باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 951 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: 100بايلىق[038]
tadbirig kandak bolsa tagdirng xundak
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5926
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 720 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-27
ئاخىرقى: 2011-09-24
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-31 14:57

100بايلىق[038]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؛تورداشلار
مەن بۇ ماقال -تەمسىللەرنى <تۇركى تىللار دىۋانىدىن >توپلغان .
مەن بۇ ماقال -تەمسىللەرنى 20-گىچە يازماقچى.
1-قۇش قانتى بىلەن،ئەر ئىتى بىلەن.
2-ئىم بىلسە ئەر ئۆلمەس.[ئىم-بۇ سۆز ھەربى قوشۇنلاردا باش قۇماندان تارپدىن بەلگىلەپ بەرگەن مەخپى بەلگە.]
3-باتۇر يىغىندا بىلنەر،ئالچاق جاڭگالدا.[ئالچاق-يۇۋاش ]
4-ئىرىنچەككە بوسۇغىمۇ داۋان كۆرنەر.
5-قازان ئېيتۇر -تۈۋۈم ئالتۇن.چۇمۇش ئېيتۇر-مەن نەدىمەن؟
  ئىزاھات؛ بۇ ماقال ئۆزنى تونۇيدغانلار ئالدىدا ماختانغۇچى كىشگە قارتىلغان .
6-ئوت دىگەنگە ئېغىز كۇيمەس.
ئىزھات؛ بۇ ماقال قىلىپ تاشلغان سۆزگە ئۆزرە ئىيتقان كىشگە قارتىلغان .
7-ئىگىر بولسا ئەر ئولمەس .
ئىزاھات ؛بۇ ماقال ھەر ىشنىڭ .ئالدىنى ئېلىش دىگەننى بىلدۇرەر.
8-تۈلكە ئۆز ئىنىگە ھۈرسە ،قوتۇر بولۇر.
ئىزاھات:بۇ ماقال ئۆز ئىلدىن ،ئۆز ئۇرىغىدىن ۋە ئۆز شەھردىن تانغان يامان كىشگە قارتىلغان .
9-ئېغىز يىسە كۆز ئۈيىلار .
ئىزاھات ؛بۇ ماقال بىراۋنىڭ بىرەر نەرسىسىنى ئالغان ئەمما ھاجىتىدىن چىقالماي خىجالەتتە قالغان كىشگە قارتىلغان.
10-ئۆكۇزنىڭ پۇتى بولغىچە ،موزاينىڭ بىشى بولغان ياخشى.
ئىزاھات؛بۇ ماقال بىقىندىلىقتىن مۇستەقىللىق ياخشى دىمەكچى .
11-جان ئىسەن بولسا تاڭ قالارلىق ئىشلارنى كۆپ كۆرەر.
12-ئوۋچى قانچە ھىلە بىلسە ،ئىيىقمۇ شۇنچە يول بىلەر .
ئىزاھات ؛بۇ ماقال ئىككى تەجىربىلىك كىشى بىر - بىرنىڭ پىيگە چۇشىۇپ قالغاندا ئىشلتىلدۇ .
13- ئېغىلدا ئوغلاق تۇغۇلسا .ئېرىقتا ئوتى ئۈنەر.
ئىزاھات؛ بۇ ماقال ئوزۇق ياكى رىزىق ئۇچۇن ئارتۇقچە قايغۇرۇشنىڭ ئورنى يوق دىمەكچى
14-سودگەرنىڭ ئوزىغى ئېرىغ بولسا ،يول ئۇستىدە يەر .
ئزاھات؛ بۇ ماقال ئۆزىنى پاك ۋە توغرا ھىساپلاپ مەيدىسگە ئۇردىغان كىشىگە قارتىلغان .
15-ئۈچا يېغىرى ،ئوغۇلغا قالار .
ئزاھات؛بۇ ماقال ئۈگە ۋە سىڭىرلارنىڭ  شۇ يەرگە جايلاشقانلىقدىن ئۇ يەردىكى يىغىر ئاسان ساقايمايدۇ
16-تەييار ئالدىغا قويۇلسە ،يوققا سانالماس .
ئزاھات؛بۇ ماقال ئۆي ئىگىسىنىڭ مىھماننى بار نەرسىسى بىلەن كۇتشى لازىملىقىنى كورسىتىدۇ.
17-كۈندە يېرىق يوق ، بەگدە يىنىۋىلىش .
18-ئىشچاننىڭ ئېرىنى ياغلىق، ھورۇننىڭ بىشى قانلىق.[ئېرنى- كلپۇك]
ئىزاھات؛ بۇ ماقال ھورۇنلىقنى تاشلاپ ئىشچان بولۇشقا ئۈندىگەن.
19-ئىلىمچى ئارسلان بولسا ،بىرىمچى چاشقان.
ئىزاھات؛بۇ ماقال ھەقىقەتنى تەلەپ قىلىپ ئالغۇچى ھۇجۇم قىلشتا  گويا ئارسلاندەك ،قەرىز تولۇگۇچى  قورققانلىقتىن گويا چاشقاندەك بولۇپ كىتدۇ دىمەكچى .
20-ئىسەن ئادەمدە ئالدىراش يوق.
ئىزاھات؛ بۇ ماقال ئىش ھەركەتتە ئالدىرماسلىققا ئۈندىمەكچى.


دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1557
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1557دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-03-29

ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام   ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەخمەت  .
توغرا بولساڭ كىلەر ئامىتىڭ ،ئەگرى بولساڭ سۇنار قانىتىڭ  .
ياخشى بلەن يۈرسەڭ كۈندە بازار،يامان بىلەن يۈرسەڭ كۆڭۈل ئازار  .
پشىكەل سۆزلەپ كەلمەس ، كۆزلەپ كىلەر  .
ياخشى قوشنا ئامەت ،يامان قوشنا ئاپەت    .
ئالدىرىساڭ ئالدىنىسەن ،سەۋىر قىلساڭ شادلىنىسەن  .
مىڭ دوس كۆپ ئەمەس بىر دۈشمەن ئاز ئەمەس  .
ئاچچىغى يامانىنڭ پۇشايمىنى كۆپ    .
اللا