查看完整版本: [-- ئەرزان جوڭگۇ تاۋارلىرى دەۋرى ئاخىرلاشتى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> مەمىلكەت خەۋەرلىرى -> ئەرزان جوڭگۇ تاۋارلىرى دەۋرى ئاخىرلاشتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۆركەش 2011-04-10 10:54
 

ئەرزان جوڭگۇ تاۋارلىرى دەۋرى ئاخىرلاشتى

    ئەنگىلىيە پۇل مۇئەمىلە ۋاقتى گېزىتى 3-25-كۈنى شىياڭگاڭ.


    باش شىتابى شىياڭگاڭغا جايلاشقان Li&Fung ماددىي ئەشيا شىركىتى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:>> يېڭى بىر باھا ئۆرلەش دەۋرى يىتىپ كەلدى<< ،ياساش كارخانىلىرى تىز سۈرئەتتە خام ئەشيا ۋە ئەمگەك تەنەرخنىڭ ئۆسۈشدىن كىلىپ چىققان تەنەرخ ئۆسۈشىنى ئىستىمالچىلارغا يۈكلەيدۇ.

بۇ زەنجىرسىمان تەمىنلەش شىركىتىنىڭ 25-3 كۈنىدىكى ئاشكارلىغان سانلىق مەلۇماتلىردا 2010-يىللىق پايدىسى 27% ئۆرلىگەن،بۇ شىركەت ئاساسلىقى ئامىركا Walmart گورۇھى،Gap ۋە ئەنگىلىيەنىڭ Debenhams قاتارلىق شىركەتلىرنى مال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇ شىركەتنىڭ قارمىقىدىكى بىر سودا شىركىتىنىڭ دىرىكتورى Bruce Rockowitz نىڭ بىلدۈرۈشىچە << بۇ ساھەدە ھازىر ھەممىنىڭ بېىشىدىكى ئۇمۇملىشىپ قالغان كۆز قاراش بولسا؛باھانىڭ ئۆسۈشى ئاللاقاچان مۇقىملىشىپ قالدى،ھازىرقى مەسىلە قايسى خىل مەھسۇلاتلاردىكى باھا ئۆسۈشنى ئىستىمالچىلارغا يۈكلەيمىز ،قايسىنى يۈكلىمەيمىز.>>

Li&Fung گورۇھىنىڭ باش لىدىرى William Fung نىڭ بىلدۈرۈشىچە جوڭگۇ ئەمگەك كۈچى رىقابىتى كەسكىنلەشمەكتە ئىكەن،بۇ بۇ يىل ئىش ھەققىنىڭ 20 %ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.بۇ دىمەك ،جوڭگۇ يىتەكچلىكىدىكى ئەرزان ماللار دەۋرى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇدۇ دىگەننى بىلدۈرۈدىكەن.

بۇ شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە قائىدە بويچە ئېىيتقاندا باھا ئۆسسە سودا كەسپىگە پايدىسى تىگىدۇ.ئۆتكەنكى 20 يىلدا باھا ئۈزلۈكسىز چۈشكەنلىك سەۋەبىدىن يۇقارقىغا ئوخشاش شىركەتلەر ئامالسىز مال تارقىتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق كىرىم ئېىشىشنى ساقلاپ قالغان.

Li&Fung  گورۇھى جوڭگۇدىكى ئەمگەك كۈچى بازىرنىڭ تەنەرخى ئۆرلەش سەۋەپلىك كىيىم كېچەك قاتارلىق يۇقىرى ئەمگەك زىچلىقى تىپىدىكى كەسىپلىرىنىڭ ئىشلەپچقىرىش بازىسىنى ئىش ھەققى تۆۋەنرەك بولغانم ۋېتنام،ھىندۇنىزيە ،باڭلادىش قاتارلىق جايلارغا يۆتكەشكە باشلىغان.Li&Fung  گورۇھىنىڭ كىيىم كېچەك كەسپىدە جوڭگۇدىكى ئىشلەپچىقرىش مىقدارى پەقەت 25% نىلا ئېگەللىگەن بولۇپ،باڭلادىش،ۋېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەمىنلەش مىقدارى تىز سۈرئەتتە ئاشقان.

   


kuwruk 2011-04-10 12:04
جۇڭگۇدا ئەمگەك كۇچى بازىرىنىڭ تەنەرقى ئۇرلەپ كەتتى ،،،،
بۇ يىل قۇرلۇشتا ئىشلەيدىغان بالىلارنىڭ كۇنلىكى 120يۇەن ئىكەن ،،بۇلتۇر 70-80يۇەن ئىدى،،،،،،
رىستۇراندا ئىشلەيدىغان قىزلارنىڭ مائاشىمۇ ئەڭ تۇۋەن بۇلغاندا 800يۇەن ئىكەن ،،،،،

cayyara 2011-04-10 12:19
ھەممە نەرسە ئۆسۈپ كېتىۋاتسا  قانداق قىلغۇلۇق ،،،،،
كىيىنچە .....شۇنچىكى ئەجىر بىلەن پالان پۇل كىرىم قىلساق ،بازارغا چقىپ نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر چامىدان پۇل كۆتۈرۈپ چىقساق .ئىككى- تۆت تال نەرسە سېتىۋالالىساق .....پۇل پاخاللىقى كېلىپ چىقسا

natsist 2011-04-10 12:40
يەنە پۇل پاخاللىقى بولامدۇ نىمە
باھا ئۆسۈپ نەگە بېرىپ توختا ئەمدى

dakar 2011-04-10 13:22
پۇلنى تاپالىغان ئادەم تاپىدۇ .
ھەرگىز پۇل پاخالىقىغا ئىتىبار بىرىپ  كەتمەيدۇ .

ئۆركەش 2011-04-10 14:16
كىرىم تۆۋەن شۇ .

era13 2011-04-10 19:32
پۇل پاخاللىقى كىلىپ چىقسا ، پۇلنى ساقلاپ ياتقانلارنىڭ ئىشى چاتاق ،  

taranqi217 2011-04-10 20:23
                             ئاللاھ ھەممىنى تەڭشەيدۇ....................


查看完整版本: [-- ئەرزان جوڭگۇ تاۋارلىرى دەۋرى ئاخىرلاشتى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.072846 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us