<< شەيتانلار قۇرۇلتىيى >> يېقىندا جاھاندىكى بارلىق شەيتانلار بىر يەرگە يىغىلىشىپ << ئۆز ئىشلىرىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىنسانلارنى قانداق ئازدۇرۇش >> توغرىسىدا بىر كەڭ كۆلەمدىكى قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپتۇ .
ئورنى : مەلۇم جاي .
ۋاقتى : 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 32-كۈنى ، كەچ سائەت 62: 25 يېرىم مىنۇت ئۆتكەندە .
مەزمۇنى :
ھەر قايسى دۆلەت ، شەھەر - ۋىلايەت ، ناھىيەدىن كەلگەن ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش ، ئۇلارنى يامان يولغا باشلىغۇچى ، مىللەتنى غاراپلىشىشقا باشلىغۇچى ، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز بولغان شەيتانلار دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بىر يەرگە يىغىلىشىپ << 13- بەش يىللىق پىلان >> تۈزۈش ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قۇرۇلتاينى مۇۋاپىقىيەتلىك ئېچىپتۇ . ئەڭ ئاۋال << شەيتانلار جەمئىيىتى >> شېئىرى ئورۇندالغاندىن كېيىن ، ئەڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان شەيتان پادىشاھ سادىق پۇخرالىرىغا بىر - قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن سۆز باشلاپتۇ :
___ ئەي ئەزىز پۇخرالىرىم ! ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتا ئالدىنقى سەپتە تىنماي كۆرەش قىلىۋاتقان سەركەردە - سەرۋازلىرىم ! ھەممىمىزگە ئايان ، بۈگۈن بىزنىڭ بۇ يەرگە يىغىلىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز شۇكى ؛ نەچچە يىلدىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ ئىدىيىسى ، مىللىي غورورى ، بىلىم - ئېتىقادى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ . بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز ئەھۋال ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ بۇ ئىشلارنىڭ تېخىمۇ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىساق بولمايدۇ . بۈگۈنكى بۇ قۇرۇلتايدا ياخشى پىلاندىن بىرنى تۈزۈپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ئىشلىرىمىزنى قېلىپلاشتۇرۇپ ، ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش ، ھالاك قىلىش ئۇلۇغۋار پىلانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم .
شەيتان پادىشاھنىڭ گېپى تۈگىشىىگىلا پەستە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلىگەندەك چاۋاك چېلىشىپ ، رازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى . ئەمما ئارىدىن شەيتاننىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتىكى ئەڭ دەسلەپكى قۇرالى بولغان << يالغانچى >> ئورنىدىن تۇرۇپ نەزىرىنى ئەتراپىدىكى << مەلئۇن >> لارغا تىككەچ سۆزلەشكە باشلىدى :
_____ پادىشاھ ئالىيلىرى ! بىز بارا - بارا ئىنسانلارغا ئوخشاپ قېلىۋاتىمىز - جۇمۇ ! ئاغزىمىزدا قۇرۇق شوئار توۋلاپ ، پەلپەتىش پىلانلارنى تۈزۈپ ئۇنى ئەمىنلەشتۈرىدىغان بىرىمۇ بولمىسا بىز شانلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن . بىز مۇشۇقداقلا يۈرىۋېرىدىغان بولساق ئىنسانلاردىن پەرقىمىز قالمايدۇ . ھە دېسىلا بۈيۈك نىشانىمىز ئۈچۈن دەپ قۇرۇق پاراڭ قىلىشنىلا بىلىپ ، ئۇنى يۈرگۈزۈشكە ئىنسانلارغا ئوخشاش سەل قاراۋاتىمىز . كىم بىلىدۇ كېيىنچە ئىنسانلارنى ئازدۇرىدىغان بىزلەرمۇ ئىشسىز قېلىپ ، كوچا - كويلاردا تېنەپ - تەمتىرەپ قالىمىزمۇ - تېخى ! ئۇ چاغدا ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھالىدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ ؟ بالىلىرىمىزغا كىم قارايدۇ ؟ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتىكى تەلىم - تەربىيىنى كىم ئېلىپ بارىدۇ ؟ ..........
