查看完整版本: [-- چېچىغا خېنە قويغان كىچىك ھەسەن ..... --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تاغدىن-باغدىن -> چېچىغا خېنە قويغان كىچىك ھەسەن ..... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

تاھىربەگ 2011-03-23 23:36
    
كىچىك ھەسەن
                        چېچىغا خېنە قويغان كىچىك ھەسەن

چاناققەلئە ئۇرۇشغا ھەر كۈنى يۈزلەرچە ياشلار پىدائى بولۇپ كىلىۋاتاتتى. يېڭى ئەسكەرلەرنى
دەرھال تەربىيلەپ تىزلىكتە ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىۋاتاتتى.  يۈز بېشى سىررى بەي يېڭى كەلگەن
ئەسكەرلەرنى تەكشۈرۈپ يوقلىما قىلىۋاتاتتى. ئەسكەرلەرنىڭ بىرسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇ
ئەسكەرنىڭ چېچىغا خېنە قويغانلىغىنى  كۆرۈپ ئەجەپلىنىپ سورىدى-
    بالام، ئسمىڭ نىمە؟
    - ئسمىم ھەسەن قوماندانىم.
    - سەن نەدىن؟
    - يوزغاتتىن.
    - چېچىڭدىكى نىمە؟
    - مەن ئەسكەرلىككە مېڭىشتىن بۇرۇن ئاپام چېچىمگە خېنە قويدى.
    - نىمىشقا؟
    - مەن بىلمەيمەن قوماندانىم.
    - ئۇنداق بولسا مەيلى، جايىڭغا بار.
    ھەسەن يوزغات ۋىلايىتىنىڭ سورگۇن ناھىيىسىگە قاراشلىق قارا ياقۇپلار يېزىسىدىن بولۇپ،
تېخى بۇرۇتلىرى خەت تارتمىغان كىچىككىنە بالا ئىدى. چاناققەلئەدىكى ئۇرۇشتا ھەددىدىن
ئارتۇق شېھىتلەر بىرىلگەن بولۇپ دۆۋلەتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا
ۋەتىنىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەر يېرىدىن ئاھ ۋەتەن دەپ چىققان بالىلار
يىراق-يىراقلاردىن مېڭىپ ھەتتا بەزىلىرى يالاڭ ئاياق ھالەتتە چاناققەلئەگە كىلىپ پىدائى
بولۇپ تىزىملىتىۋاتاتتى. كىچىك ھەسەن ئەنە شۇلاردىن برى ئىدى.
    شۇ كۈندىن باشلاپ ھەسەننىڭ سەپداشلىرى ئۇنى خېنە قويغان ھەسەن دەپ زاڭلىق قىلىپ
ئوينايدىغان بولدى. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي سەپداشلىرى ھەسەننىڭ ئاجايىپ ياخشى، ئاق كۈڭۈل،
باتۇر ئىكەنلىگىنى بىلدى، ھەممىسى ھەسەننى ھۆرمەت قىلىدىغان بولدى.
    بىر كۈنى ھەسەن ئائىلىسىگە سالام خەت يازماقچى بولدى. ساۋادى بولمىغاچقا دوسلىرىدىن ياردەم
سورىدى ۋە ھەممىسى بىرلىكتە يازدى.
    - جېنىم ئاپا. جېنىم دادا ياخشى تۇرىۋاتامسىلەر... دەپ باشلىدى، مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ بۇرنىنىڭ
ئۇچىدىن تۇتۇپ ئەكىلىتىپ ئوينىتىدىغانلىقىنى يازدى، ئۈزىدىن چوڭ ئاچىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى،
ئىنىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، بىزدىن خاتىرجەم بولۇڭلا، بىزلا بولىدىكەنمىز دۈشمەنلەرنى
ۋەتىنىمىزگە بىر قەدەممۇ ئاياق باستۇرمايمىز... دەپ يازدى، غۇرۇر بىلەن خەتنى قاتلىدى.
نەدىن ئەقلىگە كەلدى تۇرۇپلا خەتنىڭ ئارقىسىغا نوت دەپ،- ئاپا، دادا مەندىن كىيىن
ئىنىمنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتسەڭلار ھەرگىزمۇ چېچىغا خېنە قويماڭلار، مىنى قوماندانىم ۋە
دوسلۇرۇمنىڭ ھەممىسى زاڭلىق قىلىدۇ ئىنىمنىمۇ زاڭلىق قىلمىسۇن دەپ يازدى.
    كۈنلەر ئۈتۈشكە باشلىدى، چاناققەلئەنى تىزراق ئىشخال قىلىش ئۈچۈن ئېنگىلىسلار
گېلىبولۇغا پۈتۈنكۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتتى. ئەسكەرلەت ئارقا- ئارقىدىن
شېھىت بۇلۇشقا باشلىدى. ياردەمگە بارىدىغان ئەسكەرلەرمۇ قالمىدى. ھەسەننىڭ قىسمى
دۈشمەنگە يېقىن ئىدى قۇماندان ئەھۋالنى بىلىپ تۇراتتى، نىمە قىلىشىنى بىلمەي تىپىرلاپ
كىتىۋاتاتتى. چۈنكى ئەسكەرلىرى يېڭى كەلگەن بالىلار بولۇپ ئۇرۇش قىلالىغىدەك ئەھۋالى
