باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 900 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەرئاياللار ئوترىسدىكى ھۇقۇقلار
ظاللا مىەربان ...
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1193
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 210
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە210دانە
ئۆسۈش: 1830 %
مۇنبەر پۇلى: 3363 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2011-06-26
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-29 23:16

ئەرئاياللار ئوترىسدىكى ھۇقۇقلار

ئەرئاياللار ئوترىسدىكى ھۇقۇقلار

ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ۋە ئېرى ئالدىدىكى بۇرچ - مەسئۇلىيىتى قانداق بولىشى كىرەك؟

جاۋاب:

1ـ ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ھەق - ھوقۇقلار بولۇپ، بۇلارغا ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا رىئايە قىلىشى كېرەك. بۇ ھەقلەر تۆۋەندىكىچە:

ئا- ئەر – خوتۇنلاردىن ھەر بىرى قارشى تەرەپكە ۋاپادار بولۇشى، يەنى چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن ھېچقانداق سۆز ۋە ھەرىكەتتە بىر – بىرىگە خىيانەت قىلماسلىقى لازىم. چۈنكى ئەر – خوتۇن، شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلغان ئىككى كىشىگە ئوخشايدۇ. شىرىكلەر ئوتتۇرىسىدا سەمىمىيەت، راستچىللىق ۋە ئۆزئارا كۆيۈنۈش بولمىسا، شىركەت ۋەيران بولغاندەك، ئائىلە ۋەيران بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچ، سەمىمىيلىك، راستچىللىق، ۋاپادارلىق ۋە كۆيۈنۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەردائىم ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە مەۋجۇت بولۇشى كېرەك.

ب- دوستلۇق ۋە مېھرىبانلىق، يەنى ئەر – خوتۇن بىر – بىرىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈشى، بىر – بىرىگە مېھرىبانلىق قىلىشى، قىسقىسى، «مەن ئۇ، ئۇ مەن» دېگەن كۆز قاراشتا بولۇشلىرى لازىم. رۇم سۇرىسىنىڭ 26 – ئايىتى بۇنى كۆرسىتىدۇ. ئايەت مۇنداق: «ئاللاھ سىلەرگە ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپتلەر يارىتىپ، ئاراڭلاردا دوستلۇق ۋە مېھىر – مۇھەببەت ئورناتتى؛ ئاللاھ بۇنى، سىلەرنى ھۇزۇرلۇق بىر ھايات ياشىسۇن دەپ قىلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتى ۋە مۇتلەق ھېكمىتىنىڭ دەلىلىدۇر. ئەنە شۇنىڭدا پىكىر يۈزگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەتلەر بار» (رۇم سۈرىسى (31)، 21 – ئايەت).

بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم رەھىم قىلمايدىكەن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلىنمايدۇ» (بۇخارىي رىۋايىتى).

ج- ئىككى تەرەپ، ئوتتۇرىسىدا ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن باشقا دىنى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىسىدىن چىقىرىۋەتمەسلىك كېرەك. يەنى ئەر – خوتۇننىڭ ھەربىرى يەنە بىرىگە «بۇ مېنىڭ ھالال جۈپتۇم» دەپ قاراش بىلەن بىرگە «بۇ مېنىڭ دىنى قېرىندىشىم» دېگەن چۈشەنچىدىمۇ بولۇشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ: «بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر» (ھوجۇرات سۈرىسى، 10 – ئايەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەنى، قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ شۇنى ياخشى كۆرمىگىچە مۇئمىن بولالمايدۇ» (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى) دېگەن ھەدىسىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى، دىنى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈىدۇ ۋە كۈچلەندۈرۈشى كېرەك.

د – ئەر – خوتۇنلار بىر-بىرىگە نورمال ئىنسانلارغا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ياخشى مۇئامىلىلەرنى قىلىشلىرى كېرەك. يەنى ئەر – خوتۇنلار بىر-بىرىگە مۇئامىلىسى ياخشى، چىرايى ئوچۇق، گەپ – سۆزى ئېسىل، ئەخلاقى گۈزەل بولۇشى كېرەك. بىر-بىرىنى تەقدىرلەشلىرى ۋە ھۆرمەتلەشلىرى لازىم. ئاللاھ تەئەلا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللىرىڭلار بىلەن ياخشى ئۆتۈڭلار» (نىسا سۈرىسى، 19 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ياخشىلىققا ئېرىشىسىلەر». (مۇسلىم رىۋايىتى).

