查看完整版本: [-- بۇ مۇنبەردىن ھىس قىلغانلىرىم(ھ) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> بۇ مۇنبەردىن ھىس قىلغانلىرىم(ھ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2010-07-08 15:11
                ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
مەن   بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى 2ئايدەك بۇپتۇ. بۇ جارياندا نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى كۆردۇم نۇرغۇنلىغان ئىشلارغا دۈچ كەلدىم(ئەلۋەتتە مۇشۇ مۇنبەر ئىچىدە) ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى بۇ مۇنبەردىكى ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان دەتالاشلار بولدى. ھەم مەن بۇ مۇنبەرادىكى ئەزالارنى 3.پىرقىغە بۆلدۇم. بۇ پەقەتلا مىنىڭ شەخسىي كۆز قارشىم. بۇلار تۇۋەندىكىچە...

1.پىرقەمەنپەئەت يەتكۇزگۈچىلەر. بۇلار بۇ مۇنبەردىكى ئاساسىي ئەزالار. بۇلار ھەمىشە مۇنبەرگە ئۈزى باشقا قېرىنداشلار ئۇچۇن پايدىسى تىگىدۇ دەپ قارىغان ھەرقانداق تىما بولسا يوللايدىكەن. كۈپۈنچە ئىسلامىي تىما يوللايدىكەن. ئۇلار بۇ ئارقىلىق يىڭىدىن ئىسلامنى چۇشەنگەن قېرىنداشلارغا زور قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كىلىپ ئۇلارنىڭ ئىسلامنى تېخىمۇ چۇشىنىشىگە ياردەم قىلىدىكەن. باشقىلارغا ئۈلگە بۇلىدىكەن. ئۇندىن باشقا پايدىلىق خەۋەر،ئۇچۇر،ئەقلىيە سۆزلەر،ھىكمەتلىك سۆزلەرنىلا يوللايدىكەن. بۇلارنىڭ يوللىغان تىما -ئىنكاسلىرى  سۈپىتى ياخشى مەزمۇنى مول ئىكەن.بۇلارنىڭ مەخسىتى ئەتراپىدىكى قاراڭغۇلۇقتا يول تاپالماي قالغان  قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇش ئىكەن.(مەن مەلۇم بىر قىسىملىرى بىلەن پىكىرلىشىپ باقتىم)

2.پىرقە خوشخوشچىلار.بۇلار مۇنبەرگە قانداقلىكى تىما يېزىلسا مەنلىك بۇلامدۇ مەنىسىزمۇ. ياخشىمۇ ياكى ياخشى ئەمەسمۇئۇنى تۇلۇق ئۇقۇپمۇ باقماي <ياخشى يېزىپسىز. ھارمىغايسىز.مۇشۇنداق تىمىلىرڭىز ئۇزلۇپ قالمىسۇن.ياخشى تىمىكەن...> دىگەندەك خۇشامەت سۆزلىرى بىلەنلا كۇن ئۆتكۈزىدىكەن ئۇلاردا ئەركىن تەپەككۇر قىلىش قابىلىيتى يوق دىيەرلىككەن.ئەگەر سىز بىر ئىشەكنى ماۋۇ كالا دىسىڭىز ئۇ . شۇنداق ئۇ كالا دەيدىكەن.تېخى ئۇلار تىمىمۇ يوللاپ قۇيىدىكەن .يوللىغاندىمۇ باشقا مۇنبەرلەردە ئاۋات بولغانلىرىنى ئۈزى ئۇقۇپمۇ باقماي نىمە مەزمۇندىلىقىنى بىلمەي  يوللايدىكەن. ئۇ تىمىلارنى كۆرگىنىڭىزدە ئۇ تىمىنىڭ باشقا بىر مۇنبەردە يېزىلغان شۇ مۇنبەرگە خاسلانغان بەزى ئىبارىلەرنى ئۈچرىتالايسىز. بۇ ئەھۋال بەكمۇ خەتەرلىك.

