查看完整版本: [-- مۇنبەردىكى قىزلار قەھۋە ئىچىۋىلىڭلار ...پايدىلىق .. --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خانىم - قىزلار -> مۇنبەردىكى قىزلار قەھۋە ئىچىۋىلىڭلار ...پايدىلىق .. [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gayrat828 2011-03-14 11:33
[attachment=9405]

ئاياللار ھەر كۈنى 2 ياكى 3 ئىستاكان قەھۋە ئېچىپ بەرسە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىكەن.
شىۋېتسىيەدە 10 يىلدىن بېرى ئوزۇقلىنىش ئادىتى ۋە كېسەللىكنىڭ يامانلىشىپ كېتىشى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، 1680 نەپىرىيۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بولۇپ جەمئىي 35 مىڭ ئايال ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.
قەھۋەنىڭ ئاياللارغا بولغان تەسىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىسلەر، كۈندە 1 ئىستاكاندىن ئارتۇق قەھۋە ئىچىپ بەرگەن ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قەھۋە ئىنسۇلىن مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە روھى بېسىم كەلتۈرۈپ چىقىرىغان تەسىرلەرنى ئازايتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.
بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى، ئىنتايىن كۆپ قەھۋە ئىچىپ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئويلىۋالىدىغان ئاياللارغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

[attachment=9406]

تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سۇسانا لارسسون، «بەزى ئاياللار قەھۋە ئىچكەندە ئۆزىنى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇۋاتقاندەك ھېس قىلىشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن مىقدارىنى ئازايتىشقا تىرىشىدۇ. بىراق تەتقىقات نەتىجىلىرى، قەھۋە ئىستېمالنىڭ ئەسلىدە شېكەر كېسىلى، جىگەر راكى ۋە يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېدى.
 
[attachment=9409]

[attachment=9408]

[attachment=9407]



yusup 2011-03-14 11:45
ئەرلەر ئىچسە ئانچە پايدا قىلمايدىغان ئوخشىمامدۇ.

تاھىربەگ 2011-03-14 12:24
  ئافرىقىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە قەھۋەنى بەك كۆپ تېرىيدىكەن ، قەھۋەنىڭ ئۇرقىنى قانداق ئالىدىكەن دىمەمسىلە ، پىشقان قەھۋەنى مۈشۈككە سەپ بىردىكەن يىمەكلىك قىلىپ ،  مۇشۈك يىگەندىن كىيىن قەھۋەنىڭ مىۋىسى ھەزىم بولىدىكەن ، ئۇرۇقى چوڭ تەرەت ئارقىلىق چىقرىۋتىلدىكەن ، بەك قاتتىق بوغاچقا ھەزىم بولمايدىغان ئوخشايدۇ ... شۇ مۈشۈكنىڭ چوڭ تەرىتى ئارقىلىق چىققان ئۇرقنى ئىزىپ قەھۋە ئىشلەپ چىقىردىكەن ....

ئىسپات

نوۋاكوت (Nouakchott) قەھۋەسى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تەمى بىلەن دۇنيادىكى قەھۋە ئىستىمال قىلغۇچىلارنى ئۆزىگە «بوي سۇندۇرۋالغان» بولۇپ، بۇنچىۋالا ياخشى ھەم ئېسىل قەھۋەنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن بىز يەنىلا ئىپار مۈشۈكى «نوۋاكوت» قا رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ. چۈنكى ئىپار مۈشۈكى قەھۋە شىرنىلىك مېۋىسىنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن، ھەزىم قىلىنمىغان قىسمىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدىغان بولۇپ، بۇ دەل دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت ھەم ئېسىل بولغان نوۋاكوت قەھۋەسىنىڭ خام ئەشياسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



ۋايا. دىلا قەھۋە شىرنىلىك مېۋىسىنى تەرمەكتە. ئىككى يىل بۇرۇن ئۇ 9 ئىپار مۈشۈكى بېقىۋالغان.







ئىپار مۈشۈكى قەھۋە شىرنىلىك مېۋىسىنىڭ ئۇرۇقىنى ھەزىم قىلالمايدىغان بولۇپ، مۈشۈك ئاجرىتىپ چىقىرۋەتكەن بۇ ئۇرۇقلار دەل قەھۋەنىڭ خام ئەشياسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

samanyoli 2011-03-14 12:27
ھا،،،،ھا،،،،،،ا،،،،تۈگىدى مانا ئىچىدىغان ئىش ئەمدى،،،،،،،

ahlak 2011-03-14 13:02
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى تاھىر نىڭ 2011-03-14 12:24 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
  ئافرىقىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە قەھۋەنى بەك كۆپ تېرىيدىكەن ، قەھۋەنىڭ ئۇرقىنى قانداق ئالىدىكەن دىمەمسىلە ، پىشقان قەھۋەنى مۈشۈككە سەپ بىردىكەن يىمەكلىك قىلىپ ،  مۇشۈك يىگەندىن كىيىن قەھۋەنىڭ مىۋىسى ھەزىم بولىدىكەن ، ئۇرۇقى چوڭ تەرەت ئارقىلىق چىقرىۋتىلدىكەن ، بەك قاتتىق بوغاچقا ھەزىم بولمايدىغان ئوخشايدۇ ... شۇ مۈشۈكنىڭ چوڭ تەرىتى ئارقىلىق چىققان ئۇرقنى ئىزىپ قەھۋە ئىشلەپ چىقىردىكەن ....

