查看完整版本: [-- مانا بۇ مۇسلىمە ئايال --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خانىم - قىزلار -> مانا بۇ مۇسلىمە ئايال [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

muslima32 2011-02-23 00:07
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم؛مەككە ئازات قىلىنغان كۈنى جانابى رەسۇلىللا،ساھابىلەرگە بۈگۈن مەككە ئازات قىلىندى .سىللەر مۇشرىكلەر ئارسىدىكى ئاياللارنى بالىلارنى ۋە ياشانغان قېرلارنى ئۆلتەرمەڭلار،لىكىن ئون كىشى بار ئۇللار ئىسلامنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولغان ئەبۇ لەھەب ۋە ئوغلى ئەبۇ سوفىيان قاتارلىقلار ئۇللارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قەتلى قىلىڭلار دەپ بويرۇق چۈشىرىپتۇ،دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئەبۇسوفياننىڭ ئايالى ئوتتۇرغا چۈشۈپ جانابى رەسۇلىللاغا يىلنىشكە باشلاپتۇ .مۇسلىمە ئىكەن بىچارە ئايال ئىي جانابى رەسۇلىلاھ؛ئۇمىنىڭ باللىرىمنىڭ دادىسى شۇنچە ئۇزۇن بىرگە ياشاپ كەلگەن جۇپتى ھالالى ئېرىمنىڭ بۇنداقلا دەۋزىخى بولۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيمەن مۇمكىن بولسا ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر دەۋەت قىلىپ كۆرسەم دەپ قان-قان يىغلاپتۇ بىچارە ئايال
جانابى رەسۇلىللا بولىدۇ ئۇنداق بولسا ئېرىڭىزنى بىر دەۋەت قىلىپ كۆرۈپ بېقىڭ دەپ ئايالنىڭ ئېرىگە بولغان سادىقلىغىدىن تەسىرلىنىپ شۇنچە زالىم ئەبۇ سوفياننى تۇتماسلىققا بۇيرۇق چۈشرۈپتۇ،
شۇ ئارلىقتا ئەبۇ سوفىيان قېچىپ -قېچىپ بىر دېڭىز بويىغا كىلىپ قاپتۇ،ئۇ بۇ يەردىن قانداقمۇ ئۆتەرمەن دەپ تۇرسا بىر كىمچى كەپ قاپتۇ،ئۇ ناھايتى خوشال بولغان ھالدا كىمچىنىڭ ئالدىغا كىلىپ نەچچە پۇل ئالساڭ بىرەي مىنى دەريانىڭ ئۇ چېتىگەئۆتكىزىپ قويساڭ دەپ كىمچىگە يىلنىپتۇ،لىكىن كىمچى كەچۈرگىن مىنىڭ باھايىم بەك قىممەت تۆليەلمەيسەن دىيشىگە ئەبۇ سوفيان نىمە مەن دىگەن دۇنيا بويچە ئەڭ چوڭ باي ئەبۇ لھەبنىڭ ئوغلى تۇرسام قانچە دېسەڭ تۆلىيەلەيمەن قېنى ئېيتقىن قانچە پۇل بەرسەم ئۆتكۈزۈپ قويسەن،
كىمچى ئۇنداق بولسا لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدىن رەسۇلىللادىسەڭ سىنى دئېڭىزنىڭ ئۇچېتىگە ئۆتكۈزۈپ قويىمەن .بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئەبۇسوفىياننىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ يەنە شۇ سۆزمۇ مەن شۇنچە يىراقتىن مۇشۇ سۆزنى دەپ قېچىپ كەلگەن تۇرسام ياق ئېيتالمايمەن دەپ كەينىگە يېنىپتۇ ،
دەل شۇ ۋاقىتتا ئايالى كىلىپ رەسۇلىللانىڭ ئۇنى ئازات قىلۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ،ئككەيلەن خېلى مېڭىپ بىر مىھمانخانىغا كىلىپ ئورۇنلىشىپتۇ. ئايالى ئېرىگە ئۇرۇن راسلاپ بېرىپ ئۆزى باشقا بىر ھوجۇرغا قاراپ مېڭىپتۇ،
ئېرى ئايالنىڭ قولىغا ئېسلىپ نەگە ماڭدىڭ سەن شۇنچە كىشلەرنىڭ ئالدىدامىنىڭ جېنىمنى قۇتقۇزۋالىسەن
يەنە نىمە ئۈچۈن مەن بىلەن بىرگە بولماي باشقا ھوجۇرغا چىقىپ كېتىسەن ئايالى قولنى ئىتتىك تارتىپ مەن سىنى شۇنچە ئۇزۇن بىرگە ئەر -خوتۇن بولغانلىقىمىزنىڭ يۈزسىدىن سىنىڭ دەۋزىخى  بولۇپ كىتىشىڭدىن ئەنسىرەپ سىنىڭ جېنىڭنى جانابى رەسۇلىللادىن تىلىۋالغان ئىدىم.
لىكىن بىز بىرگەبولساق بولمايدۇ ،بىزنىڭ ئوتتۇرمىزدا نىكاھ قالمىدى سەن بولساڭ كاپىر مەن بولسام مەن  مۇسلىمە مەن دەل شۇ ۋاقىتتا ئەبۇ سوفىياننىڭ كۆزلىرى قانغا تولۇپ كەتتى،ئايالى دەرھال قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋدى پۈتۈن ۋۇجۇدى ئىرىپ كەتكەن ئەبۇ سوفىيان يا ئاللاھ دەپ ئىمان كەلتۈردى.كىيىن ئۇ ئىسلامى ئۇرۇشتا شېھىت بولدىكەن شۇندق قىلىپ شۇنچە زالىم كاپىر ئېرىنى ئاللانىڭ ھىدايەت قىلشى بىلەن جەننەتكە ئېرۈشتۈرۈپتۇ،
ئېي قېرىنداشلىرىم مانا بۇ ئىسلامى ئايال مانا بۇ مۇسلىمە ئايال،      

