查看完整版本: [-- ھەدىس ئۈگىنىدىغانلارغا خوشخەۋەر(ھەمزە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> ھەدىس ئۈگىنىدىغانلارغا خوشخەۋەر(ھەمزە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2011-04-06 11:37
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئىشلىرىمنىڭ ئالدىراشلىقى تۇپەيلى مۇنبەرگە پەقەت كىرەلمدىم. ھازىر ئازراق بوش ۋاقتىم چىقتى. شۇڭا مەن بۇ ۋاقىتتا ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە تور دۇنياسى دا كۇندە پەقەت بىر ھەدىس يېزىپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەدىسكە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇشنى لايىق تاپتىم.
ئەسلى مۇشۇ مۇنبەرگىلا يوللاي دىگەنىدىم.ئەمما مۇنبەردىكى تىمىلارنىڭ كۆپلىكى تۈپەيلى ھەدىس يېزىلغان تىمىنىڭ كۇرۇنمەي قېلىشىدىن ئەنسىردىم.شۇڭا بلوگىمغا يوللاشنى توغرا كۆردۈم.
يوللىنىدىغان ھەدىسلەر سەھىھ ھەدىسلاردىنلا ئىبارەت بۇلۇپ سەھىھتىن باشقىلىرىنى چىقارماسلىقنى نىيەت قىلدىم.
ئاللاھ خالىسا كۆپ ئەمەس كۈندە پەقەت بىرلا ھەدىسنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. مۇشۇنداق بولغاندىمۇ ئايدا 30دانە يىلدا365دانە ھەدىس بىلەن يۇز كۈرشەلەيدىكەنمىز ھەم يۈز كۈرۈشتۈرەلەيدىكەنمىز. مۇشۇنداق بولغاندا بىر يىل ئىچىدە خېلى بىلىملەرنى ئىگەللىگىلى بۇلىدۇ. پەقەتلا سىزدە كۈچلۈك ئىرادە،مۇستەھكەم ئىمان،ئىلىمگە بولغان ئىشتىياق،ھەدىسكە بولغان ھۆرمەت،بولسا كۈندە پەقەتلا 15مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىر ھەدىس ئۈگىنىۋالسىڭىز بۇلىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا سەلەف ئالىملىرىمىز ئۆزى بىلمەيدىغان بىر ھەدىسنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن بىر ئايلىق مۇساپىنى بېسىپ بېرىپ شۇ ھەدىسنى بىلۋالمىغىچە قايتمايتتى. بەزىسى ئۇلاغلىق بەزىسى ئۇلاغسىز سەپەرگە چىقاتتى. ھەتتا بەزى سەلەفلىرىمىز‹ھەدىس ئۆگەنگۈچىنىڭ ياكى ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ تۈرۈمدىن كەشى بۇلىشى كىرەك› دىگەن. بۇسۆزدىن ئىلىم ئېلىشنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلۋېلىش تەس ئەمەس.
ئەمما ھازىر ئۇنداق قىيىن ئەمەس.پەقەت ئۇزىڭىز تىرىشسىڭىزلا ھۇرۇنلۇق قىلمىسىڭىزلا،دۇنيا ئىشلىرى بىلەنلا غاپىل بۇلۋالمىسىڭىزلا، بۇ ئىنتايىن ئاسان. نۇرغۇنلىغان ھەدىس كىتابلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى. ھەدىس كىتابنىڭ تەرجىمىلىرىنى ھەرقايسى كىتابخاندىن تاپقىلى بۇلىدۇ.
تورغا چىقالىسىڭىزغۇ ئىلىم دىگەن تۇلا نەرسە. ئەمما كۆپۈنچە قېرىنداشلىرىمىز توردا ۋاقتىنى بىكار ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. قىيامەت كۇنى ئۈزىنىڭ دۇنيادىكى ھەر-بىر ئىشلىرىدىن،ھەتتا تىنغان تىنىقلىرىدىن سۇرىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلۋاتىدۇ. بۇ بەك خەتەرلىك ئەھۋال. شۇڭا ئەگەر سىز ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرشەي،ئاخىرەتتە سائادەتمەن بەندىلەر قاتاردىن بۇلاي دىسىڭىز ئۇزىڭىزدىن ھىساب ئېلىپ تۇرۇڭ،ۋاقتىڭىزنى يا بۇ دۇنيالىققا،يا ئۇ دۇنيالىققا پايدىسى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئىسراپ قىلماڭ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى دۇنياغا ئىنسان قىلىپ يارتىلغان ھەرقانداق شەخس بۇ دۇنيادىكى قىلغان ئەمەللىرىدىن جەزمەن سۇرىلىدۇ.
بىزگە بۇ دۇنيادا ئەڭ ئەسقاتىدىغىنى پەقەت ئىلىم.

