查看完整版本: [-- ئەسكى خۇتۇنغا چارە بار --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خانىم - قىزلار -> ئەسكى خۇتۇنغا چارە بار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

sad~da 2011-02-19 14:00
خوتون ئاناڭلىنىڭ ئۆيىدە ياخشى تۇرىۋاتامسىلەر ؟
ئىككىمىز سوقۇشۇپ، سەن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنگە ھازىر توپتوغرا 38 سائەت37 مىنۇت بولدى. بۇ ۋاقىت سەن ئۆتكەندە يامانلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن چاغدا ياراتقان رېكورتتىن يەنە 4 سائەت 17 مىنۇت ئاز.
سېنىڭ ئەپۇ سوراپ ئالدىڭغا بىرىشىمنى كۈتىۋاتقانلىقىڭنى بىلىمەن، مەنمۇ شۇ يولغا چىقاي دەپ تەييارلىنىۋاتىمەن، بىراق مەن سېنىڭ يەنە ئازراق چىداپ يىڭى رېكورت يارىتىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مەن ناھايىتى ياخشى تۇرىۋاتىمەن، ئارتۇق ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ . گەرچە سەن ئامانەت كىنىشكىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئېلىپ كەتكەن بولساڭمۇ، تېخى ئاچ قالمىدىم. تىقىپ قويغان ئىناۋەتلىك كارتا بار ئەمەسمۇ، خۇدا غا مىڭ شۈكرى، بۇ چوڭ ئاقتۇرۇپ تەكشۇرۇشتىن ئامان قالغىنى. شۇ كارتىغا بەش كۆينەك، ئۈچ قۇر ئىچ كىيىم، يەتتە جۈپ پايپاق ئالدىم، سەن كەلگىچە يېتىدۇ. شۇڭا كىيىملىرىمنىڭ كىر بولۇشىدىن ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ. داڭلىق ماركا دىگەننىڭ سۈپىتى ھەقىقەتەن ياخشى بولىدىكەن، باھاسى سەل قىممەت بولسىمۇ!
تامىقىمدىنمۇ ئەنسىرىمىگىن. مەن سەن كېتىپ ھازىرغىچە يېڭى ئېچىلغان يەتتە رېستۇرانغا بېرىپ تاماق يەپ بولدۇم. ئۇلارنىڭ مۇامىلىسى بەكلا ياخشىكەن، تېخى مېنىڭ يالغۇز تاماق يەۋاتقانلىقىمنى كۆرۇپ مېنى ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالمىسۇن دەپ كېلىپ بىللە ھەمراھ بولۇپ تاماق يىيىشىپ بىرىشكە بىردىن ئىككى نەپەر ئىغىزى تاتلىق كۈتكۈچى قىزنى ھەمراھ قىلىپ قويدى. بۇ رىستۇران خوجايىنلىرى ماڭا بەكلا كۆيىنىدۇ. خاتىرجەم ئاناڭنىڭ ئۆيدە تۇرۋەر، ئورۇقلاپ قالسىە بولمىسا.
لىكىن بۇ كاساپەت كۈتكۈچى قىزلارنىڭ ئىشتىھاسى بەك يامانكەن، رىستۇران خوجاينى قارغاندا بۇلارنى ئاچ قويۇپ باقىدىغان ئوخشايدۇ. ھەر قىتىم بارسام بىر- بىرىدىن قىممەت نەرسىلەرنى بۇيرۇتۇپ ئولتۇرىۋالىدۇ -دىسە. مەنمۇ سخىي قولۇمنى كەڭ داستىخاندىن ئايمايمەن. سەن بىلەن شۇنچە ۋاقىت ئۆي تۇتۇپ بىرەر ئېغىز ماختاشقا ئىرىشەلمىگەنتىم، لىكىن بۇ قىزلار مىنىڭ سىخىي، مەرت يىگىتلىكىمنى بىلىپ قاپتۇ ئەمەسمۇ.
ھەممىدىن بېشىمنى ئاغرىتىۋاتقىنى، ئۇدۇلىمىزغا يېڭىدىن كۆچۇپ كەلگەن ياش ئايال. ئۇ ھەر كۈنى ئۇنى- بۇنى سورىغان بولۇپ ماڭا گەپ قىلىدۇ. لىكىن سەن خاتىرجەم بولغىن. مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن. بۇ تەرەپتە مەندىن گۇمانلانساڭ بولمايدۇ.
ئۆيدىكى گۈل- گىياھلارغا كەلسەك، ھازىرقىدەك سۇ قىس شارائىتتا گۈللەرنى سۇسىز قۇملۇق مۇھىتىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن سەن كەلگۈچە گۈللەرگە سۇ قۇيماسلىقنى قارار قىلدىم. بۇنىڭ گۈللەرگە پايدىسى بار. ھەراست! ئۆيدىكى مۈشۈك ساڭا ئەگىشىپ بىللە كەتتىما؟ ئۇنى كۆرمىگىلى ئىككى كۈن بولۇپ قالدى.
مەن چوقۇم سەندىن كەچۈرۈم سوراپ سېنى ئېلىپ كەتكىلى بارىمەن. ئۇنداق بولغاندىن كېيىن كەلگىلى ئالدىرىماي ئۇزاقراق تۇر. چوڭلارمۇ سېنى سېغىنىپ قالغاندۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە رېكورت مەسىلىسى بار ئەمەسمۇ.
قوشۇمچە: ئەگەر ئەتىگىچە كېلەلمەي قالساڭ، سەن ئۆچ كۆرىدىغان ھېلىقى ئايال خىزمەتدىشىم بىلەن خەلق رىستۇرانىغا تاماق يىگىلى بېرىشىم مۇمكىن،نىمىلا دىگەن بىلەن، خەقنى رەت قىلىۋەرگىلى بولمايدۇ دە!
خەير- خوش!
سېنى سېغىنىپ: ئېرىڭ
شەبنەم تورىدىن ئېلىندى