____ ھاي ، ھاي سېنىڭ بۇنداق چېچىلغىنىڭنى بۇرۇن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن ___ ياندا جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان << بىلەرمەن >> بۇ گەپلەرگە زادى چىداپ تۇرالمىدى ____ ئەمدىلىكتە بىزنىڭ بۇرۇن قىلغان ئەجرىمىزنى بىر تىيىنگە ئەرزىمەس قىلىۋەتتىڭغۇ ؟ سېنىڭچە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى سەن دىگەندەك شۇنچىلىك ئەقىللىق ، ئىرادىلىك ، غورورلۇق ، مىللەت سۆيەر بولۇپ كەتكەندىمۇ ؟ ھا ھا ھا ھا ! سەن خاتالاشتىڭ ، ئۇنداق ئەمەس . كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ، بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىغا نەزىرىڭنى ئاغدۇرۇپ باققىن . ئىنسانلارنىڭ يەنە بىر تۈركۈمى تېخىچە بىزنىڭ ساراڭلارچە چالغان دېپىمىزغا ئۇسۇل ئوينىماقتا ! ئۇلار بىزنىڭ << تەربىيلىشىمىز >> ئارقىسىدا پۇلنى ئاتا ، ھارامنى ئانا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ . ئۇلار پۇل ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن باش تارتمايدىغان ، ھەتتا بىراۋنى ئۆلۈمگە قىستايدىغان بولۇپ كەتتى .
بولۇپمۇ ھازىرقى شارائىت بىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق . بىز مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كىچىكىدىن يەنى ياشلاردىن باشلاپ قول سېلىشىمىز كېرەك . چۈنكى ياشلارنىڭ يېڭى شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى ، ئىنكاسى تېز بولىدۇ . ئۇلار قىزىق قان ، بىر ئىشلارنى ئانچە ئىنچىكە ئويلاپ كەتمەيدۇ . مەسىلەن ئالايلى ؛ بۇرۇندىن ئەدەپ- ئەخلاق ، شەرمى- ھايا ، مېھماندوستلىقى ، ئۆزىنىڭ مىللىي پۇراققا ئىگە بولغان ئون ئىككى مۇقامى بىلەن ھەر قايسى چەت دۆلەت ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشى ۋە دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتىنى ئالايلى . ئۇلار ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ، چەتئەل ئىلىم - پەنلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىمۇ ئىختىيارىي ھالدا قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ . ئەلۋەتتە باشقا ناچار ئىللەتلەرمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا قۇبۇل قىلىنىۋاتىدۇ . مەن بەزى ياش ئۇيغۇر قىز - ئوغۇللىرىدىن بەكمۇ رازى . چۈنكى مەن ئۇلارنى ئانچە جاپا تارتمايلا تۇيۇق يوللارغا ، مىللىتىنى ، غورورىنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان ھەتتا يوقىتىدىغان پەسكەش ئادەم قىلىۋەتتىم . ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان نەتىجىلىرىمىز بولسا ھازىرقى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەدەپ - ئەخلاق ، شەرمى - ھاياغا ، ۋاقتى سائەتى كەلگەندە تېخى ئۆزىنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغىمۇ سەل قارايدىغان ، ئېتىبار بەرمىسىمۇ بولىدىغان ئاۋارىچىلىقى جىق ئىش دەپ ئۆز ئەسلىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىۋاتقانلىقى . يەنە تېخى بەزى قىزلار يېرىم كېچىگىچە سىرتتىن كىرمەيدىغان ، دېسكوخانا - تاڭسىخانىلاردىن چىقماي ئالا - تاغىل سەكرەپ ئوينايدىغان ، تاماكا چېكىدىغان ھاراق ئىچىدىغان تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ . ئۆز تېنىنى پۇلغا ساتىدىغان << ئىپلاس >> قىلىقلىرىنى دېمىسەممۇ كۆپچىلىك ھەممىنى ئېنىق ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز . ئوغۇللىرى بولسا ئۆزىنىڭ مىللىي غورورىنى ، ھەقىقىي ئۇيغۇر ئەركەكلىرىگە خاس سالاپىتىنى ، ۋىجدانىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ بېرىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ دېسەممۇ بولىدۇ . ئۆز مىللىتىدىكى قىزلارنىڭ تۇيۇق يولغا مېڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، ئۆز ئىززەت - ھۆرمىتىنى يوقىتىپ قويىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ توسماق تۈگۈل ئۇلارغا بولىشىدىغان ھەتتا ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كۆڭۈللىرىنى خۇش قىلىشىدىغان ئوغۇللار كۈر مىڭلاپ << يېتىشىپ >> چىقىۋاتىدۇ . تېخى بەزى ياش ئوغۇل قىزلىرىمىزدىن دىن ئېتىقاد ، ئىماندىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس . بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ئىنتايىن كۆپ . دېمەكچىمەنكى ، بۇرۇنقى قىلغان ئەجىرلىرىمىز تېخى بىكار كەتكىنى يوق .
<< بىلەرمەن >> نىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغان كۆپچىلىكنىڭ ئازراق بولسىمۇ كۆڭلى ئەمىن تاپقان بولسا كېرەك ھەممەيلەن رازىمەنلىك بىلەن باشلىرىنى چايقاشتى .
