查看完整版本: [-- گۈزەل يۇرتىمىز --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ساياھەت -> گۈزەل يۇرتىمىز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

sirik 2011-04-13 18:33
           ئۇيغۇرلار-مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى،شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەر ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇن شەكىللەنگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى.

        بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئەزەلدىن باتۇر،ئەمگەكچان،ئەقىل-پاراسەتلىك خەلق ئىدى.سودا ،كانچىلىق،قەغەز ياساش،مەتبەئەچىلىك،نەشىرياتچىلىق بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە ياراتقان.
ئۇيغۇر مەدىنىيىتىدە ئالاھىدە ئۇرۇندا تۇتىدىغىنى بىناكارلىق،ئەڭ تەرەققىي قىلغىنى ۋە گۈللەنگىنى رەسساملىق.
ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەت مەدەنىيەت غەزنىسىگە زور تۆھپىلەرنى تەغدىم قىلغان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ،لېكىن ئۆز؛ىرى ئىشەنگەن بىر نەچچە خىل دىنلارنىڭ بىرىنى بىرى چەتكە قېقىشى،كېيىنكىسى ئالدىنقىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ۋەيران قىلىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن مەدەنىي بايلىقلىرىمىز،كەشپىياتلىرىمىز زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. شۇڭا ،ئۇزاق ئەسىرلەرگىچە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانلىرى دۇنياغا ئۇنچىۋالا تۇنۇلۇپمۇ كېتەلمىگەن.
 ياۋروپالىلارنىڭ نەزىرىدە  ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ماكانى بولغان شىنجاڭ  ھامان<<يۇشۇرۇن رايون>>،<<دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى كۆمۈلگەن جاي>>دەپ قارالغان.
 نەزىرىڭىلار  تۆۋەندىكى چەتئەلىكلەر تارىتقان رەسىملەردە بولسۇن!
[attachment=10208]
 ئەرزان قولايلىق بولغان يەرلىك كەشپىياتلىرىمىز
[attachment=10209]
نانغا نەچچە مانتا باسىلى ؟
[attachment=10210]
 ئەجداتلار ئىزنالىرى
[attachment=10211]
ئۇستام
[attachment=10212]
خوندا ئالا قاغا بولىشى مۈمكىن
[attachment=10213]
گەپ قىلمايمەن
[attachment=10214]
بىناكارلىق مەدىنىيىتىمىز بىلەن سەنئىتىمىز
[attachment=10215]
تىرىكچىلىك
[attachment=10216]
چاشەنبە بازارغۇ دەيمەن؟
[attachment=10217]
ساقلانغان مەدىنىيەتلىرىمىز
[attachment=10218]
قىشتا بىكارچىلىق!
[attachment=10219]
قوي قىرقىش
[attachment=10220] 
Jerry Dodrill
1995-يىلىدىن باشلاپ 2011 -يىلىغىچە دىيارىمىزنى ئۆزىنىڭ فوتو ئاپاراتى بىلەن خاتىرلەپ،دۇنياغا تۇنۇتىۋاتقان دوستىمىز Jerry Dodrill ...............بۇ  قىزنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىىسدا تارتقان رەسىملىرى نەچچە مىڭ پارچىدىن ئاشقان بولۇپ ،ھەممىسىنى مۇنبەرگە يوللاشقا ئامالسىز قالسىم.

abdul 2011-04-13 19:14
تەشەككۈر

نەفىسە 2011-04-13 19:18
         كۆرۈپ شۇنداق خۇشال بولدۇم.

era13 2011-04-13 19:38
زىمىننىڭ ئېتىكى كەڭرى !

