查看完整版本: [-- قېرىنداشلارغا ئىككى كەلىمە --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> قېرىنداشلارغا ئىككى كەلىمە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2011-06-01 22:33
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئۇيغۇر تورچىلىقى كۇندىن - كۈنگە تەرەققىي قىلىپ نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى. ھەم كەلتۇرۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام مەدەنىيتىنى خېلىلا قۇبۇل قىلغان مىللەت. شۇنداق بولغانىكەن ئىسلام دىنى بىزنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەردىن بىرسى.
مىنىڭ ھازىر ئوتتۇرغا قويماقچى بولغۇنۇم تۈۋەندىكىچە:
مەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش بەتلىرىنىڭ بەزىسىدە ‹ئىسلام بىكەتلىرى› تۇرىنىڭ قۇشۇلغانلىقىنى كۆردۇم ۋە ناھايتى ھاياجانلاندىم.(بۇلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) يەنە بەزىلىرىدە بۇنداق تۇرنىڭ يوقلىقىنى كۈرۈپ ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم. بۇنداق بەت ئىگىلىرى ئىسلام بىكەت ئىگىلىرى ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلسا تەستىقلىمايدىكەن. بۇلار نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ ‹ئىسلام بىكەتلىرى›نى ئۇلىنىشقا قۇشۇش دۆلىتىمىز قانۇنىغا خىلاپ ئەمەسقۇ؟ ياكى بۇلارنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن ئاداۋىتى بارمۇ؟ بىر ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرشىمىزدا ئىسلام دىننىڭ رولى ئۇنتايىن زور. پۇتۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئۆز مىللىتىمىزنى سۆيمەيدىغان كىشىلەردىن بىرسىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنداق بولغانىكەن ئىسلام دىنىنىمۇ ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
ئىسلام دىنىغا دۆلىتىمىزمۇ  ئەھمىيەت بەرگەن. شۇنداق بولغان يەردە سىز نىمىشقا ئىسلامىي بىكەتلەرنىڭ ئۇلىنىش قىلىش ئىلتىماسىنى رەت قىلىسىز؟
سىز چوڭ توربەت قۇرغان بۇلۇڭ ياكى كىچىك تور بەت قۇرغان بۇلۇڭ مەيلى بلوگ قۇرغان بۇلۇڭ سىز ئىسلام دىنىغا ئاداۋەت تۇتمايدىغان كىشى بولسىڭىز تور بېتىڭىزنىڭ ‹دوستانە ئۇلىنىش›غا ھېچ بولمىغاندا بىرەر ئىسلامىي تور بەتنى قۇشۇپ قۇيۇڭ.خاتىرجەم بۇلۇڭ. ‹ئىسلامىي تور بەت› قۇشۇش دۆلىتىمىز قانۇنىغا خلاپ ئەمەس.
ئۆتكەندە بىر قېرىندشىمىز چ چ غا خەت يېزىپ مىنىڭ ئىسلامىي تور بەت ئادرىسى بولسا ئەۋەتىب بىرشىمنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دىيشىچە ئۇ ئۆزى كىرگەن ئۇلىنىش ۋە باشقا توربەتلەرگە ئىسلامىي تور بەت ئۇلىنىش قىلىنمىغانلىقىنى دەپ خەت يېزىپتۇ. بۇ نىمە دىگەن مەسئۇلىيەتسىزلىك ھە؟؟؟؟؟؟؟؟
سىز ئىسلام دىنىغا ھەرقانچە ئۆچ بولسىڭىزمۇ يەنە بەزى يەرلەردە ئىسلام دىنى تەرەپكە مۇراجىئەت قىلىشىڭىز تبئىي.
مەسلەن: توي قىلسىڭىز نىكاھ قىلدۇرغىلى بىر مەسچىتنىڭ ئىمامىنىڭ ئالدىغا بارىسىز. بالىڭىزغا ئىسىم قويماقچى بولسىڭىزمۇ، ئۇلۇم-يىتىم ئىشلىرى.....ھەممىسىدە ئىسلام دىنىي تەرەپكە مۇراجىئەت قىلماسلىققا ‹ئۆرپ-قائىدە›مىز يول قويمايدۇ.
سىز ئۇزىڭىزنى ‹مۇسۇلمان› دەپ قارىسىڭىز بۇ ئىشقىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلارسىز.
ئەگەر تەكلىۋىمنى مەقبۇل كۆرمىسىڭىز قالايمىقان ئىنكاس يازماي غىپپىدە چىقىپ كەتسىڭىز سىزدىن قىلچە ئاغىرنمايمىز.
مەن ئۇزۇمنىڭ بلوگىغا مەن بىلىدىغان ئىسلامىي بىكەتلەرنى ئۇلىنىش قىلۋالغان.سىز كىرىپ خالىغان بىر ئىسلامىي توربەتنى ئۇلىنىش قىلۋالغايسىز.
بارلىق ئىسلامىي تور بەت ئىگىلىرى بۇ تىمامنى كۆرگەن ھامان بىر-برىمىزنى ئۇلىنىش قىلشىۋالايلى. قايسى بىرىمىزنىڭ تور بېتىگە كىرسە پۇتۇن ئىسلامي تور بەت جامگاھىنى كۆرسۇن.
ھۆرمەت بىلەن مەدرىس بلوگىدىن ھەمزە.
بلوگ ئادرىسى: http://madris.net/


arzuyum 2011-06-01 22:53
ئەسسالامۇ  -   ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم مەسلە ئىدى، ئاللاھ سىزگە، ۋە بۇ تېمىغا ئاۋاز قوشقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئەجىر ئاتا قىلغاي !
ھەراست،  ياخشىلار مۇنبىرى  ، ياخشىلار بىئوگىغا  ئۆزگەرتىلدىمۇ  ؟

پاراكەندە 2011-06-02 03:09
ياخشى تىما ئىكەن .تەربىيە ئەھمىيتى مول ياخشى كەلىمىلەركەن . ئەجرىڭىزغا تەشەككۇر....

yangen 2011-06-02 14:22
ئۆز-ئۆزىدىن قورقۇش،ھوقۇقىنى جايىدا ئىشلەتمەسلىك ئاخىردا بىزلەر ئويلاپ باقمىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ!!!


查看完整版本: [-- قېرىنداشلارغا ئىككى كەلىمە --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.042538 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us