| albax | 
2011-05-26 17:36 | 
 
جوڭگو شىنخۇا تورى (سەن ۋېنلۇ )خەۋىرى :  25-ماي موخبىرنىڭ خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق ھۈكۈمىتىدىن ئىگەللىشىچە شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن خېجىڭ ناھىيىسى چىگرىسى ئىچىدە بىر قېتىملىق پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بىرىپ 5 ئادەم ئۈلۈپ بىر ئادەم يارىلانغان .   تۇنۇشتۇرىلىشىچە ، 25-مارت چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 16:30 دا ،دۆلەت يۇلى 218 - لىنىيىسى 584- كىلومىتىرلىق بۇلىكىدە ( خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن بالغۇنتاي بازىرى ئارىلىقىدا ) بىر دانە كىچىك يۇلۇچىلار ماشىنىسى بىلەن بىردانە سىمونت لاي تۇشۇش ماشىنىسى ئۆزئارا سۇقۇشۇپ ، شوپور بىلەن 5 ئادەمنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ، قاتناش ساقچى ئەترىتى ، تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى خادىملىرى ۋاقتىدا ۋەقەيۈز بەرگەن ئورۇنغا يىتىپ بېرىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ، يولنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىگەن .    بايىنغۇلىن ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق پارتكوم ، خەلق ھۈكۈمىتى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ ، ئالاقىدار تارماقلاردىن  ۋەقە سەۋەبىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى .    مەنبە :  چچ تورى | 
 
 
 |