查看完整版本: [-- تور سۈرئىتىنى تېزلىتىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كومپيۇتېردىن سۇئال - جاۋابلار -> تور سۈرئىتىنى تېزلىتىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

salam 2011-02-21 12:31
ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش ئۇچۇن نۇرغۇن ئاماللارنى قىلىدۇ،بەزىلىرى توردىكى تور سۈرئىتىنى ئاشۇرىدىغان ھەقسىز دېتاللاردىن پايدىلانسا بەزىلىرى ئاشۇمەقسەتتىكى ھەقلىق ئۇنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان دېتاللارنى سېتىۋېلىپ تور سۈرئىتىنى تىزلىمەكچى بولىدۇ، ۋە يەنە بەزىلەر بولسا بۇلارنىڭ ھەممىسىزنىڭ ئاقمايدىغان گەپ دەپ قاراپ تور سېمى،تور كارتىسى قاتارلىقلارنى ياخشىلايدۇ ۋە ياكى قىممەت باھالىق سۈرئىتى تىز بولغان تورنى ئۇلايدۇ.
ئەمەلىيەتتە يۇقارقى ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈمى بار بولۇپ ،بولۇپمۇ لاتا پىكاپقا 97 لىك بىرزىنى قۇيغان بىلەن 70 لىك بىرزىننى قۇيغانننىڭ پەرقى يوق.
شۇڭا تور سۈرئىتىنى ھەقىقىي ئاشۇرماقچى بولغان چوقۇم توۋەندىكى ئۈنۈم تەرتىپى بويىچە ئىش كۆرگەن تۇزۇك.
1. تىلىگىراف ئىدارىسى ياكى تور ئۇلىغان جايغا بېرىپ تور سۈرئىتى تىز، باھاسى قىممەتراق بولغان ياخشى تورنى ئۇلاش كىرەك.
 
 2. ئەگەر يۇقارقى ئۇسۇل مۇۋاپىق كەلمىسە ئۇنداقتا كومپىيۇتېرنىڭ تورغا مۇناسىۋەتلىك بولغان قاتتىق دېتاللىرىنى مەسىلەن :تور كارتىسى،سىم يولى،روتېر(路由器) ۋە ئالماشتۇرغۇچ(交换器)لارنى ياخشىلاش كىرەك.
 
         
3.يۇقارقى قاتتىق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ۋە ياكى تور يولىغا ئائىت بولغان ئىشلارنى قىلىشقا ئىمكانىيەت يار بەرمىسە ئۇنداقتا بەزى تور سۈرئىتىنى تىزلىتىدىغان ھەقلىق ۋە ھەقسىز دېتاللارنى ئىشلىتىپ كۆرگەن تۇزۇك، مۇنىڭچە بۇنىڭدا ئۈنىمى يەنىلا قاتتىق دېتالغا مۇناسىۋەتلىق،قاتتىق دېتالنىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى بولغاي تۇرۇپ بۇنداق يۇمتاللارنى ئىشلىتىش تازا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
مۇشۇنداق دېتاللاردىن مەن بىلىدىغىنى:
 火星网络加速器، چۈشۈرىش مەنزىلى:http://www.onlinedownNET./soft/92612.htm
迅游网络游戏加速器 ، چۈشۈرىش مەنزىلى:http://down.tech.sina.com.cn/content/721.html
八匹马网络加速器 ، چۈشۈرىش مەنزىلى:http://www.onlinedownNET./soft/48038.htm#down 
4.ئەڭ ئاخىرقى ئۇسۇل: يۇقارقى ئۇسۇللار سىزنى رازى قىلمىغان بولسا ئۇنداقتا توۋەندىكى بىر ئاددىي ھۇنەتنى سېناپ كۆرۇڭ،ئۈنۈمى يامان ئەمەس،لىكىن ئالاھىدە ئۈنۈممى ئەمەس،ئەمما لىكىن سىزدىن ھېچقانچە كۈچ تەلەپ قىلمايلا پۇتىدىغان ئاددىي ھۇنەر. ئىسىڭىزدە بولسۇن سېناپ كۆرۇڭ!  كونىلار دىگەن مۇنداق بىر گەپ بار(ئۇغۇل بالىغا 72خىل ھۇنەر ئاز) دەپ يەنە بىر ھۇنەتلىك بولىۋالمامسىز......
سىز  开始 نى بېسىپ باشلاش تىزىملىكىدىكى 运行نى قوزغۇتۇپ مۇنۇ بۇيرۇق  System.ini دەپ كىرگۈزۈڭ.
سىزگە System - Noteped تەھرىرلىگۈچ ئېچىلىدۇ .
شۇ تەھرىرلىگۈچ ئىچىدىن 386 دىگەن ساننى تېپىپ ، شۇ ساننى 30000 غا ئۆزگەرنىڭ .
ئاندىن شۇ سان يېزىلغان قۇردىن Enter ئارقىلىق بىر قۇر ئاستىغا چۈشۈپ
LoadLocalHigh=1
ConservativeSwaPfileUsage=1
مۇشۇ ئىككى قۇر سۆزنى يېزىڭ .
ئاندىن File --> Save --> Exit يول بىلەن ساقلاپ ، تەھرىرلىگۈچتىن قايتىپ چىقىڭ .
ئەمدى كومپيۇتېرىڭىزنى قايتىدىن قوزغۇتۇپ تورغا ئۇلاڭ ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

تاھىربەگ 2011-02-21 12:40
بولىدىغان ئۇسۇلكەن

yusup 2011-02-21 12:47
بولىدىغان ئۇسۇلكەن، رەھمەت.

قۇتبى 2011-02-21 13:01
پايدىلىنىشقا بولدىكەن،تور سۇرئىتى بەك ئاستا بوپقالغان،تىزلىتىۋالىدىغان بولدۇق.

muhajir1 2011-02-21 14:15
رەخمەت سىزگە  
ئەڭ ئاخىرقى ئۇسۇلنى ئۇقۇپ بۇلۇپلا شۇ بۇيىچە مەشغۇلات ئىلىپ بارغانىدىم، ئىلگىركىدىن كۆپ تىزلىشىپ كەتتى. ھەقىيقەتەن بۇلىدىغان ئۇسۇللاركەن.

asanat 2011-02-21 18:18
مەن كەشىتە سىناپ باقاي.رەھمەت جۇمۇ

amanxa 2011-02-21 19:46
مەن قىلالمىدىميا   

amanxa 2011-02-21 19:49
ئاندىن File --> Save --> Exit يول بىلەن ساقلاپ ، تەھرىرلىگۈچتىن قايتىپ چىقىڭ .
ما خەتلەرنى چۈشىنەلمىدىم مەن...

abdul 2011-02-21 22:24
بىلىۋالدۇق

tarim0996 2011-02-22 00:56
File --> Save --> Exit
ماخەت نەدىن چىقىدۇ  ياردەم قىلساڭلە

urkax5 2011-02-22 15:14
مەن ئاخىرقى ئۇسۇلنى سىناپ باققانتىم  !لىكىن ئىنگلىسچە يىزىلغان خەتلەر <<1=؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟>>مانداق شەكىلدە چىقىۋالدى ،بۇ نېمە سەۋەپ؟


查看完整版本: [-- تور سۈرئىتىنى تېزلىتىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.061988 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us