زاۋۇتتىن چىقىش ھالىتىگە قايتۇرۇش: تېلېفون كۇتۇش ھالىتىدە *#7780# نى كىرگۈزىمىز. سېستىمىنىڭ دەسلەپكى مەخپى نومۇرى 12345. ئەسكەرتىش: بۇخىل ئۇسۇل پەقەت يانفۇننىڭ بەزى لاھىيلىگەن ئىقتىدارلىرىنى ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرىدۇ، ئىشلەتكۇچىنىڭ تېلېفون دەپتىرى، قىسقا ئۇچۇر.دىگەندەك ماتىرياللىرىنى ئادەتتە زىيان زەخمەتكە ئۇچراتمايدۇ، بىراق ئەسلىگە قايتۇرۇش ئۈنۈمى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.
2. يۇمشاق فورماتلاش: تېلېفون كۇتۇش ھالىتىدە *#7370# نى كىرگۈزىمىز. سېستىمىنىڭ دەسلەپكى مەخپى نومۇرى12345 .
ئەسكەرتىش:ئىشلەتكۈچىنىڭ ساقلانغان ئۇچۇرلىرى يوقاپ كىتىدۇ،تور يولى 2 يوقايدۇ،ئەڭ ياخشىسى لازىملىق ئۇچۇرلارنى زاپاسلىۋىلىش كېرەك.ئادەتتە سېستىمىدىن چىققان كاشىلىلارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالايدۇ. ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى.
3. قاتتىق فورماتلاش: يانفون ئېتىك ھالەتتە ئىلىپ بىرىلىدۇ (دىققەت: باتارىيەدە توك چوقۇم تولۇق بولۇشى كېرەك.) تېلېفون ئۇرۇش كونۇپكىسى+يۇلتۇز كونۇپكىسى+3 رەقىمى كونۇپكىسى ۋە يانفۇننى ئېچىش كونۇپكىسى (拨号键+*字键+3字键+开机键) تەڭلا بىسىپ تاكى ئېكراندا …. formftting (فورماتلاۋاتىدۇ….) دېگەن خەت چىققىچە قويۇۋەتمەي بىىسپ تۇرىسىز. بۇ ئۇچۇر چىققاندىن كېيىن قويۇپ بىرىسىز. بۇ ۋاقىتتا ئېكران سول تەرەپتىن باشلاپ ئاستا ئاستا قارىيىدۇ، فورماتلاش تاماملانغاندا پۈتۈنلەي قارىيىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ خىل ئۇسۇل يۇقىرىقى ئېككى خىل ئۇسۇلغا قارىغاندا ئەڭ ئۈنۈملۇك بولۇپ، يانفون ئېچىلالمىغاندا ياكى ئېچىلمىغاندا، يانفون مەخپى نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ئىشلىتىشكە ئەڭ باب كېلىدۇ.
4. stools دىتالى ئارقىلىق فورماتلاش: بۇ دېتال ئارقىلىق يانفون فورماتلاش مەشغۇلاتى قىلغاندىكى ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىق، تور يولى 2 يوقاپ كەتمەيدۇ.
 |