查看完整版本: [-- بارى 2-ئورۇنغا تىزىلىپ ronaldinho نى بېسىپ چۈشتى! --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى -> بارى 2-ئورۇنغا تىزىلىپ ronaldinho نى بېسىپ چۈشتى! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kilichek 2011-03-08 17:46

مەركىزى تېلىۋىزىيە تەنتەربىيە قانىلى ھەپتىلىك 10 نادىر توپنى باھالاپ چىقتى. بارى 2-ئورۇنغا تىزىلىپ ronaldinho (小罗)نى بېسىپ چۈشتى!
 

تەرجىمە قىلىپ يوللۇغۇچى: كىلىچەك

 

        <ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقى > نىڭ 1-ئايلانما مۇسابىقىسىدە بارى بىلەن يۇ داباۋ كىرگۈزگەن ئىككى ئېسىل توپ <خاڭجۇ يېشىل شەھەر> كوماندىسى بىلەن <تىيەنجىن تەيدا> كوماندىسىنى غەلبىگە ئېرىشتۈردى، ھەمدە بۇ ئىككى توپ بىرلا ۋاقىتتا مەركىزى تېلىۋىزىيىسى تەنتەربىيە قانىلى <پۇتبول دۇنياسى> تەرىپىدىن ھەپتىلىك 10 نادىر توپ قاتارىغا تىزىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بارىنىڭ توپى 2-ئورۇنغا تىزىلىپ  ronaldinho (小罗)نىڭ ئىختىيارى توپنى تېپىپ كىرگۈزگەن توپىنى بېسىپ چۈشۈپ، Reyes  دەرىجىدىن تاشقىرى يىراقتىن كىرگۈزگەن توپنىڭ كەينىدىلا تۇردى. يۇداباۋ  خۇددى  1974 –يىلىدىكى  Cruijff ئوخشاش چەكمە توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ 10-رەتكە تىزىلدى. 

       <پۇتبول دۇنياسى>  ھەپتىلىك 10 نادىر توپ قاتارىدا دەسلەپ كۆرۈنگىنى يۇداباۋ، ئۇنىڭ توپى 10-رەتكە تىزىلغان. كورىيە 济州联(Jeju United FC)_  كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە <تىيەنجىن تەيدا> كوماندىسى كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىنتايىن ئىتتىپاقلاشقان كوماندا ھالىتىدە بىر قىتىملىق قايتارما ھۇجۇم ئېلىپ باردى. يۇداباۋ ئوتتۇرا يولدىن ئۇچقاندەك چىقىپ كېلىپ، ۋاراتارنىڭ ئالدىكى توپنى چاققانلىق بىلەن كىرگۈزىۋەتتى.

       ئەگەر يۇداباۋنىڭ توپىنى <تىيەنجىن تەيدا> كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ماسلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى دىسەك، ئۇنداقتا بارىنىڭ توپى شەك-شۇبھىسىزكى ئۇنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنىڭ تىپىك نامايەندىسىدۇر. كىيىنكى يېرىم مەيداندىكى خەتەرلىك ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىدىدە مەيدانغا چىقىرىلغان بارى مەيدانغا چىقىپلا Ramires نىڭ توپ كىرگۈزىشىگە ياردەم قىلىپ قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىغان بولسا، ياپونىيە Nagoya Grampus كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقە داۋاملىشىپ 86 مىنۇت بولغاندا، بارى ئۆزى يالغۇز بىر ئادەم ئوڭ تەرەپتىن بوسۇپ ئۆتۈپ، چەكلەنگەن رايون سىرتىدىكى بىۋاستە توپ تېپىپ كىرگۈزۈش ئېھتىمالى يوق دىيەرلىك بولغان 45 گىرادۇسلۇق ئورۇندىن توپنى تەپكەندە توپ خۇددى يادىن ئاجرىغان ئوقتەك قارشى تەرەپ ۋاراتاسىنىڭ ئۇستۈنكى سول چىكىسىدىن "توككىدە" كىرىپ كەتتى. مانا بۇ دەل بىز نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتىۋاتقان "ئۆلۈك بۇلۇڭ" بولۇپ، گەرچە ياپونىيەلىك ۋاراتار Narazaki توپقا ئۆزىنى ئوقتەك ئاتقان بولسىمۇ، لىكىن ئامال قانچە، توپنىڭ ۋاراتاغا كىرىشىنى توسۇپ قالالمىدى. <خاڭجۇ يېشىل شەھەر> كوماندىسى بولسا بۇ توپ بىلەن ئوز غەلبىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ توپ ئادەتتىن تاشقىرى دۇنياۋى سەۋىيىدە كىرگەن بىر توپ، شۇنداقلا بارىنىڭ ئۆز ئېقتىدارىنىڭ تولۇق نامايەندىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەينى چاغدا مۇسابىقە ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىۋاتقان سابىق دۆلەت پۇتبول كوماندا ئازاسى شۈياڭمۇ ھەيرانلىقتىن: "بۇ نەدىمۇ بارى بولسۇن! بۇ دەل Batistuta نىڭ ئۆزىكەن!  " دەپ چىكىلداپ كەتكەن. بارىنىڭ بۇ ئادەتتىن تاشقىرى دۇنياۋى سەۋىيىدە كىرگەن توپى <پۇتبول دۇنياسى>  ھەپتىلىك 10 نادىر توپ قاتارىدا 2- رەتكە تىزىلدى.