ئەگەر سىز 15 مىنۇت ۋاقتىڭىزنى قۇربان قىلىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدىغا ئىرشەي دىسىڭىز  بۇ ئادرىسقا كىرىڭ
ئۇندىن باشقا نۇرغۇنلىغان دىننىي بىلىملەر سىزنى كۈتمەكتە!
http://hemza.blogbus.com/c3841953/
[attachment=9997]

ataman1103 2011-04-06 11:50
اللە رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،سىز بىزگە ھەقىقەتەن زور نەپ يەتكۇزىۋاتىسىز

arzuyum 2011-04-06 12:01
ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام قېرىندىشىم ھەمزە  ،سىزنىڭ بىز قېرىنداشلار ئۈچۈن قىلۋاتقان مەنپەئەتلىك ، خالىس خزمەتلىرىڭىزنىڭ ئەجىرىگە ئۇلۇغ ئاللاھ سزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلاردىن قىلغاي !
ئاللاھ ھەر بىرلىرىمىزگە مەنپەتلىك ئىلىم  ئاتا قىلسۇن ،ھەم ئەمەل قىلغۇچىلاردىن  قىلسۇن !

كۈرەش 2011-04-06 12:32
ھەمزە قىرىندىشىم مەن خىلى زىيارەت قىلىپ تۇرۋاتىمەن.چ چ نى تازا ئاچمايسىزغۇ؟سىزدىن سورايدىغان ئازراق مەسىلە بارئىدى.ئۇچۇرىڭىزنى بىرىۋىتىڭ؟

bul_buljan 2011-04-06 12:38
اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم. ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش بۇپتۇ  .

tamkin 2011-04-06 12:51
ئەجەپ ياخشى   ئۆگىنەيلى ..  ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى بەرسۇن !!

newruz 2011-04-06 14:31
قېرندىشىم تەجۋىد قائىدىسى دەرسىڭىزنى تولىمۇ ياخشى ئىشلەپسىز بولسا ۋورد ھالەتتىكىنى تولۇقلاپ فپىلاش ۋە پىلىم قىلىپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز. سورايدىغانلار بەك كۆپ. 
ئاللاھ سىزگە رەخمەت قىلسۇن!

سەمىيمى 2011-04-06 15:26
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھ ئەجىرىڭزنى زىيدە قىلسۇن!
ئاللاھ ھەممىمىزگەرەھمەت قىلسۇن.مەنپەتلىك ئىلىم ئاتاقىلسۇن

fatih204 2011-04-06 16:23
كۇندە بىر ھەدىس دەپ ،، ئىنكاس شەكلىدە ئۇلاپ ئۇلاپ ئۇزۇلدۇرمەستىن كۇندە يوللاپ تۇسىڭىز تىمىڭىزىمۇ كومۇلۇپ قالمايدۇ
،،،  كورىلىش نىسبىتىمۇ يوقىرىلايدۇ ،،،،، ئويلىشىپ باقارسىز ،،،،،

rayhan 2011-04-06 20:19
ياخشى تەكلىپ بوپتۇ ....

كۆكئاي 2011-04-06 20:25
خۇدا كاتتا نىيەتلېرىڭىزگە كۆپلەپ ئەجىر بەرسۇن .

ھەمزە 2011-04-06 21:07
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! چ چ نى ئاساسەن بەك ئېچىپ كەتمىدىم. ئەمما ئاچقان ۋاقىتلىقرىمدىمۇ يۇشۇرۇن ھالەتتىلا ئاچىمەن. خەت يازسىڭىز بەلكىم قايتۇرشۇم مۇمكىن. مەن پەقەت ئويدە بولغاندىلا تورغا چىقالايمەن. يەنى ئەتتىگەن-كەچقۇرۇنلىرى دىگەندەك.........

