[attachment=8877] بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن بىرازىلىيەنىڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى رونالدۇ بېيجىڭ ۋاقتى 14-ھوت ئۆزىنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى . رونالدو ياۋرۇپادا توپ تەپكەن 14 يىل جەريانىدا ئەييىنخوۋىن ، بارېسلونا ، خەلىقئارا مىلان ،خان جەمەت مادرىد ،ۋە asمىلان كۇماندىلىرى ئۈچۈن 402مەيدان مۇسابېقىگە قاتنىشىپ 273توپ كىرگۈزگەن .بىرازىلىيە پۇتبول كۇماندىسىغا ۋەكالىتەن 97 مەيدان مۇسابېقىگە قاتنىشىپ 66 توپ كىرگۈزگەن . تۆت قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابېقىسىگە قاتنىشىپ ئىككى قېتىم چىمپىيۇن ،بىر قېتىم 2- بولغان ، جەنۇبى ئامېرىكا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابېقىسىدە ئىككى قېتىم چىمپىيۇن بولغان ، ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابېقىسىدە جەمىي 15 توپ كىرگۈزۈپ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابېقىىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر بولوپ قالغان . \ ئاساسلىق نەتىجىلىرى ؛ 1994- 2002-يىلى ؛ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابقىىسنىڭ چىمپىيۇنى بولغان .. 1996-1997-،2002-يىلى ؛ دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان . 1997-،2002-يىلى ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان . 1997-2004-يىلى ؛ ئىسپانىيەدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى بولوپ باھالانغان . 1997-يىلى ؛ ياۋرۇپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 2003-يىلى ؛لاۋرۇنتس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 2003-،2007-يىلى ؛ئىسپانىيە aدەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابېقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان . 2007-يىلى ؛ 10 يىلدىن بۇيان ئىتالىيەدە توپ تەپكەن ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بولوپ باھالانغان . 1995-يىلى ؛ گوللاندىيەدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى بولوپ باھالانغان . 2009-يىلى ؛ <<ماكا گېزىتى>> تەرىپىدىن تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچ بولوپ باھالانغان . ئۇ يەنە دۇنيادىكى ئەڭ ياش << دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى >> (1996-يىلى 20 ياش ۋاقتىدا ) ۋە <<ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسى>> (1997-يىلى 21 ياش ۋاقتىدا ) بولوپ باھالانغان ماھىردۇر . <<ئۈ ك گ >>
http://player.youku.com/player.php/sid/XMjQ0MjAxMDQ4/v.swf
|