باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1348 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: دۇنياغا نەزەر
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1660
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1660دانە
ئۆسۈش: 7940 %
مۇنبەر پۇلى: 22727 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 19:11

دۇنياغا نەزەر



  تۈركىيەنىڭ 2013- يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىشى پىلانلانغان كۆكتۈرك سۈنئىي ھەمراسى ئىسرائىلىيەنى ساراسىمىگە سالدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چىقىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى ھەربىي ئىشلار ژۇرنىلى «Jane's Defense»، ئىسرائىلىيەلىك سىياسەتچىلەر ۋە ئارمىيەنىڭ، تۈركىيە تەرىپىدىن ئىككى يىل ئىچىدە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىشى پىلانلانغان ئىنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان كۆكتۈرك ھەربىي سۈنئىي ھەمراسىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ھازىرغا قەدەر ئىسرائىلىيەدىن خېلىلا يۇقىرى ئىنىقلىقتا سۈنئىي ھەمرادىن سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىردىنبىر دۆلەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىدى. ئەمما تۈركىيەنىڭ بۇ خىل تېخنىكىغا ئىگە بولۇشى ئىسرائىلىيەنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئىسرائىلىيەدىكى ساراسىمىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئەنقەرە –تېل ئاۋىۋ ئارىسىدا سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىنى ئورتاقلىشىشقا چەكلىمە قويىدىغان ھېچقانداق بىر كېلىشىمنىڭ بولماسلىقى ئىكەن.

تۈركىيە كېلىشىم تۈزگەن ئىتالىيەنىڭ تېلېسپازىئو شىركىتىنىڭ 270 مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى كۆكتۈرك سۈنئىي ھەمراسىنى 2013- يىلى تۈركىيەگە تاپشۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.

بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ مەزكۇر سۈنئىي ھەمرانىڭ ياسىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىتالىيە ۋە فىرانسىيەدە لوبىچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.





  ئىراندا سابىق پىرېزىدېنتلاردىن ئەلى ئەكبەر ھاشىمى رافسانجانىنىڭ قىزى ھاكىمىيەتكە قارشى تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئىراندىكى مۇھاپىزىكارلارغا ئائىت بىر ئىنتېرنت تورى، رافسانجانىنىڭ قىزى فائىزە ھاشىمىنىڭ مەھكىمە تەرىپىدىن جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فائىزە ھاشىمىغا 6 ئايلىق قاماق جازاسىدىن سىرت 5 يىل بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە بۇ جەرياندا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشىنىڭمۇ مەنئىي قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئۆتكەن ئاي سوتلانغان فائىزە ھاشىمىنىڭ 20 كۈن ئىچىدە يۇقىرى سوتقا ئەرز سونۇشى ھوقۇقى بار.

ھاشىمىنىڭ ئادۋوكاتى، ئەيىبلەشلەرنىڭ فائىزە ھاشىمىنىڭ ئىنتېرنت خەۋەر تور بەتلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارەت خاتىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھاشىمى، ئىراندا 2009- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تالاش –تارتىشلىق پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرىغا ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى فېۋرال ئېيىدا قىسقا مۇددەت قاماققا ئېلىنغانىدى.





  بەسرە قولتۇقىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىران، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئىران ئارمىيەسى باش قوماندانى گېنېرال ئاتائۇللاھ سالىھى، رايوندىن ئايرىلغان ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭ بۇ مانېۋىر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قايتىدىن بەسرە قولتۇقىغا يېنىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرنانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سالىھى، «ئىران بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى قايتىلاپ ئولتۇرمايدۇ. ھەربىي مانېۋىرىمىز يۈزىسىدىن دۈشمەن ئاۋىئاماتكىسى ئۇممان دېڭىزىغا قاراپ ھەرىكەت قىلدى. ئالاھىدە تەكىتلىگەن ھالدا ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسى بەسرە قولتۇقىغا قايتماسلىقى لازىم» دېدى.

10 كۈن داۋام قىلغان ھەربىي مانېۋىرلاردا ئىران ئۆزى ياساپ چىققان ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سىناق قىلىپ، ئىقتىسادىي بېسىملىرىنى كۈچەيتكەن غەرب ئەللىرىگە دوئىل ئېلان قىلغانىدى.





تۈركمەنىستاننىڭ قەدىمكى شەھىرى مەرۋەدىكى قېدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئەسناسىدا تېپىلغان غايەت زور بىر مازارنىڭ بىر خاقانغا ئائىت بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى. مازارنىڭ ئىچىدە ئالتۇن –جاۋاھىراتلاردىن تارتىپ ئات ھارۋىسىغا قەدەر خاقانغا ئائىت كۆپ ساندا نەرسە –كېرەكمۇ بار ئىكەن.

تۈركمەنىستاننىڭ قەدىمكى شەھىرى مەرۋەدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.

شەھەر بىرىنچى بولۇپ قۇرۇلغان رايون مارگۇشتىكى قېدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى جەريانىدا 5 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بىر مازار كۈن نۇرىغا چىقىرىلدى.

