查看完整版本: [-- مۇكاپاتلىق تەرجىمە پائالىيىتى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كەڭ ساي مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى -> مۇكاپاتلىق تەرجىمە پائالىيىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

general 2011-04-18 16:05


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ كەڭساي مۇنبىرىدىكى مىنۇتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك،كۆڭۈللۈك بولۇشىغا تىلەكداشمىز.
كەڭساي مۇنبىرى بىلەن قۇتلان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مۇنبىرىمىزدە مۇكاپاتلىق تەرجىمە ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى باشلاندى،ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ نادىر تەرجىمىلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىز.
[attachment=10395]


ئەسەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ:

1.چوقۇم تەرجىمە ئەسەر بولۇشى كېرەك.
2.مەزمۇنى ساغلام،ئەھمىيەتلىك،ئىلغار ئىدىيىلىك ۋە يېڭىلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك.
3.ئۇيغۇر تىلىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ راۋان تەرجىمە قىلىنغان،ئىملانىڭ توغرا بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن،تىنىش بەلگىلەر جايىدا ئىشلىتىلگەن بولۇشى كېرەك.
4.پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر بىردەك << كەڭساي مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى>> سەھىپىسىگە يوللىنىشى كېرەك.
5.تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى،ئەسەر مەنبەسى(كىتاب نامى،نەشىر قىلىنغان يىلى،بەت سانى ياكى توردىكى ئۇلانما ئادرېسى...) ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك.
   مۇنبەردىكىلەرگە مەنپەئەت ئىلىپ كىلەلەيدۇ دەپ قارىغان، ھەرقانداق تىلدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر پائالىيىتىمىزگە قاتنىشىش پۇرسىتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ،


پائالىيەت ۋاقتى:
  2011-يىلى 19-ئاپرىلدىن باشلاپ 2011-يىلى 30-مايدا ئاخىرلىشىدۇ.

باھالاش ھەيئىتى:
كەڭساي باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى
قاسىم سىدىق ئەپەندى (ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىدۇ)
باھالىغۇچىلار ئادىل مەيداندا تۇرۇپ،ئەستايىدىللىق بىلەن باھالاپ،ئەڭ ياخشى تەرجىمە ئەسەرنى تاللاپ چىقىدۇ.

مۇكاپات ھەققىدە:

پائالىيىتىمىزنىڭ مۇكاپات بۇيۇمىنى قۇتلان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى تەمىنلىدى.




بىرىنچى دەرىجە مۇكاپاتى
[attachment=10396]
ھەر خىل رەڭدىكىلىرى بار بولۇپ،قىز-ئوغۇللارنىڭ تۇتۇشىغا ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ.
مەھسۇلات چۈشەندۇرۇلىشى:
GSM+CDMA
2.2دىيوملۇق QVGA/240*320 ئېكران
قوش كارتا-قوش ھالەت
2مىليون پىكسىنلىق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرا
ئوغىردىن مۇداپئەلىنىش ئقدىدارى سەپلەنگەن
JAVA, FM ،كۆك چىش، قول چىراغ
توردىن ھەرخىل JAVA پىروگىراممىلىرنى ۋە  ئويۇنلارنى چۈشۈرۈپ ئشلتەلەيسىز،
1050 مىللى ئامپىرلىق 2تال باتارىيە، 1تال توكلۇغۇچ،1تال تڭشىغۇچ، 1ئۇچۇر سىمى سەپلەنگەن،
چاستۇتىسى: GSM900M/DCS1800M CDMA 800M
شەكلى:تۈز شەكىل
ئۆلچىمى: 109.8*45*13.25  (ئىگىزلىكى*كەڭلىكى*قېلىنلىقى) mm
ئاساسى تاختا : MTK6235 & GAOTONG CDMA 6010,+flash 256+512,Support data services
ساقلاش: TFكارتا قوللايدۇ
قول چىراق:قوللايدۇ
تىترەش ھالەت:قوللايدۇ
سانلىق مەلۇمات ئۇلاش: USB2.0, 2.0, WAP ,
JAVA : MSN, Face bookقاتارلىقلار
كۆك چىش:2.0نى قوللايدۇ
مېدىئا:  1.مۇزىكا:   MP3/WMA/WAV/eAAC+ . 2.ئاپپارات:   MPEG4/WMV/3GP .3.ئىچىگە FM قويۇلغان .  
  4.ئۈن ئالغۇ
MSN,QQ: قوللايدۇ
يانفۇن تورى:قوش يانفۇن تورى
توك مەنبە باشقۇرۇش:يۈرۈشلۈك 1050mAhلىق اتارىيە( BL-5c)، توكلىغۇچ
يانفۇن رەڭگى:قارا،بىنەپشە(سۆسۈن)رەڭ