3.پىرقە. دەتالاشچىلار . بۇلار باشقىلار تەرپىدىن يوللانغان ياخشى تىما بولسا (بۇلۇپمۇ ئىسلامىي تىمىلارغا) ئۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدەپلا يۇرىيدىكەن. تىما يوللۇغۇچىنى كەمسىتىدىكەن.ئۇزىنىڭ ئاقماس پىكىرلىرىنى باشقىلارغا تېڭىپ كىم نەسھەت قىلسا شۇنىڭغا چاپلىشىۋېلىپ ئۇزىنىڭ خاتا بولسىمۇ شۇنىڭدا چىڭ تۇرىدىكەن. يەنە بەزىلىرى ئىسلامىي تونغا ئۇرنىۋېلىپ ئۇزى چاغلاپ بۇ توغرا بۇ خاتا بۇنداق قىلسا بولمايدۇ ...  دەپ ئۇيغۇرچە قۇرئاندىن دەلىل كەلتۇرۇپ(مەزمۇن بىلەن ماس كەلمىسىمۇ) باشقىلارنى ئۈزىگە ئەگىشىشكە چاقىرىدىكەن. توغرىغا خاتانى ئارلاشتۇرۋېتىدىكەن.ھەدىسى رەسۇلۇللەنى ئىتىبارغا ئالمايدىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقى يىڭىدىن ئىسلامنى چۇشۇنۈشكە باشلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كاللىسىنى ئايلاندۇرۇپ قۇيىدىكەن. بۇلار قەستەن ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلۋاتامدۇ ياكى ئۇزى بىلمەي جاھىللىقى تۇپەيلىدىن شۇنداقمۇ بىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن.
مانا بۇلار بولسا مىنىڭ بۇ مۇنبەرگە كىرگەندىن بۇيان ھىس قىلغانلىرىم.  قېرىندىشىم سىزمۇ دىققەت قىلىپ بېقىڭ. بۇ ئۈچ پىرقە كىشىلىرىنى مۇشۇ تىمىغا يېزىلىدىغان ئىنكاسلاردىنمۇ بىلەلەيسىز .
1.پىرقىدىكىلەرگە: قېرىنداشلار سىلەر ھەممىڭلار ئۈزۈڭلارنىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىشقا تىرشىۋاتىسىلە سىلەر تېخىمۇ تىرشىڭلار. چۇنكى سىلەر ھەق ئۇستىدىكى ئادەملەر.باشقىلارنىڭ تاپا-تەنىلىرىگە ،مەسخىرلىرىگە پەرۋا قىلماڭلار. بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزمۇ قەتئىي پەرۋا قىلمىغان. ھاتتا ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە تۇپىلار چېچىلغان .باشلىرىغا تاشلار ئېتىلغان.ئۇستىگە يېنىلار ئارتىلىپ قۇيۇقلغان ... بىراق پەرۋا قىلمىغان. باشقىلارنىڭ تاپا-تەنىسى مەسخىرىسى ،ئۇرۇنسىز سۆزلىرى سىلەرنىڭ بۇ مۇنبەرنى تاشلاپ چىقىپ كىتىشىڭلارغا سەۋەپچى بۇلۇپ قالمىسۇن.

2.پىرقىدىكىلەرگە: قېرىنداشلار اللە ھەممە ئىنساننى ئوخشاش ياراتقان. ھېچقانداق ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا قابىلىيەتلىك تۇغۇلغان ئەمەس. سىلەر ئەركىن پىكىر قىلىڭلار . بىرەر تىما ئۇقۇماقچى بولساڭلار تۇلۇق ئۇقۇڭلار ئاندىن چۇشۇنەلەيسىلەر. ۋە شۇ تىما توغۇرلۇق مەلۇم بىر پىكىرگە كىلەلەيسىلەر.ئىساننىڭ قەدىر-قىممىتى ئۇنىڭ ئەركىن پىكىر قىلالىشىدا.