كەڭ ساھەگە يېيىلغان بۇ مازار، ئەقىدە –ئېتىقادلارنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن نەرسە –كېرەكلىرى بىلەن بىرگە كۆمۈلگەن بىر خاقانغا ئائىت دەپ قارالماقتا. مازاردىكى مال –دۇنيا ۋە تېپىلغان ئەشيالارنىڭ ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ قالغان بولۇشى، ئارخېئولوگلارنى ھەيران قالدۇردى.

مازارنىڭ ئىچىدىن پەقەت خاقانغا ئائىت خوسۇسىي ئەشيالارلا ئەمەس، كۆپ ساندا ھايۋان ئىسكىلىتى، بۇلاردىن باشقا زىبۇ –زىننەتلەر، ئات ھارۋىسى ۋە قالدۇق تائام قاتارلىقلارمۇ تېپىلدى.

مازار ئالپ ئەرتوڭاغا ئائىت بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.



2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يوللارنىڭ قاتناش مۇساپىسى 74 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، ئامېرىكىدىن قالسا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى. مۆلچەرلىنىشىچە 12-بەش يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يوللارنىڭ قاتناش مۇساپىسى 110 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلىمىزنىڭ قىسمەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يوللىرىدا يۇقىرى ھەق ئېلىش مەسىلىسىمۇ بىر قەدەر گەۋدىلىك بولماقتا. بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولى بولغان شاڭخەي جيادىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىدىن ھەق ئېلىش رەسمىي توختىتىلىپ، مەملىكەت ئىچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىدا ھەق ئېلىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن توختىتىشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.
ياخشى خەۋەر شاڭخەيدىلا بولمىدى، 1-يانۋار سائەت نۆلدىن باشلاپ، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى 61 تاش يول ھەق ئېلىش پونكىتىدا خاڭجۇ، نىڭبو قاتارلىق يەتتە شەھەر يولىدا مېڭىش ھەققىنى ۋاكالىتەن ئېلىش توختىتىلدى. شۇنداق دېيىشكە بولۇدىكى، كېيىن باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرى نىڭبوغا بارسا شەھەرگە كىرىش ھەققى ئېلىنمايدۇ، ئوخشاشلا، نىڭبونىڭ ئاپتوبۇسلىرى جېجياڭ ئۆلكىسى ئىچىدىكى خاڭجۇ، ۋېنجۇ، شاۋشىڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە بارسىمۇ ھەق ئېلىنمايدۇ.
جياڭسۇدا، 10-يانۋاردىن باشلاپ، جياڭسۇ ئۆلكىسى ئۆلكە ئىچىدىكى تورلاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يوللارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىدۇ، بىرىنچى خىلدىكى ئاپتوبۇسنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئۈچ دەن ئىككى قىسىم تۆۋەنلىتىلىدۇ. بىرىنچى تۈردىكى ئاپتوبۇس ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرىدىن ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ھازىرقى 15 يۈەندىن بەش يۈەنگە تۆۋەنلەيدۇ. باشقا خىلدىكى ئاپتوبۇسلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىمۇ مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ.



يېڭى يىل ھارپىسىدا، 406-قېتىملىق دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 10-تۈركۈمدىكى دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ «خەيكۇ» نامىلىق پاراخوتى بەش گۇمانلىق دېڭىزى قاراقچىسى كېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوغلاپ چىقاردى.

شۇ جاي ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈش سائەت 12-دە ئادەن قولتۇقىنىڭ غەربىي دېڭىز ساھىلىدە قاتناش قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 10-تۈركۈمدىكى دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش فىلوتىنىڭ «خەيكۇ» نامىلىق پاراخوتى بەش گۇمانلىق كېمىنىڭ تېز سۈرئەتتە فىلوتقا يېقىن ئەتراپتىكى بىر چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ پاراخوتىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى، «خەيكۇ» نامىلىق پاراخوت دەرھال سىگنال بېرىپ ھەمدە بەلگە ئوقى ئېتىپ ئاگاھلاندۇردى، گۇمانلىق ئۈچ كېمە يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ كېتىپ قالدى، قالغان ئىككى كېمە يەنىلا سودا پاراخوتىغا قاراپ يېقىنلاشتى. خەتەرلىك پەيتتە، «خەيكۇ» نامىلىق پاراخوت ۋە ئۇنىڭدىكى تىكئۇچار بەلگە ئوقى ئېتىش ۋە پارتلاش سىلكىنىش ئوقى ئېتىپ ئاگاھلاندۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى كېمىدىكى كىشىلەر تەسلىم بولدى. يېرىم سائەتتىن كېيىن خەتەر تۈگىتىلدى. بۇ سودا پاراخوتى پاناما تەۋەلىكىدىكى ئىتالىيەنىڭ «كۆمۈش رەڭلىك دېڭىز دولقۇنى» ناملىق پاراخوت ئىدى



يەرشارى تورى خەۋەرلىرى














دوستلىشىش
جەڭچى
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1546
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1546دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16128 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-03-26

