باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2539 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئېھرام سىرى.........؟؟؟؟؟
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2738
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2738دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19116 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-07 14:48

ئېھرام سىرى.........؟؟؟؟؟

نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدا تەخمىنەن 80 گە يېقىن مىسىر ئەلئېھرامى بار . بۇلار بولسا قەدىمكى مىسىر فىرئەۋىنلىرىنىڭ قەبىرگاھى . مىسىرلىقلار ئۇلارنى " پىرامىدا" دەپ ئاتايدۇ ، بۇنىڭ مەنىسى "ئىگىز" دىگەن مەنادا بولۇپ ، مەيلى قايسى تەرەپتىن قارىماڭ بۇ ئېھراملارنىڭ تۈزۈلۈشى سىزگە پۈتۈنلەي ئۈچ بۇلۇڭ شەكىلدە كۆرۈلىدۇ.
مىسىر ئەلئېھرامىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئىگىز ئېھرام بولسا مىسىر فىرئەۋىنى فىردەۋىسنىڭ قەبىرگاھى. ئۇ تەخمىنەن مىلادىدىن 2700 يىل ئىلگىرى ياسالغان ، پۈتكۈل قۇرۇلۇشنىڭ ئىگىزلىگى 146،5مېتىر بولۇپ ، 40 قەۋەتلىك بىر غايەت زور ئىمارەتنىڭ ئىگىزلىكىگە بارەۋەر. قۇرۇلۇشنىڭ شەكلى كۇۋادىرات شەكىللىك بولۇپ ، ھەر بىر يان تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 230.6مېتىر ، ئومۇمى ئىگەللىگەن كۆلىمى 52900 كوۋادىرات مېتىر.
بۇ چوڭ ئېھرام چوڭ – كىچىكلىگى ئوخشاش بولمىغان 2مىليۇن 300 مىڭ دانە غايەت زور تاش پارچىلىرىدىن تۈزۈلۈپ چىقىلغان بولۇپ،بۇ تاشلارنىڭ ئەڭ يىنىك بولغىنى 1.5 توننا ، ئەڭ ئېغىر بولغىنى 2.5 توننا . پۈتكۈل ئېھرامنىڭ ئومۇمى ئېغىرلىغى بولسا 6مىليۇن848مىڭ توننا . ئەگەر ھازىرقى ئەڭ ئىلغار بولغان ئېغىرلىق كۆتۈرۈشچانلىقى 7 توننا كىلىدىغان يۈك ئاپتۇمۇبىلى بىلەن بۇ تاشلارنى توشۇشقا توغرا كەلسە ، 978مىڭ 286 ماشىنا بىلەن توشۇشقا توغرا كىلىدۇ. ئەگەر بۇ يۈك ماشىنلارنى بىر رەتكە تىزغاندا ئومۇمىي ئۇزۇنلۇغى 6200 كېلۇمېتىر كىلىدىغان بولۇپ ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرىدىن شىمالدا مۇخېگىچە ، غەرىپتە پامىر ئىگىزلىكىدىن تارتىپ شەرىقتە شاڭخەيگىچە بولغان ئارلىقتىنمۇ ئۇزۇن.
بۇ غايەت زور ئېھرامنىڭ يىنىدا ئۇنىڭدىن 3 مىتىر تۆۋەن تۇرىدىغان 2- چوڭ ئېھرام يەنى بۇ مىسىرنىڭ 4- فىرئەۋىننىڭ قەۋرىسى . ئۇنىڭ يىنىدا غايەت زور بىر شىر تەنلىك ئادەم ھەيكىلى بار ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىلادىدىن 2610 يىل ئىلگىرى مىسىرنىڭ 4- فىرئەۋىنى ئۆزىنىڭ ياسىلىپ پۈتۈشكە ئاز قالغان قەۋرىگاھىنى كۆزدىن كەچۈرۋاتقاندا ، تاش ئىلىش مەيدانىدا بىر غايەت زور تاشنىڭ بارلىغىنى كۆرۈپ ، تاش ئۇستىلىرىغا بۇ تاشقا ئۆزىنىڭ چىراي شەكلىنى چۈشۈرۈپ بىر تاش ھەيكەل ياساپ چىقىشنى بۇيرۇغان ئىكەن. بۇ تاش ھەيكەلنىڭ ئىگىزلىگى 22 مىتىر ، ئۇزۇنلۇغى 75مېتىر ، بېشىغا تاج كىيگەن ھالەتتە بولۇپ ئىڭەك قىسمىغا 5 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ساقال ياسالغان . كۆرۈنۈشى ناھايتى ھەيۋەتلىك ھەم سىرلىق .