ئىككىنچى دەرىجە مۇكاپاتى
[attachment=10397]
ھەر خىل رەڭدىكىلىرى بار بولۇپ،قىز-ئوغۇللارنىڭ تۇتۇشىغا ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ.
مەھسۇلات چۈشەندۇرۇلىشى:
قوش كارتا،قوش سېگىنال
تېلىۋېزىيە پىروگىراممىسىنى قويالايدۇ
2.2دىيوملۇق سۈزۈك/240*320 ئېكران
يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرا
 FM ،JAVA،كۆك چىش، قول چىراغ
Nokia نىڭ يۈرۈشلۈك توكلىغۇچى،باتارىيەسى
چاستۇتىسى: GSM900M/DCS1800M
شەكلى:تۈز شەكىل
ئۆلچىمى: 109.8*45*13.25  (ئىگىزلىكى*كەڭلىكى*قېلىنلىقى) mm
ئاساسى تاختا : MTK6263 +flash 128+64,Support data services
كۆرىنىشى: 2./240*320 2.2”QCIF/176*220 ئېكران
ساقلاش: TFكارتا قوللايدۇ
قول چىراق:قوللايدۇ
تىترەش ھالەت:قوللايدۇ
سانلىق مەلۇمات ئۇلاش: USB2.0, 2.0, WAP ,
كۆك چىش:2.0نى قوللايدۇ
مېدىئا:1.مۇزىكا: MP3/WMA/WAV/eAAC+  2.ئاپپارات: MPEG4/WMV/3GP  3.ئىچىگە FM قويۇلغان   4.ئۈن ئالغۇ
يانفۇن تورى:قوش يانفۇن تورى
توك مەنبە باشقۇرۇش:يۈرۈشلۈك 1000mAhلىقNokiaباتارىيىسى(Nokia BL-5c)، توكلىغۇچ
يانفۇن رەڭگى:قارا،بىنەپشە(سۆسۈن)رەڭ
زاپچاسلىرى:باتارىيە2تال،توكلىغۇچ1تال،ئۇچۇر سىمى1تال،تىڭشىغۇچ1تال،ئىشلىتىش قوللانمىسى1تال،يانفۇن قېپى1تال
ئۈچىنچى دەرىجە مۇكاپاتى
(ئىككى نەپەر)
100يۈەن قىممىتىدىكى قىممەت تولۇقلاش كارتىسى
پائالىيىتىمىزنى قوللىغان ھەم مۇكاپات بۇيۇمى بىلەن تەمىنلىگەن قۇتلان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

كەڭساي مۇنبىرى
قۇتلان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
2011.04.18

ئەلى 2011-04-18 17:01
ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام،بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان تەرجىمە قايسى تىلدىن تەرجىمە قىلىنىشنى كۆرسىتىدۇ؟
مۇنبىرىمىزدە كۆپ تىللىق قېرىنداشلار خېلى كۆپقۇ دەيمەن.خەنزۇ تىلى،ئەرەپ تىلى،ئېنگىلىز تىلى،ياپۇن تىلى،تۈرك تلى.....
ئىشقىلىپ قايدسىلا تىلدىكىنى تەرجىمە قىلسا بولامدۇ؟

ozchin 2011-04-18 17:07
ئۆزەڭلار تەۋسىيە قىلىدىغان ماتىرىيال بارمۇ ؟ كىتاپ، ژورنال دېگەندەك، سىلەر كۆرسەتكەننىلا تەرجىمە قىلساق،
دىنى ماتىرىيال بولسا بولامدۇ؟