سۈكۈت 2011-04-13 19:50
ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
بۇ رەسىملەرنى كۆرۆپ يۇرتۇمنى جۈملىدىن باغرى كەڭرى ئىللىق سەھراھىمنى ئەجەپمۇ سېغىندىم؟! يۇرۇتتىن ئايرىلمىغۇچە يۇرتنىڭ قەدرىنى بىلەيدۇ دىسە نىمشقا شۇنداق دەيدىغاندۇ دەپ قالاتتىم مانا ئەمدى ئۆزۈم دىنداش، مىللەتداش، تىلداش قېرىنداشلار ماكانى بولغان يۇرتۇمدىن، ئاتا-ئانامدىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقان مانا مۇشۇنداق مۇساپىرچىلىقتا دائىم يۇرتۇمنىڭ توپىسىنى كۆزۈمگە سۈرتۈپ، ھىدىنى قىنىپ پۇرىۋالسام دەيدىغان بولۇپ قالدىم...............
رەسىملەردىكى ئاشۇ دىھقان ئاتىلارنى، دىھقان ئاتىلار مەشخۇلات قىلۋاتقان مۇھىتلارنى كۆرۈپ جاپاكەش دىھقان ئاتامنىڭ سىمايىسى كۆز ئالدىمغا كىلىپ كۆزۈمگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالەتتە يۇرتۇمدا ھەر يەكشەنبە كۈندىكى دىھقانلار بازىرىدىكى قاينام-تاشقىنلىق كۆز ئالدىمغا كىلىۋاتىدۇ............
ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆز يۇرۇتلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىرچىلىقتا ياشاۋاتقان شۇنداقلا يۇرتىمىزدا شۇ مۇساپىر قېرىنداشلىرىنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ تۇرۋاتقان بارلىق ئەزىزلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ بالدۇراق دىدارلىشىشقا نىسىپ قىلغاي ئامىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىن!!!

amanxa 2011-04-13 20:42
ئۇنداق ئىشلا ساماندەك يىزىلىرىمىزدا..

jula520 2011-04-14 11:41
كۆرۈپ شۇنداق خۇشال بولدۇم.

ئەلى 2011-04-14 15:12
مۇزىكىنى  ئاڭلاپلا بىر  ھاياجان تۇيغۇ مېنى چىرمىۋالدى.ئەسلى  ئاۋازلىق  ئەسىرى قوشۇپ  يوللانغان  بولسا
تېخىمۇ  ئېسىل  بولاتتى.مەن  تېخى  شۇ  ئاۋازلىق  ئەسەرمىكىن  دەپتىمەن.

general 2011-04-14 15:52
رەھمەت،ياخشى يوللانما ئىكەن. كۆرسەتمىڭىز بويىچە بەڭدۇدىن ئىزلەپ باقسام،بىزگە مۇناسىۋەتلىك كۆپ رەسىملەر باركەن.
بۇ ئادرېستا Jerry Dodrill  نىڭ ئۇيغۇرغا ئائىت كۆپ فوتو سۈرەتلىرى بار ئىكەن.
http://www.jerrydodrill.com/Travel1.html  

baxmaltak 2011-04-14 17:10
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى ئەلى نىڭ 2011-04-14 15:12 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مۇزىكىنى  ئاڭلاپلا بىر  ھاياجان تۇيغۇ مېنى چىرمىۋالدى.ئەسلى  ئاۋازلىق  ئەسىرى قوشۇپ  يوللانغان  بولسا
تېخىمۇ  ئېسىل  بولاتتى.مەن  تېخى  شۇ  ئاۋازلىق  ئەسەرمىكىن  دەپتىمەن.

بۇ مۇزىكا يۇرەكنى راسلا تىتىرتىدۇ.......

مەنزىرە 2011-04-17 19:49
مەنمۇ بەك پەخىرلەندىم............

almiliq 2011-04-17 21:02
بىر ئايال فوتۇگرافنىڭ يات ئەللەرنىڭ مەدەنىيتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش مەقسىتدە مىڭ پارچە سۈرەت تارتىمىقى ئاسان ئەمەس.  


查看完整版本: [-- گۈزەل يۇرتىمىز --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.048305 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us