3.پىرقىدىكىلەرگە:قېرىنداشلار بۇ دۇنيادا ياشىغانكەنمىز جەزمەن ئادەمدەك ياشىشىمىز كىرەك. ھىندىستانلىق بىر مۇتەپەككۇر ئامرىكىغا مۇنداق دىگەن<سىلەر دېڭىزدا بىلىقلاردەك ئۈزەلىدىڭلار.كۆكتە قۇشلاردەك ئۇچالىدىڭلار بۇ سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلارنىڭ مەھسۇلى. ئەمما يەر يۈزىدەھەقىقى ئىنساندەك ياشيالمىدىڭلار > بىز ھەممىمىز بىر مىللەت ئىن شا ئاللە مۇسۇلمان بالىلىرى. شۇنداق بولغانىكەن جاھىللىقىنى تاشلاپ مىللىتىمىزگە دىنىمىزغا قاراپ باقايلى نىمىش بۇلۋېتىپتۇ. سىلەرنىڭ قىلغانلىرىڭلار بەلكىم ئۈزۈڭلارغا مەلۇم بىر پايدىنى يەتكۈزەلىشى مۇمكىن ئەمما قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۇزىدىغان زىيىنى ئەڭ چوڭ. سىلەر ھىندىستانىلىق مۇتەپەككۇرنىڭ سۈزىنى ياخشى مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭلار . سىلەر ئادەتتىكى ئادەملەر ئەمەس. جەزمەن ھەقىقەتنى چۇشۇنەلەيسىلەر.
ھەقىقەتنى پەقەت نادان،جاھىل ئادەملەرلا چۇشۇنەلمەيدۇ...

koknur 2010-07-08 15:51
كۆڭلۈمدىكىدەكلا يېزىپسىز، كونىلاردا بىر گەپ بولىدىغان<< ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەس>> دەپ  ئويلىغۇچىلىكى بارلار چۈشۈنۈپ يىتەلەيدۇ. ئويلىغۇچىلىكى يوقلارغا مىڭ دىگەن بىلەن بىكار.............

bahit-islam 2010-07-08 16:23
    اللە ھەممىدىن ئۇلۇغ، ھەممىنى بىلگۈچى قۇدرەتلىك يەككە يىگانە اللە!
  قېرىندىشىم، اللە سىزگە رەھمەت قىلسۇن، اللە خالىسا بىز ھەرگىز ئارقىمىزغا چېكىنمەيمىز! ھەممىمىز بىرلىكتە سەپ تۈزەيلى، نادان، جاھىللارغا قارشى مۇستەھكەم سېپىل بەرپا بولسۇن........

armanim 2010-07-08 18:39
ئەجەپ جايىدا  ئايرىپسىز  ،،،،،  
ئاۋال  ئىسلام  ئاندىن ئۇيغۇر  نى  بىلىشمەيدىغانلار  مۇ  ئاز  ئەمەسكەن  

ozturk 2010-07-10 00:40
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سىزنىڭ يازغانلىرىڭىزنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئىتايىن سۆيۈندى،مەن تېخى بايىلا تىزىملاتقانىدىم،بەزى يازمىلار ۋە  ئىنكاسلار جەڭگى- جېدەل بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ،بۇنى كۆرۈپ بۇ مۇنبەرگە تىزىملاتقىنىمغا ئازراق پۇشايمان قىلىپمۇ قالدىم.بەزىلەر مۇنبەر ئىناقلىقىنى بىلمەمدىكىن-تاڭ،كىچىككىنە ئىشقىمۇ تاس قالىدىكەن بىر-بىرىنى ئېتىۋەتكىلى.

uyguhurogli 2010-07-10 04:39
بىز تىرىشساقلا  چوقۇم بۇ مۇنبەرنى باشقىلار بىلىم ئالىدىغان بىلىم بۇلىقىغا ئايلاندۇرۇپ ، باشقىلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدا  يەتكۇزەلەيمىز دەپ ئويلايمەن .

ھەمزە 2010-07-10 11:23
كونىلاردىمۇ<ئەلدىن ئەلگە نەپ نەپ بەرمەيدىغاننىڭ كۆتىگە تەپ> دەيدىغان تەمسىللەر بارغۇ....

