查看完整版本: [-- ئۇيغۇرچە خەتلىك دۇنيا خەرىتىسى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كومپىيوتېر تور بىلىملىرى -> ئۇيغۇرچە خەتلىك دۇنيا خەرىتىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تاھىربەگ 2011-03-19 14:11
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، بۇ دىتال  كۆپچىلىككە لازىمغۇ دەيمەن ...

ھازىر ھەر قانداق ئۇيغۇرچە خەتلىك خەرىتىلەرنى تېپىش دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندىنمۇ تەس ئىش بولۇپ قالدى، مەلۇم ماقالە ياكى لازىملىق بىرەر نەرسە تەرجىمە قىلىۋېتىپ ئۆزىمىزگە تۇنۇشلۇق بولمىغان بىرەر دۆلەت ئىسمىنى ۋە ياكى رايۇنىمىزدىكى بىرەر جاينىڭ ئىسمىنى يازماقچى بولساقمۇ ئالدى ئۇ دۆلەتنىڭ ياكى رايۇننىڭ خەنزۇچە ئىسمىنى تېپىۋېلىپ ئاندىن ئۇنى لوغەت ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ بۇنداق ئىشلارغا كۆپ يۇلۇققان، ھەتتا خەنزۇچە ئىسمىغا قارىغاندا ئېنگىلىزچە ئىسمى يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئېنگىلىزچە ئىسمىنى تېپىۋېلىپ شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئۆزلەشتۈرەتتىم، يېقىندا تورداش 1024نىڭ ماڭا ئۇيغۇرچە دۇنيا خەرىتىسى ۋە ئۇيغۇرچە دىيارىمىز خەرىتىسىنى يوللاپ بەرگەندىن كېيىن بۇ كىچىككىنە غەمدىنمۇ خالاس بولدىم، بۇ خىل خەرىتىنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى شۇكى خەرىتە يۈزىدىكى بارلىق جايلارنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچە يېزىلغان بولۇپ، خەرىتىنى خالىغانچە ئوڭ سولغا ۋە ئۈستى ئاستىغا ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ. شۈڭلاشقا تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ دېتالنى تور يۈزىگە يوللاپ قويدۇم، لازىم بولغانلار چۈشۈرىۋېلىڭلار


دىتالنىڭ بىر قانچە خىل كۆرۈنمە يۈز رەسىملىرى



دۇنيا خەرىتىسى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
دىيارىمىز خەرىتىسى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
مەنبە شاھ ئۇيغۇر بىلوگى

oglan 2011-03-19 16:34
رەھمەت!

parwana 2011-03-19 16:46
رەھمەت .ئەمما مەن چۈشۈرەلمىدىم...

buradar 2011-03-19 17:22
دۇنيا خەرىتىسى چۇشمىدى...قايتا تەھرىرلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن

general 2011-03-19 17:23
دۇنيا خەرىتىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىغا رەسىم ئادرېسى ئۇلىنىش بولۇپ قاپتۇ،قايتا تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولاتتى.

taranqi217 2011-03-19 17:27
دۇنيا خەرىتىسى چۇشمىدىغۇ .......................
تەھرىرلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن ...................

ئۆركەش 2011-03-19 18:04
دىيارىمىز خەرىتىسى نۇرمال چۈشتى ،بىراق دۇنيا خەرىتىسى پەقەت چۈشكىلى ئۇنىمىدى ، تەھرىرلەپ قويساڭلا.

almiliq 2011-03-19 19:13
رەھمەت سىزگە!!!

بولسا دۇنيا خەرىتىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تەھرىرلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن.

نەفىسە 2011-03-19 19:37
      مىنىڭمۇ دۇنيا خەرىتىسى دېگىنى چۇشمىدى....

تاھىربەگ 2011-03-19 20:56
ۋاي ئانىمەي ....    ئەمدى كىرىشىم تورغا   ..مانا ھازىرلا ئوڭشىۋىتەي    

تاھىربەگ 2011-03-19 20:59
ھە ئوڭشالدى  ، ئەمدى چۈشىرۋىلىڭلا  قېرىنداشلار  

samanyoli 2011-03-19 22:06
پاھ ،،،بەك ياخشى نەرسە ئېلىپ كەپسىز ئەمەسمۇ ،،،،،ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن بۇرادەر،،،،،

aloy2000 2011-03-19 22:56
ئالامات ياخشىكەن  مەن چۇشۇرۋالدىم  قۇلىڭىزگا  دەت بەرمىسۇن

ئۆركەش 2011-03-19 23:22
ھە ئەمدى ئوڭشىلىپتۇ ،بۇرادەر ، بەك كاتتىكەن رەخمەت .

تاش 2011-03-20 03:15
ۋاي  رەھمەت!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!1

illikbahar 2011-03-20 11:59
يىزىق     بەك       كىچىكمۇ      كورگىلى    بولمىغىدەك      ياكى     چوڭ       كورنەمدۇ

xarifa 2011-03-20 17:44
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن!
ياخشى سوغاتكەن بۇ.
ئەمدى خەرىتگە قاراپ بەكرەك كاللىمىزنى ئېچىپ بەكرەك نەزەر دائىېمىزنى كېڭەيتسەك بولغۇدەك.
دۇنيا دىگەن مۇشۇلا دەپ قالماي.
ئاللاھ ھەمىمىزگە ئەقىل.ئويغاق قەلىب ئاتا قىلسۇن!

سەردار 2011-03-22 19:14
مانا تىما دېگەن مانا مۇنداق ئەھمىيەتلىك بولمامدۇ دەيمە، رەھمەت قېرىندىشىم.

natsist 2011-04-06 23:47
رەھمەت سىزگە تاھىر قېرىندىشىم
ئۇزۇن بولغان مۇشۇنداق  ئۇيغۇرچە خەرىتە ئىزدىگىلى ئەمما تاپالمىغان ئىدىم
ئاللاھ رەھمەت بەرمىسۇن

natsist 2011-04-06 23:47
خاتا بوپ قاپتۇ
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

intil1 2011-04-13 13:33
رەھ،ەت


查看完整版本: [-- ئۇيغۇرچە خەتلىك دۇنيا خەرىتىسى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.063673 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us