查看完整版本: [-- دىققەت قىلىڭلار(ھ) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ناخشا مۇزىكا كىنو فىلىم -> دىققەت قىلىڭلار(ھ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2010-07-07 15:06
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر. تۇۋەندە ھەممە ئەركەكلەر جۇملىدىن ھەقىقى مۇسۇلمانلار دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان بىر مەسىلىنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن.



زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەممە ئىشلار ئاسانلاشتى،يىراق يوللار يېقىنلاشتى. بۇ ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرى نۆۋەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزغا نۇرغۇنلىغان قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.بۇنىڭ پايدىسى بىلەن بىرگە زىينىمۇ ناھايتى كۈرنەرلىك بولدى. ئەڭ خەتەرلىكراق بولغىنى يالغانچىلىق قىلىش.بۇ توغرىدائالدىنقى قېتىمىلىق تىمىدا توختالغان ئىدۇق ئۇ چاغدىكىسى يانفۇندىكى ئىدى. ھازىرقىسى بولسا ئىنتېرنىتتكىسى بۇ يانفۇندىكىدىنمۇ يامانراق. ئىنتىرنىتتىكى يالغانچىلىق بولسا نۇرغۇن ئادەملەرنى ئالداپ ئۈزىگە قارتىۋېلىپ باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى ئېلۋالىدىغان ئۇزى ھېچقانداق ئىش قىلمايدىغان ئىشسىز بولسىمۇ ئۇزىنى {مەن ئۇنداق سودىگەر مۇنداق باي مۇنداق خىزمىتىم بار مائاشىم مۇنچىلىك. باللا ئىشلەۋاتىدۇ مەن يوقنى تېپىپ بىرىپ ئوينايمەن. تور ئىشخانامدىلا، مەن تېخى توي قىلمىغان.ئايالىم يوق} دەپ قەغەز ئايروپىلاندا ئۇچۇپ يالغاننى بۇلىشىغا سېلىپ باشقىلارنى ئالداپكىتىۋاتقانلار بەكمۇ كۆپ


 . بۇ يالغانچىلىقلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئايالى بار تۇرۇپ ئايالىم يوق دىيشى. چۇنكى ئەرلەرنىڭ بۇنداق دىيشى ئارلىقتىكى نىكاھقا تەسىر يەتكۇزىدۇ . توردىكى ئەخلاقسىز نايناق بىر نىمىلەر ئۇچۇن ئايالىم يوق دەپ يالغان ئېيتىشىڭىز بۇ تۇلىمۇ خەتەرلىك ئىشتۇر. سىزدىن ئايالىڭىزنىڭ بار يوقلىقىنى سورىغان يەردە ئەلۋەتتە باشقىلاردىنمۇ سۇرايدۇ. سىزدىن باشقا يەنە قانچىلىغان ئەرلەرگە ئايالىڭىز بارمۇ دىگەندۇ. قانچىلىغان ئەرلەر بىلەن كۇرۇپ بولغاندۇ. قانچىلىغان ئەرلەر بىلەن... ھەقىقى ئەخلاقلىق قىزلا توردا بۇنداق بىمەنە گەپ-سۆزلەرگە ۋاختىنى ئىسراپ قىلىپ يۇرمەيدۇ

. قېرىندىشىم. ئۇزىڭىزنى ھەقىقى ۋىجدانىڭىز بىلەن تەكشۇرۇپ بېقىڭ ئايالىڭىز ئۇيىڭىزدە بالىلىرىڭىزنى بېقىپ كىرلىرىڭىزنى يۇيۇپ،ئۆيلەرنى تازلاپ يۇرسە سىز سىرتلاردا تورلاردا قانداقتۇر بىر يولدىن چىققان بىر نىمىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ يۇرسىڭىز سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز قانداق ۋىجدان؟؟سىزنىڭ ئىمانىڭىز قانداق ئىمان؟؟ كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىڭ.

 رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن{ئۇچ ئىش بار راستىمۇ راست، چاخچىقىمۇ يالغىنىمۇ راست. ئۇلار بولسا نىكاھ،قەسەم.تالاقتىن ئىبارەتتۇر } دىگەن شۇنداق بولغانىكەن سىز يالغاندىن ئايالىم يوق دەپ قويسىڭىزمۇ تالاق بۇلىۋېرىدۇ. سىز بۇنى بىلمەي ئايالىڭىز بىلەن بىرگە تۇرىۋېرىسىز شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭىز ھارام، ئايالىڭىزغا قارىشىڭىز ئۇنى تۇتىشىڭىز....... ھەممىسى ھارام. چۇنكى تالاق ھالال ئايالنى ھارامغا ئايلاندۇرۋېتىدۇ. بالىڭىز بولسا ھارامدىن بولغان بۇلىدۇ.ھارامدىن بولغان بالا جەمىيەتكە بىر بالايى ئاپەت بۇلىدۇ. شۇڭا ھەممىڭلارغا دەيدىغىنىم مەيلى توردا ياكى ئىجتمائىي جەمىيەتتە بولسۇن ھەرگىز يالغان سۆزلىمەڭلار سىلەر ھەممىڭلار باشلانغۇچنىڭ 1.يىللىقىدا يالغانچى بالىنىڭ ھىكايىسىنى ئۇقۇغانغۇ دەيمەن. رەسۇلۇللە {يالغانچى مىنىڭ ئۇممىتىم ئەمەس}دىگەن . رەسۇلۇللەنىڭ ئۇممىتىدىن چىقىپ كىتىش بىر ئادەم ئۇچۇن يىتەرلىك زىيان. اللە ھەممىمىزنى يالغانچىلىقتىن ساقلىسۇن

sarsan1117 2010-07-07 18:57
مۇنۇ تېمىنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن

sandal 2010-07-07 20:45
بىز مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق ئىشلىرغا بەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەك!

armanim 2010-07-07 20:47
ئەڭ  دىققەت قىلىشقا  تىگىشلىك تېمىنى  يوللاپسىز ،،،،
بۇرۇن  بىر  جىق ئادەم ئىشلەيدىغان يەردە  بىر  باشقۇرغۇچى بولىدىغان ،، ئۇنىڭ  ئايالىمۇ  شۇ يەردە  ئىشلەيدۇ  ،،،  ئايالى ئاپىسىدىن تېلفۇن كەپقالغان سەۋەپ بىلەن سرتقا چىقىپ  كېتىدۇ  ،، باشقۇرغۇچى بولغان ئەر  ،، ئايالىنىڭ  يوقلىقىنى كۆرۈپ  بىر قىزدىن ئۇنى سورايدۇ ،،،  باشقۇرغۇچى قاتتىق ئاچچىقلىنىپ ئۇ قىزغا : تىز  چاقىرىڭ  ئاۋۇ بىر  نېمىنى ،، دەيدۇ  ،
، قىز بۇنى ئاڭلاپ  ھەيران بولۇپ  ،، ئەجەبا ئايالىڭىز  بولغاندىكىن ئازراق بولسىمۇ  يول قويمامسىز ؟  
باشقۇرغۇچى يەنە :  بۇ دىگەن خىزمەت ئورنى  ،، خىزمەت ئورنىدا ئۇ  مېنىڭ ئايالىم  ئەمەس  دەيدۇ ،،،،


查看完整版本: [-- دىققەت قىلىڭلار(ھ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.048664 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us