查看完整版本: [--
سەرگەردان بالىلارنى قوتقۇزايلى!
--]
كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى
->
قانۇندىن مەسلىھەت
->
سەرگەردان بالىلارنى قوتقۇزايلى!
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
sirik
2011-03-31 19:50
پۈتۈن مەملىكىتىمىز مىقياسىدا ئاممىنىڭ غەزىۋىنى قوزغىغان بالىلار<<بىدىك>>چىلىرىگە قاتتىق زەربە بىرىشنى مەقسەت قىلغان،<<قۇتقۇزۇش >>ھەركىتى ياشىن تورىنىڭ يىتەكچىلىگىدە دىيارىمىزدىمۇ قانات يايماقتا!!
ياشىن تورى سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ،ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىلەن دىدارلىشىش ۋاختىنى تېزلىتىش ئۈچۈن پۈتۈن جەمىيىتىمىزگە مۇراجەت قىلدى.
بولۇپمۇ دىيارىمىزدىن ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئالداپ ئېلىنىپ كىتىلگەن بالىلارنى كۆرگەن كىشىنىڭ ،ھەر -خىل ئۇسۇللار بىلەن سۈرەتكە ئېلىپ،
107519095@qq.com
ئادرىسقا يوللاپ بىرىلىشى كىرەكلىگىنى تەلەپ قىلغان .
جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى :
كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بالىلارنى خورلاش،تەشكىللەش،زورلاش،بالاغەتكە يەتمىگەن سەبىي بالىلارنى تەشكىللەپ ئاممىۋىي سورۇنلاردا تىلەمچىلىك قىلىش،قاتارلىق قىلمىشلارنى بايقىغان ھامان 110 تىلىفۇن قىلىشىنى،قانۇنسىز بالا سېتىۋالغان،ھەمدە ساتقان، ھەمدە ئالداپ بېقىۋالغان،قەستەن نارىسىدە بالىلارنى زەخمىلەندۈرگەن،شەخىس ۋە كوللىكتىپنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بەرگەن.
ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ،ئىچكىرگە ئالداپ ئىلىپ كىتىلگەن سەبىلەرگە قولىمىزنى سۇنۇپ،ئۆزىنىڭ يۈرەك-پارىسىدىن ئايرىلىپ قان-زار يىغلاۋاتقان،ئاتا-ئانىلارغا قايتىدىن بەخىت ئاتا قىلىشقا ھەممىمىز ئاتلىنايلى!!!
ئەسكەرتىش:يۇقىردا قالدۇرغان ئىلخەت ئادرىسىدىن باشقا يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تەشكىلىنىپ،سەرگەندان بالىلارنى قۇتقۇزۇشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ چ چ توپى بىلەن ئالاقىلاشساڭلارمۇ بولىدۇ!!
چ چ توپ نومىرى:138732347
[attachment=9869]
يۈتۈپ كەتكەن-زەبىنۇر
[attachment=9870]
ئەسقەر-ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەيدۇ
[attachment=9871]
يۈتۈپ كەتكەن-گۈلنىگار
[attachment=9872]
تورداشلار تارتقان سەرگەندان بالا
[attachment=9873]
ئەكبەر
[attachment=9874]
قۇتقۇزىۋىلىنغان-ئابدۇرېھىم
[attachment=9875]
ئانا-ئۆيگە قايتقۇم بار!
[attachment=9876]
يۈتۈپ كەتكەن-ئايزىبا
[attachment=9877]
يۈتۈپ كەتكەن بالا
[attachment=9879]
تورداشلار تارتقان رەسىم
[attachment=9880]
ئىگە-چاقىسىز بالا ئۆيىگە تەلپۈنىدۇ
[attachment=9881]
بالىلارنى ئالداپ سېتىش شايكىسى
بۇ يەرنى بېسىپ ،كۆرۈڭ
نەفىسە
2011-03-31 21:39
بۇ بالىلار نىمە دېگەن ئوماق،ئەشۇ سەبىيلىرىمىزدە نىمە گۇناھ،اللە شۇ ئادەم بېدىكلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئنساپ بەرسۇن،امىن!
ahlak
2011-03-31 23:07
ئۇلۇغ ئاللاھ ئىمان ئىتقان بەندىسنى بۇ كۇنگە قويمىسۇن...
taranqi217
2011-03-31 23:16
ھەي ........................
نىمىمۇ دەيمەن..................
ئاللاھ شۇ ئادەم بىدىكلىرىنىڭ جاجىسىنى بەرسۇن!
