查看完整版本: [-- ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ۋاراتار -ئوسمان --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى -> ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ۋاراتار -ئوسمان [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تاھىربەگ 2011-04-10 00:02
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم





[attachment=10125]


ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ۋاراتار -ئوسمان
1953-يىلى ياز پەسلى. ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا ھەر يەكشەنبە ئەتىگەندىن تاكى قاراڭغۇ چۈشكىچە پۇتبول مۇسابىقىسى داۋام قىلاتتى . مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە بېشىغا فۇژاركا، ئۇچىسىغا سۈر رەڭ يۇڭ رەختتىن گىمناستيوركا كىيىپ، بېلىنى تاسما بىلەن باغلىغان، ئاق سېرىق، كۆك كۆزلۈك بىر ئۆسمۈر بالا ۋاراتارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ۋاراتارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتەتتى. مانا بۇ ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ۋارتار ئوسمان ئىدى.
ئوسمان شۇ ۋاقىتتىكى پېشقەدەم ۋاراتار چېن جىڭشياڭ (شۇ ۋاقىتتىكى بانكا كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى)، گو يۇڭفۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ھەم ئۇلارنىڭ ھەرىكەت كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن ۋاراتار بولۇپ يېتىشتى. شۇڭا، 1956-يىلى يازدا چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشتى. نەتىجىدە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەر كوماندىلىرى ۋە چىڭداۋ تاماشىبىنلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. چىڭداۋدىن قايتىپ كېلىپ كۈچكە كۈچ ئۇلاپ، مەغرۇرلىنىشتىن ساقلىنىپ، تىرىشىپ مەشق قىلىپ، كەسپىي سەۋىيىسىنى يەنە بىر بالداق ئۆستۈرۈپ، 1957-يىلى چاڭچۈندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ، 11 كوماندا ئىچىدە 3-بولىدۇ، بۇنىڭدا ئوسمان ئالاھىدە تۆھپە يارىتىدۇ.
1958-يىلى ئوسمان شىنجاڭ كوماندىسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، بىر مەزگىللىك مەشقتىن كېيىن، نەزەرىيە، ئەمەلىيەت جەھەتتە ۋاراتارنىڭ تېخنىكا، تاكتىكىسى ۋە بەدەن سۈپىتىدە يېڭىچە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ھال ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ۋاراتارلىرى شۈي فۇسىڭ، جاڭ جىنشۇ، ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى خۇاڭ جاۋۋىنبىلارنىڭ ئوسمانغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. ئوسمان كوماندىغا كېلىپ بىر نەچچە يىل تىرىشىپ مەشق قىلىپ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ئۆز تالانتىنى نامايان قىلغانلىقى ئۈچۈن، 1960-يىلى مەملىكەتلىك 1-دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالىنىدۇ.
ئوسمان 1960-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە تازا كامالەتكە يېتىپ، راسا كارامەت كۆرسىتىۋاتقان ئالتۇن چاغلىرىدا، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ قالىدۇ. ئىنقىلابتىن كېيىنمۇ ئوسمان يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغىنىغا قارىماي كوماندىنىڭ ئېھتىياجىغا بويسۇنۇپ، داۋاملىق ۋاراتارلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
1974-يىلى پۇتبول ئىككىنچى كوماندىسىغا تېرىنېرلىققا يۆتكىلىپ، تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋاراتار تەربىيىلەش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئۇنىڭ تەربىيىسىنى كۆرگەن ۋاراتارلاردىن ئىلھام جۇڭگو ياشلار كوماندىسى تەركىبىدە يۇگوسلاۋىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ، مەشىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ. ھېكمەت مەملىكەت ئىچىدە، بولۇپمۇ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە تاماشىبىنلاردا ياخشى تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ.
ئوسماننىڭ كەسپىي جەھەتتە ۋاراتار تېخنىكىسى ئەتراپلىق بولۇپ، ھەرىكىتى پىششىق، ئۆلچەملىك ئىدى. ئورۇن ئېلىشى ياخشى، بۇلۇڭ توسۇشقا ماھىر، مۇسابىقىدە تەمكىن، سالماق ئىدى.
ئوسمان 1940-يىلى تۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ، ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان، ئۈرۈمچى 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە خەنزۇچە ئوقۇغان. ئۇ پۇتبول تېپىشنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن كوچا كوماندىسىدا ئاساس ياراتقان، 1958-يىلى شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاراتار كىرگەن بولۇپ، بىرىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان.
ئۇنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكى: ۋاراتار تېخنىكىسى ئەتراپلىق، مۇكەممەل، ھەرىكىتى ئىنچىكە. ئورۇن ئېلىش ، بۇلۇڭ توسۇشقا ماھىر ، توپ تېپىشى ئۆلچەملىك، توپ بېرىشى نىشانلىق. 1958-يىلى شىنجاڭ كوماندىسى ئافغانىستان كوماندىسى بىلەن پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندە ۋاراتاردا تۇرغان. 1960-يىلى مەملىكەتلىك 1-دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالانغان.