ھەمزە 2011-04-06 21:10
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. پىكىر بەرگىنىڭىزدىن مەمنۇنمەن. مەن <قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىش قوللانمىسى><ناماز سۈرىلىرىنى توغرا تەجۋېد بىلەن ئوقۇشنى ئۆگىنىش قوللانمىسى>نى ئىشلىگەن. سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم

ھەمزە 2011-04-06 21:16
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سىزنىڭ پىكىر بەرگەنلىكىڭىدىن تۇلىمۇ مەنمۇنمەن.
سىزدىگەن ئىشنى مەنمۇ ئويلۇشۇپ باققان. ئەگەر سىز دىگەندەك كۇندە بىر ھەدىسنى بىر تىمىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللىساق باشقىلارنىڭ ئىنكاسىمۇ قۇشۇلۇپ قېلىپ ھەدىسلەرنى كۈرۈش نىسبىتى ئۇنۇملۇك بولماي قالامدىكەن دەپ ئويلۇدۇم. ئۇنداق بولماي ئىنكاس يېزىشنى چەكلىۋېتىپ يوللاشنىمۇ ئويلاشتىم بۇنىڭدا تىما مەزمۇنى بارغانچە كۆپىيىپ كىتىپ كۇرۇرمەنلەرنى قاچۇرۇپ قۇيشۇمدىن ئەنسىردىم. ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بلوگىمغا يوللاشنى لايىق تاپتىم. ئىلىمگە ئىشتىياقى بارلار باشقا يەردە بولسىمۇ تېپىپ ئۇگىنىدۇ دەپ قارايمەن.
مانا بۇ مىنىڭ قارشىم.
بۇنىڭدىنمۇ بەك دانا پىكىرلەر بولسا ئوتتۇرغا قويساڭلار ئويلىشىپ باقساق بۇلىدۇ.
بىزنىڭ مەقسىتىمىز پەقەت رەسۇلۇللەدىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈش....

xarifa 2011-04-06 22:02
اللە رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.
ئىككى دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن!

تاھىربەگ 2011-04-06 22:07
ۋەئەلەيكۇم_ئەسسالام، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قارىكا  !!  

ahlak 2011-04-06 23:17
ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام قېرىندىشىم ھەمزە...ئۇلۇغ ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن.  رەھمەت سىزگە

ياۋۇز 2011-04-06 23:46
ئللاھ  رەھمەت  قىلسۇن  قىرىندىشىم  كۆپ  ئجىر  قىپسىز،  رەھمەت سىزگە

تاش 2011-04-07 12:50
اللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

艾斯卡尔 2011-04-07 16:53
اللە رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

asanat 2011-04-07 23:06
ئاللاھ رازى بولسۇن قىرندىشىم.تىخمۇ تىرشىڭ

tamqabulak 2011-04-08 18:46
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم !!!
ئاللاھ خالىسا ، مەنمۇ ئۈگۈنىمەن . يەنە بىر ئىش  . قۇرئان ئۈگۈنۈش دەرىسلىكنىڭ داۋامىنى يوللىيالىدىڭىز مۇ ؟؟؟
مۇمكىن بولسا ، تىزراق ئۇچۈرىنى بەرسىڭىز ،  رەھمەت !!!
قىلغان ھەر-بىر ئىشلىرىڭىزنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ ھەسسىلەپ بەرگەي < ئامىن >

muhajir1 2011-04-08 22:54
اللە ئۈگەنگەنلىرىمىزگە ئەمەل قىلىشىمىزنى نىسىپ ئەتسۇن، اللە سزدىن رەخمىتىنى ئايىمىغاي.........امىن!

nurdin 2011-04-09 13:29
ھەدىس كىتاب بوللغان بۇخارىينىڭ  ئەرەپچە نۇسخىسى لازىم بۇلۇپ قالدى

kunnuri 2011-04-13 23:54
rahmat,Alla bilimingizni ziyada kilsun  

muslim1111 2011-04-17 09:52
ئاللاھ ئەجىرىڭزنى بەرسۇن!

kerime 2011-04-19 12:25
اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.ئاللاھ ئەجىرىڭزنى زىيادە قىلسۇن!مەنپەتلىك ئىلىم ئاتاقىلسۇن

سۇمەييە 2011-04-19 18:26
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن،كوپ ئەجىرلەر بەرسۇن!بىز ھازىرقى ياشلارغا شۇ ئۆگىنىش پۇرسەتلىرىنى قەدىرلىگىلىكنى نىسىپ قىلسۇن،ئامىن!

tarim0996 2011-04-21 01:53
ئاللاھ  سىزدىن رازىبولسۇن  ھەم رازى قىلسۇن  ئاللاھ  ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك  تۇرمۇشىڭىزغا بەخىت  تىنىڭىزگە  سالامەتلىك  ئاتا قىلسۇن  ھەممىمىزگە مەنپەئەتلىك بىلىم  ئاتاقىلسۇن  ئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئامىن


查看完整版本: [-- ھەدىس ئۈگىنىدىغانلارغا خوشخەۋەر(ھەمزە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.051605 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us