يوق ئىدى. بۇ ئەھۋالنى بىلگەن ھەسەن ۋە سەپداشلىرى قۇماندانىدىن ئۆزلىرىنى ئۇرۇشقا
ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ يالۋۇرىپ تۇرىۋالدى. قۇماندان كىچىك ھەسەنلەرنىڭ ئۈلۈمگە
كىتىۋاتقانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ چارىسىزلىكتىن ئۇرۇشقا ئەۋەتتى.
    گېلىبولۇ گويا قان كۆلىگە ئايلانغان ئىدى.كىچىك ھەسەننىڭ قىسمىدىن ھىچكىم ساق قالمىدى،
ھەممىسى شېھىت بولغان ئىدى. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ بىر كۈنى قۇماندان سىررى بەيگە
بىرقانچە پارچە خەت كەلدى. ھەسەننىڭ يېزىسىنىڭ كاتىۋى خەتنى ھەسەننىڭ ئائىلىسىگە
يەتكۈزگەن بولۇپ، بۇ خەتلەر ئىچىدە ھەسەننىڭمۇ خېتى بار ئىدى. خەتتە ھەسەننىڭ دادىسى:
    -جېنىم بالام ياخشى تۇرىۋاتامسەن؟ كالىنى ساتتۇق، بۇنىڭدىن كىيىن يەرنى مەن ھەيدەيمەن.
پۇلىسىنىڭ يېرىمىنى ساڭا ئەۋەتتۇق يېرىمىنى ئۇكاڭنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتىشكە ئىشلىتىمىز،
بىزدىن جاتىرجەم بول.
    ئانىسى:
    - جېنىم قوزام، كۈزۈمنىڭ نۇرى بولغان چېچىغا خېنە قۇيۇلغان ئۇغلۇم، خېتىڭ كەلدى، گويا
دۇنيالار مىنىڭ بولدى، يېزىمىزنىڭ كاتىۋى ئۇقۇپ بەردى، مەن يىغلىدىم. قۇماندانىڭنى بەك
ياخشى دەپسەن، ئۇ سىنىڭ داداڭنىڭ يېرىمىدۇر. ئۇنىڭ بۇيرىقىغا ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلما،
ئوتقا كىر دىسە كىر. كارىستىن، سىئىرىتتىن، ئۇشاقتىن، ئادانادىن ئاغىنىلىرىڭ بوپتۇ. ئۆز ئارا
چىقىشىپ
ئۈتىۋېتىپسىلەر. مانا بۇ سىلەرگە يارىشىدۇ. ئۇلارنى رەنجىتمە، ئۇدۇنيا- بۇدۇنيالىق دوسلىرىڭدۇر.
ئەگەر رەنجىتسەڭ ساڭا بەرگەن ئاخ سۈتۈمگە رازى ئەمەس. قۇماندانىڭ چېچىڭدىكى
خېنىنى سوراپتۇ، بۇنىڭدا بىلمەيدىغان نىمە بار؟ بالام. بىزنىڭ يۇرتىمىزدا قۇربانلىققا ئاتىغان
قوشقارنىڭ بېشىغا خېنە سۈرۈپ زىننەتلەيدىغان ئادىتىمىز بار. مەن سىنى تۆت بالامنىڭ ئىچىدە
ئەڭ ياخشى كۆرگەچكە ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىندىشى قىلىپ قۇربانلىققا
تاللىدىم. جېنىم بالام، قىيامەت كۈنى بېشىڭدىكى ئۇ بەلگە سىنىڭ ئىشارىتىڭ بۇلىدۇ، مەن
ئىنسانلار ئىچىدىن سىنى ئاسانلا تېپىۋالىمەن، ئاھ جېنىم بالام دەپ يۈرىكىمگە باسىمەن دەپ
ئاپاڭ خەلىچە.
    قۇمانداننىڭ كۆزلىرىدىن بۇلاقتەك ياش تۈكۈلدى ئارقىدىن پوچتىچىغا- سىز بېرىپ خېنە
ياققان ھەسەننى تېپىپ كىلىڭ بۇ خېتىنى مەن ئۇقۇپ بىرىمەن، ئۇ ساۋاتسىز بولغاچقا ئوقۇيالمايدۇ
دىدى. پوچتىچى ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي قايتىپ كىلىپ- قۇماندانىم ھەسەن بىر ھەپتە بۇرۇن
ھېرە بۇرنىدىكى شىددەتلىك ئۇرۇشتا شېھىت بوپتۇ.
    قۇماندان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ كەتتى، ئۈزىگە كەلگەندىن كېيىن- بىلىشىم كېرەك ئىدى،
بىلىشىم كېرەك ئىدى، قۇربانلارخېنە قۇيۇلغان بۇلىشى كېرەك، بۇ يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى خېنە قويغان...
ھەممىسى ۋەتىنى ئۈچۈن قۇربانلىققا ئاتالغان يىگىتلەر، بىلىشىم كېرەك ئىدى، بىلىشىم كېرەك ئىدى.
     شېھىت ھەسەننىڭ يېنىدىن چىققان شىئىردە قۇماندانىغا بىرىدىغان جاۋاپ يېزىلغان:
                              ئانام قۇيۇپتۇ خېنىنى ئاتىدىم دەپ،
                             مەن بۇ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان تۇغۇلدۇم.
                             ئانامدىن ئاللاھ غا ئاخىرقى بىر ھەدىيە،
                               قۇماندانىم، مەن ئىسمائىل تۇغۇلدۇم... .


