查看完整版本: [-- خەلقارالىق ئالاقە قۇرالى(ھەمزە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> خەلقارالىق ئالاقە قۇرالى(ھەمزە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2011-03-23 11:08

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەن ھازىر تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىم خەلقارالىق ئالاقە قۇرالى سكايپې. بۇ نەرسىنى بەزىلىرىڭلار بىلىشىڭلار مۇمكىن. ئەمما كۆپۈنچۇڭلار بىلمەيدىكەنسىلە. بۇ نەرسە بەكلا ياخشى. چايخاندا پاراڭلاشقاندەك ئوپچى پاراڭلاشقىلى بۇلىدۇ. چايخاندىن ئىلغان دىسەكمۇ بۇلىدۇ. چۇنكى چايخاندا پەقەت بىرلا ۋاقىتتا بىرلا ئادەم سۆزلىيەلەيدۇ. ئەمما بۇ ئوقەتتە نەچچە ئادەم بولسىمۇ بىر ئۆيدە ئولتۇرغاندەك ئەركىن پاراڭلاشقىلى بۇلىدۇ.بۇ نەرسە بىز ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان چ چ دىن ئىلغار. بۇنىڭغا قاچىلايغان ئادەم سانىنىڭ چېكى يوق. چ چ دەك 500 ئادەملا قاچىلاپ ئۇندىن جىق قاچىلايتتىم دىسە پۇل دەپ تۇرمايدۇ. يەنە ئۇندىن باشقا تىل ئۆگەنگۈچىلەرگە تۇلىمۇ ماس كىلىدۇ. بۇ كۆپ تىللىق نەرسە.ھازىر ھەممە دۆلەتتە بۇ نەرسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇندىن سىرت يەنە ھەقسىز تېلفۇن ئۇرغۇلى بۇلاتتى.ئەمما ھازىر توختاپ قاپتۇ.
بولدى بۇ دىتالنى مەن ماختىماي.ئۆزىڭىز ماختاڭ
بۇ دىتالنى چۈشۈرۈش ئۇچۇن بۇ يەرنى بېسىڭ

مەنبە: http://hemza.blogbus.com/


ئەلى 2011-03-23 11:13
ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام~~~
مەنمۇ  بۇرۇن  ئىشلەتكەن،بىراق  باشقىلار  ئىشلەتمىگەندىكىن  دەپ بىر مەزگىل ئىشلىتىپ يەنە تاشلاپ قويغان.

ھەمزە 2011-03-23 11:15
ئىشلەتسىلە تەخسىر..... ئىت يىلىدىن ئىشەك يىلىغىچە كوت كوت بىلەنلا ھەپىلەشمەي............
مەن بۇ نەرسە ئارقىلىق ئەرەپلەرنىڭ ئۆرپ-قائىدە ،خاراكتىر،قىزىقىشلىرىنى خېلى بىلىپ قالدىم

تاھىربەگ 2011-03-23 11:21
ۋەئەلەيكۇم_ئەسسالام ..  قەنى مەن ئىشلىتىپ باقاي ...
ھەمزە قارى مەن بىلۇگ يازاي دىگەن ياردەم قىلىڭلا جىما ،  شەنبە يەكشەنبە كۈنى ئىزدەيمەن ئىنشائاللا ..  

ehsan 2011-03-23 17:44
ياخشى ....

uighur-biz 2011-03-23 18:59
بۇ دىتال بەك ئىسل دىتال بۇنىڭىدا قانىداق ئشلىتىش قۇلانىمىسى بارمىدۇ ھەمىزە قىرنىدشىم .. سىكايىپى  .MSNبۇ بەك كاتتا ئشەنىچىلىك پاراڭلشىش قۇرالى .. مەن قانىداق تىزمىلىتىشنى بىلمەيىۋاتىمەن بۇلسا يۇللاپ قۇيسىڭىز.    ئامال بار  چ  چ   غا  ھەرگىز ئشەنمەيمەن.

end 2011-03-23 19:51
  ۋاي ھەمزە دەرىسلىكنى ناھايىتى ياخشى چۇشۇنۇشلۇك ئىشلەپسىز لىكىن 9 مىنۇتلۇق يىرىگە كەلگەندە ئاۋازچىقمايدىيا ؟؟؟   مىكرافون بۇزلۇپ قالمىغان تو.؟؟؟  رەخمەت پايدىڭىز خىلى يىتىپ تۇرىۋاتىدۇجىمۇبىزگە.

oylinish 2011-03-23 20:25
يو!  مۇشۇنىڭغىمۇ ئېلان قىستۇرۇپسىزغۇ!  يامان جۇمۇ سىز!  تور بىتىمگە كىرىڭلار دىمەي  بەيدۇ  دىن تېپىڭلار دىسىڭىز  ياكى  بىۋاستە ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويماي.  
كىنونىڭ ئىچىدىكى ئېلانمۇ ياكى ئېلاننىڭ ئىچىدىكى كىنومۇ بۇ؟  
چاقچاق ھە!  مېنىڭ نامىم mutepekkur

anjura 2011-03-23 20:55
ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
مەن بۇ دىتالنى ئىشلىتىۋاتقىلى ئىككى يىل بولاي دىدى. ھەقىقەتەنمۇ ياخشى دىتال. چەتئەلدىكى نەۋرە ئاچا-ئاكىللىرىم بىلەن مۇشۇ دىتالنى ئىشلىتىپ ئالاقىلشىمەن. تور ياخشى بولمىغاندا چ چ دا ئاۋازلىق ياكى سۈرەتلىك پاراڭلاشقىلى پەقەتلا بولماي قالىدۇ ئەنە شۇنداق ۋاقىتتا بۇ بەكمۇ ئەسقاتىدۇ. ھەمزە قېرىندىشىمىز دىگەندەك تىل ئۆگىنىشكە پايدىسى بار. بەزىدە ئىنگىلىزلار بىلەن ئىنگىلىزتىلىنى قاملاشتۇرالمىساممۇ ئەپلەپ يامىداپ خەت يېزىپ باقىمەن. ئەڭ ياققان يىرى چ چ دىن بىخەتەررەك، چ چ ئوچۇق بولسا ھەر ۋاقىت سىزنىڭ نىمە قىلۋاتقانلىڭىز ۋە كومپىيوتىرىڭىزدا قانداق ماتىرىياللارنىڭ با رلىقىدىن تارتىپ ھەممىنى ئۆزگىلەر ئېنىق بىلىپمۇ ئولتۇرىدىكەن.......

ھەمزە 2011-03-23 20:57
ئەپەندىم سۆزلىرىنى چۇشەنمىدىم جىما...................

ئەلى 2011-03-23 21:37
سېنىڭ  قالدۇرغان ئادرىسىڭدىن  چۈشۈرسەم  پەقەت  ئىشلەتكىلى  بولمىدى.
شۇنداقتىمۇ ئىزدەپ سوراپ ئاران  تاپتىم.مەنمۇ  ئىشلىتىپ  سىناپ  باقاي.


查看完整版本: [-- خەلقارالىق ئالاقە قۇرالى(ھەمزە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.303323 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us