1798- يىلى ناپالىئۇن مىسىرنى ئىشغال قىلغاندا ، ئۆز ئەسكەرلىرىگە ئېغىر تىپتىكى توپ- زەمبىرەكلەر بىلەن بۇ تاش ھەيكەلنى بۇمباردىمان قىلىشقا بۇيرۇغان . ئاقىۋەتتە ، بۇ شىر تەنلىك ئادەم ھەيكىلىنى ھېچقانداق زەربىگە ئۇچۇرتالمىغان ، پەقەت ساقال قىسمىنىڭ ئاز بىر قىسمىنىلا ئۇپۇرتالىغان . ھازىر ئەنگىلىيىدە ساقلىنىۋاتقان ئەينى ۋاقىتتىكى ناپالىئۇننىڭ ھېساب خاتىرسى ساقلانغان بولۇپ ، خاتىردە بۇ ئىككى چوڭ ئېھرامنىڭ تاشلىرىنى بىر يەرگە يىغقاندا ئىگىزلىگى 3 مىتىر ، قېلىنلىغى 1 مىتىر كىلىدىغان تام ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ ، بۇ تام ئارلىق پۈتكۈل فىرانسىيەنى قورشاپ تام ھاسىل قىلىغىلى بولىدىغانلىغى يېزىلغان.
ئۇنداقتا بۇنچىلىك زور كۆپ ساندىكى تاشلار قەيەردىن يۆتكەپ كېلىنگەن؟
ئارخېلوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە : _ بۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن ئادەتتىكى تاش ماتېرياللارنىڭ شۇ ئەتراپتىن ئېلىنغان ، ئېھرامنىڭ سىرتقى قەۋىتىكى 150 مىڭ دانە تاش بولسا  نىل دەرياسىنىڭ شەرقى قىسىمىدىكى رايۇنلاردىن يۆتكەپ كىلىنگەن ، قەبىرگاھنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گىرانت تاشلار بولسا قۇرۇلۇش ئورنىدىن 500 ئىنگىلىز مىلى كىلىدىغان رايۇنلاردىن يۆتكەپ كىلىنگەن دەپ قارالماقتا .
ئەمىليەتتە ، تاش ئىلىش ، يۆتكەش قاتارلىقلاردا زور كۆپ ساندىكى تاش ئۇستىلىرى ، يۆتكەش ئىشچىلىرى ، ماترۇسلار ھەم زور ساندىكى ئىنجىنىرلارغا ۋە باشقۇرغۇچىلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ھەم بۇلارنى كونتىرۇل قىلىپ باسالايدىغان غايەت زور قۇدرەتلىك ئارمىيەگە شۇنداقلار ئۇلارنىڭ ئوزۇق ، كىيىم مەسىللىرىنى ھەل قىلىدىغان زور كۆپ ساندىكى خىزمەتچىلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدىغان گەپ. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئارىسىدا قېرى – ئاجىزلار ، ئاياللار- بالىلار ۋە يۇقۇرى تەبىقىدىكى كىشىلەر توپىنى ئۆز ئىچىدە ئەمەس.
لېكىن ، باھالاپ تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق  بۇنداق زور قۇرۇلۇشنى لايھەلەپ پۈتتۈرۈشتە 50 مىليۇن كىشىلىك نوپۇسقا ئىگە بولغان دۆلەت كۈچى بولغان بولۇشى كېرەك . ئەمما ، مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئومۇمى سانى 20 مىليۇندىن ئىشىپ باققان ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغا قەدەر مىسىردا 80 ئەلېھرام بايقالغان ، ھەر بىر ئېھرامنى 30 يىلدا پۈتتۈرگەن دىيىلگەن تەغدىردىمۇ بۇ 80 ئېھرامنى پۈتتۈرۈشكە 240 يىل ۋاقىت كىتىدۇ ، ئۆز ۋاقىتىدىكى مىسىردا مۇشۇنداق ئۇزۇن مەزگىلگە سۇزۇلغان غايەت زور بەدەلگە قانداق بەرداشلىق بىرەلىگەن ؟
بۇنىڭدىن سىرىت ، بۇ يەردىكى ئەڭ جىددىي ھەم ئەڭ ئەمىلى بولغان مەسىلە بولسا قۇرۇلۇشتا ئىشلىتىلگەن تاشلارنى يۆتكەش مەسىلىسى .