ھەمزە 2010-07-10 16:03
يارايسىز  ئويغۇنۇش. ھەقىقى ھەقىقەت سۆزلىرىنى قىلىپسىز. سىزنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ھەقنىلا سۆزلەيدىغانلىقىڭىزنى ئۇمىت  قىلىمەن.  

baharim 2010-07-10 16:40
مەنمۇ بۇ مۇنبەرنىڭ يېڭى مېھىمنى  ، ئۈزتۈرك دېگەندەك ھەر بىر تېمىنڭ ئىنكاسىغا ئۇرۇش - جېدەل قاپلاپ كېتىپتۇ . بۇنداق بولسا ئادەمنى ئاسانلا زېرىكتۇرۇپ قۇيدىكەن . بىز داۋاملىق مۇشۇنداق پەردە ئارقىسدا تۇرۇپ قەھىرىمان بولۇپ ياشامدۇق ؟ ئەمدى مۇشۇ مەھۋۇم دۇنيادىمۇ ئۇرۇش - جېدەل قىلمساق بولمامدۇ ؟
مۇنبەر قۇرۇش شۇنداق ئاسان دەپ قالدىڭىزما ؟ مۇنبەر قۇرغۇچى بىكارچىلقىتىن زېرىكىپ قىلىپ بىزنىڭ جېدىلىمىز كۆرەي دەپ قۇردىمۇ يا بۇ مۇنبەرنى ؟  مۇنبەر قۇرۇغۇچىنىڭ ئەمگەك مېۋىسنى بىكار قىلمايلى دېسەك ئەمدى جېدەل قىلشمايلى .
ھەر كىم ئۆز خاھىشى بىلەن ياشايدۇ . شۇڭا باشقىلارنىڭ دىنى ، دۇنيا قارشى ، ۋە باشقا قاراشلىرغا ھۆرمەت قىلايلى . نۇچى بولسڭىز پەردە ئارقىسدا تۇرۇپ قەھىرىمانلىق قىلماڭ . بۇ ئەڭ ئاقماس كىشلەرنىڭ قىلدىغان ئىشى ....
بۇ مېنىڭ تۈنجى قېتىم مۇنبەرگە كىرشىم ئەمەس . مەن ئىلگىرى مەلۇم بىر مۇنبەردە  2 يىل ئەزا بولغان . ناھايىتى كۆپ تېمىلارنى يۇللايتىم ، شۇنداقلا رازى بولغۇدەك ئىنكاسلارغىمۇ ئىرشەتتىم .خۇددى بىز بىر ئائىلە كىشىلىردە يېقىن ئۇتتۇق . شۇ تاپتا مەن شۇ چاغلارنى بەكمۈ سېغىندىم .
شۇ بىزمۇ ياخشى ئۆتەيلى .
مۇنبەردە جېدەل قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ساپاسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكنى بىلدۇرۇپ قۇيماي ، ئەڭ ياخشى ئىناق ئۆتەيلى .
ئىلى باللىرى ئەزەلدىن چاقچاقچى ، يۇمۇرچى ئىدى . بىراق بۇ مۇنبەردىن يا بىر چاقچاق ، يا يۇمۇلاردىن ئەسەرمۇ يوقكەن .
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى  : جېدەل  قىلىپ پايدا تاپالمايسىز ...............................................................

armanim 2010-07-11 15:47
ئىشلىتىش
引用第9楼baharim于2010-07-10 16:40发表的 :
بۇ مېنىڭ تۈنجى قېتىم مۇنبەرگە كىرشىم ئەمەس . مەن ئىلگىرى مەلۇم بىر مۇنبەردە  2 يىل ئەزا بولغان . ناھايىتى كۆپ تېمىلارنى يۇللايتىم ، شۇنداقلا رازى بولغۇدەك ئىنكاسلارغىمۇ ئىرشەتتىم .خۇددى بىز بىر ئائىلە كىشىلىردە يېقىن ئۇتتۇق . شۇ تاپتا مەن شۇ چاغلارنى بەكمۈ سېغىندىم .
.......