مەنزىرە 2011-04-18 17:10
بىلىۋالدىم ! تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن......

muhtarbay 2011-04-18 17:28
ماۋۇ پائالىيەتنى ئوتكۇزۇپ ياخشى قىلىپسىلەر قوللايمىز  ۋە ئاكتىپ ئاۋاز قوشىمىز

shungqar 2011-04-18 17:31
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى قوللايمىز،  قايسى تىلدىن تەرجىمە قېلىشىمىز كېرەك؟  ياكى ئەسەرنى بەلگىلەپ بېرەمسىلەر؟چۈشەنچە بېرىلسە........

general 2011-04-18 17:44
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى shungqar نىڭ 2011-04-18 17:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى قوللايمىز،  قايسى تىلدىن تەرجىمە قېلىشىمىز كېرەك؟  ياكى ئەسەرنى بەلگىلەپ بېرەمسىلەر؟چۈشەنچە بېرىلسە........

 ئېنگلىزچە،ياپونچە،تۈركچە،خەنچە،فرانسۇزچە...لاردىن تەرجىمە قىلىنسا،بىزگە پايدىلىق مەزمۇن بولسا،ئىلغار ئىدىيىلەر تونۇشتۇرۇلغان  ئەسەرلەر بولسا بولىدۇ.

dilara 2011-04-18 18:36
بەك ياخشى بوپتۇ. مەنمۇ تەييارلىق قىلىپ قاتنىشىپ تەلەي سىناپ كۆرەي.

سۈكۈت 2011-04-18 18:49
ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپتۇ!!! كەڭساي مۇنبىرىگە شۇنداقلا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنى تەشكىللىگەن <قۇتلان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى>دىكى <قۇتلان> ئىسمىنى ئىشلەتكەن شىركەت باشلىقى ئاكىمىزغا، شىركەتتىكى بارلىق قېرىنداشلارغا ئاللاھتىن ئىشلىرىغا بەركەت ۋە ئاسانلىق تىلەيمەن!!!
ئەمسە مەنمۇ كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە كۈچ چىقىرىپ باقاي. تېخى ئويلىمىغان يەردىن تىمام قېرىنداشلارغا يېقىپ قېلىپ <قۇتلان>شىركىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىپمۇ قالامدىم؟!

samanyoli 2011-04-18 20:52
قوللايمىز،،،،،،،،،،،،،،،،،

ilim 2011-04-18 21:52
ئەرەپ تىلىدىكىسى بولمايدۇ دىگەن گەپما...گېنرال بەگ ئەرەپ تىلىنى تىلغا ئالماپتۇ

sawirqan 2011-04-18 21:52
ماۋۇ تىلپونۇم تازا كونىراپ قالغان. ئىۋۇ 1-دەرىجىلىك تىلپون خىلى بولۇپ قالدىكەن. يەنە تىخى ئىككى كارتا چۇشۈدىدىكەن. ھى ھىھ ھى ھى

تاھىربەگ 2011-04-18 22:06
بەلەن بوپتىغۇ ....  مۇنبەرداشلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ahlak 2011-04-19 00:11
پۇرسەت كەلدى......           

dakar 2011-04-19 04:35
كەڭساينىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىشىغا تىلەكداشمىز .


muzepper 2011-04-19 05:12
ياخشى پائالىيەت بوپتۇ. مەنمۇ تىرىشىپ باقاي.

