查看完整版本: [-- بىر ياپۇنىيەلىكنىڭ جۇڭگولۇقلارغا يازغان خېتى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> بىر ياپۇنىيەلىكنىڭ جۇڭگولۇقلارغا يازغان خېتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

samanyoli 2011-05-09 21:14
مەن بىر ياپونىيىلىك ئەمما جۇڭگودا بەش ئالتە يىل تۇردۇم شۇڭا جۇڭگولىقلار ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز قىلىشقا سالاھىيتىم بار دەپ ئويلايمەن .
ياپونىيە بىلەن جۇڭگو بىر بىردىن يىراق ئەمەس لىكىن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ پىسخىيكسدىكى پەرىق بە چوڭ .دەسلەپ جۇڭگوغا كەلگەندە بۇ يەرنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى يامان ئەمەس ئىدى ،بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن ئەيىپ نوخسانلارنى كۆرۈشكە باشلىدىم يەنى جۇڭگولۇقلار قورقۇنچاق ،مالاي مىجەز ، خارەكتىرى ئاجىز ،كۆڭللىرى قۇرۇق ۋە مەنىسىز ،نەيرەڭۋاز بولۇپ باشقىلارنى ئەخمەق قىلىشقا تەييار تۇردىكەن .مىنى ھەمىدىن ھەيران قالدۇردىغىنى جۇڭگولىقلار ئۆز خەلقىغە شەپقەتسىز بولغان بىلەن چەت ئەلىكلەرنى ئىزەتلەپ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىيلە قىلىدىكەن . گەرچە دۆلەت مۇنقەرىز بولۇشقا ئوخشاش پەۋقۇلادە قىيىن ئەھۋالدا جۇڭگولىقلار ئۆز ئىچىدىن بىرلىشەلىسىمۇ ئەمما بۇ بىرلىشىش ھالىتىدىمۇ ئۇلار تىغ ئۇچىنى ئىچىدىكى ئىختىلاپقا بەكىرەك قارتىدىكەن .ئىككىنچى دۇنيا ئۇرشىدىن كىيىن بىز ياپونلارنى كەچۇرگەن ،تۆلەم بىرىشنى كۆتۇرۋەتكەن ۋە (ئۇ زاماندا جۇڭگودا تاشلىنىپ قالغان )ياپونىيلىك يىتىم بالىلارنى باققان جۇڭگولىقلارنىڭ مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدا بىر بىرىگە قىلغان يامانلىق ،رەھىمسىزلىگىنى چۇشىنىشمىز بەك تەس .
مەنچە دۇنيادا ئۆز خەلقىغە سىلەردەك شەپقەتسىز باشقىلارنىڭ قىلغانلىرىغا سىلەردەك سەۋىر تاقەت قىلىدىغان ئىككىنچى بىر مىللەت يوق . سەمىيمى گەپنى قىلغاندا بىز ياپونلاردا سىلەرگە رەھمەت تەشككۇر تۇيغۇسى يوق پەقەت كالىمىز سىلەر ھەققىدە چۇشەنمەسلىك ۋە گۇمان سۇئاللار بىلەن تولغان .يەھۇدىلار گىرمانلارنى كەچۇرمىدى ئەمما ھازىرقى گىرمانىيە ئىسرائىلىيەنى ئوبدانلا ھۆرمەت قىلىدۇ .قىزىقارلىق يىرى سىلەر بىزنى كەچۇردىڭلار بىز ياپونلار سىلەرنى پەقەت كۆزگە ئىلمايمىز ھەتتا پەس كۆرىمىز .بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئۆزەڭلەر ،يەنى سىلەردە ئىنسانلىق جاسارىتى ،ئادىمىيلىك خۇرىشى يوق ئادەمدە بۇ نەرسىلەر بولمىسا باشقىلارغا ھەۋەس تۇيغىسى كۆتۇرىلىدۇ ئاقىۋەتتە يۇرىكىڭلارنىڭ ئىچىدىن ئۆز ئۆزىڭلەرنى كەمسىتىلەر، چۆكۇرسىلەر .
