查看完整版本: [-- پاكستان ئۇيغۇر جەمئىيتى باشلىقى-جۇڭگو باش ئەلچىسى بىلەن سۆزلەشتى. --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> پاكستان ئۇيغۇر جەمئىيتى باشلىقى-جۇڭگو باش ئەلچىسى بىلەن سۆزلەشتى. [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

medeniyet 2011-04-05 12:44

جۇڭگو خەۋەرلىرى تورى،2-ئاينىڭ 18-كۈنى ،جۇڭگو دىپلوماتىيە منىستىرلىكى ئۇچۇرى،2-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى پانۇس بايرىمى (元宵节)،جۇڭگونىڭ پاكستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇجىيەن ئەپەندى راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسنىڭ باشلىقى راجان خاننىڭ ئۆيىگە بىرىپ،راۋانلپىندىدىكى ئۇيغۇرلارغا بايراملىق سالام يوللىدى.لىيۇجىيەن راۋالپىندىدىنڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش،پاكستان ئۇيغۇر جەمئىيتنىڭ ئىتتپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ،جۇڭگو-پاكستان دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە قوشقان تۆھپىسنى مەدھىيلىدى ۋە مۇنۇلارنى بىلدۇردى:بۇ يىل جۇڭگو-پاكستان دىپلوماتىك مۇناسۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60يىلى ۋە <<جۇڭگو-پاكستان دوستلۇق يىلى>>.جۇڭگو-پاكستان مۇناسىۋەتى يىڭى مۇھىم پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىدۇ.ئۇ يەنە پاكستاندىكى ئۇيغۇر جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنڭ بۇرۇنقىدەكلا ئەلچىخانىنىڭ خىزمىتىنى ،جۇڭگو -پاكستان دوستلۇق ئشلىرىنى قوللىشنى ئۇمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.راجان خان ئەلچىخانىنڭ ئۇزۇندىن بىرى پاكستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ياردەم قىلغانلىقىغا رەھمەت ئىيتتى داۋاملىق جۇڭگو-پاكستاننىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى،ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.زىيارەت جەريانىدا ليۇجىيەن يەنە پاكستاندىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە جۇڭگو-پاكستان ئىقتساد-سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ،جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسسللەردە مۇخبىرنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى.
(پاكستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئېقتسادى ۋە ئېجتىمائى ئورنى بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرلىۋاتقان بولۇپ،ئۇلار ئاساسلىقى-سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ئۇلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى -<<پاكستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئناۋىتى يۈكسەك>> دىگەن تىمىدا تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.)
مەنبەسى:تارىم ئۇيغۇر خەۋەرلىرى تور بېكىتى.http://www.tarimi.com/




nazim 2011-04-05 14:53
پاكستان ئۇيغۇر جەمئىيتى ---تۇنجى قىتىم ئاڭلىشىم ئىكەن....

yusuf 2011-04-05 15:05
قاچانقى ئۇيغۇرلاردۇ ئۇلار

muzepper 2011-04-05 16:35
  ئۇلار 1949- يىلىنىڭ ئالدى- كەينىدە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار. بۇندىن باشقا 80- يىللاردىن كېيىن ئۇقۇش ۋە تىجارەت بىلەن چىققان ئۇيغۇرلار. جۇنگۇ ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھايىتى بەك يېقىنلاشقۇسى كېلىۋاتىدۇ. ئۇ قەدەر كۆڭۈل بۈلۈپ كېتىۋاتىدۇكى.... .

موتو 2011-04-05 17:35
ئۇ      ''ئۇيغۇر؛؛  لار      پاكىستانلىقمىدۇ؟

rayhan 2011-04-05 17:44
پاكىستان ئويغۇر جەمىيىتى بارلىقىنى تۇنجى ئاڭلىشىم ئىكەن ،مۇشۇ جەمىيەت ئۇستىدە تېخىمۇ تۇلۇق مەلۇمات بارمىدۇ؟

medeniyet 2011-04-05 21:00
پاكستاندا يۇز مىڭغا يىقىن ئۇيغۇرلار ياشايدۇ،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قەبىلە رايونىدا،كۆپىنچىسى شەھەرلەردە سودا قىلىدىكەن،جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ئىېقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلىېۋىتىپتۇ.پاكستان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار جەمئىيتى خىلى چوڭ جەمئىيەت،ھەر يىلى ئۆتكۇزىدىغان پائالىيەتلىرى باركەن دەپ ئاڭلىدۇق،بەزى سودا ۋەكىللىرى ئۇرۇمچىگە كىلىپ شىركەتمۇ قۇرغانىكەن.