_____ شەيتان ئالىيلىرى ! بۇنىڭلىق بىلەنلا ئۆزىمىزدە قانائەت ھاسىل بولۇپ قالسا بولمايدۇ ____ دېدى ئەڭ ئاخىردا ئولتۇرغان << غەيۋەت >> مەسخىرە نەزىرى بىلەن بىر << بىلەرمەن >> گە بىر شەيتان پادىشاھقا قاراپ سۆز قوتۇپ ____ بىز ئادەتتە ئانچە ئېتىبارىمىزغا ئېلىپ كەتمەيدىغان مۇھىم بىر نۇقتا بار .
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى << غەيۋەت >> كە ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراشتى . << غەيۋەت >> مېڭىپ ئالدى تەرەپكە كېلىپ سۆزىنى يەنە داۋام قىلدى :
______ غەيۋەتچىلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە ، بۇ بىر نەچچە يىل مابەينىدە ئىنسانلار كومپيۇتېر تور دۇنياسى ئارقىلىق ئۇچۇر - ئالاقە قىلىشىدىغان ، مۇنبەرلەردە ھەرخىل تېمىدىكى ئبرەتلىك ھېكايە ، ئەسەرلەر ئارقىلىق بىزنىڭ بۈيۈك ئىشلىرىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ناچار قىلمىشلار ئەۋج ئېلىپ كېتىپتۇ مىش . مىللىي غورور ، ئۆرپ - ئادەت ، ئىشقىلىپ نۇرغۇن تېمىدىكى ئىبرەتلىك ئەسەرلەر تېخىمۇ كۆپىيىۋېتىپتۇ . كۆرۈلۈش نىسبىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن . بۇ قىلمىشلار بىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز . تېزدىن تەدبىر قوللانمىساق ئىنسانلار بىزنىڭ ئەپتى - بەشىرىمىزنى بىلىۋالىدۇ - دە ، كۈنلىرىمىز تېخىمۇ يامانلىشىدۇ .
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان << بىلەرمەن >> زادى چىداپ تۇرالماي ئورنىدىن چاچراپ تۇردى :
____ قۇرۇق گەپ ، كىچىككىنە بىر مەۋھۇم توردا قانچىلىك غۇلغۇلا قوزغىغىلى بولاتتى ؟ بۇ بىرنىمىنى مەن بىلمەمدىم ؟ مەن بار يەردە ساڭا ئاتىكاچىلىق قىلىپ نىمە قويدى ؟
<< غەيۋەت >> مۇ بوش كەلمىدى :
____ ماڭا بۇنداق تەربىيە قىلغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ ؟
____ مەن ھەممىنى بىلىمەن . چوقۇم مېنىڭ دېگىنىم بويىچە ئىش قىلىشىڭلار كېرەك .
____ قولۇڭدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق ، نىمەڭگە نوچىلىق قىلىسەن ..........
____ نىمە دەۋاتىسەن ؟ ..................... مانا ئەمىسە ...............
_____ ۋايجان ...... مېنى ئۇرىۋاتامسەن ؟ كىلە قېنى ..................
ئەتراپ قىقاس - چۇقان بىلەن تولۇپ كەتتى . ھەممەيلەن ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىپ ئاخىرى ئۇرۇشۇپ ، سوقۇشۇپ كېتىشتى . بۇ قالايمىقانچىلىقنى بېسىقتۇرىدىغان بىرىمۇ چىقمىدى . ئاخىرى بولماي بۇ قۇرۇلتاي ھېچقانداق مەنىسىز ، نەتىجىسىزلا ئاخىرلاشتى . ھەممەيلەن تەرەپ - تەرەپكە تاراپ كېتىشتى . ھا ھا ھا ھا ! ........ نېمىلا دىگەنبىلەن شەيتانلاردە ! ئۇلارنىڭ ئەسلىمۇ ، ۋەسلىمۇ مۇشۇنداق ! مەڭگۈ ئىشلىرى راۋاج تاپمىغاي !!! ياق ياق ياق ! بىر ئىش قىلىشقا پۇرسەتمۇ بولمىغاي !!!! ............
مەن ئويلاپ قالدىم . دېمىسىمۇ ئۆزىمىزنى ئوبدانراق دەڭسەپ كۆرەيلى ! بۇ جەمئىيەتكە قانداق پوزىتسىيىدە بولىشىمىز نى ، مىللىي غورورىمىزنى ، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنى ، ئەجداد مىراسلىرىنى قانداق ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا ئۆزىمىزنى ئوبدانراق دەڭسەپ باقايلى !!!!
تۈگىدى