qihlik 2011-02-19 15:05
مىنىڭ خوتونومنى باشقۇر دىغان چارە بار بولدى!!!!       

قۇتبى 2011-02-19 15:09
مەنغۇ ئەزەلدىن يامانلاپ كىتىپباقمىغان،يامانلاپباقسام يولدۇشۇمنىڭ قانداق چارىلىرى باردۇ؟!

dulbarqin310 2011-02-19 16:58
مەن توي قىلمىغاندىكىن بىلمىدىم.

amanxa 2011-02-19 18:05
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى kiliq نىڭ 2011-02-19 17:54 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
گوشنى پىشەسەڭ كاۋاپ بولىدۇ ، خوتۇننى ئۇرساڭ ساۋاپ بولىدۇ.

ياخشى گەپ، مەنمۇ يىقىندا توي قىلماقچىدىم، ئۆگىنۋالدىم، ھى ھى ھى.....

arzuyum 2011-02-19 18:24
«ساۋاپ»قا چاخچاخ ئارلاشتۇرمساق قېرىنداشلار !

samanyoli 2011-02-19 18:40
ۋاي ما مۇنبەردىكى قىزلار يامانلاپ مۇنبەرگە چىقمايدىغان بوپ قالىدۇ جۇمۇ دوسلار ،،ئاياللارنى ئۇرىدىغان گەپنى قىلماڭلار بۇ يەردە ،،،،،

asanat 2011-02-19 19:10
ھازىرقى قىزلاردا دىيانەت قالماۋاتىدۇ .
قىيىن ئاپسنى ئۇردىغان ئايال بىلەن ئۇي تۇتىۋاتقان ئەرلەنى نىمە دىسەك بولا بۇ ھەقىقى بۇلغان ئىش .
ئاللاھ ھەممىزىگە ئىنساپ بەرسۇن.

uyguhurogli 2011-02-19 19:25
ياخشى چارە مەنمۇ كىيىنچە ئىشلىتىپ باقاي .

arzuyum 2011-02-20 13:17
كۈيئوغلۇڭ يامان بولسا قىزىڭدىن كۆر ،
كىلىنىڭ يامان بولسا ئوغلۇڭدىن
يامان خۇتۇن ،يامان ئەرنىڭ بۇلىشىغا بەزى ھاللاردا ئۆزىمىز سەۋەبچى بۇلۇپمۇ قالمىز .

sad~da 2011-06-22 20:49
ساددا ئاكام توي قىلسىڭىز ئايالىڭىزنىڭ يامانلىغىنىغا تويغۇزۇپ ئۇ كەتكەن پۇرسەتتىن تازا پايدىلانغۇدەكسىز دە


查看完整版本: [-- ئەسكى خۇتۇنغا چارە بار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.048242 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us