يىتەرلىك ئادەم بولغان تەغدىردىمۇ 2.5 توننىدىن 160 توننىغىچە بولغان غايەت زور تاشلارنى قۇرۇلۇش ئورنىغا يۆتكەپ ئاپىرىش مۈمكىن ئەمەس. ماشىنا بىلەن توشۇش ئات بىلەن تارتىشچۇ ؟ بۇ تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى ئات بىلەن ماشىنا مىسىرغا ئېھرام ياسىلىپ 1000 يىلدىن كىيىنلا باشقا دۆلەتلەردىن كىرگەن ، بۇنىڭدا بەزىلەر شۇ ۋاقىتتا مىسىرلىقلار ياغاچلاردىن پايدىلنىپ يۇمۇلۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن يۆتكىگەن دەپ قارىغان ، لېكىن بۇ خىل ئۇسۇلدا غايەت زور مىقداردىكى ياغاچ ماتېرياللىرىغا ئېھتىياجلىق بولىدىغان گەپ ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا مىسىردا ئۆسكەن ياغاچ ماتېريالىنىڭ سانى ، ئۆسۈش سۈرئىتى ، چىدامچانلىقى توشۇش ئېھتىياجىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان قاراشلار ئوتتۇرغا قويۇلغان لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسى كىشىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشتۈرەلىگەن ئەمەس ، ئۇنداقتا قۇرۇقلۇق ، سۇ يولى ئارقىلىق يۆتكەش مۈمكىنچىلىكى يوق بولسا ئەينى ۋاقىتتىكى مىسىرلىقلار ھاۋا يولى ئارقىلىق يۆتكەش ئىلىپ بارغانمۇ ؟ بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر سىر .
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئېھرامنى لايھەلىگۈچى ۋە ياساشقا يىتەكچىلىك قىلغان كىشى بولسا ، تارىختا بىرنچى بولۇپ دەۋىردىن ھالقىغان تالانت ئىگىسى ئىكەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ "تالانتى"نىڭ دەۋىردىن بەكمۇ كۆپ ھالقىپ كىتىشى بىزدە قاتتىق چۆچۆش ۋە گۇمان ھاسىل قىلىدۇ.
بۇ غايەت زور كۆلەمدىكى گىرانت تاش يىغىندىسىدىن 52900 كوۋادىرات مېتىرلىق كۆلەمدىكى قۇرۇلۇش ئاساسىنى قۇراشتۇرۇپ چىقىش ناھايىتى مۈشكۈل بولغان بىر ئىش . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردا تەڭپۇڭلۇق ئۈسكۈنىسى ، ھەركەتلەندۈرگۈچ قۇرۇلمىسى ۋە زامانىۋى ئۆلچەش ئەسۋابىلىرى يوق ئەھۋال ئاستىدا ، قۇرۇلۇش ئاساسىينى توغرا ئۆلچەپ ۋە ياساپ چىققان . قۇرۇلۇشنىڭ ئاستىنىقى 4 تەرىپىنىڭ يان ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇق پەرقى 20 سانتىمېتىرغا يەتمەيدىغان بولۇپ خاتالىق پەرقى بولسا 1000/ 1 پىرسەنتگىمۇ يەتمىگەن ، ئۇنىڭ شەرىق – جەنۇپ ، شىمال – غەرىپ تەرىپىنىڭ بۇلۇڭ ئىگىزلىك پەرقى بولسا 1.27 سانتېمىتىر بولۇپ خاتالىق پەرقى 10000/ 1 پىرسەنتىگىمۇ يەتمىگەن...... ئۇلاردا ئۆلچەش ئەسۋابى يوق ، غۇلاچلاپ ئۆلچەشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ قانداق قىلىپ مەزكۇر قۇرۇلۇشنى مۇشۇنداق ئىنچىگە ۋە توغرا ياساپ چىقالىغان ؟
ئېھرامنىڭ مىڭ يىللارغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن لايھەلىگۈچى ئېھرام قۇرۇلۇشىغا بىر تال ياغاچ ياكى بىر تال تۆمۈر ئىشلەتمىگەن ، چۈنكى ياغاچ چىرىگۈچى تۆمۈر داتلاشقۇچى ماددا بولۇپ ھەر ئىككىلىسى ئېھرامنىڭ ئۇزۇن مەزگىل مەزمۇت تۇرالىشىغا خەۋىپ ئىلىپ كىلىدۇ....... تاش پارچىلىرى ئارىسىغىمۇ ھېچقانداق جىپىسلاشتۇرغۇچى مادددا ئىشلىتىلمىگەن ، لېكىن شۇنداقتىمۇ بۇ تاش پارچىلىرىنىڭ ئارىسىغا ھېچقانداق نەرسە كىرەلمەيدىغان دەرىجىدە لايھەلەپ ياسالغان ، ھەتتا ئەڭ نىپىز بولغان بېرتىۋانىمۇ ئىككى دانە تاش پارچىسىنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزۈش مۈمكىن ئەمەس.
