-06-18 00:18
تۇنولش دىگەن..............

tokkustara 2011-06-18 00:32
ق ايسى خەنلا بولاتتى ،ئۇيغۇرلانىڭ ئاكىسى خەنلەر بولمامدۇ

muhtarbay 2011-06-18 02:13
دۇنيانىڭ دىققىتىنى تاتقان بىلەن دولىتىمىزنىڭ دىققىتىنى تاتالماۋاتىدۇ ئەمەسمۇ

تاھىربەگ 2011-06-18 09:54
راس ئاشۇ يىرى خاتا ئېلىنىپ قالدىمۇ نىمە ؟ مەنمۇ دىققەت قىلماپتىمەن ...

قارشى تەرەپنىڭ ۋارتارىدا مەن تۇرغان بولسام سىلەر  تەرەپ تۈگەيتىڭلا.....  ئىننىق يەيتىڭلار .

asanat 2011-06-18 12:54
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  بىر دۇلەتنى بىر مىللەتنى تۇپ چۇلپانلىرى تۇنۇتكانىغا ئۇخشاش بۇ ئىككى قىرىندىشىمىز ئارقلىق دۇنيا بىزنى تۇنىسا ئەجەپ ئەمەس

aqkepter 2011-06-18 13:16
نەگىلا قارىسا ئۇيغۇرنى باشقىلار تونىمايدىكەن، ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونوتۇش دىگەندەك ئاقماس پاراڭلار. ئۇيغۇرنى پۈتۈن دۇنيا تونۇيدۇ، تونىغاندىمۇ ئەسلى سالاھىتىمىز بىلەن تونوپ كەگەن ھىلھەم تونويدۇ شۇڭا تونىتىش ھاجەتسىز!!!

بنەم 2011-06-18 15:44

uytag 2011-06-18 15:58
ياخشى باشلىنىش ~~~

ohho~duqu 2011-06-19 10:26
بۇلارنىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى باشلىنىشى ، تېخى يول ئۇزۇن ئالدىراپ مەمەدانلىق قىلماي ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنى دۇنياغا تونۇتۇشى كېرەك ، شۇنداق قىلغاندا خەلقئارادا مەيەدىمۇ پۇتبولغا ماھىر خەلقتىن بىرسى باركەن دەپ بەلكىم كەلگۈسىدە يۇرتىمىزغا كېلىپ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىغا مەبلەق سېلىشى مۇمكىن

kuwruk 2011-06-19 12:58
5دىن 30مىنۇت ئۇتكەندە مىنى ئۇيغۇتىۋىتىڭلار ،،مەنمۇ كۇرىمەن،،،بۇ مۇسابىقىنى،،،،،،،،،،،،،،،،!

fatih204 2011-06-20 01:13
بۇ ئۇكىلىرىمىز ئۇتتۇرۋەتتى دىسە ،،نەتىجە بىردە نول،،  ئەمما بۇگۇنكى ئىپادىسىدىن ئابدۇلبارى ئوزىمۇ رازى بولمىدىغۇ دەيمەن ،ئەمما نەچچە توپنى بەك چىرايلىق تاشلىغان ، ئەڭ ياخشى ھۇجۇم پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بەرگەن ئىدى ئەمما پۇرسەت تۇتالمىدى قالغانلىرى ، مىر ئەخمەتجان ئاخىرىدا 20 مىنوت ئوينىدى ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى كورنېرنى بەك ئىسىل چىقارغان ، ئۇسەلمەي چىقىرىشىپ ئولتۇرۇشتى ،،،
كەڭساي ئەھلىنىڭ زىھنىنى مۇشۇنداق چوڭ ئىشلارغا قارىتىپ ، باشقا ئۇششاق ئىشلارنى ۋاختىنچە بىر ياققا قايرىپ تۇرىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن ،، گىپىم بەك چۇشىنىشلىك بولدىغۇ دەيمەن ، چۇشەنمەي تىللاپ يۇرمەڭلار  