iltebir 2011-04-05 22:20
يېڭى خەۋەردىن بىرنى ئاڭلىدىم.

kelem 2011-04-05 23:26
قۇلۇقىم چىقىپ  بىرىنچى قېتىم ئاڭلىشىم.  خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەخمەت...

albax 2011-04-06 11:41
ئۇلار بوۋىمىز بابۇرنىڭ پاكىستاندىكى ئەۋلادلىرى ئەمەستۇر ؟

ataman1103 2011-04-06 11:42
جۇڭگونىڭ باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۇشكەن بولسا قارىغاندا پاكىستاندىمۇ ئۇيغۇرلار خېلى بار ئوخشايدۇ....
بولسا مۇشۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەپسىلىىيرەك بىر خەۋەر بولسا يوللاپ قويساڭلار

大力士 2011-04-06 12:02
بۇ خەۋەرنى تۇنجى ئاڭلىشىم ئىكەن.ئاللاھ ئۇ قېرىنداشلىرمىز نى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ئامىن

alkizar 2011-04-06 14:19
يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە تەشەككۈر ~

uyghur-biz 2011-04-06 15:45
بىز بىلمىگەن يەنە قانداق  جەميتىز باردۇ  ،،  

xarifa 2011-04-06 22:14
ۋاي اللە تۇنجى ئاڭلىشىم ماۋۇ گەپنى، مۇنداق جەمىيەتمۇ بار تېخى.
اللە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن!

haldin 2011-04-06 22:39
ئۇنداق ئەمەس، يېقىنقى زاماندا شىنجاڭدىن كۈچكەن ئۇيغۇرلار، بابۇرنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرى پاكىستان. ھىندىستانلىقلارنىڭ ئىچىگە سىڭىشىپ كەتكەن.

haldin 2011-04-06 22:41
50 مىڭدەك ئۇيغۇر بار، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى پاكىستانلىق يەرلىكلەرنىڭكىدىن ياخشى، باكىستاندا زۇر ئىناۋەتكە ئىگە.

salaf 2011-04-06 22:47
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى xarifa نىڭ 2011-04-06 22:14 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋاي اللە تۇنجى ئاڭلىشىم ماۋۇ گەپنى، مۇنداق جەمىيەتمۇ بار تېخى.
اللە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن!



ئۇنىڭ ئىسمى راجىخان ئەمەس. رىزاخان.

ئاللاھ پاسىق رىزاخاننى يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن. ئاللاھ بۇ مەلئۇننى بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادا ئەڭ دەھشەتلىك ئازاپقا مۇپتىلا قىلسۇن. ئىجات قىلغىن ئى رەببىم.

albax 2011-04-07 11:55
ئۇنداقتا پاكىستان ، ھىندىستاندىكى بابۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ كىيىنكى ئەھۋالى توغرۇلۇق تەپسىلات بارمىدۇ خالدىن ئەپەندىم ؟

kuwruk 2011-04-07 12:06
ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە بار ،،ئۇتتۇرا ئاسىيا دا ئەڭ كۇپ..!

haldin 2011-04-07 19:28
بۇنى مەن سىزگە كەچتە ئۈزۈمنىڭ چۈشەنچىسى بۇيىچە سۈزلەپ بېرەي.

