查看完整版本: [-- 11.سىنتەبىر ئىمان ئېيتىشىغا سەۋەب بولغان ئامىركىلىق --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> 11.سىنتەبىر ئىمان ئېيتىشىغا سەۋەب بولغان ئامىركىلىق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2011-06-12 10:41

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
فىلىمنى كۇرۇپ تۇلىمۇ ھاياجانلاندىم.
ئىسلام دىننىڭ نۇر چېچىشى 11.سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن باشقىچە جانلىنىپ كەتتى. بۇ ياشمۇ دەل ئىسلام نۇرىنى قۇبۇل قىلغانلاردىن ئىدى.
قېنى فىلىمگە مەرھەمەت...






قېنى بۇ قېرىندىشىمىزسىزگە قانداق تەسىرلەرنى بەردى؟
ھېچقانداق تەسىر ئالالمىغان بولسىڭىز سىز بېخىل ئادەم..


تاھىربەگ 2011-06-12 11:55
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم   ،  ئەمدى كۆرۋاتاملا قارى  بۇ فىلىمنى  

ئاللاھ بۇ قېرىندىشمىزنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلسۇن !!  

oglan 2011-06-12 12:10
ياراتقان ئىگەم ھەمىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان نۇرى چاچقاي!

dilara 2011-06-12 12:32
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
فىلىم چىقمىدى، مەن كۆرەلمىدىم.
ئەمما 11-سىنتەبىردىن كېيىن ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلار سانىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپەيگەنلىكى ئەمەلىيەت. ئىلگىرى ئىسلامنىڭ ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ئامېرىكىلىقلار بۇ ۋەقەدىن كېيىن «ئىسلام زادى تېرورچىلىقنى تەشەببۇس قىلامدۇ؟ بۇ دىننى تەتقىق قىلىپ چاۋىسىنى چىتقا يايىمىز» دەپ قۇرئان ئوقۇپ، ئىسلامنى تەتقىق قىلىپ يۈرۈپ ئىمان ئېيتقان كۆرمىڭ كىشى بار.
بەزى مۇسۇلمانلار بىن لادىن تېرورچىلىق قىلىپ، ئىسلامنىڭ يۈزىنى تۆكتى دېگەندەك بىئارام بولۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئامېرىكىلىق ئايال بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئاتلانتا شىتاتىدا ئېنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان بۇ خانىم ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغىلى 7 يىل بوپتۇ. ئۇ ماڭا «11-سىنتەبىر ۋەقەسى بەك ياخشى بولدى» دېۋىدى، ھەيران قالدىم. «نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟» دېسەم، «شۇ چاغدىن كېيىن ئىسلام ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان ئىدىم. ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن مۇسۇلمان بولدۇم، ئەلھەمدۇلىللاھ. ئېرىم ۋە ئائىلىسىدىكىلەرمۇ شۇندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغانلار...» دېدى. «سىز ئىلگىرى ئاتېئىستمىدىڭىز؟» دېسەم، «ياق، بىز ھەر يەكشەنبە كۈنى چىركاۋغا بېرىپ ئىبادەت قىلىدىغان خرىستىئان ئىدۇق. لېكىن خرىستىئان دىنىدىكى بەزى ئىشلار ئىدىيەمدىن ئۆتمەيتتى. مەسىلەن: مەن 13 يېشىمغىچە ۋاپتىز (چۆمۈلدۈرۈش) قىلىنمىغان ئىدىم. پوپ ئانامغا نېمىشقا ۋاپتىز قىلىشتا بۇنچە كېچىكىپ كەتتىڭلار. 13 يېشىغىچە ۋاپتىز بولمىغان كىشى جەھەننەمگە كېتىدۇ...» دېگەندەك گەپلەرنى قىلغاندىلا، قەلبىمدە بۇ دىنغا مۇھەببەت قالمىغان. ئەمما تەڭرىدىن قورقۇپ ۋە ئاتا-ئانامدىن ئىزا ئاڭلىماي دەپلا 28 ياشقىچە ئۆزەمنى خرىستىئان ھېساپلاپ كەلگەن ئىدىم. كېيىن ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن قەلبىم شۇنچىلىك راھەتلىدىكى، ناماز قىلىش ماڭا ھۇزۇر ۋە لەززەت بېغىشلايدۇ. ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىشىم ناماز. ھىجاپلىنىشمۇ پەقەت ئېغىر كەلمىدى، ھىجاپ بىلەن ئۆزەمنى تېخىمۇ بىخەتەر، خاتىرجەم ھېس قىلىدىغان بولدۇم...» دېدى.
يەنە بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا دانىيەدە بىر ھەجۋى رەسىم سىزغۇچى شەخس پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ھاقارەت قىلىدىغان كاتون رەسىملەرنى سىزىپ چىقاندا، كۆڭلىمىز قاتتىق يېرىم بولدى. دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى. دانىيە بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلەر بولدى. تۈركىيەدىمۇ دانىيە ماللىرىنى بويقۇت قىلىش شامىلى كۆتۈرۈلگەن ئىدى. بۇنىڭغا  قاتتىق ھەيران قالغان دانىيەلىكلەر ۋە ياۋرۇپادىكى بەزى شەخسىلەر بۇ ئىشتىن كېيىن ئىسلامنى تەتقىق قىلىشقا باشلاپ، ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پەقەت دانىيەدىلا يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ سانى 5000 كىشىدىن ئارتۇق بولدى. (بۇنىڭغا ئېنگلىزچە تور بەتتە ئىشەنچىلىك پاكىت بار. تەلەپ قىلغۇچىلارغا كۆرسەتەلەيمەن).
گەرچە دىن دۈشمەنلىرى دىنىمىزنى قارىلاپ تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما ئاللاھ شۈبھىسىز ئۆزىنىڭ ھەق دىنىنى ھەمممىدىن ئۈستۈن قىلىدۇ.
«ئۇلار (دىن دۈشمەنلىرى) مىكىر ئىشلەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى. ئاللاھ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئۇستىسىدۇر(جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر).» (ئال-ئىمران، 54-ئايەت)
«ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنى ۋە نۇرلۇق شەرىئىتىنى) ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ. كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر (يەنى ئۆزىنىڭ دىنىنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر).» (سەپ، 8-ئايەت)