ئۆزەڭلەرنىڭ مەدىنىيەتلىك قەدىمى دۆلەت دەيسىلەر ئەمما سىلەردىن كەلگەن ئۇ مەدنىيەتنى سىلەر ياكى سىلەرنىڭ موزىيىڭلار ئەمەس بەلكى ياپونىيە،كورىيە ،سىنگوپور ھايات تۇتۇپ تۇرۋاتىدۇ. سىلەر تۆت كىتاپ بەش كالامنى كونا دەپ ئەخلاتخانىغا تاشلاپ يىپ يىڭى جەمىيەت بەرپا قىلماقچى بولدىڭلار ئەمما بىزدىن بەك ئىنىق بىلىسىلەر بۇ شۇئارلارنىڭ نەتىيجسىدە كۆرگىنىڭلار ئىغىر چىرىكلىك(ئادەم ئالدايدىغان چىرىكلىك ھەممە يەردە بار سۆزىڭلەرنى نىرى ئاپىرىڭلار ) ،پۇل مالغا زىيادە بىرىلىش،جەمىيەتتە ئادالەت تويغىسىنىڭ ئۆلىشى بىلەن ھەمما يەرنى قاپلىغان ساختىپەزلىك بولدى .مەنچە بۇ مۇھىتتا ياشاۋاتقان جۇڭگولىقلارنىڭ ساپاسى 1895-يىلدىكىدىن قىلىشمايدۇ …ئومومەن سىلەر چوقىنىدىغان ماركىس بۇ ئەھۋالنى كۆرسە ئىدى ئاچچىق يۇتتۇپ ئۆلۈپ قالاتتى .
جۇڭگو ھەقىيقەتەن چوڭ دۆلەت ئەمما بۇ ھىچ يەرگە ئوخشىمايدىغان غەلىيتە جاي .سىلەر بىزنى سىياسى پاكارلار دەيسىلەر .سىلەرچۇ؟ ھەر زامان غەرىپ دۇنياسى ئالدىدا پاسسىپ قوغدىنىش ھالىتىنى ساقلايسىلەر ،خاتالىقىڭلارنى ئوچۇق ئىتىراپ قىلالمايىسلەر .ئىقتىسادىمىز تىز تەرەققى قىلدى دەپ ماختىنىپ كىتىسىلەر بۇنىڭ بەدىلى قانداق بولدى ؟ ئۆزنىڭ بايلىقىنى دەپسەندە قىلىش ،ئۆزىنىڭ ياشاۋاتقان مۇھىيىتىنى ۋەيران قىلىش … سەنشى تارىختىن ئىقتىسادى مۇھىم ئۆلكە ئىدى ھازىر ئۇنى قانداق ھالغا چۇشۇرۇپ قويدىڭلار ؟ ئۆزەڭلەرچە شاڭخەيدىن پەخىرلىنىپ كىتىسىلەر بولسا سەنشى ئۆلكىسىگە كىلىپ ئايلىنىپ كىتىڭلار شۇ چاغدىلا تارىخ بىلەن رىياللىق ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنى بىلەلەيسىلەر (ھازىر جۇڭگونىڭ GDPئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى ) .ئىسىت بىز ياپونلارغا شەنشى ئۆلكىسدەك (تارىخ مەنىگە ئىگە ) بىز زىمىن بىرىلسە ئىدى،ئۇنى ئىزەت ۋە ئىكرام بىلەن تۆرىگە ئىلىپ سىلەرنىڭ شاڭخەي ۋە بىيجىڭدىن نوچى قىلىۋىتەتتۇق .ئەقىلسىزلىق تە بۇ !؟ شاڭخەي ۋە بىيجىڭ جۇڭگو زىمىنىنىڭ قانچىلىك قىسمىغا توغرا كىلىدۇ ؟ئۇ ئىككى شەھەردە يەنە قانچىلىك ئادەم بار ؟ سىلەردە دىخانلارنىغا سىڭايان قارايدىغان ئىش بار ،900مىليون دىخاننىڭ ئىشى ئاقمىسا جۇڭگو زور مالىمانغا دۇچار بولىدۇ.بىيجىڭدا بىر بىچارە خوتۇن بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ھۆكىمەت ئۇ خوتۇن تۇرغان يەردىكى خەقلەرنى شىنجاڭغا كۆچۇرۇپتۇ شىنجاڭدا تۇرۇشنى خالىماي يىنىپ كەلگەن دىھقانلارنىڭ نوپسىى بىجىرىلمەي يىنىپ كەلگەن يۇرتاشلار ھازىرغىچە نوپوسىسىز سەرسان ئىكەن .
