查看完整版本: [-- ئەرلەدىكى تويدىن كىيىنكى ئۆزگىرىش --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خانىم - قىزلار -> ئەرلەدىكى تويدىن كىيىنكى ئۆزگىرىش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كۇرۇنمەس 2011-05-22 18:41
ئەرلەر بويتاق چاغلىرىدا ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشنى ئادەت قىلىدۇ. ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ، بۇ ئەرلەرنىڭ ھورۇنلىشىپ قالغانلىقى ئەمەس، بەلكى ھەممە ئىشتا ئايالىغا يۆلىنىۋىلىشنى بىر خىل بەخىت دەپ ھېس قىلغانلىقىدۇر.
ئەرلەر بويتاق چاغلىرىدا ئاغرىپ قالسىمۇ دوختۇرخانىغا بېرىشقا رايى بارمايدۇ. ئۆيلەنگەندىن كېيىن كىچىككىنە ئارامسىزلانسىمۇ ئايالىغا ئېيتىدۇ، بۇ ئەرلەرنىڭ نازۇكلىشىپ كەتكەنلىكى ئەمەس، بەلكى بۇ ئۇسۇل بىلەن ئايالىنىڭ ھېسداشلىقى، ئەندىشىسىنى كۆرۈشنى تولىمۇ ياقتۇرىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن بۇمۇ بىر بەخىت.
ئەرلەر بويتاق چاغلىرىدا غىزادا باشقىلارنىڭ ھەمراھ بولىشىنى خالاپ كەتمەيدۇ. ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئايالىنىڭ تاماق يېمىسىمۇ يېنىدا بالىلاردەك تاماق يېيىشىگە قاراپ ئولتۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن بۇمۇ بىر بەخىت.
ئەرلەر بويتاق چاغلىرىدا يالغۇزلۇققا كۆنۈپ قالىدۇ. ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئايالى ئىشىك تۆۋىدە خۇشاللىق بىلەن كۈتىۋالمىسا، ئازاپلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئەرلەر بويتاق چاغلىرىدا «ئەرلەر ئاسان ياش تۆكمەيدۇ» دەپ لاپ ئۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ. ئۆيلەنگەندىن كېيىن بۇنىڭ بىر خىل ئۆزىنى كۈچلۈك، قەيسەر كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، ۋۇجۇدىدا ئاياللار تولۇقلايدىغان بوشلۇقلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ، چۈنكى ئەرلەر بۇنداق چاغلاردا ئايالىنىڭ كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.
ئەرلەر بويتاق چاغلىرىدا «بىرنىلا سۆيۈش ئەرلەردىكى ئاجىزلىق» دەپ لاپ ئۇرىدۇ. ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ.
ئەرلەر بويتاق چاغلىرىدا ئاياللار نېمىلا ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئەرلەرنىڭ سىزىقىدىن چىقماسلىقى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئاياللارنىڭمۇ تۇرمۇش چەمبىرىكى بارلىقىنى چۈشىنىدۇ. ھەتتا ئۆز تۇرمۇش شەكلى بىلەن ئايالىغا ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.



nida0998 2011-05-23 00:56
بۇ تەتۇر بوپقالدىمۇ  قانداق ؟ مىنىڭ تەجىربەمگە قارىغاندا ئەرلەر ئۇنداق ئەمەس ،ئاياللار پۇتۇنلەي شۇنداقدىيىشكە بولىدۇ.

كۇرۇنمەس 2011-05-23 19:20
ئۇنداق ئەمەستۇ

yoktiros 2011-05-23 20:50
ئايال كىشى تويدىنكىيىن ۋات ۋات بوپ قالدۇ دەيمە

abduwali123 2011-05-23 20:50
بۇ تەتۇر بوپقالدىمۇ  قانداق ؟ مىنىڭ تەجىربەمگە قارىغاندا ئەرلەر ئۇنداق ئەمەس ،ئاياللار پۇتۇنلەي شۇنداقدىيىشكە بولىدۇ.






مەنچىىمۇ  تەتۈربوپقاپتۇ  شۇ.

taranqi217 2011-05-24 15:09
               دىمەك سىز تويدىن كىيىن شۇنداق بولۇپ قالدىڭىز.........
                                       باشقىلارنىڭ ھەممىسى سىزدەك بولىشى ناتايىن...................
                                                      ئاللا ساقلىسۇن ...... سىزدىگەندەك بوپ قىلىشتىن...................


查看完整版本: [-- ئەرلەدىكى تويدىن كىيىنكى ئۆزگىرىش --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.047909 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us