سىز  ئىككى يىل تۇرغان  شۇ  مۇنبەردە - مەنمۇ  تۇرغان ، مەنمۇ  ئەجەپ  سېغىندىم شۇ  مۇنبەرنى  ،،،    قاچانمۇ  ئېچىلار  ھە ؟  
مېنى   تونۇپ  بېقىڭە  قېنى  باھارىم ؟ 
مۇنبەردىكى  تويلار  ئېسىڭىزدە  باردۇ ؟

aykut 2010-07-11 17:18
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەخمىتۇللاھى ۋەبارەكاتىھۇ...
بۇ مۇنبەردىكىلەرنى  خېلى ياخشى  كۈزۈتۈپسىز  جۇمۇ ...
مەن شۇ بىلگىنىمنى سۆزلەپ ھەقنى يەتكۈزۈپ قويغۇچى  ، قۇبۇل قىلىش ، قىلماسلىق ئۆزىنىڭ ئىشى .
يول ئىككى بىر ھەق توغرا يول . بىر زالالەت يولى ...خاتا توغرىلىقىنى ئەقىللىق ئىنسان ئۆزى ئايرىيالايدۇ.
*****
مەن باشقىلار دېگەندەك بىر كىمنىڭ ئانىسىمۇ ئەمەس. ياراتقان ئىگەم  ئانا  بولغۇدەك ئۆمۈر بەرسىكەن دەپ تىلەيمەن...
ياراملىق نەۋرە ، چەۋرىلىرىمنى كۆرۈشكە اللە ئىگەم ئۆزى مۇيەسسەر قىلغاي....امىن

aykut 2010-07-11 17:23
ئىشلىتىش
引用第9楼baharim于2010-07-10 16:40发表的 :
مەنمۇ بۇ مۇنبەرنىڭ يېڭى مېھىمنى  ، ئۈزتۈرك دېگەندەك ھەر بىر تېمىنڭ ئىنكاسىغا ئۇرۇش - جېدەل قاپلاپ كېتىپتۇ . بۇنداق بولسا ئادەمنى ئاسانلا زېرىكتۇرۇپ قۇيدىكەن . بىز داۋاملىق مۇشۇنداق پەردە ئارقىسدا تۇرۇپ قەھىرىمان بولۇپ ياشامدۇق ؟ ئەمدى مۇشۇ مەھۋۇم دۇنيادىمۇ ئۇرۇش - جېدەل قىلمساق بولمامدۇ ؟
مۇنبەر قۇرۇش شۇنداق ئاسان دەپ قالدىڭىزما ؟ مۇنبەر قۇرغۇچى بىكارچىلقىتىن زېرىكىپ قىلىپ بىزنىڭ جېدىلىمىز كۆرەي دەپ قۇردىمۇ يا بۇ مۇنبەرنى ؟  مۇنبەر قۇرۇغۇچىنىڭ ئەمگەك مېۋىسنى بىكار قىلمايلى دېسەك ئەمدى جېدەل قىلشمايلى .
ھەر كىم ئۆز خاھىشى بىلەن ياشايدۇ . شۇڭا باشقىلارنىڭ دىنى ، دۇنيا قارشى ، ۋە باشقا قاراشلىرغا ھۆرمەت قىلايلى . نۇچى بولسڭىز پەردە ئارقىسدا تۇرۇپ قەھىرىمانلىق قىلماڭ . بۇ ئەڭ ئاقماس كىشلەرنىڭ قىلدىغان ئىشى ....
بۇ مېنىڭ تۈنجى قېتىم مۇنبەرگە كىرشىم ئەمەس . مەن ئىلگىرى مەلۇم بىر مۇنبەردە  2 يىل ئەزا بولغان . ناھايىتى كۆپ تېمىلارنى يۇللايتىم ، شۇنداقلا رازى بولغۇدەك ئىنكاسلارغىمۇ ئىرشەتتىم .خۇددى بىز بىر ئائىلە كىشىلىردە يېقىن ئۇتتۇق . شۇ تاپتا مەن شۇ چاغلارنى بەكمۈ سېغىندىم .
شۇ بىزمۇ ياخشى ئۆتەيلى .
.......

