查看完整版本: [-- ئۇستاز شائىر بوغدا ئابدۇللا شېئىرلىرىدىن --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> موزىكا -> ئۇستاز شائىر بوغدا ئابدۇللا شېئىرلىرىدىن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

matursun 2011-05-14 00:19
ئۇستاز شائىر بوغدا ئابدۇللا شېئىرلىرىدىن



كىروران مەلىكىسى



ئويغىنىدۇ زېمىننىڭ سىرى.

ئۇزاق سۈكۈت-تەنھا بىر چېكى.

دىدار مۇلاقات

مەلىكىنىڭ توسقۇنسىز ئەركى،

ياغاچ تاۋۇت، كالا تېرىسى

ياتقان پېتى زەررە قۇم كۆرمەي،

باش كىيىمى پەيلەر سانجىقلىق،

ئەسىر-ئەسىر قىياس بىلىنمەي.

ئەۋۋىلىدە تىرىك پەرىزات

ئاخىر يا بىر چەۋەندازدۇر.

كۇللى مەدھىي پۈتۈلگەن نەگە،

ھىچ بىلمىدىم كىم قۇرئەندازدۇر.



2005-يىل ئاپرىل



ئەسكىشەھەر

-خارابىلىكتە



كىم دەيدۇ شەيتان شەھىرى، دەپ

بۇ قۇمۇلنىڭ ئېھرامى.

ھۆركىرىگەن سەلتەنەتنىڭ

بۈگۈنگە قالدۇرغان بىر چاڭگال قۇمى

          ۋە يا بىر جامى.

ھۇشقۇيىتقىنى شامال ئەمەستۇر

يىراق قەدىمنىڭ نەرىسى.

ئاڭلا، قۇلاق ياق تۇپراققا،

نەپەسلىنىپ تۇرىدۇ ئىگىسى.



2005-يىل نويابىر، قۇمۇل، ئۈرۈمچى



ئايگۈل، يىغلىما!

-قىزىل يېزىسىدا



يىغلىما، يىغلىما،

دەردلىرىڭنى بىلىدۇ ساما،

ئاتاڭنى قويۇپتۇ كەتمەنلەپ،

جىگەر پارەڭ ئاناڭدۇر ئەما.

بىر كۈلگۈدەك پۇرسىتىڭمۇ يوق،

ساڭا پەقەت تىلەيمەن چىدام،

بۇ تۆشۈك بەختىڭنى بىر ئۆزۈڭ ياما!



2002-يىل، ئاقسۇ



غېرىب جاڭگال

-يەر ئاستى يولىنىڭ پەلەمپىيىدە



بىر سۈزۈك چىراي،

بېشىغا قارىسام بىر كونا تەلپەك،

خىزىر ئەلەيھىسسالام راۋابقۇ چالماس،

كىم بىلىدۇ چالمايمۇ قالماس،

مۇڭلىرى باشلايدۇ غېرىب جاڭگالغا،

ئۆتكۈنچىلەر تىڭشار، تىڭشىماس.



قۇشلارنىڭمۇ دەردلىرى باردۇر....



بىر تۈپ دەرەخ



قۇشقاچلارنى ۋەتەنسىز دىمەڭ

بىر تۈپ دەرەخ ئۇلۇغ ماكانى.

گۈر قىلغاندا، پۇر قىلغاندا ھەم

ھەر ياپراقتا ئارزو-ئارمانى.

قىيالارنىڭ شارقىراتمىسى

سادا بىرلەن بەرگەندەك گۇۋاھ.

گەرچە ئۇلار تىلسىز يارالغان

بىزچۇ، لىكىن

چىدام كىتىپ قىلىمىز ئاھ-ۋاھ.



2005-يىل، قۇمۇل



مەرمەر ئۇستىسىغا



ئەسلىي سوغۇق مەرمەر دىگەن تاش،

گۈھەر قولۇڭدا كىرەر ئاڭا جان.

ياسارسەنمۇ بىۋاپا دۇنيا-

ھەسرىتىنى يۇتسۇن دەپ كۈلدان.



1988-يىل، بەلۇجىستان-كويتا



شائىرنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «قەدىمىي يارغولدا كەچكۈز»ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى


مەنبە  شىنىجاڭ ياز غۇچىلار تورى

zero903 2011-05-14 21:41
ھەقىقەتەتەن ياخشى ئىكەن.......

natsist 2011-05-15 00:09
بەلۇجىستان دىگەن ئافغانىستاندا ئەمەسمۇ


查看完整版本: [-- ئۇستاز شائىر بوغدا ئابدۇللا شېئىرلىرىدىن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.144689 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us