سىلەر ھە دىسىە جۇڭگو باي بولۇپ كەتتى دەپ تەشۋىق قىلىسىلەر ئەمما دىھقانلار قانچىلىك باي ؟نىمىشقا ئىشسىزلىق نىسپىتى داۋاملىق ئاشىدۇ؟ بۇ دۆلەتتىكى باي كەمبىغەنلەرنىڭ نىسپىتى قانداق ؟سىلەر ساختا شۆھرەتكە تولغان،ھەشەم ۋە ئىسراپخورلۇق ھەر يەرگە ھاكىم بولغان ئىگىز پەس ۋە تەڭشەلمىگەن قالايمىقان جەمىيتىڭلار ھەققىدە ئويلانماي خىجىل بولماستىن ياپونىيە تۇگەشتى ،جۇڭگو ئامىرىكىن ئىشىپ چۇشىدىغان بولدى دەپ يۈرىيسىلەر. ھىم ئاران 20 يلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئىچىۋىتىش سىياسىتى يۈرگىزدىڭلار…جىنىڭلارنى تىكىپ ئون يىل ئىشلىسەڭلەرمۇ ياپونىيە ئىقتساد جەملىمىسىنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ كىلەلمەيسىلەر .تىخى ئامىرىكىدىن ئىشىپ كىتەرمىش ،دۇنيا سىلەرگە پايدىسىز،ھالبۇكى ياپونىيە تۇزىلمىسىدكى ئەۋزەللىككى ،خەلقىنىڭ ئىستىداتى،غەرىپنىڭ ھە ھۇ دىيىشى بىلەن ئاخىرقى ھىساپتا ئورنىدىن تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرلەپ كىتىۋىرىدۇ .لىكىن جۇڭگوچۇ ؟ غەيرى ۋە چوشىنىكسىز ئاڭ فورماتسىسى بىلەن ئامىرىكا ۋە باشقا چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بىر يەرگە كىلەلمەي قىقىلىپ سوقۇلۇپ يۇرگىنى يۇرگەن . جەمىيەت بىرلا قالايمىقان بولىدىغان بولسا ،ئىقتىساد گۈمۈرلەپ چۇشىدۇ .ئۇ چاغدا ئەتىراپتىكى دۆلەتلەر يۇگىرىپ كىلىپ ياردەم قىلارمۇ؟ ياق چۇنكى سىلەر باشقىلاردا ئايرىم غەيرى تەسىرات بىرىسىلەر .شۇڭلاشقا ياپونىيە مەغلۇبىيەتكە يولۇقسا ئۆزىنى ئوڭشاپ كىتەلەيدۇ .ناۋادا جۇڭگو پالاكەتكە ئوچۇرسا بەش ئالتە پارچە بولۇپ كىتىدۇ .ئەتىراپتىكى دۆلەتلەرمۇ بۇ نەتىيجىدىن بىئارام بولمايدۇ .روسىيە سىلەرگە ياخشى بولسۈن دىمەيدۇ ،ھىندىستان سىلەرگە ئۆچ ،بىز سىلەرگە ئۆچ ، شەرقى جەنوبى ئاسىيا سىلەرگە ئۆچ .كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى سىلەرنىڭ موھىيتىڭلەر ناچار .مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ سىلەردە تا ھازىرغىچە كىرزىس تۇيغۇسى يوق ھەممە ئىش جايىدا ھىس قىلىپ بىخارامان يۇرۋاتىسىلەر .بۇنى بىز ھاماقەتلىك دەيمىز .