كىچىك ھەسەننىڭ سەبداشلىرى



تۈرۈكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى تەۋبە قېرىندىشمىز ...
_____________________________________

گېنېرالنىڭ ئىزاھاتى:

بۈگۈن(2012.5.27) مۇنبىرىمىز ئەزاسى << نەزىفە0515>> بۇ فىلىمنى يوللىغان، بۇ يازمىغا قىستۇرما قىلدىم.( فىلىمدە <ھەسەن> ئەمەس، < ئەھمەد> دېيىلىپتۇ.)


چوڭ ئېكراندا كۆرۈش:
http://player.youku.com/player.php/sid/XMzc1NTQ2Mzk2/v.swf

bahram 2011-03-24 01:45
نىمە دىگەن تەسىرلىك ، كۆزلىرىم قىززىۋاتىدۇ ........................................

musapir1 2011-03-24 05:07
نىمەدىگەن تەسىرلىك ۋەقەلىك ........!  نىمە دىگەن ياخشى ئانا ..........! ھەقىقى مېھرىبان ئانا ۋە كۆيۈمچان ئاتا .............  ئاللاھنى ھەممىدىن ياخشى كۆرگەن ئاتا-ئانا ............................
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، ئاللاھ  قولىڭىزغا بەركەت بەرسۇن!