قالتىس..................

ahlak 2011-03-14 13:03
ئەرلەر  ھاراق ئىچسە پايدا قىلىدۇ..........     

samanyoli 2011-03-14 13:06
ھەي بۇرادەر ،،،چاقچاق قىلىپ بولسىمۇ دىيىلگەن يالغان گەپ يەنىلا يالغان گەپتۇر،،،،،،،،،

maxaalla 2011-03-14 14:11
مەن قەھۋە ئىچىپ ئاغرىپ قالغان تۇرسام ماۋۇلار نەدىكى پەن تەتقىقات نەتىجىللىرىنى يوللاپ قويۇپتۇ؟؟؟

muhajir1 2011-03-14 15:04
خەۋەرلەندۈرگىنىڭىزگە اللە رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.

abdul 2011-03-14 16:34

ياۋۇز 2011-03-14 17:33
  

asanat 2011-03-14 19:24
بىز كوپ ئادەت قىلمىغاچىقا كوپ ئىچەلمەيمىزكەن.
مۇشۇكنىڭ پۇقى كەھۋەبولسىمۇ.
لىكېن ھاراقتىن كوپ ئەۋزەلدۇر.

fatih204 2011-03-14 19:45
      تەييار قەھۋە ۋە بىر قۇتا مىنىرال سۇ سىتىۋىلىپ ئاندىن  ئۇلارنى ئارلاشتۇرۇپ شىكەرنى بۇلۇشىغا سىلىپ ئىچسىڭىز بەك پەيزى ،،،  

abduwali123 2011-03-14 20:13
بۇ قانداق گەپ ئەمدى قەھۋە مۈشۈكنىڭ پۇقۇنىڭ جەۋھىرىما؛؛؛؛ھا ھا   ھا   

xahla91 2011-03-15 01:07
توۋا ، كەڭسايدىكى نۇرغۇن قىزلار كىرىپتۇ بۇ تېمىغا  

gayrat828 2011-03-15 01:12
ياخش كۆڭلۈم بىلەن يوللاپتىكەنمەن ،پوققىلا ئايلاندۇرۋەتتىڭلارغۇ بۇنى ...بۇ ئىچىمىلىك ھەممە يەردە ياقتۇرۇلۇپ ئىچىلىپ كىلىۋاتماقتا..مەنمۇ ئامىراق ئىدىم ...راستمۇ يا ؟

end 2011-03-15 01:12
  ئەگەر ئوغۇللا دىگەن بولسا نۇرغۇن ئوغۇللا كىرىتى.

xahla91 2011-03-15 01:18
ساپلا ئوغۇللار تۇرمامدۇ ئەنە ، ئادەم بىر ئىچەي دىسە ، تاقىشىپ كىرىۋاپتۇ ،
نارازىلىق بىلدۇرىمەن !

xahla91 2011-03-15 01:21
بىراق مۇشۇ قەھۋەنىڭ كاساپىتىدىن مۇشۇ چاقىچە يۈرۇيمەن  توردا ، يا ئۇيقۇ يوق ،ئازراق ئىچسەممۇ بوپتىكەن ۋاي ئېسىت ،

تاھىربەگ 2011-03-15 10:37
مەنغۇ كۆرگىنىمنى يوللاپ قويدۇم ئەمدى  ، قالغىنى ئۆزۈڭلىنىڭ ئىشى  

arzuyum 2011-03-15 20:18
مەھمۇد قەھۋەسىدىغۇ يوقتۇ ھە  ؟  بىزنىڭ كىشى بەك ئىچەتتى مەھمۇد قەھۋەسىنى .

ئپارە408 2011-11-25 18:44
مېنىڭ   قەھۋە  بىلەن  خوشۇم  يوق  بولسىمۇ  مۇنبەردىكىلەرنىڭ  قەھۋەسىنى   ئىچەي دەپ   كىردىم  .

kalkan786 2011-11-25 20:11
ئەسسالامۇ .ەلەيكۇم 'مەنغۇ بەك ئامراق قەھۋە گە يېقىن دوسلار بىلەن ئولتۇرۇپ ئىچسە بەك ئىچىشلىك نەرسە ئۇ

unqa 2012-03-14 17:48
نىمە گەپ ئەمدى بۇ ، قەھۋەنى ئىچمەس قىلدىغۇ .

غۇمەيسە 2012-03-14 17:52
ئىششەنچىلىك ، پاكىزە قەھۋەلەردىن بىر قانچىنى تونۇشتۇرۋەتمەمسىز؟
مۇشۇ قەھۋەگە ئەجەپ كۆنۈپ بولالمىدىم.......

dulbarqin310 2012-03-14 18:22
مەنمۇ مۇنبەردىكىلەرنىڭ قەھۋەسىنى ئىچەي دەپ كىردىم.


查看完整版本: [-- مۇنبەردىكى قىزلار قەھۋە ئىچىۋىلىڭلار ...پايدىلىق .. --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.047948 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us