查看完整版本: [-- ئانا شەپقىتى (ھېكايە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كەڭ ساي مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى -> ئانا شەپقىتى (ھېكايە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

muzepper 2011-05-30 17:59
  
                                                كەڭساي مۇنبىرى
                                 مۇكاپاتلىق تەرجىمە ئەسەر پائالىيىتى ئۈچۈن 
         
                                                  ئانا شەپقىتى 
                                                    (ھېكايە)
    
     تۇغۇتتىن كېيىن كۆزىنى يېڭىلا ئاچقان ئانا- "بالامنى كۆرسەم بۇلامدۇ؟" دەپ سورىدى. 
    دوختۇر ئانىنىڭ قۇچىقىغا يۇمشاققىنا بىر بوخچا بەردى. دەرمانسىز بولسىمۇ خوشاللىقى كۆزىدىن بىلىنىپ تۇرغان ئانا ھاياجان ئىلكىدە بالىسىنىڭ يۈزىنى كۆرمەك ئۈچۈن يۆگەكنىڭ بۇرجىكىنى ئاچتى ۋە چۇچۇپ كەتكەنلىكىدىن گويا تىلى تۇتۇلۇپ قالدى. ئانا- بالىغا قاراپ تۇرغان دوختۇر تىزلىكتە كەينىگە ئۆرۈلۈپ پەنجىرىدىن سىرتقا قاراشقا باشلىدى. بالىنىڭ قۇلاقلىرى يوق ئىدى... 
    تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بالىنىڭ قۇلىقى يوق بولسىمۇ ئاڭلاش سىزىمىنىڭ تامامەن نورمال ئىكەنلىكى،  كۈرۈنۈشىنى بۇزغان پەقەتلا قۇلىقىنىڭ يوق ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. 
    ئارىدىن يىللار ئۆتتى. بالا چوڭ بولۇپ مەكتەپكە بېرېشقا باشلىدى. بىر كۈنى بالا مەكتەپتىن يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە ئۆزىنى ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئاتتى ۋە يىغلاپ تۇرۇپ ئانىسىغا " مەندىن چوڭ بىر بالا مېنى "سەن بەكمۇ سەت، كۈرۈمسىز بىرنىمە ئىكەنسەن دېدى" دېدى. بۇ ئەھۋال بالىنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق كەمسىتىلىشى ئىدى.   
    شۇنداق قىلىپ بالا ئۇ نۇقسانى بىلەن چوڭ بولدى. دوسلىرى ياخشى كۆرەتتى، تىرىشىپ ياخشى ئوقۇدى، بارلىق دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئۆگەندى. ئەسلىدە بالا ساۋاقداشلىرى بىلەن ئارلىشىپ ئۆتۈشنى خالىغان بولسا ئىدى سىنىپ باشلىغىمۇ بۇلالايتتى. 
    ئانىسى ئۇنىڭغا داۋاملىق- ئۈزەڭ بىلەن تەڭتۈش بالىلار بىلەن ئارلىشىپ ئۆتۈشۈڭ كېرەك دەيتتى. ئەمما بۇ سۆزلەرنى سۆزلىگەن ۋاقىتتا ئانا يۈرىكىدە چۇڭقۇر بىر ئۆكۈنۈش ۋە شەپقەت تۇيغۇسى ھېس قىلاتتى.   
    بالىنىڭ دادىسى ئائىلە دوختۇرى بىلەن كۈرۈشتى ۋە "باشقا چارىسىنىڭ بار- يوقلىغىنى سورىدى. دوختۇر- 
    "ئەگەر بىر جۇپ قۇلاق تېپىلسا ئورگان كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلغىلى بولىدۇ" دېدى. 
    شۇنداق قىلىپ بالىنىڭ ئاتا- ئانىسى بالىسى ئۈچۈن قۇلاقلىرىنى پىدا قىلالايدىغان بىر كىشى ئىزدەشكە باشلىدى. ئارىدىن 2 يىل ۋاقىت ئۆتتى. بىر كۈنى دادا بالىسىنى چاقىرىپ- "بالام سەن ھازىر دوختۇرخانىغا بارىسەن ئاپاڭ بىلەن ئىككىمىز ساڭا قۇلاقلىرىنى بىرىدىغان بىر كىشى تاپتۇق ئەمما ئېسىڭدە بولسۇن، بۇ بىر سىر" دېدى. 
    ئوپىراتسىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى. گويا يېڭىدىن بىر ئىنسان بارلىققا كەلدى. يېڭى قىياپىتىدىن كېيىن بالىنىڭ مىجەزىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. مەكتەپ ھاياتى ۋە كىشىلىك ھاياتىدا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۆيلەندى، كېيىنچە بىر  سىياسەتچى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. يىللار ئۆتتى، بىر كۈنى دادىسىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە دادىسىدىن- "دادا ماڭا بۇ قەدەر ياردەم قىلغان كىشى كىمۇ؟ مەن ئۇ كىشىنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمىدىم" دېدى. دادىسى- "ئۇ كىشى ئۈچۈن سىنىڭ قۇلۇڭدىن بىر ئىش قىلىش كەلمەيدۇ" دېدى - "ئۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى ھازىر بىلسەڭ بولمايدۇ، تېخى ۋاقتى ئەمەس".
    بۇ سىر ئۇزۇن يىللارغىچە ئاشكارىلانمىدى. ئەمما بىر كۈنى ئاشكارىلىنىش زامانى كەلگەن ئىدى... ھاياتىنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بالا دادىسى بىلەن بىرگە ئانىسىنىڭ جىنازىسى يېنىغا كەلدى. دادىسى مىھرى بىلەن قۇلىنى ئانىسىنىڭ بېشىغا ئۇزاتتى، قىزىل، قەھۋە رەڭگى ساچلىرىنى قۇلى بىلەن ئارقىسىغا تارىدى. ئانىنىڭ قۇلاقلىرى يوق ئىدى. دادا بالىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ تۇرۇپ- 
    "ئاناڭ ھىچبىر زامان ساچلىرىنى ياساشقا مەجبۇر بولمىدى ساڭا ياردەم قىلالىغانلىقىدىن بەكمۇ خوشال ئىدى" دېدى،    
    - "ۋە ھىچكىممۇ ئانىنىڭ چىرايلىق ئەمەسلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىدى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟..."
    ھەقىقى گۈزەللىك سىرىتقى گۈزەللىك ئەمەس، يۈرەكتىكى گۈزەللىكتۇر.   

نەزىرە 2011-05-30 22:51
ۋوي بۇ قانداق خەت بولدى ئەمدى

samanyoli 2011-05-30 23:16
ئاخىرقى بىر جۈملىنى قانداق يوللىغانتىڭىز،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،


查看完整版本: [-- ئانا شەپقىتى (ھېكايە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.045730 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us