nazli0998 2011-02-23 00:25
بۇ  تىمىنى  نەچچە رەت  كۇرگەن  بولساممۇ  يەنە  كۆرگۈم  ،ئاڭلىغىم  كىلىدۇ !
رەخمەت  سىزگە  قىرىندىشىم  بۇ  ۋەقە  بىز  مۇسلىمە  ئايالىرىنىڭ  ئۆگۈنىشىگە
تىگشلىك  بولغان بىر  ئىلىم دۇر ۋە  نەسىھەت تۇر  .  

ياۋۇز 2011-02-23 00:37

musapir1 2011-02-23 08:13
بۇ ساھابىنىڭ ئىسمى خاتا بولۇپ قالدىمۇ نىمە ؟ مېنىڭ بىلىشىمدە ئىكرىمە ئىدىغۇ ........

samanyoli 2011-02-23 09:51
مېنىڭ ئېسىمدە قىلىشىچىمۇ بۇ ۋەقەلىك ئەبۇ سۇفياننىڭ ،،،

fatih204 2011-02-23 11:49
ئىسىم ئالمىشىپ قاپتۇ ،،،،  بۇ دىنغا قارشى ئەشەددىي كورەش قىلغان ۋە مەككە فەتھىسىدە ئولتۇرۇلۇشكە بۇيرۇلغان ئىكرەمە ھەققىدىكى ۋەقەلىك ،،، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ لەھەب ئەمەس ، ئەبۇ جەھىل ،،،،،،   ئىكرەمە دىنغا قارشى قىلىچ كوتۇرۇپ مەككە فەتھىسىدا ئايالى سەۋەبلىك ئامان قالغاندىن كىيىن ، كىيىنكى ھاياتىدا ئىسلامنىڭ داڭلىق سەركەردىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى ، ۋە جەڭ مەيدانىدا شىھىت بولغان ،،،،،،

تاھىربەگ 2011-02-23 12:23
فەتىخ قەرىندىشىمنىڭ دىگەنلىرى توغرا ،  ئەلكۈيگىمۇ يوللانغان بۇ تېما ، تورداشلار خاتاسىنى تۈزۈتۈپ بەرگەن ....  لىكىن بۇ يەرگە خاتاسى بويۇنچە چاپلنىپتۇ ...

