查看完整版本: [-- چېرچىل نىمە ئۈچۈن شاللىۋېتىلدى؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تاغدىن-باغدىن -> چېرچىل نىمە ئۈچۈن شاللىۋېتىلدى؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

yusup 2011-02-15 17:48
چېرچىل  ئەنگىلىيە خەلقىغە  رەھبەرلىك قىلىپ ،فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ  غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن مىللىي قەھرىمان ، سىتالىن ، روزۋېلىت لار بىلەن  بىر قاتاردا  تۇرىدىغان ئۈچ چوڭ گىگانىت  ئادەمنىڭ بىرى. بىراق ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ  ئىس- تۈتەكلەر تېخى تارقىماستىنلا ،بۇ گىگانىت  كىش خەلىق  تەرپىدىن رەھىمسىزلەرچە شاللىۋېتىلدى.  بۇ نىمە ئۈچۈن؟  ئەنگىلىيە  تۈزىمىدە ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن ، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىچكى كابىنىت  تارقىتىلىۋېتىدۇ. 1945يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى چېرچىل ئەسلى تۈزۈم بويىچە  ۋېزىپىسىدىن  ئىستىپا بېرىپ ، شۇ يىلى 7-ئايدا  ئۆتكۈزىلىدىغان چوڭ سايلامغا قاتنىشىشقا  تولۇق  ئىشەنىچ بىلەن  تەيارلىق قىلدى . دىمىسىمۇ  چېرچىل  رەھبەرلىگىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى خەلىقنى باشلاپ قان كېچىپ  جەڭ قىلىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىگىدەك توھپىسى ئۈچۈن رەھبەرلىك ئورنىغا   سايلىنىشقا  ھەقلىق ئىدى.
بىراق ئويلىمىغان  يەردىن ئىشچىلار  پارتىيىسىنىڭ  رەھبىرى كېلمېنىت ئەدېل ئەنگىلىيە  باش ۋەزىرى بولۇپ سايلاندى. بۇ ئىش چېرچىلنىڭ  قاتتىق  غەزىپىنى قوزغىدى،  ئۇ ياخشىلىققا -يامانلىق  ھەر جايدا  تېپىلىدۇ ،  دەپ ئۆز- ئۆزىگە سۆزلەپ يۈردى. ئۇ بۇ  ئىشلارنى  كاللىسىدىن زادى  ئۆتكۈزەلمىدى.
  سايلىغۇچىلار  بىردەك  مۇنداق دەپ قارىدى، بۇ ھەرگىز  ۋاپاغا- جاپا  قىلغانلىق  ياكى  كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ بولۇپ كۆۋرۈكنى  بۇزغانلىق ئەمەس . چېرچىلنىڭ  جاپالىق ئۇرۇش يىللىرىدا  كۆرسەتكەن قەھرىمانلىغىغا  گەپ  كەتمەيدۇ، ئۇ ئۇرۇش  تاكتىكىسى يۇقۇرى  ئاجايىپ تالانىت ئىگىسى، ئۇنىڭ  قەھىرمانلىق  ئىش -ئىزلىرى تارىخ  بېتىدىن  ئورۇن ئالىدۇ. بىراق  تېنىچلىق مەزگىلىدە  دۆلەت قۇرۇلىشىدەك  ئېغىر  ۋەزىپىنىڭ  ھۆدىسىدىن چىقالىشى ناتايىن ، خۇددى قەدىمقىلار  ئېيىتقاندەك << جاھاننى  بويسۇندۇرغان- جامائەتنى باشقۇرالىشى  ناتايىن>> بولغىنىدەك.
چېرچىل  قۇربان بولۇشتىن قورۇقمايدىغان جاسارەتلىك  ئادەم، شۇڭا  ئەنگىلىيە خەتەرلىك مەزگىلىدە تۇرىۋاتقاندا خەلىق ئۇنى رەھبەرلىك ئورنىغا چىقاردى، ئۇ  ئىختىزادى  قۇرۇلۇش كەسپىگە  تازا پىشىشق ئەمەس ،ئىلگىرى  پاي چېكى ئويناپ  قاق سەنەم  بولغانلىغى  ھەممىگە ئايان. بۇرۇن  مالىيە  ۋەزىرى  بولغان مەزگىلىدە باشلىقلارنىڭ  ئورنىنى مەڭگۈ  ساقلاپ  قېلىش  تۈزىمىنى  يولغا قويۇپ،  كۆپچىلىكنىڭ قارشىلىغىغا  ئۇچۇرىغان، بۇ تۈزۈم 1931-يىلى بىكار قىلىنغان . شۇنداق  تۇرۇقلۇق  خەلىق ئۆزىنىڭ  تەقدىرىنى  مالىيەنى قىلچە چۈشەنمەيدىغان بىرسىگە تاپشۇرۇشنى خالامدۇ.  ئىشچىلار پارتىيىسى ئوتتۇرغا  قويغان دۆلەتنى پاراۋانلاشتۇرۇش نىشانى ،ئۇرۇشتا قۇپ-قۇرۇق بولۇپ قالغان ئەنگىلىيە خەلقى ئۈچۈن تولىمۇ جەلىپ قىلىش كۆچىگە ئىگە ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇرۇش ئەمدى ئاخىرلىشىپ ، كۆپچىلىك خارابىلىك ئىچىدىن ئۆي-ماكانلىرىنى قايتا قۇرۇشقا  تۇتۇش قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ،چېرچىلنىڭ سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىغانلىغى، ئۇنىڭ  سايلامدىن قېلىشىنىڭ  يەنە بىر سەۋەبى بولىشى  مۈمكىن.
چېرچىلنىڭ  ئېچىنىشلىق  تەقدىرى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇكى ، دىمۇكۇراتىك تۈزۈم ئاستىدا ھېچكىم رەھبەرلىك  ئورنىدا  مەڭگۈ ئولتۇرالمايدۇ، خەلىق  شەرىتسىز مەڭگۈ  ھىمايە قىلىدىغان قەھىرمانمۇ بولمايدۇ، خىزمەتنىڭ ھۆدىسىدىن چىقالمايدىكەن ، بۇرۇن ئۇنىڭ قانداق  تۆھپە قوشۇشىدىن قەتى نەزەر خەلىق ئۇنى ئوخشاشلا شاللىۋېتىدۇ.
مەنبە: 新发现