تاھىربەگ 2011-06-20 10:37
ئەدەمنىڭ سەت ئىچىنى سىقتىغۇ ئولىمپىكتىكى شوگۇڭلار ....  ئابدۇلبارىغا ماسلىشىدىغان بىرەرسىمۇ يوق .ئابدۇلبارىنىڭ  شۇنداق ياخشى بەرگەن پاسلىرنى يوقتىۋەتتى سەيچىلەر !!!      شۇنداق كەلگەن كاللا توپنىمۇ ئۈسسەلمەي چىقىرۋەتتى ....  بۇلازىۋىچنىڭ نىمە قىلغىنى دەيمەن ، مىرەخمەتجاننى بالدۇرراق چىقارماي ...   ئابدۇلبارى بىلەن مىرەخمەتجاننى دىمىسەم ساراڭمۇ مەن بۇ مۇسابىقىنى كۆرۈپ !!!   ھەي ھەي ....  مۇسابىقە نەتىجىسى ئادەمنى بەك ئۈمۈدسىزلەندۈرىدۇ .....
لىكىن ئابدۇل بارى بىلەن مىرەخمەتجاننىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى ، شوگۇڭ سەيچىلەر ياخشىراق ماسلاشقان بولسا ئۇتاتتى ....    

fatih204 2011-06-20 12:12
ھەي تۇنۇگۇن قارىسام ئابدۇلبارى جىددىلىشىپ قالدىمۇ قانداق ،  پاس بىرىشكە بەك ئالدىراپ تۇرىدۇ ، ئەسلى سۇرئەت بولغاندىكىن ئاز تولا تىخنىكا ئوينىسا بولاتتى ، مىرئەخمەتكە بىرىلگەن ۋاقىت سەل ئاز بوپ قالدى ، تۇنۇگۇنكى ئىپادىسىنى بەك ياخشى دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ جۇما ،،، بۇ ئىككىسىنى دىمىسەم نىمە بار ماڭا ۋاختىمنى زايا قىلىپ ،،،
خەنزۇلار كىسەل بولماي دىسىڭىز جوڭگو پۇتپولىدىن يىراق تۇرۇڭ دىگەن گىپىنى ئاخشام چۇشەندىم ،، ھەقىقەتەن كىسەل قىپ قويغۇدەك بۇلار

kiliq 2011-06-20 12:18
مۇنبەردىكى باللا بىر توپ ئويناپ باقساق بولىدىكەن كەڭسايكامنى ۋارتا تۇغۇزۇپ قويۇپ، فەتىھ 204 غۇلجىغا كەلگەندە بوتىس - كىيىملىرىڭنى بىللە ئالغاچ كىلەسە توپ تىپىمىز ھە .

تاھىربەگ 2011-06-20 12:32
ئابدۇلبارى راستىلا توپنى پۇتىدىن چىقىرۋىتىشكە ئالدىراپ كىتىدىكەن ، مىنىڭچە بۇلازىۋىچ شۇنداق ئورۇنلاشتۇردىمىكىن دەيمەن ...  
ئابدۇلبارى توپنى چىقىرۋىتىشكە ئالدىرماي ، شەخسىي ماھارىتىنىمۇ ئىشقا سېلىپ تۇيۇقسىز بۆسۈپ كىرىپ قارشى تەرەپكە بېسىم ئېلىپ كەلسە بولاتتى ....

ئاخشام مۇسابىقىنى ئويناپ بولۇپلا ئولىمپىك كوماندىسى  پۇدۇڭ ئايرىدرومىدىن دوھاغا قاراپ ئۇچۇپتۇ ، دوھادىن ئومانغا ئۇچۇپتۇ .... ئومانغا بېرىپ 43 سىلسيە گىرادۇسلۇق ئىسسىققا كۆنگەچ مەشىق قىلىدىكەن .  

بۇ قېتىم ئوماندا ئوينايدىغان مۇسابىقىدە ئابدۇلبارىنىڭ توپ كىرگۈزشىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىمەن . بۇلازىۋىچ مىرئەخمەتجاننى تولۇق ئويناتسا بولاتتى .... 
ئاخشامقى مۇسابىقىنى چۈشەندۈرگەن خەنسۇمۇ :_مەيتىجاڭنى بالدۇراق چىقارغان بولسا بولاتتى ، دەپ ئىككى ئۈچ قېتىم دەپ كەتتى ...