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەخمىتۇللاھى ۋەبارەكاتىھۇ ...
ئۇماق سىڭلىم باھارىم ، ياخشى تۇردىڭىزمۇ  مەن كونا مۇنبەردىشىڭىز ، ئايقۇت ھەدىڭىز. كەم دىدار بولۇپ كەتتىڭىز.
ھازىر غۇلجىدىما سىز؟ مەن شۇ مۇنبەرنى بەكمۇ بەك سېغىندىم. بىز شۇ چاغلاردا  ‹ بىگىز › دىن زارلىنىپ قوياتتۇق.
لېكىن ھازىر ئۇنىمۇ بەك سېغىندىم . ھەممىڭلارنى سېغىنىدىم ....بىر -بىرىدىن ئېسىل ، كەمتەر ، خۇشپىئىل  قېرىنداشلىرىمىز
يىغىلغان مۇنبەر ئىدى ئۇ ...
شۇ كۈنلەر قايتىپ كەلسىكەن دەيمەن...
ئاخىرىدا  تېنىڭىزغا سالامەتلىك تۇرمۇشىڭىزغا  بەخت ، خىزمىتىڭىزگە  ئۇتۇقلار تىلەيمەن سىڭلىم ...اللەغا  ئامانەت .\

bahit-islam 2010-07-11 20:43
            بۇ مۇنبەر تور ئېچىلغان دەسلەپكى كۈنلەردە شۇنداق ياخشى ئىدى.........لېكىن ھازىر قۇرتلاپ كەتكەن كۆلگە ئوخشاپ قالدى......بۇرۇن مۇنبەردىن چاڭقىغان دىللىرىمىز  سۇ ئىچكەن بولسا  ئەمدىلىكتە قۇرىتلارنىڭ دەستىدىن ئادەمنىڭ قارىغىسىمۇ كەلمەيدىغان بىر يەرگە ئوخشاپ قالدى.....................

baharim 2010-07-12 10:25
ئىشلىتىش
引用第12楼aykut于2010-07-11 17:23发表的 :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەخمىتۇللاھى ۋەبارەكاتىھۇ ...
ئۇماق سىڭلىم باھارىم ، ياخشى تۇردىڭىزمۇ  مەن كونا مۇنبەردىشىڭىز ، ئايقۇت ھەدىڭىز. كەم دىدار بولۇپ كەتتىڭىز.
ھازىر غۇلجىدىما سىز؟ مەن شۇ مۇنبەرنى بەكمۇ بەك سېغىندىم. بىز شۇ چاغلاردا  ‹ بىگىز › دىن زارلىنىپ قوياتتۇق.
.......

ما ئىشنى كۆرۈڭ ئەسلى سىز ئايقۇت ھەدەمكەنسىزدە ؟ ياخشى تۇرۋاتامسىز ھەدە ؟ مەن غۇلجىدا ئەمەس . ئۈرۈمچىدە .
بۇ مۇنبەردىمۇ كۈنا مۇنبەرداشلار بار ئىكەنمىز ھە . ئاۋۇ تۈيى بولغان يىگىتمۇ بار ئىكەن ئەسلى ؟
مەنمۇ سىلەرنى بەكمۈ سېغىندىم !!!

xahruh 2010-07-12 14:51
بۇ مۇنبەر يېڭچە بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ كۈندىن كۈنگە ياخشى بوپ كىتىۋاتىدۇ ،،،،،،،،،،،،،،
بۇندىىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى بوپ كىتىدۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

wahima 2010-07-17 02:22
بەزەن بىر كۆز قاراشلىرىمىز ئوخشىشىپ كىتىدىكەن.

murat 2010-07-21 15:27
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم  مۇنبەر ئەھلى....
مەن مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىپ تۇنجى كۆرگەن تېما مۇشۇكەن.....كىمنىڭ قانداقلىقىنى كېيىنچە ئاستا -ئاستا بىلىشىۋالارمىز.
قارىسام مۇنبەر بەك جىمجىت ، سۈرلۈك بىلىندى.......ئانچە-مۇنچە قىزىتىپ قويىدىغانلار يوقمۇ؟ ....يېڭىياچىلار  ئالدىغا ئۆتۈپ چاخچاق قىلىپ يۈرسەك قاملاشماس...............  

o`zbek 2010-07-21 16:03
ئىشلىتىش
引用第17楼murat于2010-07-21 15:27发表的 :
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم  مۇنبەر ئەھلى....
مەن مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىپ تۇنجى كۆرگەن تېما مۇشۇكەن.....كىمنىڭ قانداقلىقىنى كېيىنچە ئاستا -ئاستا بىلىشىۋالارمىز.
قارىسام مۇنبەر بەك جىمجىت ، سۈرلۈك بىلىندى.......ئانچە-مۇنچە قىزىتىپ قويىدىغانلار يوقمۇ؟ ....يېڭىياچىلار  ئالدىغا ئۆتۈپ چاخچاق قىلىپ يۈرسەك قاملاشماس...............  
 