samanyoli 2011-03-24 09:29
ئاللاھۇ ئەكبەر ،،،،،،،،ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئەسلىمە ئىكەن ،،،،،،،

muhajir1 2011-03-24 10:52
اللە رەخمەت قىلسۇن!!!
 ھەقىيقىي مىھىر-مۇھەببەت، كۈيۈنىش دىگەن شۇ ئەمەسمۇ.....
ئاتا-ئانىلىرىمىز شۇنداق بولسا، بىزمۇ ھەم شۇنداق بولساق ئۆزىمىزنى ھەم يۈرەك پارىلىرىمىزنى اللە ئۈچۈن ئاتىيالىغان بولساق............. اللە ھەممىمىزگە كامىل ئىمان ئاتا قىلسۇن................. امىن!!!!!

general 2011-03-24 11:06
يوللىغۇچى: muzepper 

 خېنە قويغان كىچىك ھەسەننىڭ رەسىمى. ( شۇ تېمىغا ئاتاپ يوللۇدۇم)

 مانا بۇ كىچىك ھەسەننىڭ ھەيكىلى



مەنە بۇ كىچىك ھەسەننىڭ سەبداشلىرى. بۇ ئىككى رېسىمنى يان، يانغا قۇيۇپ تېمىنىڭ ئاخىرىغا چاپلاپ قۇيۇڭلا.

مەنبە: http://www.google.com.tr/search?q=k%C4%B1nal%C4%B1+hasan&hl=tr&prmd=ivnsfd&tbm=isch&tbo=u&source=univ&sa=X&ei=BJOKTcjfDcf0sgb69ui0DA&ved=0CC0QsAQ&biw=1440&bih=775

ياۋۇز 2011-03-24 11:17
رەھمەت      سىلەرگە،
ئەجرىڭلارغا  تەشەككۇر

arzuyum 2011-03-24 11:22
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم قېرىندىشىم بۇ تېمىنى قايسى كۈنى پانتېكىن مۇنبىرىدە كۈرۈپ بەكمۇ تەسىرلەنگەن ئىدىم ،
كەڭسايدىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ سىزنىڭ ئەجىرڭىزدەبۇ تېمىنى  كۈرۈشتىن بەھرىمەن بولدۇق ، سىزگە كۆپ رەھمەت !

albax 2011-03-24 12:16
ئەجەپ كىچىك بالىلار ئىكەن .  ھەقىقى تۇرك قېنى بار دە !

پولات 2011-03-24 12:31
ھەرقانداق بىر ئادەم .ئۇز ۋەتىنىنى مۇنقەرز بولمىسۇن دىسە، ئەشۇنداق يۇرەك پارىسىنى ،جىنىنى .ۋەتەن ئۇچۇن  بېغىشلىغىدەك روھ ۋە جاسارەت بولىشى  كېرەك.
ئاپىرىن ئەشۇنداق خەلىققە

era13 2011-03-24 12:58
خەپ ....

muhtarbay 2011-03-24 13:52
پەقەت ئوزەمنى تۇتالمىدىما،تۇرۇك ئانىلىرىنىڭ بالىلىرىغا خىنە قۇيۇپ جەڭ مايدانىغا ئەۋەتكەن بولغاچقا مانا بۇگۇنكى كۇندە بايراقلىرى تۇرۇك دولىتىنىڭ ئاسمىنىدا لەپىلدىمەكتە تۇرۇك خەلقى دۇنيادا مەيدىسىنى كىرىپ يۇرمەكتە  

kerime 2011-03-24 15:42
اللە رەخمەت قىلسۇن

asanat 2011-03-24 17:04
رەھمەت ياخشى تىما يۇللاپسىز .
ئاللاھغا يارغىدەك پەرزەنىت تەربىلىگەن ئاتا-ئانىلارغا ئاپىرىن.

nawdar 2011-03-24 17:16
ئاپىرىن

sanam^jan 2011-03-24 18:28
نىمە دىگەن باتۇر، ۋاپادار پەرزەنت  . نىمە دىگەن چىداملىق،قەيسەر ئانا.