haldin 2011-04-07 23:38
ئەينى ۋاقىىىتا شىنجاڭ ۋە ئۇتۇر ئاسىياغا ھۈكۈمرانلىق قىلغان چىنگىىزخان ئەۋلادى چاغاتايخان ۋە ئۇنۇڭ ئەۋلادى باشلىق مۇڭغۇللار پۈتكۈل ئۇتۇر ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ ھۈكۈمرانلىق قىلغۇچى مىللەت ھۈكۈمرانلىق قىلىنغۇچى مىللەت تەرىپىدىن ئاسمىلاتسىيەلىشىپ كەتكەن، شىنجاڭدا ئۇيغۇرلاشقان مۇڭغۇللارغا قارغاندا قازاقلاشقان، ئۈزبېكلەشكان، قىرغىزلاشقان مۇڭغۇللار تېخىمۇ كۈپ بۇلغان ،ھەتتا تۈركمەنلەرۋە تاجىكلارنىڭ تەركىبىگىمۇ مۇڭغۇللار كىرگەن، شىنجاڭدا بۇلسا  جەنۇبىي شىنجاڭدا چاغاتاي خاننىڭ ئەۋلادى بۇلغان كۈپلىگەن مۇڭغاللار ئىسلام بىلەن بىللە ئۇيغۇرلاشقان، ئىلىدىمۇ 170 مىڭ مۇڭغۇل ئۇيغۇرلاشقان ، شەرقى شىنجاڭدىكى تۇرپاندا قارخانىلار سۇلالىسى نەچچە ئەسىر ئىدىقىۇت ئۇيغۇرلىرىنى مۇسۇلمان قىلقىش ئۈچۈن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا ھۇجۇم قىلغاندا ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالماي، ئاخرى مەغلۇپ بۇلۇپ ئۇرۇشنى تۇختاتقان شۇنۇڭ بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى 14- ئەسەرگىچە بۇددا دىنىدا تۇرىۋەرگەن، چىنگىزخادننىڭ ئەۋلادى خىزىر خۇجا تۇرپاندا ئىسلامنى مۇڭغۇللار بىلەن بىللە ئاكتىپلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ مۇڭغۇللارنىڭ ئىسلام بىلەن ئۇيغۇرلىشىشى سەۋەبىدىن تۇرپان ئۇيغۇرلىرىمۇ ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ھىمىنىڭ كەينىدە قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئىسلامنى قۇبۇل قىلىپ 15- ئەسەرگە كەلگەندە پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىڭ مۇرىتلىرى بۇلغان، سەئىدە خان بىلەن بىر نەۋرە ئانىسى تۇرپانلىق ئۇيغۇر بۇلغان بابۇرخانمۇ ،جەنۇبىي ئاسىياغا ھۈكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە، ئۈزنىنىڭ ئۇزبېكلەر بىلەن ئۇرۇش قىلدىم، ئۈزبىككە يۈرۈش قىلدىم دەپ ئۈزىنىڭ ئۈزبىك ئەمەس ئۇيغۇر ئىكەنلىگىگە دائىر تەپسىلاتلارنى تىلغا ئالغان، كىيىن بابۇر خانلىغى يىمرىلگەندىن كىيىن، دۈكۈمرانلىق ئۇرنىغا ھىندى، ئافغان..قاتارلىقلار  چىققاندىن كىيىن ، بابۇر ۋەئۇنۇڭ ئەتراپىدىكى تۈرۈكلەر، بۇگنكى ھىندىلارنىڭ، پاكىستانلىقلارنىڭ، ئافغانىستانلىقلارنىڭ، كەشمىرلىكلەرنىڭ، پەنجاپلىقلارنىڭ، تاجىكلارنىڭ تەركىبىگگەئۈزلىشىپ كەتكەن، بۇخۇددى چىنگىزخان ئەۋلادلىرى تۈرۈكلەرگگە ئاسمىلاتسىيەلىشىپ كەتكەنگگە ئۇخشاش بىر ئىش.     خاتا ئىشلىتىپ قۇيغان جايلىرىم  بۇلسا تۈزۈتۈپ قۇيارسىزلەر.

albax 2011-04-08 11:03
رەھمەت ، خالدىن !

muhajir1 2011-04-08 13:42
شۇنداق چوڭ خەۋەرنىڭ بىرەر پارچە سۆرىتىمۇ يوققۇ ؟

sultan3837 2011-04-10 13:56
قۇلۇقىم چىقىپ  بىرىنچى قېتىم ئاڭلىشىم.


查看完整版本: [-- پاكستان ئۇيغۇر جەمئىيتى باشلىقى-جۇڭگو باش ئەلچىسى بىلەن سۆزلەشتى. --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.064348 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us