بۇ قۇرۇلۇشتىكى تاش پارچىلىرىنى قايسى خىل ئۇسۇل بىلەن بىر قەۋەت – بىر قەۋەتتىن ئۈستىگە ئىلىپ چىقالىغانلىغى كىشىنى ئويلاندۇردىغان يەنە بىر سىرلىق تېما .
بۇنىڭغا قارىتا كىشىلەر نۇرغۇنلىغان قىياسلارنى ئوتتۇرغا قويغان ، مەسىلەن بەزىلەر ، ئەينى ۋاقىتتا مىسىرلىقلار بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەتراپىنى قۇم بىلەن ئوراپ ، قۇم دۆۋىلىرى ئارقىلىق سىيرىلما يول ھاسىل قىلىپ تاش پارچىلىرىنى يۆتكىگەن دەپ قارىغان ، لېكىن بۇنداق بولغاندا سىيرىلما يولنىڭ بۇلۇڭ گىرادۇسى 25- 35 گىرادۇسقىچە بولغان بولىدۇ،يەنى ئۇنىڭ ئىگىزلىگى 146 مېتىر تۇرسا بۇنىڭغا بۇنىڭغا قانچە كۇپ مېتىر قۇم كېرەك بولىدۇ ؟ بۇنچىلىك زور مىقدارىدىكى قۇمنى قەيەردىن ئىلىپ كەلگەن بولىدۇ ؟ بۇنىڭدا ئەسلىدىكى يۆتكەش تەننەرخى يەنە بىر ھەسسە ئۆرلەپ كەتكەن بولمامدۇ؟
يۇقارقىلاردىن سىرىت كىشىنى ئەڭ غەلىتىلىك ھېس قىلدۇرغان مەسىلە بولسا ، مەيلى قايسى ئېھرامدا بولسۇن مەشئەل تۈرىدىكى ھېچقانداق بىر يورۇتۇش ئەسلىھەسىنى ئىشلەتكەنلىك ئىزناسى بايقالمىغان ، ئارخېلوگلار ھەر بىر تال توزۇندىنىڭ تەركىبىدىكى 100/  1 پىرسەنت بولغان خېمىيىلىك تەركىبنى تەكشۈرۈپ تاپالايدىغان ئەڭ ئىلغار تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى بىلەنمۇ 4600 يىل ئىلگىرى يىغىلىغان چاڭ – توزۇندىلار تەركىبىدىن ھېچقانداق بىر بايقاشقا ئىرىشەلمىگەن . قەدىمكى مىسىرلىقلار نەقىش ئويۇش ، قەبرىگاھنى تازلاش ياكى جەسەتلەرنى يۆتكەش قاتارلىقلارنى ھەرگىزمۇ قاراڭغۇلۇقتا ئىلىپ بارغان ئەمەس ، ئۇنداقتا ئۇلار قايسى خىل يورۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان ؟
ئېھرام قۇرۇلۇشىدىكى بەزى بىر سانلارنىڭ توغۇرلۇق نسبىتى ئارخېلوگلار ، ئىنجىنىرلار ، گېئومېتىرىكلار ۋە مىخانىكلارنى ھەيران قالدۇرغان ، مەسىلەن :
ئەلېھرامنىڭ ئېغىرلىقىنى 1015 گە كۆپەيتكەندە يەر شارىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن تەڭ بولغان .