تاھىربەگ 2011-03-24 20:35
بولسا قېرىنداشلار ، بۇ ئىشنى ئانىمىزغا ئوقۇپ بىرەيلى ...ئانىلارغا ھەم ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارغا ساۋاق بولسۇن ...

xarifa 2011-03-24 20:55
نىمەدىگەن تەسىرلىك ۋەقەلىك بۇ؟ مانا بۇ ھەقىقي ئوغلان،
مانا بۇ ھەقىقىي مۇسۇلمان ئاتا-ئانا. مانا بۇ ھەقىقىي مىھرىبان،ئاقىل.مۇسۇلمان ئانا.
ئاللاھ شۇنداق جەسۇر ئوغلانلارنى،ھەقتە تەۋرەنمەس ئاتىلارنى.ھەقىقىي كۈيۈنۈشنىڭ نىمىلىكىنى بىلدىغان شۇنداق ئاقىل ئانىلارنى بىزگە ھەم نىسىپ قىلسۇن!
ئامىن!

dulbarqin310 2011-03-26 17:44
ھەقىقەتەن بەك تەسرلىككەن.

alpacino 2011-03-26 18:06
بەك  تەسىرلىككەن  ...  رەخمەت قېرىندىشىم  .

sada330 2011-03-27 15:04
ھىققى تۇرۇك ئوغلانلىرى  دە  .............  

uighur-biz 2011-03-27 21:20
مەن  ساقىلۋالاي

nida0998 2011-03-28 16:59
ئاللاھۇ ئەكبەر ........................؟

alnur730 2011-03-28 22:10
ئاۋۇ   باللانى   دەيمەن    بالللىرىمدەك   باكىنا   [s:19]  [s:19]  [s:19]  [s:13]  [s:13]  [s:13]  [s:13]  [s:13]  [s:13]  [s:13]  [s:13]

dralim919 2011-03-28 22:41
چوڭقۇر ئويلاندۇردى...،
نىمە دىگەن دەھشەت روھ ئۇ !
ئەسلى بىزمۇ شۇنداقتۇق ھە؟

نەفىسە 2011-03-29 00:24
         نەچچە كۈندىنى بىرى چوقچىيىپ تۇرسا ئسمىغا قاراپقاملاشمىغان بىر تېما ئوخشايدۇ دېسەم ئەسلىي شۇنداق تەسىرلىك تېمىكەنغۇ بۇ!!!!ھەققىيئانا روھى مۇشۇدە.اللە رەھمەت قىلسۇن..ھەيلىكىن نادان كىشلەردە ئەگەردە كىچىك ھەسەن اللە رىزالىقى ئۈچۈن ئانىسىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن،ۋەتىنىنىڭ ئززەت-نەفسىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلسا اللە ئۇنىڭ ھەم ئانىسىنىڭ مەرتىۋىسىنى ئاخىرەتتە ئۈستۈن قىلغان بولاتتى،ئانىسى ئۆز ئوغلىنى ئسمايىل ئەلەيھىسالام ئوغلىنى قۇربانلىق قىلغانغا ئوخشاش ئۆز ئوغلىنى شېھىدلىككە تاللاپتۇ،بۇنىڭدىن ئانىنىڭ ھەققىي قەلبىنى كۆرۈۋالغىلى بولمايدۇ،ئەمما كىشلەر ئۇنىڭ ئابىدىسىنى تىكلەپ ئۇنى چۇقۇنغۇچىسىغا ئايلاندۇرۋاپتۇ،چۇقۇنۇش پەقەت اللاغىلا خاستۇر.اللە ئۇلۇغدۇر..

نەفىسە 2011-03-29 00:26
تاللاپتۇ،بۇنىڭدىن ئانىنىڭ ھەققىي قەلبىنى كۆرۈۋالغىلى بولمايدۇ،بولىدۇ...خاتا يېزىپ قۇيۇپتىمەن،ئملاغا كۆپ دىققەت قىلسام بولغۇدەك...

dohtur1477 2011-03-29 11:51
ھەقىقەتەن ئىسىل ئەسەرىكەن .!   نادىر.... نادىر......!!!

