查看完整版本: [-- ھەسەلنىڭ يېڭىدىن بايقالغان 10خىل پايدىسى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شىپاخانا -> ھەسەلنىڭ يېڭىدىن بايقالغان 10خىل پايدىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kizilkowruk 2011-06-10 12:59
ھەسەلنىڭ يېڭىدىن بايقالغان 10 خىل ئۈنۈمى

ھەسەل تەملىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە كۆپ خىل ئۈنۈمگە ئىگە.

  1. ھەسەل ناھايتى مۇقىم ماددا بولۇپ، ياخشى ساقلىغاندا نەچچە يۈز يىلغىچە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئوزۇقلۇقىمۇ ئىسراپ بولمايدۇ.

  2. ھەسەل يۈرەك قان تومۇرى سىستېمىسىغا يىغىلىپ قالغان ياغنى ئازايتىدۇ.

  3. ھەسەل بىردىنبىر تەبئىي تاتلىق تېتىتقۇ ھېسابلىنىدۇ.

  4. ھەسەل ئايرىپ ئېلىنغان شېكەر ياكى ساخاروزىدەك ئاشقازاندا ئېچىمايدۇ، شۇڭا ھەسەل ئىستېمال قىلغاندا باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش خەۋپى بولمايدۇ.

  5. ھەسەل قەنتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاددىي مولېكۇلالىق شەكىل بولغاچقا، داۋاملىق پارچىلانمايدۇ. ئۇ كىچىك ئۈچەي ئارقىلىق بىۋاستە قانغا ئۆتىدۇ، شېكەر ساخاروزىغا ئوخشاش ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا مەسلە پەيدا قىلمايدۇ.

  6. ھەسەل ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى ياغنى خورىتىدىغان ئەڭ ياخشى يېقىلغۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىۋەتسە، ئېغىرلىقنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بار.

  7. ھەسەل كۆيۈكنى داۋالاشتىكى ئەڭ ياخشى ماددا . ھەسەل ئاغرىقنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، كۆيگەن جاينى تېز ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ھەم تارتۇق قالدۇرمايدۇ.

  8. ئالىملار ھەسەل تەركىبىدە كۆپ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپنى بايقىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى بىر خىل رېئاكتىپ ھەسەل تەركىبىدىلا بولغاچقا، ھەسەلنىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى ناھايتى ياخشى.

  9. ھەسەل ئىچكۈزۈش بالىلارنىڭ يۆتىلىنى داۋالاشتىكى بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

  10 . چېنىقىشنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە ئازراق ھەسەل ئىستېمال قىلىۋەتسە، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى ھەسەل ئىستېمال قىلمىغانلارنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە تېز بولىدۇ .

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

nida0998 2011-06-10 20:35
شۇ نىڭ ئۇچۇن ئاللانىڭ تەۋسىيسىدە بۇ.

almiliq 2011-06-10 20:38
رەھمەت سىزگە يېڭى بىر بىلىمنى بىلىۋالدۇق......

نەزىرە 2011-06-10 21:19
ياخشى تىما يوللاپسىز  رەھمەت سىزگە!!!

uighur-biz 2011-06-10 22:54
رەھمەت

ئىخۋان 2011-06-10 23:10
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىمۇ ئىنسانلارغا پايداقلىدىغان ئككى خىل مىيۋە تىلغا ئلىنىپتىكەن بۇنۇڭ بىرسى ئانار يەنە بىرسى ھەسەل

eltabir9 2011-06-11 00:16
ھەسەل مىۋە ئەمەستۇ

asanat 2011-06-11 12:17
پەيغەنبىرىرمزنىڭ ھەدسىدىمۇ ھەسەل 72 خىل كىسەلىگە داۋا دەپ .
ھازىر پۇق يەيدىغان بۇ خەق بۇلغاپلا ۋىتىپ بارىدۇ.

ئۆركەش 2011-06-11 13:45
توغرا ، ھەسەلنىڭ پاىدىلىق تەرەپلىرى بەك كۆپ جۇما ...

zarbidar 2011-06-11 22:48
ھەسەل بىر خىل موجىزە خاراكتىرلىق يىمەكلىك بولۇپ ،ساغلاملىق ،كىسەل داۋالاشتىكى رۇلى ناھايىتى چوڭ ئىدى ،بىراق ھازىرقى زامانىمىزدىكى پۇل تىپىشنى ،مەقسەت قىلغان قىزىل ككز تىجارەتچىلەر ھەسەلگە يالغان يىمەكلىك ،خۇرۇچلارنى ئارلاشتۇۇرۇپ ،ھەسەلنى خاتىرجەم ئىستىمال قىلغىلى بولمايدىغان نەرسىگەئايلاندۇرۇپ قويماقتا؟؟؟؟؟؟   

ohho~duqu 2011-06-13 12:30
مەنمۇ چېنىققاندا ھەسەل ئىچەيمىكىن دىگەنتىم بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئويلىغىنىمنىڭ توغرىلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم

dralim919 2011-06-14 23:34
بۇرۇنقى چاغلاردا تەبئېي ياخشى نەرسىلەرنىڭ قەدرىگە ئەجەپ يەتمەپتىكەنمەن.ھازىر شۇنى ھىس قىلدۇمكى:
دۇنيادىكى ھەرقانداق ياخشى ئىسىل نەرسىمۇ سېرىق توپىلىق، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا بۇلغىنىپ ، ساختىلىشىپ  ئادەم ئۆلتۈرىدىغان زەھەرگە ئۆزگىرەيدىكەن.
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا يىگەن ھەسەللەر يەنە بىر يەردە بارمىدۇ؟  


查看完整版本: [-- ھەسەلنىڭ يېڭىدىن بايقالغان 10خىل پايدىسى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.064877 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us