گۇۋاھ 2011-04-19 08:46
ئىجادى ئەسەرلەر ئىنقىلابى قاچان پارتىلار،؟ ئەمدى..؟!

uytag 2011-04-19 21:45
يوللىنىپ بولغان ماقالىلەر بولسىمۇ بولامدۇ؟

general 2011-04-19 22:43
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 17قەۋەتتىكى uytag نىڭ 2011-04-19 21:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
يوللىنىپ بولغان ماقالىلەر بولسىمۇ بولامدۇ؟

يوللىنىپ بولغان ئەسەرلەرنى قاتناشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
 مۇنبىرىمىزدىكى پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى كەڭسايدىن باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاشقىمۇ بولمايدۇ.

amatullah 2011-04-21 09:27
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!!
ھەجىم جەھەتتىن چەكلىمە بارمۇ يوق؟ پۈتۈن بىر كىتاپ تەرجىمە قىلىش كىرەكما؟
ماۋۇ تېما قىزىقتۇرۇش كۈچى خىلى باركەن جۇمۇ.

موتو 2011-04-21 17:19
ئوبدان گەپ

تاش 2011-04-21 19:13
بەك ياخشى پائالىيەت بولۇپتۇ.تەرجىمە ئەسەرلىرىنى مەتبوئاتلاردا ئېلان قىلدۇرالمىغانلارغا پۇرسەت!!!!!!!!!!!!!!!!!!

oylinish 2011-05-05 20:20
بۇ پائالىيەت ھازىر يەنىلا كۈچكە ئىگىمۇ؟
ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرشىمەن.

قۇتلان 2011-05-05 22:18
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 22قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-05-05 20:20 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ پائالىيەت ھازىر يەنىلا كۈچكە ئىگىمۇ؟
ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرشىمەن.

ئنشا اللە! چوقوم كۈچكە ئگە بولغۇسى............

kangsay 2011-05-05 22:38
ئەلۋەتتە كۈچكە ئىگە،ئاياغلىشىش ۋاقتىنى كەينىگە 20 كۈن سۈرۈپ داۋاملاشتۇرىمىز.

kuwruk 2011-05-06 14:02
تەرجىمە قىلدىغان ماتىريال ياكى ماقالىنى باشقۇرغۇچىلار،،، كۇرستىپ بىرلىشى كىرەك شۇنداق قىلغاندىلا ..باشقىلار تەرجىمە قىلىپ بۇلغان ياكى يۇللىنىپ بۇلغان تىمىلارنى تەرجىمە قىلىشتىن ياكى مۇنبەرگە يۇللاشقا ماس بۇلمىغان تىمىلارنىڭ تەرجىمە قىلنىشىدىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ،،،،،،مىنىڭچە مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق تۇر بەت ياكى نۇپۇزلۇق ژۇرنال ،،ياكى مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىنغان ئىسىل ماقالىلارنى تەرجىمە قىلىشى كىرەك،،،،،!

xahruh 2011-05-06 17:00
ئەستا ...
مېنىڭ تېلفۇنۇم  بارتتى ئەمەسمۇ ،،،
بولمىسا قاتنىشاركەنمەن ،،،،،،،

paris 2011-05-07 00:15
ياخشى بولۇپتۇ قوللايمىز،تىرىشىپ باقايلى.

general 2011-05-20 18:21
پائالىيىتىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ،تورداشلارنىڭ تېزدىن ئەسەر قاتناشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.

dilara 2011-05-21 03:45
ماقالە دەپ بېكىتىپ قويماڭلار. مەنمۇ بىر ھەپتە تەييارلىق بىلەن فىلىم تەرجىمە قىلدىم، سەل تۇرۇپ يوللايمەن.

muzepper 2011-05-24 04:39
ئىنشا ئاللاھ ، ۋاقىت ئاز قېپتۇ مەن بىر تىرىشىپ باقاي.

oylinish 2011-06-10 19:00
تورداشلار!  بۇ پائالىيەتكە قىزغىنلىقىڭلار يوقمۇ نېمە؟  
ئاز تولا رىقابەت بولسا تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەر تەرجىمە قىلىناتتى....


查看完整版本: [-- مۇكاپاتلىق تەرجىمە پائالىيىتى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.071879 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us