موتو 2011-03-29 16:48
رەھمەت سىزگە

arman 2011-03-29 17:55
بەك تەسىرلىك پەقەت يىغلىدىم

muhtarbay 2011-03-29 21:48
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 25قەۋەتتىكى نەفىسە نىڭ 2011-03-29 00:24 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
         نەچچە كۈندىنى بىرى چوقچىيىپ تۇرسا ئسمىغا قاراپقاملاشمىغان بىر تېما ئوخشايدۇ دېسەم ئەسلىي شۇنداق تەسىرلىك تېمىكەنغۇ بۇ!!!!ھەققىيئانا روھى مۇشۇدە.اللە رەھمەت قىلسۇن..ھەيلىكىن نادان كىشلەردە ئەگەردە كىچىك ھەسەن اللە رىزالىقى ئۈچۈن ئانىسىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن،ۋەتىنىنىڭ ئززەت-نەفسىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلسا اللە ئۇنىڭ ھەم ئانىسىنىڭ مەرتىۋىسىنى ئاخىرەتتە ئۈستۈن قىلغان بولاتتى،ئانىسى ئۆز ئوغلىنى ئسمايىل ئەلەيھىسالام ئوغلىنى قۇربانلىق قىلغانغا ئوخشاش ئۆز ئوغلىنى شېھىدلىككە تاللاپتۇ،بۇنىڭدىن ئانىنىڭ ھەققىي قەلبىنى كۆرۈۋالغىلى بولمايدۇ،ئەمما كىشلەر ئۇنىڭ ئابىدىسىنى تىكلەپ ئۇنى چۇقۇنغۇچىسىغا ئايلاندۇرۋاپتۇ،چۇقۇنۇش پەقەت اللاغىلا خاستۇر.اللە ئۇلۇغدۇر..

كىشىلەر ئۇ ھەيكىلگە باش قويۇپ چوقۇنىۋاپتىما بىرەسىنىڭ چوقۇنغان يىرى كورۇنمەيدىغۇ سىز باشقا تىمىنى كورۇپ ماۋۇ تىمىغا ئىنكاس يازماۋاتقانسىز ،دىنىمىزدا ھەيكەل قاتۇرۇشقا بولمايتتى  ھەيكەلنى قاتۇرۇپ ياخشى قىلماپتۇ دىسىڭىزلا بولمىدىمۇ ،توھممەت قىلىشنىڭ گۇناھى كەبىر ئىكەنلىگىنى ياخشى بىلىسىز  بولمىسا،ئۇنداق ۋەتەن قەھرىمانلىرىنىڭ ھەيكىلىنى ئورنۇتىشتىكى مەخسەت ياش ئوسمۇرلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقات تەربىيەسى ئۇچۇن قاتۇرۇلۇدۇ ،ھەرگىزمۇ چوقۇنۇش ئۇچۇن ئەمەس

end 2011-03-29 21:55
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  يازغان ئىنكاسىڭىزنىڭ ئۇستىگەقارىسىڭىز تەھرىرلەش دەپ بار  شۇنى بىسىپ ئىنكاس تەھرىرلىسىڭىز بولىدۇ.........  
يەنەبىر گەپنى سورىۋالاي ئاشۇئىنكاسنى ئەستايىدىللىق بىلەن يازدىڭىز مۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟

rabiya 2011-03-31 09:42
ئاللاھ رەھمەت قېلسۇن...  بەك ياخشى تېما ئىكەن مىنى يىغلاتقان 2 -تىما بۇ  ....  

6541 2011-03-31 12:56
nimidigan yahxi tasirlikan    

taxnakiz 2011-04-02 02:32
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-03-24 09:29 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاللاھۇ ئەكبەر ،،،،،،،،ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئەسلىمە ئىكەن ،،،،،،،

orhunhan 2011-04-02 13:06
رەھمەت   ئەجرىڭلارغا  تەشەككۇر          

melody 2011-04-02 13:28
نىمە  دىگەن  تەسىرلىك  !نىمە دىگەن مىھرىبان ئانا ھە
يۇرەكلىرىم  جىغىلداپ بىر خىللا بولۇپ قالدىم  

艾斯卡尔 2011-04-08 17:23
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

kemter 2011-04-08 20:10
ئاللاھ كوپ ئەجىر ئاتا قىل سۇن ناھاي تى تەسىرلېك تىما يوللاپ سىز  ئاللاھ تىنىڭىز نى سالامەت قىلغاي     