ئېھرامنىڭ ئىگىزلىگىنى 1 مىليارتقا كۆپەيتكەندە يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارلىقىغا تەڭ بولغان .
ئېھرامنىڭ مەركىزى ئورنى دەل يەر شارى ئېكۋاتۇر سىزىقى ئۈستىگە جايلاشقان ، دەل بۇ سىزىق يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزلارنى شىمال –جەنۇپ دەپ ئىككىگە بۆلگەن .
بۇ بىر قاتار سان – سېفېرلار شۇنداقلا توغرا كىلىپ قالغانمۇ ؟
ھەممىزىگە ئايان ، ئىنسانلار 16- ئەسىرگە كەلگەندىلا يەرشارىنىڭ ئايلانمىسىنى توغرا ھېسابلاپ چىقالىغان ، ئېھرام ياسىلىپ 4000 مىڭ يىلدىن كىيىن كولۇمبۇ "ئامېركا " قىتئەسىنى بايقىغان ھەم ئىنسانلار يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇق ۋە ئوكيانلار توغۇرسىدا دەسلەپكى تونۇشقا ئىگە بولغان . ئېھرام ياسىلىپ 5000 مىڭ يىلدىن كىيىن ئىنسانلار يەر شارىنىڭ ئېغىرلىقى ، قۇياش بىلەن بولغان ئارلىقى قاتارلىقلارنى  ھېسابلاپ چىقالىغان ......... ئەجىبا ، 4500 يىل ئىلگىركى قەدىمكى كىشىلەر قانداق قىلىپ بۇلارنى توغرا ھەم ئىنچىكە ھېسابلاپ چىقالىغان ؟
ئېيتىشلارغا قارىغاندا " _ قەدىمكى دۇنيادا 7 خىل مۆجىزە بولغان ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇلارنىڭ بەزىلىرى ۋەيران بولغان ، بەزىلىرى يوقاپ كەتكەن ، لېكىن نىمە ئۈچۈن پەقەت ئېھراملا مىڭ يىللاردىن بۇيان قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىغان ؟ بۇنىڭدىكى سىر زادى نېمە؟
ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ، لېكىن يەنە نىمە ئۈچۈن بۇنچىلىك زور ئادەم ، ماددى كۈچنى سەرىپ قىلىپ ئۆزىگە جەسەت ساقلاش ئورنى ياسىتىشتىكى مەقسەت نىمە ؟ بۇنىڭدا پادىشالاردا ھەشەمەتلىك قەبرىگاھ ياساشتىن باشقا يەنە قانداق سەۋەب بار ؟
ئالىملارنىڭ تەتقىق ئىلىپ بىرىشىدا ، ئېھرامنىڭ تۈزۈلۈشىدە بىر غەلىتە "مەۋجۇت" بار بولۇپ ، بۇنىڭدا جەسەتتە ناھايىتى تېزلىكتە سۇسىزلىنىش كۆرۈلۈپ "موميالىشىش » تېزلىشىدىكەن ، بۇنىڭدىكى مەقسەت مەلۇم بىر كۈنلەردە قايتا تىرىلىشنى كۈتۈش ئىپادىلەنگەن ئىكەن . مەسىلەن بىر تال دات بېسىپ كەتكەن تۆمۈر پارچىسىنى ئېھرام ئىچىگە قويغاندا ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ تۆمۈر پارچىسى پارقىراق ھالەتكە قايتىدىكەن ، بىر قاچا سۈتنى ئېھرام ئىچىگە قويۇپ 24 سائەتتىن كىيىن ئىلىپ چىققاندا بۇ سۈت ئەسلىدىكى ساپ ھالىتىنى ساقلاپ تۇرىدىكەن . ئەگەر سىزنىڭ بېشىڭىز ، چىشىڭىز ئاغرىپ ئېھرام ئىچىگە كىرسىڭىز بىر نەچچە سائەتكە قالماي ئاغرىقىڭىز تۈگەپ ئىششىقلار يىنىپ كىتىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ نېرۋىلىرىڭىز چارچاپ ھاتتىق ھارغىن ھالەتتە ئېھرام ئىچىگە كىرسىڭىز بىر نەچچە مىنۇت ياكى بىر نەچچە سائەتتىن كىيىن ئۆزىڭىزنى ناھايتتى جۇشقۇن ، كۈچ – ماغدۇرىڭىز ئۇرغۇپ تۇرغان ھالەتكە قايتىسىز .