2 - ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى:

ئا- ياخشى مۇئامىلە قىلىش، يەنى يېگىنىدىن يىگۈزۈش، كىيگىنىدىن كىيىندۈرۈش، ئۇرۇپ - تىللىماسلىق، تىل - ھاقارەت قىلماسلىق، كەمسىتمەسلىك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، «ئاياللىرىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى قايسى يارەسۇلەللاھ؟» دەپ سورىغان بىر كىشىگە مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئايالىڭغا يېگىنىڭدىن يىگۈزىسەن، كىيگىنىڭدىن كىيىندۈرىسەن، يۈزىگە ئۇرمايسەن، تىللىمايسەن، ئۇنى ئۆيىدىن چىقىرىۋەتمەيسەن» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسىلامنىڭ بۇ توغرىدا يەنە مۇنداق ھەدىسلىرىمۇ بار:

«دىققەت! ئاياللىرىڭلارنىڭ كىيىم – كېچىكىنى ۋە يېمەك – ئىچمىكىنى ياخشى قىلىپ بېرىڭلار. بۇ ئۇلارنىڭ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەقلىرىدۇر» (تىرمىزى رىۋايىتى).

«ھېچبىر مۇئمىن ئەر، ئۆزىنىڭ مۇئمىن ئايالىنى يامان كۆرمىسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ بىر خۇيى دېتىغا ياقمىسا، يەنە بىر خۇيى ياقىدۇ ئەمەسمۇ» (مۇسلىم رىۋايىتى).

ب- ئەر، ئايالىغا دىنى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغۇدەك دەرىجىدە دىنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ دىنى ۋەزىپىلىرىنى تەلەپكە لايىق ئورۇنداش ئارقىلىق روھىنى غىزالاندۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى، ئۇنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئارقىلىق بەدىنىنى غىزالاندۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى بىلەن ئوخشاشتۇر، بەلكىدە تېخىمۇ زۆرۈردۇر. ئاللاھ تەئەلا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار» (تەھرىم سۈرىسى، 6 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ج – ئەر كىشى، ئايالىنى ئىسلام تەلىماتلىرى ۋە ئىسلام ئەدەپ – ئەخلاقلىرى بىلەن ساقلىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەرلەر، ئاياللىرىنىڭ ھامىيلىرىدۇر». (نىسا سۈرىسى، 34 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئايالىنى ئىسلام تەلىماتى بويىچە ساقلىمىغان ئەر، ئۇنىڭغا تەلەپكە لايىق ھامىيلىق (قوغدۇغۇچىلىق) قىلمىغان بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ: «ئەر ئائىلىسىگە مەسئۇل. ئۇ، بۇ مەسئۇللۇقىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ» (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

د- ئەر، ئايالىنىڭ سىرلىرىنى ۋە ئەيىپلىرىنى ئاشكارىلىماسلىقى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ يامان ھېساپلىنىدىغان ئەر، ئايالىنىڭ سىررىنى ئاشكارىلىغان ئەردۇر» (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

3- ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى:

ئا- گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئاياللار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار». (نىسا سۈرىسى، 34 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسلىرى ئايەتتىكى ئىتائەتنىڭ گۇناھ بولمايدىغان ئىشلار بىلەن چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ:

«ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ اللەنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» (مۇسلىم، ئىمارەت؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد؛ نەسەئىي، بەيئەت؛ ئىبنى ماجە، جىھاد)،

«اللەنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ اللەغا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» (مۇسنەدى ئەھمەد 1/129؛ 1/131).

ب- ئايالنىڭ، ئېرىنىڭ ئابرويىنى، شەرىپىنى ۋە ئىناۋىتىنى قوغدىشى، مال – مۈلكىگە، بالىلىرىغا ۋە ئۆي ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا ئۇ ئاياللارغا نۇرغۇن ھەق – ھوقۇقلارنى بەردى» (نىسا سۈرىسى، 34 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ج- ئايال، ئېرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇشى لازىم. ئەگەر سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە، ئېرىنىڭ رۇخسىتى ۋە رازىلىقىنى ئېلىش، ئىسلام تەلىماتىغا ئۇيغۇن كىيىنىش، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىماسلىق، قولى ۋە تىلى ئارقىلىق ھېچكىمگە ئەزىيەت ۋە زىيان يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن چىقىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئۇياتلىق يەرلىرىنى ساقلىسۇن، زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن» (نۇر سۈرىسى، 31- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).



د- ئايال، ئېرىنىڭ تۇغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى لازىم. چۈنكى ئېرىنىڭ توغقانلىرىغا ياخشىلىق قىلىش، ئېرىگە قىلغان ئەڭ چوڭ ياخشىلىق بولىدۇ.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا ئەر – خوتۇنلارنىڭ ھەربىرى مەيلى ئورتاق ھەق – ھوقۇلار بولمىسۇن، مەيلى ئۆزلىرىنىڭ زىممىسىگە ئايرىم ھالدا يۈكلەنگەن ھەق – ھوقۇقلار بولمىسۇن يۇقىرىدىكى ھەقلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەستايىدىللىق بىلەن رىئايە قىلسا، ھەم ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، ھەم ئائىلسىنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولىدۇ.

تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىدۇر.

مەنبە:

مۇسۇلمانلار تورى