* ئاسماندىكى مەخلۇقلارنىڭ سۆزنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ * قۇرئان كەرىم ئاسماندىكى مەخلۇقلارنىڭ سۆزىگە ئىشارەت قىلغانمۇ؟
* يېڭى ئىلىم ئاسماندىكى مەخلۇقلارنىڭ سۆزىنى قانداق ئىسپاتلىدى؟
مۆجىزە ئايىتى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(پەيغەمبەر) ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم ئاسمان، زېمىندا ئېيتىلغان سۆزلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ, ئاللاھ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر, (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»». (سۈرە ئەنبىيا 4- ئايەت).
قۇرئان كەرىم ئاسمان، زېمىندا سۆزلەرنىڭ بارلىقىغا ئوچۇق ئىشارەت قىلماقتا..
زېمىندا سۆزنىڭ بارلىقىنىغۇ ھەممە كىشى بىلىدۇ. لېكىن ئاسماندىكى سۆز قانداق سۆز؟!
زېمىندىكى مەخلۇقلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئارا سۆزلىشىش، چۈشىنىش ھاسىل قىلىش تونۇلغان ئىشتۇر. ئاسماندىكى مەخلۇقلارنىڭمۇ ئۆز ئارا سۆزلىشىدىغان ئايرىم تېلى بارمۇ؟!
ئىلمىي ئىشارەت
بۇ ئايەت ئىلمىي، چۈشىنىشلىك ۋە ناھايىتى ئوچۇق شەكىلدە ئاسمانلاردا سۆزلەيدىغان مەخلۇقلارنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.. بىز بۇ يەردە بۇ سۆزنى ئاقىل، غەيرى ئاقىل بارلىق مەخلۇقلارنىڭ ئارىسىدىكى تۈرلۈك چۈشەنچە ۋاسىتىلىرىنىڭ رەمزىسىگە ئوخشاش ئېتىبارغا ئالىمىز ياكى بۇ سۆزنى ئىنسانىيەتنىڭ سۆزىگە ئوخشاش ئېتىبارغا ئېلىپ، ئۇنى ئاقىللار بىلەن غەيرى ئاقىللار ئوتتۇرىسىدىكى پاسىل قىلىمىز.
ئىلمىي ھەقىقەت
شەكسىزكى بۇ، تۈنجى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بىرى ئاي شارىغا چىقىش سەپىرىدە بىزگە ۋە پۈتۈن ئالەمگە نەقىل قىلغان ئىلمىي ھەقىقەتتۇر. ئۇ ئاي شارىغا چىقىش سەپىرىدە ئۆز قولىقى بىلەن بەزى سۆزلەرنى ناھايىتى ئوچۇق ئاڭلىغان لېكىن بۇ سۆزلەرنى چۈشىنەلمىگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنى چۈشىنەلمەسلىكى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئىنگىلىزچە سۆزلەرنى چۈشىنەلەيتى، ئۇ ئاڭلىغان سۆزلەر بولسا ئەرەبچە سۆزلەر ئىدى.
ئۇ يەر يۈزىگە چۈشكەن ۋاقىتتا ئاسماندا ئاڭلىغان سۆزلەرگە ئوخشايدىغان سۆزلەرنى قايتا ئاڭلىغان بولۇپ، بۇ سۆزلەردىن سورىغاندا ئۇ، نامازنىڭ ئەزىنى بولۇپ چىققان. ئۇ بۇنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان, ئۇ قۇرئان ئايىتى ۋە تەبىئەت ھەقىقىتىنى تەستىقلىغان ھالدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان.
* * *
ئاسماندىكى ئاجائىباتلار
*ئاسماننىڭ كەڭلىكىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟
* ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سانى قانچە؟
مۆجىزە ئايىتى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسماندا ۋە زېمىندا ياراتقان شەيئىلەردە (ئاللاھدىن) قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن، (ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار». (سۈرە يۇنۇس 6- ئايەت).
كاپىرلار ئاسمان - زېمىنلارنىڭ يارىتىلىشىدىن قانداق تەئەججۈپلەندى؟!
كاپىرلار ئاسمان - زېمىنلارنىڭ يارىتىلىشىنى سۈپەتلەپ نېمىلەرنى دېدى؟
مەشھۇر ئالىم فېرى تەبىئەتنىڭ ھۆسنى جامالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: زامان بىلەن ماكان تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان ئىككى سىردۇر. ئەقلىمىز ئەزەلىيلىكنىڭ باشلىنىش، ئەبەدىيلىكنىڭ ئاخىرلىشىش تەسۋىرىدىن ئاجىز كەلگىنىدەك، چۈشەنچىمىزمۇ ماكاننىڭ ئەۋۋەل ۋە ئاخىرىنى خىيال قىلىشتىن ئاجىز كېلىدۇ. ماكان زامانغا ئوخشاش چەكسىزدۇر.