ilim 2011-02-23 12:37
فاتىھنىڭ دىگىنى توغرا

muhammat 2011-02-23 20:04
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى fatih204 نىڭ 2011-02-23 11:49 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىسىم ئالمىشىپ قاپتۇ ،،،،  بۇ دىنغا قارشى ئەشەددىي كورەش قىلغان ۋە مەككە فەتھىسىدە ئولتۇرۇلۇشكە بۇيرۇلغان ئىكرەمە ھەققىدىكى ۋەقەلىك ،،، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ لەھەب ئەمەس ، ئەبۇ جەھىل ،،،،،،   ئىكرەمە دىنغا قارشى قىلىچ كوتۇرۇپ مەككە فەتھىسىدا ئايالى سەۋەبلىك ئامان قالغاندىن كىيىن ، كىيىنكى ھاياتىدا ئىسلامنىڭ داڭلىق سەركەردىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى ، ۋە جەڭ مەيدانىدا شىھىت بولغان ،،،،،،

بۇ قرىندشمزنڭ گىپى توغرا ،ئىشەنمىسەڭلار تارىخى كىتاپلارغا قاراپ بقڭلار

گۈلبا 2011-02-23 20:20
مەن بۇ تىمىنى بۇرۇن ئاڭلىغان .ھەقىقەتەن چوڭقۇر تەربىۋى  ئەھمىيتىگە ئىگە . زامانىمىز ئاياللىردىمۇ  بۇ مۇستەھكەم  روھنىڭ ئۆزىدە ئىپادىسىنى تىپشىنى  ئۈمۈت قىلىمىز.

sad~da 2011-02-24 01:15
يۇقۇردىكىدى ھەدىس قايسى ھەدىس كىتابىدىن ئېلىنغان ؟

muslima32 2011-02-24 01:35
كەچۇرىڭلار قېرىنداشلىرىم مىنى توغرا چۈشۈنىڭلار مەنمۇ ئېرىنى ئىمانغا كىرگۇزەلمەي ۋاتقان بىچارە مۇسلىمە ئايالمەن ئاللاھ خالىسا،بۇنىڭدىن كىيىن تىما يوللىسام چوقۇم دىقەت   قىلىمەن ئىي قىرىنداشلىرىم مىنىڭ شۇ دىلى قارداپ كەتكەن ئىرىمغا ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن سىلەرمۇ دۇئا قىلىپ قويغان بولساڭلار بەلكىم ئۆزىڭىزمۇ كۆپرەك دۇئا قىلىپ تۇرۇڭ دىيشىڭلار مۇمكىن
مەنمۇ دۇئا قىلىپ تۇرۋاتقىلى بەش -ئالتە يىلچە بولۇپ قالدى.ئاللاھ خالىسا داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرمەن،مەن دەۋەت قلسام خىزمىتىنى بانا قىلىپ پىنسىيگە چىققاندا ئوقۇيمەن دەيدۇ،مەنمۇ شۇ باللىرىمنىڭ دادىسى بولغان ئون نەچچە يىللىق ھەمرايىمنىڭ بالدىراق تۆۋە قىلشىنى ئۇ ئالەمگە تۆۋە قىلىپ كىتىشىنى ئۇللۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن ،

muslima32 2011-02-24 01:40
مەن ئاياللار شەرتى دىگەن تەبلىقتە ئاڭلىغان ئىدىم.

paris 2011-02-24 13:12
قىرىنداشلارنىڭ چۈشەنچە بەرگىنى توغرا بولۇپتۇ،قىسسىدا ئېيتىلغان سۆز بويىچە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ
ئيمان ئىيىتمىغان ئادەملەرگە توي قىلىشى قاتتىق مەنى قىلىنىدۇ،ئاللاھ قۇرئاندا؛[مۇسۇلمان ئاياللار  مۇشرىك ئەرلەر ئىيمان ئىيتمىغىچىلىك ئۇلارغا توي قىلىشقا بولمايدۇ،ئەلۋەتتە قۇل ئەرلەر مۇشرىك ئەرلەردىن ياخشاراقتۇر] دىگەن.
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ياخشى تېما ئىكەن.

kerime 2011-02-24 15:19
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى musapir1 نىڭ 2011-02-23 08:13 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ ساھابىنىڭ ئىسمى خاتا بولۇپ قالدىمۇ نىمە ؟ مېنىڭ بىلىشىمدە ئىكرىمە ئىدىغۇ ........

شۇ ئەمەسمۇ،مەنمۇ ئىكرىمە دەپ ئاڭلىغانتىم.


查看完整版本: [-- مانا بۇ مۇسلىمە ئايال --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.054875 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us