بىز كورىيىلىكلەرنى ھۆرمەت قىلىمىز . ئۇلار يىگىت مىجەز ،گاڭگۇڭ كىشىلەر .ئۇلار بىلەن سۇركىلىىشپ قالساق پۇتۇن خەلقى قوزغىلىپ بىزنى تىلاپ ۋەتۋەرىكىمىزنى چىقىرۋىتىدۇ . جۇڭگو بىلەن زىدىيەت كۆرۈسلە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىڭلارنىڭ باياناتچىسى بىر نەچچە ئىغىز كاپىلداپلا قويىدۇ .مانا بۇ پەرىقتۇر .كورىيەلىكلەر بىزگە ئۆچ لىكىن بىز بۇ رىقابەتچىنى ھۆرمەت قىلىمىز .سىلەرنىڭ بىزنى ياقتۇرۇپ ياقتۇرماسلىقىڭلار ئانچە مۇھىم ئەمەس .سىلەرنىڭ خۇلۇق مىجەزىڭلەر دۇنياغا جۇڭگولىقلارنىڭ جۇرئەتسىزلىگىنى ئاشكارلاپ قويدى .سىلەر بىزنى تارىخنى ئۇنىتتى يەي ، تارىخنى بۇرمىلىدى يەي دەپ قاخشايسىلەر .بۇ ئەستايىدىلىق بىلەن ئۆزەڭلەر يازغان تارىخ كىتاۋىغا قاراپ بىقىڭلار .بۇلار قانچىلىك ئىلمى؟ قانچىلىك توغرا ؟ نەنجىڭ قىرغىنچىقىنى سۇرەتكە ئالغاندا بەزىڭلەر نىمىشقا باسقۇنچىلىق كۆرىنىشلىرىنى ئالمايمىز دىيىشىپتۇ .غورورىڭلار شۇنچىلىك بولسا سىلەرنى كىم ئادەم قاتارىدا كۆرۈپ ئىتىۋارغا ئالىدۇ ؟ ئىقتىدارسىز بولساڭلار مەيلىغۇ ئامما غورورىڭلارنى بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويىشىڭلار ئادەمنى ئەپسولاندۇرىدۇ. ئامىرىكىلىقلار بىزنىڭ ئەدىپىمىزنى بەردى بىراق بىز ئۇلاردىن نەپىرەتلەنمەيمىز ئەكسىنچە ئۇلارغا قول قويىمىز .بىز كورىينى بوزەك قىلدۇق ،لىكىن ھازىر ئولار ئىقتىسادى مۆجىزە ياراتتى .يىگىتتەك قىلىمەن دىگىنىنى قىلدى شۇڭا بىز ئۇلارغا قايىل . قىنى جۇڭگولىقلار بىزگە سىلەرنى ھۆرمەت قىلىدىغان بىر سەۋەپ كۆرسىتىڭلار سىلەرنىمۇ ھۆرمەت قىلايلى .ياخشىراق ئويلاپ بىقىڭلار سىلەرنىڭ كاتتا مۇزىيڭىلار بار ،ئۇزۇن تارىخىڭلار بار ئەممە بىزنىڭ ئايىقىمىزغا يىقىلدىڭلار .نۇمۇس قىلمامسىلەر ؟ قۇمدەك چىچىلانغۇ جەمىيەتتىن پەقەت قۇمدەك چىچىلانغۇ ئادەم يىتىشىپ چىقىدۇ ،بىر چاغلاردا ئادەم ھۆرمەتلىگىدەك لۇشۇن كەبى ئادىمىڭلار بار ئىدى ھازىر چىرىك ئەمەلدار ،پىسخىيكىسى قىلدىن ئاجىز زىيالى ،قۇرۇق شۆھرەنىڭ كەينىدىن تىمىسقىلاپ يۇردىغان مۇتەخەسىس-ئالىمىلاردىن باشقا نىمەڭلەر بار . نوبىل مۇكاپاتىغا يەرلىك نامزات يىتىشتۇرمىز دەپ يۇرىيتىڭلار نىمىشقىچە ھازىرغىچە يىتىشمىدى ؟ يەنە ئىيتاي جۇڭگولىقلارنى سىلەرنىڭ نەرىڭلەرنى ھۆرمەتلەيمىز ؟ ئۇن نەچچە مىليون يەھۇدىلار ھەم نەپەس ھەم نىيەت بولىشىپ ئالغا سىجىۋاتىدۇ سىلەر بىر كارۋاتتا بولغان بىلەن قۇمدەك چىچىلىپ يۇرۋاتىسىلەر بىز ياپونلار چىغىدا دۆلىتىمىزنى قانداق قىلىپ مۇشاقەتتىن تارتىپ چىقىرمىز دەپ ئاۋارە يۇرۋاتساق سىلەر ئۇ يەردە ھىچ بىر ئىشتىن بىخەۋەر قاراپ تۇرۋاتىسىلەر.توۋا زىمىن سىلەرنى قانداق كۆتۇرۇپ تۇرۋاتقاندۇ ؟!؟ ،