  مەنمۇ سىرتتىن كۆزىۋاتىمەن  ،، كەڭسايلىققا ئىشەكلەر  چۆپ  يىگىلى  يىغىلغاندەكلا  بىر  مۇنبەر ئىكەن بۇ

xahruh 2010-07-21 16:13
ئىشلىتىش
引用第18楼o`zbek于2010-07-21 16:03发表的 :
 
  مەنمۇ سىرتتىن كۆزىۋاتىمەن  ،، كەڭسايلىققا ئىشەكلەر  چۆپ  يىگىلى  يىغىلغاندەكلا  بىر  مۇنبەر ئىكەن بۇ

سەن ئۆزبېك ئارلاشما سېرىق تۈككە  پوق بارمۇ ؟
ئۆتكەندە ئۇيغۇرنى ياقتۇرۇىدىغان مىلللەت دۇنيادا يوق ،ئۇيغۇر ئۇنداق ،ئۇيغۇر مۇنداق
دەپ بىر بوپ كەتتىڭغۇ ،قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن توپىلاڭدا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى
ئۇيغۇر ،خوپ بولدى دەپ خوش بوپ كەتكەنغۇ سەن !
مانا بۇ شۇنداق سەندەك ئۆزبېك چوشقىلار تىنماي چەتكە قېقىۋاتقان ،تىللاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاچقان
مۇنبەر ،ئۇيغۇرنى كەمسىتكەنسەن بىزنڭ مۇنبىرىمىزدىن ساڭا ئۇرۇن يوق !