تاش 2011-04-19 21:30
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئىكەن!!!!!!!!!!!!

komutan 2011-04-20 19:43
ۋاي بەك تەسىرلىك ئىكەنغۇ بۇ! ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كىتىپتىمەن ئەمەسمۇ؟ پاھ،پاھ ئاددىغىنە دېھقان ئاتا-ئانىنىڭ دىگەن گىپىنى..... ئەسلى ئىلىم ئىگىلىرى بۇلار ئىكەن ئەمەسمۇ........

karakax 2011-04-21 02:17
ناھايىتى ياخشى تېمىكەن رەھمەت . بىزگە مۇشۇندق چېچىغا خېنە قويغان كىچىك ھەسەنلەر شۇنداق ئۇلۇغ ئانىلارلازىم ئىدى ،تولىمۇ ئەپسۇس ھازىرقى ئانىللىرىمىز بالىلىرى ئالى مەكتەپكە ماڭسىمۇ خۇددى بالىلىرىنى جەڭگە ئۇزاتقاندەك يىغلاپ ئۇزىتىدىكەن. شۇلار بىر كۆرسە بولاتتىكەن ،بۇتېمىنى

erkekshaptul 2011-05-11 19:10
ئەزەلدىن ھۆر بۇلۇپ ياشغان خەلقلەر بىلەن ئەزەلدىن ھۆر بۇلۇپ باقمىغان خەلىقلەرنىڭ بۇنداق ئۇرۇشلارغا بولغان كۆز قارشى پۇتۇنلەي ئوخشىمايدۇ،ئالدىنقىسى ھۆرلۇك  ئۇچۇن  بارلىقىنى قۇربان قىلسا ؛ كىينكىسى ھۆرلۇك ئۇچۇن ھىچنىمىسنى قۇربان قىلغۇسى كەلمەيدۇ،چۇنكى ئۇ ھۆرلۇكنىڭ نىملىكىنى بىلمەيدۇ.

yaxauyhur 2011-05-11 20:20
ۋەششى تەسىرلىككەن. ھەيييييييييييييييييي`111111111111111

dolataogli 2011-05-24 01:00
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، ئاللاھ  قولىڭىزغا بەركەت بەرسۇن!

ohho~duqu 2011-06-02 14:34
بۇ تېمىنى ئوقۇپ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى ، ھەسەن ۋە ھەسەننىڭ سەبداشلىرى نىمىدىگەن كىچىك بالىلار  

مەنزىرە 2011-06-02 16:25
ھەقىقەتەنمۇ كىچىك بالىلاركەن.
بەك تەسىرلەندىم....................

تۈرۈك183 2011-06-06 07:37
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.  يوللىغان تېمىڭىز بەك تەسىلىك ئىكەن...........

مەرىپەت 2011-06-07 23:33
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 42قەۋەتتىكى erkekshaptul نىڭ 2011-05-11 19:10 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەزەلدىن ھۆر بۇلۇپ ياشغان خەلقلەر بىلەن ئەزەلدىن ھۆر بۇلۇپ باقمىغان خەلىقلەرنىڭ بۇنداق ئۇرۇشلارغا بولغان كۆز قارشى پۇتۇنلەي ئوخشىمايدۇ،ئالدىنقىسى ھۆرلۇك  ئۇچۇن  بارلىقىنى قۇربان قىلسا ؛ كىينكىسى ھۆرلۇك ئۇچۇن ھىچنىمىسنى قۇربان قىلغۇسى كەلمەيدۇ،چۇنكى ئۇ ھۆرلۇكنىڭ نىملىكىنى بىلمەيدۇ.

مەن تۇللۇق قوللايمەن.

muzepper 2011-06-08 01:49
مەنمۇ 42- قەۋەتنىڭ يازمىسىنى قوللايمەن. بۇ ئىنكاس مېنى بەكلا ئويلاندۇردى.


查看完整版本: [-- چېچىغا خېنە قويغان كىچىك ھەسەن ..... --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.063351 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us