查看完整版本: [-- كۆرەي دەيمەن --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كومپىيوتېر تور بىلىملىرى -> كۆرەي دەيمەن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nazim 2011-04-02 23:42
 كۆرەي دەيمەن   
  
   
     سىنى كۈندە كۆرۈش ماڭا ھاجەت ئەمەس،
       ھىجران كۈلگەن شۇ چاغلاردا كۆرەي دەيمەن.
   بولدى نىگار، رېستۇرانغا جاي راسلىما__
     گۈل يۈزۈڭنى گۈل باغلاردا كۆرەي دەيمەن.


 
 پەدازلىرىڭ ئۇز بىلىنمەس ماڭا ئۇنچە،
       ئىزىپ قالما مەن شەيتاندىن ئەنسىرەيمەن.
گۈزەللىكنىڭ گۈزەللىكى ئاددىيلىقتا،
          ئاددىي كەلسەڭ:ئايدەك پەرى كەپتۇ دەيمەن.


   ئىمان دىگەن ئادىمىيلىك جۈملىسىدۇر،
 ئىمانىڭنى ماڭا بولغان ۋەدە دەيمەن.
    مەيلى مىنى كۈندە يوقلاپ تۇرمىساڭمۇ؟!
       ئامان بولسۇن، ئاللا ئۆمۈر بەرسە دەيمەن.

   ئېيتىپ كەلسەڭ ۋاپادارلىق ناخشىسىنى،
         يۈگرەپ چىقاي مەن ئالدىڭغا ئۆزۈم دەيمەن.
   ماڭا كېرەك دىلبەر سېنىڭ ئادەملىكىڭ__
       شەيتان بولساڭ سىنى قانداق گۈلۈم دەيمەن.

 مەنبە: ئۆزۈم




ahlak 2011-04-03 00:52
قالتىس........شائىرمۇ بار ئىكەن. ھە.... بىزنىڭ سەپتە.

nazim 2011-04-03 01:06
بولدى زاڭلىق قىلماڭ...شائىر دىگۈچىلىكىم يوق....ھەۋەس شۇ....

ahlak 2011-04-03 18:52
    


查看完整版本: [-- كۆرەي دەيمەن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.068943 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us