(1)
كۆرەلمىگەچ بىرىمىزنى-بىرىمىز،
ئارقىمىزدىن پىتنە-ئىغۋا تىرىمىز.
ئىناق ئۆتكەن ئۇچۇپ يۈرەر سامادا،
بىز تېخىچە قوتۇر ئېشەك مىنىمىز.
(2)
ھاياتقا بىر كېلىمىز،بىر كېتىمىز،
كۆڭۈلنى كۈلكە بىلەن خۇش ئېتىمىز.
تۈلكىمۇ ياشايدىغۇ كۈندە كۈلۈپ،
ئۆتەمدۇق يالغان كۈلۈپ شۇ پېتىمىز.
(3)
قۇشقاچلار ياشايدۇ ئۇزۇق-دان ئىزدەپ،
پاشىلار غىڭشىيدۇ ھەريان قان ئىزدەپ.
بەزىلەر قۇشقاچ ۋە پاشىغا ئوخشاش،
يۈرىدۇ كۈن بويى بىكار نان ئىزدەپ.
(4)
ياشلىقتا ئۆچمەيدىغان ئىز قالىدۇ،
ياشلىقنىڭ ئۆمرى قىسقا تىز قالىدۇ.
ئەسلەيمىز يشانغانچە شۇ چاغلارنى،
كۆڭۈلدە پەرى سۈپەت قىز قالىدۇ.
(5)
بىرجۈپ خۇما كۆزلىرىڭ،
مېنى ساڭا باغلايدۇ.
لېكىن خائىن يۈرىكىڭ،
يۈرىكىمنى داغلايدۇ.
1988-1989.يىل ئۈرۈمچى
[ بۇ يازمىنىozturkler 2011-11-14 19:45قايتا تەھرىرلى ]