تاھىربەگ 2011-06-12 12:37
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم دىلارە ھەدە ، سىز كۆرگەننى بىر كۆرەلمەيمىز . بولسا ئاشۇنداق خەۋەرلەرنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىپ يوللىسىڭىز ، ئاللاھ ئەجىرڭىزنى بەرسۇن !!  

dilara 2011-06-12 12:47
خەنزۇچە نور ئىسلام مۇنبىرى 伊光论坛نىڭ تەرجىمە سەھىپىسى بىلەن فىلىم سەھىپىسى 伊光影音گە كىرىپ «يېڭىدىن ئىمان ئېيتقانلار ھېكايىسى» 皈依故事دېگەن سەھىپىگە قارايدىغان بولسىڭىز، نەچچە يۈز غەرپلىكنىڭ تىلى ئېنگلىزچە ئەمما خەنزۇچە تەرجىمىسى خەتلىك كىرىشتۈرۈلگەن نوتۇقلىرىنى ئاڭلىيالايسىز. ئامېرىكىلىق پوپلار، قىزلار، ئىتالىيەلىك پاپالار، ياشلار، ئاۋىستىرالىيەلىكلەر بولامدۇ قاندىغىنى ئىزدىسىڭىز تېپىلىدۇ. بۇ ھەقتە خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچە تور بەتلەردە بەك كۆپ ئۇچۇرلار بار.
مەن يالغۇز بىر كىشى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمە قىلىپ بولالمايمەن. ئەمما خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە تىلغا پىششىق دوستلار بولسا، ھەمكارلىشىپ، بۇنداق قىسقا فىلىملەرنى خەنچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلىسەك بولىدۇ. قىلىشنى خالايدىغانلار بولسا، خەنزۇچە تىكىست ھۆججىتى بار....تېخنىك ئىشلارنىمۇ ئۆگەندىم...