nurkiz 2010-07-21 16:14
مەن بۇ مۇنبەرنىڭ ئىسمىغا قاراپ باشتا تازا بىر مۇھەببەت قۇشاقلقىرى سايرايدىغان مۇنبەرمۇ نىمە دەپ باشتا تىزىملاتماي بىرەر قۇر كۆرۈپ باققان ئەمدى تىزىملىتىشىم ،لىكىن بەزى ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىز ئىسلامى تىمىلارنى يوللىغان قىرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ئۇلار قىزغىن تەكىتلەپ كىلۋاتقان ،ئۆزلىرى ئىغىزلىرىدا بىزدىنمۇ چوڭقۇر سۈيىدىغان ئۇيغۇر مىللىتى بولغان مۇسۇلمانلىغىنى بىلمىدىمۇ ياكى ئىتىبارسىزقارىدىمۇ،بۇلار ئاشۇ ئىغىزلىرىدىكى مىللەت سۈيەر تەرغىباتچىلارغا  ئايان ،اللەغا بۇلاردىنمۇ بەك ئايان .ئىسلامى تىمىلارغا بومبا ئىتىۋاتقان ئاشۇ قىرىنداشلىرىمىزمۇ مۇنبەرگە بىرەر تىما يوللاپ باققاندۇ،خەت ئۇرۇشنىڭ تەسلىكىدە،بەت يۈزىنىدىكى خەتنىڭ كىچىكلىكىدە،كۆزمۇ تىلىپ كىتىدىغانلىقىنى،ئاشۇ قىرىنداشلىرىڭىز سىز قىرىنداش دەپ تۇنىمىسىڭىزمۇ مەيلى ھە ئىسلامى ئۇيغۇرلار دەي بىكار قىلىپ تىما يوللاۋاتقاندىمۇ؟ سىزنى ئۇقۇپ ئەقىل ئىگىسى بولغاندىكىن چۈشۈنۈپ باقسۇن ،باشقىلارنىڭ قىممەت قارىشى اللە دەۋىتىپتۇ،مىنىڭ نىمىدۇر دەپ بىلىپ باقسۇن دەپ يوللىغان تىما بۇ.قىلاي دىسە سىزنىڭكىدىن جىق ئىششى بار قىرىنداشلىرىمىزنىڭ .سىز نىمە دەپ ئۇيلاپ باقمايسىز؟
ئەمدى دىننى قىرىنداشلىرىمغا كەلسەم :
سەۋىرچان بۇلايلى،مۇسۇلمانلىق ئوبرازىمىزغا دىققەت قىلايلى،دىندا زورلاش يوق،ئەگەر ئازىراقلا چۈشۈنۈش ئىقتىدارى بولغان ئەقىل ئىگىسى سىزنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىڭىزنى نىمىنى تەشۋىق قىلۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ بولىدۇ،ئەگەر ئۇلار يەنىلا چۈشەنمىسە بۇ ئۇلارنىڭ ئىزدىنىپ باقمىغانلىقىدا،سىز كۈچىمەڭ،جەڭگى-جىدەل قىلىپ ئەسلى مۇسۇلمان دىگەن ئۆزى توغرا دىگەننى باشقىلارغا زورلاپ تاڭىدىكەن دىگەن ئۇيغا كەلتۈرۈپ قويمايلى،گەرچە بىزنىڭ سۆزلىگەنلىرىمىز ھەق ئۈستىدە بولسىمۇ،ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا ياقمىسا ،ئۇلار بىلجىرلاشلىرىنى قىلىۋەرگەندە ،سىز سۈكۈت قىلىڭ ،سىز ئاللىقاچا ۋەزىپىڭىزنى تۈگەتتىڭىز،چۈنكى بۇنداق ئادەم بىلەن مۇنازىرلىشىپ قلغىنىڭىز پەقەت ئۇلارنى ھەقتىن تىخىمۇ يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇلارغا بانە سەۋەپ تىپىپ بەرگىنىڭىز،قۇرئان كەرىم ئەقىل ئىگىلىرىگە دالالەت قىلىنىدۇ،ھەرگىز جايىللارغا ئەمەس،ئۇرۇنلۇق سۆزلەڭ ،گەپ قىلغۇچىنىڭ نىمە مەخسىتى بارلىقىنى پەملەپ سۆزلەڭ ،تور دىگەن نۇرغۇن كىشى كۆرىدىغان نەرسە ،سىزنىڭ سۇغاققانلىق بىلەن ئۇيلانماي قىلىپ قويغان سۆزىڭىز بەلكىم ئۇلارغا سەلبى تەسىر بىرىپ قۇيۇشى مۇمكىن ،مەن بۇيەردە پەقەت تەپەككۈرى يارقىن بولغان قىرىنداشلىرىمغا ،ئۇيغۇرلىرىمغا سۆزلەۋاتىمەن .ئەگەر گپلىرىمنى چۈشەنمگەن بولسىڭىزىمىنىڭ ئىنكاسىمنى نەقىل ئىلىپ بومنا ئاتىمەن دىمەڭ،بۇنداق قىلغىنىڭىز پەقەت بەن بىئەقىلىز دەپ ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىپ قويغىنىڭز،خالاس

sawer-takat 2010-07-21 16:18
ئىشلىتىش
引用第20楼nurkiz于2010-07-21 16:14发表的 :

چۈشەندىم .....بەكلا ئۇرۇنلۇق دىگەنلىرىڭىز ....

kangsay 2010-07-21 21:06
nurkiz  سىزگە رەھمەت ...مانا بۇ چۇشىنىشنىڭ يۇقۇرلىغىدا...
  مۇنبەداشلىرىم ..مەندىن رەنجىپ چىكىنىپمۇ كېتىپتۇ...بۇمۇ ئۇلارنىڭ چۇشىنىشى،ئۇلارنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىمەن.
يەنە بىر قىتىم رەھمەت سىزگە!!!
  سۆزلىسەم كايىپ كەتكۈدەكمەن،بولدى قىلاي چۇشىنەرسىلەر.

azghun 2010-07-21 21:28
ھەمزە بۇتىمىنى راستىنلا ياخشى يوللاپسىز. مىنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم بولسا،بىز بۇمۇنبەردە ئىجىل ئىناق ئۆتۈپ، مۇنبەرنى تىخىمۇ ئاۋات،تىخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشساق.

uigur孩子 2010-08-03 15:47
      
查看完整版本: [-- بۇ مۇنبەردىن ھىس قىلغانلىرىم(ھ) --] [-- top --]

Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.066506 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us