ئالتۇن - ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ۋە پايدىلانغان مىتاللارنىڭ بىرى . ئۇ ئاز ئۇچرايدىغانلىقى ۋە يالتىراقلىقىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئاساسلىقى پۇل ۋە زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدۇ ، شۇڭا ئۇ قەدىمدىن بۇيان ئىنسانىيەت بايلىقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن . ھازىر چەت ئەللەردە ئېچىش قىممىتىگەئىگە ئالتۇن زاپىسى 31مىڭ توننىغىمۇ يەتمەيدۇ . جەنۇبى ئافرىقىدا ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ بولۇپ ، دۇنيا ئالتۇن زاپسىنىڭ 60-65 پىرسەنتىنى ئىگلەيدۇ ، شۇڭا جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا بويىنچە ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۈپ دۈلەت بولۇپ قالغان . بۇيەردە ئالتۇن قېزىش 1886-يىلدىن باشلاپ كەڭ كۈلەمدە ئەۋىج ئالغان ، 1898-يىلدىن باشلاپ ئالتۇن مەھسۇلاتى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن . 1970-يىلىغا كەلگەندە ، ئالتۇننىڭ يىللىق مەھسۇلاتى 1000توننىغا يىتىپ ، ئەڭ يۇقىرى رىكورت يارىتىلغان . جەنۇبى ئافرىقىدا ھازىر چوڭ كۆلەملىك ئالتۇن كانلىرىدىن 40ى بار ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كروكېرسدورپ كان رايۇنىدىكى ئورىنفۇسى ئالتۇن كانىنىڭ يىللىق مەھسۇلاتى 66توننىغا يىتىپ ، دۇنيا بۇيىنچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن كانى دەپ ئاتالدى.