مەنمۇ  قاپقىدا خېلى ياخشى تۇرۇپ قويىمەن ...    

دۇنياغا داڭلىق قاپقىچىلارنىڭ ماھارىتىدىن ھوزۇرلىنىڭ . 

كائىن       .دۆلىتى_ گىرمانىيە


كاسىلياس  دۆلىتى _ ئىسپانىيە


رۇستۇ رەھبەر   دۆلىتى _ تۈركىيە


nazli0998 2011-04-10 00:13
رھمەت  بىلۋالدۇق  .

fatih204 2011-04-10 09:51
بولسا ھىلىقى كولومبىيەنىڭ ۋارتاسى يىجىتانىڭ كەينىچە تىپ چىقىرۋەتكەن توپىنىمۇ كىرگۇزۇپ قويماپسەن ،،،،
مەنچە ھازىر بالدىسمۇ ياخشى ۋارتا ،،،  ئەڭ نوچىسى بۇففىن جۇما ،،،،

amanxa 2011-04-10 09:55
بىلىۋالدۇق، ئەمدى تىخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ۋارىتالا چىققۇسى....

jula520 2011-04-10 10:32
ياخشى تېمكەن ،،،،

تاھىربەگ 2011-04-10 10:57
مىنىڭچە ئەڭ نوچىسى كاسىلياس ھازىر  

يىجىتانىڭ كەينىچە تىپىپ چىقىرۋەتكەن توپى مانا ، بىر قىتىم مۇسابىقىدە مۇشۇنى دورايمەن دەپ توپ كىرىپ كىتىپ بەك ئوسال بولغانتىم  





ۋارتارلار كىرگۈزگەن توپلار


fatih204 2011-04-10 11:02
ۋاي ئەخماق ،،،   يىجىتا تەپكەن توپ ئەسلى ئىناۋەتسىز بوپ پۇشتەك چىلىنىپ بولغان توپ ، ئۇ پەقەت ماھارەت كورسىتىپ كەينىچە تىپىپ قويغان ،، راسمى توپ بولسا بىشى ئونما ئۇنىڭ ؟  راس مۇسابىقىدە شۇنداق قىلغان بولساڭ بىشىڭ ئون ئىكەن ،،
ھاياتىڭدا ھىلىقى ئەنگىلىيە ۋارتاسى روبىنسوندەك ئىچىنىشلىق توپ كىرگەن ئەھۋاللار بولغانمۇ؟ يانا ھىلىقى قوروق ھاۋاغا تىپىپ توپ كىرگەن ئىشلارچۇ ؟

تاھىربەگ 2011-04-10 11:20
مەندىن ئۇنداق خاتالىق ئۆتۈپ باقمىدى ....  تولۇق 3_يىللىقتا ئوقۇيدىغان چاغدا شۇ يىجىتانى دورايمەن دەپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىم ئەڭ چوڭ خاتالىقىم ....  ئۇ چاغدا بىز 3 توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلىكتە ئىدۇق ، مىنىڭ خاتالىقىم بىلەن 3:1 بولغان يەنە بىر مەكتەپ بىلەن .

ۋاراتارلانىڭ خاتالىقىدىن كىرىپ كەتكەن قىزقارلىق توپلار



baxmaltak 2011-04-10 18:33
ئىشقىلىپ ۋارتاردا تۇرۇش بەك تەسجۇمۇ...

taranqi217 2011-04-10 20:56
تۇركىيەلىك ئاداشنىڭ چىقمىدىغۇ`\`


查看完整版本: [-- ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ۋاراتار -ئوسمان --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.050031 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us