查看完整版本: [-- نادىر ئەسەرلەرنى«يۆتكەپ-ئىشلىتىش» توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> نادىر ئەسەرلەرنى«يۆتكەپ-ئىشلىتىش» توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كوكتالالىق 2011-06-16 12:41
 يۆتكەپ ئىشلىتىش،مەنا جەھەتىن ئېيتقاندا،قىممىتى بار ياخشى نەرسىنى بىر ئورۇندىن ئىككىنچى بىر ئورۇنغا يۆتكەپ ئۈنىمىدىن پايدىلىنىشنى كۆزدە تۇتىدۇ.

دىمەك،ياخشى بىر نەرسىنىڭ قىممىتىنى ئىككىنچى بىر نەرسىگە پايدا يەتكۈزگەندىلا ئاندىن قىممىتى ئىپادىلىنىدۇ.

دولىتىمىزمۇ ئىسلاھەت جەريانىدا چەتئەللەرنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەجىربىلىرىنى ئەينەك قىلىپ ئىشلىتىپ،ھازىرقىدەك قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلاندى.

مەن بۇ يەردە بىر ياخشى ئەسەرنى «يۆتكەپ- ئىشلىتىش» توغرىسىدا توختۇلۇپ باقاي،ھەر قايسى مۇنبەر ئەھلىنىڭ ئويلىنىپ مۇنازىرە قىلىپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

بىر ياخشى ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن يازغۇچى-ئاپتۇرلار ناھايىتى چوڭ كۈچ سەرىپ قىلىدۇ.مەيدانغا كەلگەن بۇ ئەسەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن نادىر ئەسەر بولالايدۇ.

دىمەك،شۇ نادىر ئەسەرنى ياراتقۇچى ئوز ئەسىرىنىڭ مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ.ئاپتۇر ئۆز ئەسىرىنى مەتبەئە،ژورناللارغا يوللىماي،مۈنبەرلەرگە يوللىشى، ئۇنىڭ ماددى مەنپەئەتنى كۆزلىمەي،مەنىۋى مەنپەئەتنى كۆزلىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر.شۇنداقلا بارلىق ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان سوغىسىدۇر. ئۇلارنىڭ ئالىجاناپ روھىدىن ئۈگۈنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

ھازىر بەزىبىر مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى بۇ نۇختىغا قارىتا بىر تەرەپلىمە قاراشتا.

مەيلى قانداقلىكى بىر ئادەم ئۆز بوشلىغىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئويلايدۇ،مەنمۇ ھەم شۇنداق،بۇنىڭغا شەخسى غەرەزنى ئارلاشتۇرۋىلىشقا بولمايدۇ.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە رىقابەت كەسكىن،ئۇنىڭغا پۇت تىرەپ تۇرۇش كېرەك.مىنىڭچە بىر ياخشى ئەسەرنى رىقابەت قاينىمىغا تاشلاپ قويىساق بولمايدۇ.

مەن بىر مۇنبەردىن يايدىلىنىش كۈچى بار دىگەن بىر ئەسەرنى يەنە بىر بۇنبەردە يۆتكەپ ئىشلىتىپ باقتىم.يۆتكەپ ئەكەلگەن مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ پىكىرى بولغان بىلەن بۇ مۇنبەردىكىلەرنىڭ كۆرۈش قىزغىنلىغى يۇقۇرى بولدى .بىر ئوبدان مۈنبەر باشقۇرغۇچى ئۆزىنىڭ مۇنبىرىنى ياخشىلاشنى ئويلايدۇ،بۇ ئۈگۈنۈشكە ئەرزىيدىغان ياخشى روھ.لىكىن مېنىڭچە ئۆزىنىڭ بۇنبىرىنىلا ئويلاپ،باشقىلارنىڭ قان تەرىنى سىڭدۇرگەن ياخشى ئەسىرىنى كۆمۈپ قۇيۇشقا ئەسلى بولمايدۇ.

«يۆتكەپ ئىشلىتىش»نى ئاقىلانىلىك ئىش دەپ قارايمەن.يۆتكەپ ئىشلەتكەندىلا ئەسەرنىڭ قۇدىرتىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

توغرا ،ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۋىز قىلىشقا بولمايدۇ،ئەمما ئۇنى قانۇن قوغدايدۇ،ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق.

ئەمدى مەسىلە يۆتكەپ ئىشلەتكەندە قانداق ئىشلىتىش مەسىلىسى بار.ئشلەتكەندە ئىمكان بار ئاپتۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش كېرەك.ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلىشالمىغاندا مەنبەنى ئوچۇق يىزىپ ئىشلەتسە بولىدۇ.ئاپتۇرمۇ ئۆز ئەسىرىنى باشقا مۇنبەردىكىلەر كورۋاتقانلىغىنى بىلسە خوش بولىدۇ،كىممۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ئۆزى كۆرۈشنى خالايدۇ؟.

مۇنبەر باشقۇرغۇچى يولداشلار ،سىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭلار ناھايىتى كۆپ.مىللى مۇنبەرلىرىمىزنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن كېچە-كۈندۇز دىمەي كۈچ چىقىرۋاتىسىلەر.سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئەجىرىڭلارنى خەلق ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

«يۆتكەپ ئىشلىتىش»ئۇنچىۋالا قورقۇنۇشلۇق ئىش ئەمەس،بىر نادىر ئەسەرنى يۆتكەپ ئىشلەتسە ئىشلىتىۋەرسۇن،ئۇمۇ كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ ئىللىقلىغىنى خەلقىمىزگە نامايەن قىلسۇن.