.........................ئاشۇنداق ئادەملەرنى ئۆلتەسىمۇ ئادەمنىڭ دەدى چىقمايدىدە!
ئىخۋان
2011-03-31 23:49
كۆزۇمگە بەكمۇ ياش كىلۋاتىدۇ .....
tarim0996
2011-04-01 00:41
ھەيمەلئۇنلار ئازراقپۇلنىدەپ بىر سەبى بالىنى نابۇت قىلىدىكەن ئى ئاللاھ شۇسەبىلەرگە ئۆزاڭ كېپىل شۇ سەبىلەرنىڭ بالدۇرراق ئائىلىسىگە قايتىشىغا ئۆزەڭ ئاسانلەق بەرگەيسەن ئامىن
taranqi217
2011-04-01 01:34
تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم ، مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ يۇزبىرىشىگە
ئۆزىمىز سەۋەپچىكەنمىز.............
ئۇ مەلئونلار قوققاندىن بەكلا قوقىدۇ........
بىزنىڭ ئاق كۆڭۇلىكىمىز ئۇلارنى.............
muzepper
2011-04-01 06:37
بۇ مەن كۆرگەن ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋە ئادەم بىدىكلىرىگە قارىتا ئەڭ قاتتىق غەزىپىمنى كەلتۈرگەن تېما.
غەرىپلىكلەرنىڭ بالا تاربىيلىشىدە بىرقانچە ئۇقۇتقۇچى 15-20 بالىنى 20 يىل ئەتراپىدا تەربىيلەپ بولغىچە يۈز مىليونلاپ دوللار كەتسە، ۋاقتى كەلگەندە ئاشۇ بالىلاردىن بىرسى تەربىيلىنىپ كۈتكەن يەردىن چىقىپ قالسا... ئۇ ۋاقىت، ئادەم كۈچى ۋە ئىقتىسات دىگەنلەر يوق گەپ ئىكەن.
مىڭى خاتا ئۆلتۈرۈلسىمۇ بىرسى قېچىپ كەتمىسۇن دېگەن شۇئار ئاستىدا ئىشلەيدىغان ئىدارىلە جىق ئەمەس ئاشۇ شۇئاردەك شۇئار ئاستىدا 100 ئادەم ئاجرىتىپ بىر ئاي ئىشلىسە ئۇ جۇدالىق، مۇسىبەتلىك، سەرگەردانلىق كۈنلەرگە، بىدىكلەرگە خاتىمە بىرىلگەن بولاتتى.
kuwruk
2011-04-01 14:40
دۇلەت يۇقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ DNA-ئامبىرى قۇردى دەپ ئاڭلىغان ،،شۇنداق بۇلغاندا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار باللىرىنى تىپىۋالاتتى،،،،،
ئادەم بىدىكلىرىنى خەلقىمز ئىچىدە ئۇر-ئۇرغا قالغان چاشقاندەك ئارىغا ئالماسلىق كىرەك،،ئولار ئىنسان قىپىدىن چىققان ھايۋانلار....!
sawirqan
2011-04-01 18:42
ھەي ئۇلارنى ئاپىرىپ ساتقانمۇ ئۇيغۇر، ھەي نىمە دىسەك بولار.
abdul
2011-04-02 13:39
مەنغۇ ئىچكىردە ئوقەت قىلىش بىلەن يۇرىمەن بىراق بۇنداق بالىلارنى قەدەمدە ئۇچرىتىپلا تۇرىمەن نە ئامال بىزگە مىنىڭغۇ بەكلا قۇتقۇزغۇم بار بىراق ساقچىلار ئۇلارنىڭ بازار ئوينىشىغا يول قويغان يەردە ماڭىمۇ نىمە ئامال
بۇھەقتە دەيدىغىنىم بەزى ئاتا -ئانىلار نىڭ بالىلىرى ئۆزلىكىدىن يۇقاپ كەتكەن ئەمەس
بەزى بالىلار يۇقالغان بىلەن بەزى بالىلارنىڭ ئاتا -ئانىسى تەرىپدىن سېتىلغانلىرىمۇ بار مەن بۇ گەپنى شۇ بازار ئوينايدىغان بالىلاردىن ئاڭلىغان
abdul
2011-04-02 14:34
مەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشىمەن
查看完整版本: [--
سەرگەردان بالىلارنى قوتقۇزايلى!
--] [--
top
--]
Powered by
PHPWind
v7.3.2
Code © 2003-08
PHPWind
Time 0.050612 second(s),query:3 Gzip enabled
You can
contact us