كۆكتۈرۈك ناملىق سۈننى ھەمرا ،،،ئىسرائىللارنى ساراسىمگە سالالىغىنغا قارغاندا تۈرۈكلەرمۇ يامانكەن.كۆك تۈرۈك دىگەن ئىسىم بەكلا تونۇش قۇ ؟     ئاۋۇ مازار قايسى سوپىنىڭ مازىر دۇ ئەمدە ؟
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
i love islam
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 364
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە364دانە
ئۆسۈش: 3840 %
مۇنبەر پۇلى: 6454 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-31
ئاخىرقى: 2012-03-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 20:10

ئامرىكا نىىشقا ھازىرغىچە ئىرانغا ئۇرۇش قۇزغىمايدىغاندۇ .......................
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قوزام
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3625
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1467
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1467دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 8395 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-06
ئاخىرقى: 2012-03-27
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 20:13

2-قەۋەت (wolf) نىڭ يازمىسىغا

ئامرىكىدىن سوراپ بىقىڭە نىمىشقىدۇ؟؟؟
ئۆتمەنامەرت كۆرىكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ ،
يىمەنامەرت ئاشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۇرسىمۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 920
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە920دانە
ئۆسۈش: 800 %
مۇنبەر پۇلى: 5481 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-03-31
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 21:15

جەڭچى ،ئا مازار سوپىنىڭ ئەمەس قەدىمقى ئەجدات پادىشاھلىرىمىزدىن  ئالپ ئەرتوڭا(ئافراتسسىياف)نىڭ قەبرىسىمىكىن دەپ پەرەز قىلنىۋىتىپتۇ.ئابدۇللا ئابدۇرىمنىڭ بىر ناخشىسى بولدىغانغۇ بىزلەر دەپ، شۇنىڭدا قۇياشنى بىلسەن  چۈشكەن ئاپتاپتىن، زاتىمىز سورساڭ ئافراتسىياپتىن.
تېما ئىگىسىگە رەخمەت.
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 927
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە927دانە
ئۆسۈش: 3260 %
مۇنبەر پۇلى: 11632 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-03-30
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 23:06

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى wolf نىڭ 2012-01-03 20:10 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئامرىكا نىىشقا ھازىرغىچە ئىرانغا ئۇرۇش قۇزغىمايدىغاندۇ .......................



1. يانچۇقتا پۇل ئاز قالدى .
2. ھازىر پۇرسەت پىشىپ يىتىلمىدى .
3. ئاجىزلاپ قالسا كىيىنكى چوڭ ئىشلارغا تەسىر يىتىپ قالىدۇ .
4. چوڭ سايلام يېقىنلىشىپ قالدى .................
مېنىڭچە ئامېركا يۇقارقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھازىر غىچە ئىرانغا  ھوجۇم قوزغىماي كەلدى .
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 927
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە927دانە
ئۆسۈش: 3260 %
مۇنبەر پۇلى: 11632 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-03-30
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 23:08

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى eltabir9 نىڭ 2012-01-03 21:15 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
جەڭچى ،ئا مازار سوپىنىڭ ئەمەس قەدىمقى ئەجدات پادىشاھلىرىمىزدىن  ئالپ ئەرتوڭا(ئافراتسسىياف)نىڭ قەبرىسىمىكىن دەپ پەرەز قىلنىۋىتىپتۇ.ئابدۇللا ئابدۇرىمنىڭ بىر ناخشىسى بولدىغانغۇ بىزلەر دەپ، شۇنىڭدا قۇياشنى بىلسەن  چۈشكەن ئاپتاپتىن، زاتىمىز سورساڭ ئافراتسىياپتىن.
تېما ئىگىسىگە رەخمەت.




دۇرۇس ئېيتىسىز  قېرىندىشىم . مۇنبەرداشلار  ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىزنى ئۇنۇتمايلى .
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
i love islam
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 364
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە364دانە
ئۆسۈش: 3840 %
مۇنبەر پۇلى: 6454 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-31
ئاخىرقى: 2012-03-30
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 11:47

Re:2-قەۋەت (wolf) نىڭ يازمىسىغا

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى end نىڭ 2012-01-03 20:13 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 2-قەۋەت (wolf) نىڭ يازمىسىغا :
ئامرىكىدىن سوراپ بىقىڭە نىمىشقىدۇ؟؟؟

سىز بۇنداق دىيىش ئارقىلىق ئىرانلىقلارغا ھىسداشلىق قىلماقچىمۇ ؟
منىڭ مەقسىتىم ئامرىكا ئىرانغا ھۇجۇم قوزغىسىلا  يەنە 70 مىليۇن ئ.ادەم ئامرىكىغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ...................................................
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
اللە سْــــــــــــــــــــــمِاﷲِارَّحْمَنِ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9222
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 195
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە195دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1904 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2012-03-29
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 13:08

ئېرانلقلارنىڭ  نۇپۇسى  70 مىلىيونما
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1660
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1660دانە
ئۆسۈش: 7940 %
مۇنبەر پۇلى: 22727 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-31
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 13:35

شۇنداق چېغىۋا،،،،،،،،،،،،،،،،