مۇنبەر باشقۇرغۇچى يولداشلار ،مىللىتىمىزنىڭ نادىر ئەسەرلىرى ئۈزۈلمەي مەيدانغا كېلىشى ،نادىر ئەسەرلەرنىڭ ھەر ساھەلەردە نامايەندە بولۇپ تۇرشى ئۈچۈن،بىراز كەڭ قورساق بولۇپ، ھەر قايسى مۇنبەر باشقۇرغۇچى يولداشلار ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىپ مىللى سەھىپىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى،رەڭدار بولىشىغا بىرلىكتە كۈچ چىقارساق ھەممىمىز ناھايىتى خوش بولغان بولاتتۇق

سەۋىيەم چەكلىك بولسىمۇ بىر نەچچە تەكلىپ بىرىپ باقسام،بولسا پايدىنىارسىلەر:

1-نادىر ئەسەرلەرنى يوللاشتا،جەزمەن پايدىلىنىش كۈچى بار ياكى يوقلىقىغا ئەھمىيەت بەرسەك.بىر نادىر ئەسەر شۇ مۇنبەرنىڭ چاقناپ تۇرغان يۇلتىزىدۇر.«تونۇشۇمنىڭ ئەسىرى» ياكى «تونۇشتۇرغان ئەسەر»ئىدى دەپ سەل قاراپ قويساق شۇ مۇنبەرنىڭ ھەم مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ساپاسىغا تەسىر يېتىدۇ.

2-يوللىغان ئەسەرنىڭ ئىملا خاتالىغىغا دېققەت قىلساق.ئىملا خاتالىغى بار ماقالىلارنى يوللاپ قويساق تەھرىرلىگۈچىلەرنىڭ سەۋىيەسىزلىگىنى چاندۇرۇپ قۇيۇدۇ.شۇنىڭ بىلەن مۇنبەر ئوبرازىغا تەسىر يېتىدۇ.

3-ھەرقايسى سەھىپىلەرگە تەڭ ئېتىۋار بەرسەك.بىرنى ئاساس قىلىپ،كۆپنى قۇشۇمچە قىلىپ قويساق مۇنبەرنىڭ ئونۋىرساللىقىنى يوقۇتۇپ قويۇپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ.

4-مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن مۇنبەر ئەزالىرى ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىلىشىش يوللىرىنى راۋان قىلساق.بۇنداق قىلغاندا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاختىدا ھەل قىلىۋېلىشقا پايدىلىق.

5-   مۇنبەر ئەزالىرى، بىزمۇ مۇنبەرنىڭ قايئىدە- تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلساق.

يۇقۇرىدا ئوتتۇرىغا قويغۇنۇم ئۆزەمنىڭ قىسقىچە ھەم يۈزەكى قاراشلىرىم،سۆز ئىبارىلەردە كۆپ خاتالىقلار بولىشى مۈمكىن كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئەپۇ قىلغايسىىلەر.مەنمۇ مۇنبەرگە نىسپەتەن يېڭى ئەزا.ئىشلىتىش كۈچى بولمىسا ئۆچۈرۋېتەرسىىلەر.

  

 مەنبە: قەلىمىم
 
 ئەسكەرتىش:بۇنى مۇنازىرگە قويۇش ئۈچۈنلا يوللىدىم.مۇنبەردە نۇرغۇن قابىليەتلىك ئۇستازلىرىمىز بار.ئۇلارنىڭمۇ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ باقساق،پايدەسى بولىدۇ.
 



kuwruk 2011-06-16 16:31
يۇتكەپ ئىشلەتسە بۇلىدۇ،،،لىكىن يۇتكەپ ئىشلىتىشكە شۇ ئەسەرنى تۇرغا يۇللىغان كىشىنىڭ يەنى ئەجىر قىلغان كىشىنىڭ پىكرى بۇلماسلىقى كىرەك،،،ھازىر ياخشى بىر ئەسەرنى ھەممە ئۇيغۇر تۇر بەتلىرىدە كۇچۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقانلىقى كۇرۇشكە بۇلىدۇ،،بۇنىڭدىن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ياخشى ئەسەرلەرنىڭ قانچىلىك قىسلىشىپ كەتكەنلىگىنى كۇرۋالغىلى بۇلىدۇ،،،،!!!!!!!!!

تاھىربەگ 2011-06-16 22:08
مىنىڭچىمۇ يازمىللىرىنى مەلۇم بىر مۇنبەرگە خاسلا قىلىۋالسا تازا ياخشى بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن ... ئەۋۋەل ئاپتۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ ، ئاپتور بىلەن ئالاقىلشالمىغاندا مەنبەسىنى ،ئاپتورىنى ئىنىق ئەسكەرتىپ باشقا مۇنبەرگە يوللاۋەرسە بولىدۇ غۇ ....

كوكتالالىق 2011-06-17 11:50
ئۇستازلارنىڭ ئىنكاس بەرگىنىگە رەخمەت.
  مەخسەت يولداشلار تېخىمۇ ياخشىراق مۇنازىر قىلىپ باقسا دەپ قارايمەن.

kuwruk 2011-08-16 20:33
كەڭساي ئەزالىرى ئەڭ ياخشىسى كەڭساينى ئەڭ يىڭى تىما -ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرسا كەڭساي ئۇزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇلسا،،،،،!!!!!!!!!!!!!!!!


查看完整版本: [-- نادىر ئەسەرلەرنى«يۆتكەپ-ئىشلىتىش» توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.050709 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us