مەنبە-ئوكيان تورى

uytag 2011-05-09 22:24
بۇ تىمىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگنىمدىن خۇشالمەن !  تىما يوللغۇچىغا تەشەككۈر!

ئەلى 2011-05-09 22:44
ئەجەپ جىقلاپ  كەتتى مۇشۇنداق بىرسىنىڭ بىر كىمگە يازغان  خەتلىرى.
بۇ ياپۇنلۇق تازا بىر دۆت  بىرنىمىمۇ،ئىككى  دۆلەتنىڭ تارىخى ئەھۋالى،تەبىئىي  شارائىتى،نوپۇس ۋە يەر-زېمىن،
دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى ئەھۋاللار ،قوللىنىۋاتقان تۈزۈم...........ئوخشىمايدىغان تەرەپ  شۇنداق جىق تۇرسا
ئەلۋەتتە ئۆزىگە يارىشا بولىدۇ  دە .ئىشقىلىپ بۇ خەقنى چۈشىنىش تەس،ھېلىغۇ بەش-ئالتە يىل تۇرۇپتۇ،50-60 يىل تۇرسىمۇ
چۈشىنىش تەس  بۇ  خەقنى~~~~

maniwer2010 2011-05-09 23:02
بۇ ئەسەر ..(ئالدى بىلەن تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت)
خەنزۇ يازغۇچى بەيياڭنىڭ «رەزىل جوڭگۇلۇقلار» دىگەن كىتاۋىنىڭ كىچىك ۋاريانتى ،.....

muzepper 2011-05-09 23:17
ھەجەپ يېزىپتۇ، ھەجەپ بەلەن يېزەپتۇ. ئۇ ياپۇنلۇق ھەجەپ يامان ياپۇنلۇق ئەكەن 5 يىل تۇرۇپتۇ بۇ ۋاقىت ئىچىدە بۇلارنىڭ ئىچى- تېشىنى خۇددى كىتاپ ئوقۇغاندەك ئوقۇپ چىقىپتىيا؟ ئاپىرىن. ئۇ ياپۇنلۇق مىنىڭ يازالمىغان مېنىڭ قىلالمىغان گىپىمنىڭ بىر قىسمىنى يىزىپتۇ بەك رەخمەت، كۆپ رەخمەت. ۋە تېما يوللىغۇچىغىمۇ رەخمەت.