kuwruk 2011-06-12 12:50
[quote]بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى dilara نىڭ 2011-06-12 12:47 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  4-قەۋەت (
مەن يالغۇز بىر كىشى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمە قىلىپ بولالمايمەن. ئەمما خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە تىلغا پىششىق دوستلار بولسا، ھەمكارلىشىپ، بۇنداق قىسقا فىلىملەرنى خەنچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلىسەك بولىدۇ. قىلىشنى خالايدىغانلار بولسا، خەنزۇچە تىكىست ھۆججىتى بار....تېخنىك ئىشلارنىمۇ ئۆگەندىم...
---كەڭساي مۇنبىرىدە سىزدەك بىلىملىك قىرىنداشلىرمزنىڭ بۇلۇشى كەڭسايدىكى ھەممەيلەننىڭ پەخرى،،،

asanat 2011-06-12 13:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ياخشى ئىنكاسىلار بولدى ھەممىڭلارغا رەھمەت.
ئاللاھ ھېدايەت قىلغان بەندىسىنى ھىچكىمۇ تۇسالىماس.
دىلارە شۇنداق تىمىلانى يۇللاپ تۇرغايسىز .

نەزىرە 2011-06-12 14:08
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلسۇن، توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلسۇن ئامىن!!!بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئىرىشكەن كىشىدىنمۇ بەختلىكرەك كىشى بولمىسا كىرەك.

مەنزىرە 2011-06-12 14:26
باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ ، ئۆزۈمنىڭ ئىمانىمنىڭ يورۇق ھەم مۇستەھكەم بولىشىنى تىلەيمەن!(ئامىن!)

yoktiros 2011-06-12 15:29
بېخىل ئوغشايمە  

samanyoli 2011-06-12 18:16
[quote]بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى kuwruk نىڭ 2011-06-12 12:50 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل

مۇشۇ كۆۋرۈكنىڭ پاچىقىغا ئايروپىلان سوقىدىغان بىرسى چىقسا بولاتتى ،،شۇندىلا ئازراق ئۆزگىرەرمىدىكىنتاڭ،،،،،،،،،،،

faruq 2011-06-13 12:42
اللە ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ،اللە ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قلالمايدۇ.اللە بۈيۈكتۇر!

zulal12345 2011-06-13 13:24
ئاللاھ بەندىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب بەرسۇن ، ئىمان ئاتا قىلسۇن ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن . بىز ئىسلام دىنىنى ئاتا- بوۋىمىزدىن تارتىپ قۇبۇل قىلىپ تۇرۇقلۇق بۇ ئامىرىكىلىقتەك جان دىلى بىلەن بەجا كەلتۈرىدىغانلار ناھىيىتى ئاز ، خۇدايىم بارلىق بەندىلەرگە ئىمان ئاتا قىلغايسەن ؟؟ ئامىن .

سايلىق 2011-06-13 19:14
ئون بىرىنچى سىنتەبىرنى توغرا بولدى دىگەن ئادەم نورمال ئەمەس.  
ئىسلام بىگۇناھلارنى ئۆلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ، ئۇنداق قىلسا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.
بەزى تىما يوللىغۇچى تەستىقلىغۇچىلار دىققەت قىلايلى.
باشقىلارنى تۇيۇق يولغا باشلاش كىچىك ئىش ئەمەس، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ .

gunahkar 2011-06-14 18:24
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى سايلىق نىڭ 2011-06-13 19:14 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئون بىرىنچى سىنتەبىرنى توغرا بولدى دىگەن ئادەم نورمال ئەمەس.  
ئىسلام بىگۇناھلارنى ئۆلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ، ئۇنداق قىلسا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.
بەزى تىما يوللىغۇچى تەستىقلىغۇچىلار دىققەت قىلايلى.
باشقىلارنى تۇيۇق يولغا باشلاش كىچىك ئىش ئەمەس، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ .


ئىشنىڭ ھەقىقىتى ئاشكارە بولىدىغان بىر كۈن بار شۇ كۈنگىچە سەبىر قىلىڭ!

ohho~duqu 2011-06-14 23:00
بۇ تېمىنى ھەجەپ كېچىكىپ كۆرۈپ قاپتىمەن  

oguzhan 2011-06-14 23:20
بۇ پىلىمدىن شۇنى چۇشەندىمكى
زاكارىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئامىرىكىلىق تەتقىقاتچىلەرنى ئامىركىدا 11-سىنتەبىردىن كىيىن ئامىرىكىدا قانچىلىغان كىشى مۇسۇلمان بولغالىقىنى تەتقىق قىلىشىغا بىر سەۋەپ بولۇپتۇ  شۇ ئارقىلىق تەتقىقاتچىلەر ئىېىنىقلاپ چىقىپ ئامىركىدا 11-سىنتەبىردىن كىيىن 34-مىڭ كىشى مۇسۇلمان بولغانلىقىنى تەن ئىېلىپ يۇشۇرماي دۇنياغا ئۆزبەكچەئاڭلىتىشىدا تارقاتقان tv كۇرنىشىكەن  دوۋلەت تىلى ئىېنگىلىز تىلى بولغاندىكىن ئەلبەتتە    ئاۋال ئىېنگىلىزچىسى چىقىدۇ  كىيىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلنىدۇ
خەۋەرگە بىرنەچچە ئاي بولسىمۇ ماۋۇ بىر يىڭىلىق ھەممە كىشى كۆرەلمەيدۇ
ھەمىزە قېرىندىشىم سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

imtiyaz 2011-06-15 08:57
نەقىل ———
ۆزبەكچەئاڭلىتىشىدا تارقاتقان tv كۇرنىشىكەن  دوۋلەت تىلى ئىېنگىلىز تىلى بولغاندىكىن ئەلبەتتە    ئاۋال ئىېنگىلىزچىسى چىقىدۇ  كىيىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلنىدۇ
———————————————————————————————————————————————————
بۇ ئامرىكا ئاۋازى تىلىۋىزىيەسىنىڭ ئۆزبېكچە تارقىتىشى ئىكەن ، يەنى ئۆزبېك پروگرامما ئىشلىگۈچىلەر ئىشلىگەن سىز ئېيتقان !  سىز ئېيتقان ئىھتىماللىق تۈۋەن .

ansari 2011-06-15 12:54
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىز نىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلسۇن، ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلغاي امىين

oguzhan 2011-06-15 15:24
18-قەۋەت imtiyaz نىڭ ئىنكاسىغا
سىز پىلىمدىكى  دىكتور ئايالنڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئىكراندا چىقىۋاتقان ما  خەتنى ovozi پەرىق ئىتەل مىدىڭىزمۇ؟ يەنە ئىكراننىڭ ئاستىن تەرىپىدىكى بۇ جەكتىكى ماۋۇ بەلگۇنى v.v كۆرمىدىڭىزمۇ  خەتلەرنى ئوڭ   چىقارغىلى بولمىدى بۇ سۇننى قاناللار نىڭ ى چۇشىنەلمىسىڭىز چ چنى

dilara 2011-06-17 01:36
www.ConvertsReverts.com
يۇقارقى تور بەتتە يېڭىدىن ئىسلامغا كىرگەن غەرپلىكلەرنىڭ ھېكايىلىرى بار.
[attachment=11241]

dilara 2011-06-17 01:40
Converts To Islam -
Christians, Jews, Atheists, Americans, French, Latinos, German and more...

ئىسلامغا كىرىش
خرىستىئانلار، يەھۇدىيلار، ئاتېئىستلار (دىنسىز دەھرىيلەر)، ئامېرىكىلىقلار، فرانسۇزلار، لاتىن مىللىتىدىكىلەر، گېرمانلار ۋە نۇرغۇن نۇرغۇن كىشى ئىسلامغا كىرىۋاتىدۇ.

dilara 2011-06-17 01:47
[attachment=11242]
ئامېرىكا كالىفورنىيەلىك قىز ئانجىلامۇ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان.
فىلىمنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
http://www.tubeislam.com/video/170/CNN-California-Girl-Embraces-ISLAM


查看完整版本: [-- 11.سىنتەبىر ئىمان ئېيتىشىغا سەۋەب بولغان ئامىركىلىق --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.057855 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us