       <پۇتبول دۇنياسى>  ھەپتىلىك 10 نادىر توپ قاتارىدا   ronaldinho (小罗)نىڭ ئىختىيارى توپنى تېپىپ كىرگۈزگەن توپى 5-رەتكە تىزىلغان بولۇپ، 1-رەتكە تىزىلغىنى بولسا  Reyes  نىڭ 30 مىتىر يىراقلىقتىن كىرگۈزگەن توپىدۇر. يۇ داباۋ بىلەن بارىنىڭ كىرگۈزگەن توپلىرىنىڭ <پۇتبول دۇنياسى> تەرىپىدىن ھەپتىلىك 10 نادىر توپ قاتارىغا تىزىلىشنىڭ ئۆزىلا  ئەڭ ياخشى مۇئەييەنلەشتۇرۈشتۇر. ئەمما بارى كىرگۈزگەن توپنىڭ ronaldinho (小罗) كىرگۈزگەن توپنى بېسىپ چۈشۈپ 2-ئورۇنغا تىزىلىشى بۇ توپنىڭ ئېسىللىكىنى تېخىمۇ نامايەن قىلدى. 

سىن لىنتىسى بۇ يەردە:
فىلىمنىڭ 33 مىنۇتلۇق يېرىدىن باشلاپ  <پۇتبول دۇنياسى>  ھەپتىلىك 10 نادىر توپ پىروگىراممىسى قويىلىدۇ! 


 
 



مەنبە:
http://sports.163.com/11/0307/20/6UIPOGIO00051C89.html 


 


uighur-biz 2011-03-08 20:22
ئاللاھ بۇ باللىنىڭ ئشلىرنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن.
  




<   خالىس ياردەم _ بارلىق كەڭساي تورنى زىيارەت قىلغۇچى دۇستلار  كەڭسايغا كىرگەنىدە  كەڭسايىدىكى ئىلاننى چىكىشنى ئۇنىتۇپ قالماڭلار ۋاختى بارلار 10مىنۇتتا بىرقىتىىدىن باسساڭلاربۇلىدۇ.>

arzuyum 2011-03-08 20:25
خەۋەرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت !
ئۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئىسمىنى ئابدۇلبارى دەپ تۇلۇق ئاتايلى !

kaysar_yurak 2011-03-08 20:42
 بىز ئۇيغۇرلار ئۇنچىۋالا قاپ يۈرەك ئەمەس ئاللاھنىڭ ئىسمىنى قوللىنۋالدىغان ...   ئابدۇلبارى دەپ تولۇق ئاتىساق ئاغزىمىزغا قاپلىشىپ قالامدىكەن يا ؟   تاھىرنىڭ يازغان بارى ئەمەس ئابدۇلبارى دىگەن تېمىسىنى كۆچۈرۈپ ھەممە مۇنبەرلەرگە چاپلاڭلار ...  قاپ يۈرۈكلەر يەنە بىر ئىنساننى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىۋەرمىسۇن !!!
   ئەلكۈيىگە چاپلىسام نوچى  باشقۇرغۇچىللىرى تەستىقلىماپتۇ ....    ئابدۇلبارى ئۆس\زىمۇ دىگەن تۇرسا تولۇق ئاتاڭلار دەپ ..  بىزگە نىمە كەپتۇ قاپ يۈرەكلىك قىلىپ دەيمەن  !!!!!!!!!!!!!!
  

yusanjan 2011-03-08 21:20
ھەقىقەتەن قالتىس

ئۆركەش 2011-03-08 21:45
پاھ!!! قالتىس ئىش بوپتۇغۇ ؟؟؟

zero903 2011-03-08 22:16
ئاللاھ خالىسا،ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبۇل سەۋىيىسى خەلقئارا سەۋىيىدە بوپ كىتىدۇ

padixahkim 2011-03-08 22:17
ئابدۇلبارى-سېنىڭدىن پەخىرلىنىمىز.

sirik 2011-03-08 22:18
كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتىيا

abdul 2011-03-08 22:31
ئابدۇلبارى-سېنىڭدىن پەخىرلىنىمىز
غەيرەت

تاھىربەگ 2011-03-08 22:32
ھەييى ، ما تېمىنى يوللىغۇچى بەلكىم توردا يوقتۇ ، باشقۇرغۇچىللىرىمىز قەيسەر يۈرەكنىڭ ئىنكاسىنى كۆمىدىڭلىما ؟ كەڭسايكو ....  بامۇيا ؟

غەيرەت قىل تەڭرىتاغ يولۋىسى !!! 

tokkustara 2011-03-09 00:30
بارى ئالغا ......مەن سېنى بىر ئۆمۇر قوللايمەن

aces 2011-03-09 00:30
ئولوك بولوكٌ ئە مە س "توقسە ن " دە يمىز .يە نە ئىككىنى قاداپ قويسا كىلە ركى مە يداندا.

ozturkler 2011-03-09 15:08
كۆزتەگمىسۇن!

一天 2011-03-10 19:27
قالتىس ئىش بوپتۇغۇ

asanat 2011-03-10 21:11
بەك تەسىرلەندىم كۇزلۇرۇم ئۇزەمگە بۇي سۇنمايۋاتىدۇ .
سەندىن پەخرلەندى پۇتكۇل ئۇيغۇر .ئاللاھ يامان كۇزدىن ساقلىسۇن .ئاللاھ ئىشلىرڭغا بەركەت بەرسۇن.

asanat 2011-03-10 21:13
ساڭا پۇتكۇل ئۇيغۇر دۇئادا ئابدۇلبار  

zarbidar 2011-03-12 16:36
تېخېمۇ زور نەتىجە قازىنىشڭىز ئۇچۇن تىلەكداشمىز


查看完整版本: [-- بارى 2-ئورۇنغا تىزىلىپ ronaldinho نى بېسىپ چۈشتى! --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.044906 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us