abdul 2011-02-15 22:36
چېرچىل

qutluq 2011-02-16 04:40
ئىنگىلىزلارنىڭ ئىلگىركى تۆھپىكار ئادەمگە ئەمەس ھازىرقى ئىقتىدارغا قارايدىغانلىقى مېنى ھەيران قالدۇرغانتى.

uran0999 2011-02-16 11:21
بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك  ئەمدى

illikbahar 2011-02-16 14:31
نىمىنى   خالىسا     شۇنى    قىلىدىغان       مىجەزى    بوپ     قويدىكەن         ئۇگۇنۇشكە    تىگىشلىك

turani555 2011-02-16 18:04
تۇرۇكلەرگە بەك ئۇچ مۇناپىق ئىدى بۇ چېرچىل .

.boran 2011-02-18 20:49
دىمىكىراتتىيە   يەنىلا دىمىكىراتتىيىنىڭ  كۇچى  

alpacino 2011-02-20 02:13
ئەركىن  رىقابەت  دىگەن  شۇدە ..  دىمۇكىراتىيەنىڭ  كۈچى ...

hakanxp 2011-02-21 21:52
چېرچىلنىڭ كۈيئوغلى چېرچىلدىن سوراپتۇ:
ــ سىلى كىمگە ئەڭ قايىل؟
چېرچىل مۇنداق دەپتۇ:
ــ موسسۇلىنغا، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ كۈيئوغلىنى ئۆز قۇلى بىلەن ئېتىۋەتكەن

general 2011-02-24 17:16
دۆلەتنىڭ ھەقىقىي خوجايىنى خەلقتۇر،دېگەن گەپ.

albax 2011-02-28 12:36
2000-يىللىرى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن «قەھرىمان» دىگەن فىلىم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ دەپ قاتتىق تەشۋىق قىلىنغان ئىدى ، نەتىجىدە ئىرىشەلمىدى . مىنىڭچە سەۋەپ تېخنىكا ، رول ئېلىش دىگەنلەردە ئەمەس ، كىنودا ئالغا سۈرۈلگەن مۇستەبىتلىك ئىدىيىسىدە . بۇ يازما ماڭا شۇ كىنونى ئەسلەتتى .

natsist 2011-03-10 01:21
ئاڭلىمىغان گەپكەن

جەڭچى 2011-04-08 22:13
ئەركىن  رىقابەت  دىگەن  شۇدە ..  دىمۇكىراتىيەنىڭ  كۈچى ...

ھۆر 2011-04-09 21:38
مەن   چېرچىلغا   ئامراق!

hiyalqi 2011-04-15 16:36
خوپ بۇپتىكەن  

مەنزىرە 2011-04-17 14:10
چېرچىل ئۇرۇش خۇمار بولغانلىقى ئۈچۈن خەلق تەرىپىدىن شاللىۋېتىلدى.

yangen 2011-04-17 18:58
ئۇرۇش مەزگىلدە ئۇنىڭ خاتالىقلىرى زوراۋانلىقلىردىن ئۇرۇش ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلغان!!!شۇڭا ئۇرۇش تۈگىشىگىلا ئىشتىن چۈشۈرگەن!!!!

facebook 2011-06-21 21:50
  تارىخ شۇنداق قىلىپ شەكىلىنىدىكەن


查看完整版本: [-- چېرچىل نىمە ئۈچۈن شاللىۋېتىلدى؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.046135 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us