ئىخۋان 2011-05-10 02:36
      مەنمۇ ئۇقۇپ خلى ئويغۇنۇپ قالدىم ،،، ئالدى بىلەن  تىيما يازغۇچىغا تەشەككور،،،،بىز مۇشۇ تىيمىدىلا مۇنازىرلىشسەك دەيمەن  
      بىر ئۇيغۇر يازغۇچىمىز  ياپۇنيىدە ئوقۋاتقاندا ئقسساتتىن بەكلا قىينىلىپتۇ ، كىتاپخىنىغا كىرىپ بىر كىتاپىنى ئوقۋىتىپ بەزى مەزمونلار ئۇنۇڭغا بەكلا تەسىر قىىپتۇ ،ئوۇ كىتاپ بەل قىممەتكەن سىتۋىلىشقا ئىقسسادى يەتمەي شۇ ئابزاسنى كۈچۈرۋاتقاندا بىر ياپۇنيىلىك كىلىپ  ھەي! سىلەر جۇڭگولۇقلار بەك كۈچۈرمىچى كىلسىلەر ،باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشىڭ كېرەك ،قانچىلىك جاپادا يازىدۇ سەن بىلەمسەن ئامالقىلىپ سىتۋىلىشىڭ كېرەك   ئالالمىساڭ كۈچۈرمە دەپتۇ   ،،، ئۇ يازغۇچى بەكلا خىجىللىقتا بايان قىلغانلىقىنى  يىزىپتىكەن
    دىمىسىمۇ جۇڭگو بەكلا ئارقىدا بىز بولساقمۇ تىرىشساق......

aces 2011-05-10 10:25
ئە ينە كتە ك يىزىپتو.

كاپىتان 2011-05-10 11:02
راستىنلا ياخشى يېزىپتۇ، بۇنىڭ ھەمىسى ئەملىيەت!!
رەخمەت تېما ئىگىسىگە.

abdul 2011-05-10 14:06
ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداققۇ  

guzal~atux 2011-05-10 15:12
ئىنكاس شەكلىدە ساقلىۋېلىپ كىيىن قايتا بىر تەپسىلىي كۇرۇپ چىقاي

xiwergan 2011-05-10 19:15
  جوڭگولۇق بۇرادەرلەر بۇ ياپۇنلوق لۇشۇنگە رەخمەت ئېيىتسا بولغۇدەك !!!! جوڭگولۇقلار ئۈچۈن ئىككىنچى لۈشۈن جوڭگودىن چىقماي ياپۇنيەدىن چىقىپ جوڭگولۇقلارنى ئوپراتسىيە قىلىپ بىرىپتۇ !  ئالدىنقى يىلى شئەندە ياپۇنغا قارشى نامايىش بولغاندا بىزنىڭ مەكتەپتىكى ياپۇنلۇق بىر قانچە قىز -ئوغۇل  ئۇقۇغۇچىلار  پۇتۇنلەي ياپۇنچە كىينىپ مەكتەپتە ئايلىنىپ يۈردى .........
بىزنىڭ قېرىنداشلار ئۇلارنىڭ مىللى كىيىملىردىن ھۇزۇرلىنىپ يۈرۈشتى ، ساۋاقداشلارمۇ تىنىچلىقنى سۈيۈپ قالايمىقان ئىش چىقارمىدى!!!!!!......

موتۇ 2011-05-10 21:14
رەھمەت سىزگە

天山的野花 2011-05-11 12:21
بۇ گەپلەر بەك تەسىر قىلدىمۇ قانداق بىزنىڭ دوختۇرلۇق مەكتىۋىنى ساخچىلىق مەكتىۋىگە ئايلاندۇرۇپ قويغۇلى تاس قالدى،كۇندە شۇ ھەربى مەشىق دەستىدىن مۇنبەر كۇردىغان ۋاقىتمۇ يوق،ھەي

天山的野花 2011-05-11 12:22
سىزمۇ 西安  دىما

xiwergan 2011-05-11 13:28
ياق ، مەن ئۇيەرنىڭ  بىرىسىدە !

nida0998 2011-05-12 03:45
شۇنىڭ ئۇچۇن جۇڭگۇلۇقلار دەس ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىمى پۇتۇن قورسىغى توق بولۇش فاڭجىننى يەنىمۇ ئىلگەىرلىگەن ھالدا جۇڭگۇنىڭ ھەممە يىرىدە ئىزچىللاشتۇرشى كىرەك.

yawuzadam854 2011-11-24 11:14
ھاكاۋۇر خەنلەر


查看完整版本: [-- بىر ياپۇنىيەلىكنىڭ جۇڭگولۇقلارغا يازغان خېتى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.049957 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us