fatih204 2011-06-20 12:59
بەك مىھرى ئىسسىق نىمە توپ دىگەن جۇما ،،،
ھەپتىدە بىرەر سائەت تەپمىسەم غەيرىلا بوپ قالىمەن ،، بەك ياخشى دىگۇدەكمۇ ئوينىيالمايمىز ،، سەمىرىپ كىتىپ تىزلىك ، ئىنكاس دىگەن نەرسە قالماپتۇ ،،،  ماۋۇ تاھىرنى ۋارتادا تۇرغۇزساڭ توپ كىرمەيدۇ ،،،، كەڭساينىڭ مەھەللىسىدە ئوينىساق ياخشى بولاتتى ، سەل بەكراق تەپسەڭ قازاقىستانغىلا چىقىپ كىتىدۇدە توپ ،،
ئۇيغۇر پۇتپولى ھەققىدە سوز ئاچساق ، قەشقەر ، ئاتۇش ، ئۇرۇمچى ، قارماي ، غولجىدىن بەك ياخشى توپچى بالىلار چىقىدۇ ،،
بىز ئوقوغان ۋاقلاردىمۇ ياخشى ئوينايدىغانلىرى يوقارقى يۇرتلۇق بالىلار ئىدى ،، لىكىن بۇلاردا سىسىتىمىلىق مەشىق كام ، چوڭ مۇسابىقە تەجىربىسى كام ،،، 10-قىتىملىق جوڭگو تەنھەركەت يىغىنى بولسا كىرەك ،بىز ياراتمايدىغان بەسەيلەرگە بەك ئىچىنىشلىق ئۇتتۇرۋەتكەن ،، شۇ چاغدا جىياڭسۇدا يىقىن بىر دوستۇم شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن قايسى بىر كوماندا مۇسابىقىسىنى كورۇپتىكەن ،، شىنجاڭ كوماندىسى ھەتتا قارشى تەرەپ ۋارتاسىغىمۇ تۇزۇك ئاپىرالمىغان ،،،
بىزنىڭ باشلانغۇچ سەۋىيىسىدىكى باللىلىرىمىز مەملىكەتنى بېشىغا كىيىدۇ ، بەك چىرايلىق ئوينايدۇ ، نىمە ئۇچۇن چوڭلىغانسىرى بۇلار نەتىجە يارىتالمايلا جەمىيەتتە ئىز تىزسىز غايىپ بوپ كېتىدۇ ؟؟ سىستىمىلىق مەشىق ، قوللايدىغان ئىقتىسادى كاپالەت ، ۋە ئەخلاقى تەربىيە كەمچىل ،، نۇرغۇن ئىسىل توپ تىپىدىغان بالىلارنىڭ ھاراق نەشىگە بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كورگەن ئاڭلىغاندىمىز بەلكىم ،،، بۇ جەھەتتە تاھىر خېلى كوپ ئىشلارنى بىلسە كىرەك ،،،
قېنى بىلگەنلىرىڭلارنى ئوتتۇرغا قويساڭلار ئورتاقلاشساق ،،،،،

تاھىربەگ 2011-06-20 13:02
http://bbs.putbol.cn/read.php?tid-19449.html    ماۋۇ تېمىنى ئوقۇساق بولىدۇ . جىق ئىشلارنى چۈشۈنىۋالىمىز  !!!!  

تاھىربەگ 2011-06-20 13:10
بىزنىڭ مەكتەپكە كەلسەڭلەرغۇ چىملىق مەيداندىن بىرى ئەمەس ئىككىسى بار ئىدى . مەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ھۇجۇم ئوينايمىكى دەيمەن . تۇيۇقسىز بۆسۈپ كىرشىممۇ بوپ قويىدۇ ، ۋارتارغىمۇ ئۆلچەملىك ئۇرۇپ قويىمەن ، توپ ئۇرىدىغان پۇرسەتنىمۇ چىڭ تۇتىمەن . لىكىن پەقەت ئالدىيالمايمەن ، تىزلىككە تەيىنىپ ئوينايمەن   ، ۋارتاردا ھەرقانچە چاققان بولساممۇ بويۇمنىڭ پاكارلىقى چېنىپ قالىدىكەن ، ئىككى ياندىن ئېزىپ تېزىپ توپ كىرمەيدۇ .  ھەرقانداق مۇسابىقىدە بويۇم يەتمەي بىر توپ كىرىپ كىتىدۇ زادى ....  ئۆتكەندىمۇ  بۇغرا كوماندىمىز بىلەن خەنلەرنىڭ كوماندىسى  ئوينىغاندا  بويۇم يەتمەي بىر توپ يەپ كىتىپ تاس قالغان ئۇتتۇرۋەتكىلى ، بىزنىڭ باللار تىرشىپ بىر توپ ئېشىۋالدى .....  170 بوي ئىگىزلىكى ماس كەلمەيدىكەن ۋارتارغا . 180 بولغان بولسام ئاجايىپ بولاتتى دە !!!  

fatih204 2011-06-20 16:42
بىز بارساق كاماندىروپكىغا چىقىۋالىدىكەنسەن ئەمەسمۇ  


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059204 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us