1963- يىلى ئالىملار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆلگىنىگە نەچچە مىڭ يىل بولغان مىسىر مەلىكىسىنىڭ تېنىدىكى تېرە ھۆجەيرىلىرىنىڭ يەنىلا ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالغانلىغىنى بايقىغان . ئۇلار بۇ يەردە 4 ئايغا يېقىن تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق بىر قەدىمى قەۋرىنىڭ تاش ئىشىكىنى ئاچقاندا ، قەبرە ئىچىدە بىر چوڭ مۈشۈك بەدىندىكى توپا – چاڭنى سىلكىۋىتىپ كىشىلەرگە قاراپ ئېتىلغان ، لېكىن بۇ مۈشۈك بىر نەچچە سائەتتىن كىيىن تەجرىبىخانىدا ئۆلۈپ قالغان ، دىمەك ، بۇ مۈشۈك ئۆزىنىڭ ساداقەتمەنلىكى بىلەن ئۆز خوجايىنىنى  ساقلاپ ياتقان
دېمەك ، ئېھرام ئۆزىنڭ سىرلىق ھەم قورقۇنۇچلۇق ۋاستىلىرى بىلەن كشىلەرنىڭ ئېھرامنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ ئېچىشىنى توسىماقتا . ئېھرام يەنىلا ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىل تەكشۈرۈشىگە ،ئۇنىڭدىكى سىرلارنى يېشىشىمىزنى خالىمايدىغانلىغىنى  ھەر خىل ئىپادىلەر ئارقىلىق كۆرسۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ . لېكىن ئېھرام سىرىنىڭ ئىچىلىشى يەنىلا ئىنسانلارنىڭ قىزىقىشىنى توختالىغان ئەمەس ، ئېھرام سىرىنىڭ ئىېچىلىشى ئىنسانلار مەدەنيەتنىڭ غايەت زور بىر ئىلگىرى بولۇپ قالغۇسى .

مەنبە:سىرلىق جىلغا كىتابىدىن
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1133
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1133دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 12233 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-03-29

مەنمۇ ھەيرانمەن بۇ قۇرلۇشقا
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1367
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1367دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 14963 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-03-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-07 18:38

نىمە دىگەن سىرلىق  
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2355
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2355دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29036 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-08 01:36

قايسى بىر چاغدا دۇنيادىكى ئىشلار پىروگىراممىسىدا ئىھرامنىڭ سىرىنى ئاچتۇق دەپ بىر خىل سىخىمىلارنى كۆرسىتىپ يۈرەتتى
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
نازىگۈل777
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7352
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-12
ئاخىرقى: 2011-05-12
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 17:51

مەنمۇ بەكلا  قىزىقىمەن ئېھرامنىڭ سىرلىرىغا ، كوپ نەرسىلەردىن خەۋەردار بولدۇم ، رەھمەت  سىزگە !
دوستلىشىش
نۇۋرۇللا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9516
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-07
ئاخىرقى: 2011-11-09
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-07 13:31

دىمەك قېرىنداشلا      ئاللاھنىڭ موجىزىلىرى مۇشۇنداق ھەيران قالارلىق بۇلىدۇ   .  
ئاللاھنىڭ موجىزىلىرىگە  ئىنساننىڭ .ئەقلى يەتمەيدۇ .   بۇبىر ھەقىقەت
شۇنچە كاتتا بولغان ئاسمان زىمىننى ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھ بۇنچىلىك نەرسىلەرنى يارىتىشقا ئەلۋەتتە قادىردە .
بۇنىڭدىن ھەقىقى مۇئمىنلا ئىبرەت ئالىدۇ . ئاللاھنىڭ نەقەدەر قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ .
مۇئمىن بولمىسا بىكا .
ئالدىرماڭلا قېرنداشلا ........  پات ئارىدا ھەممىسى ئاشكارە بۇلىدۇ .  (  يەنى قىيامەت كۇنىسى )  ئاللاھنىڭ بۇ موجىزىلىرىگە كىم ئىشەندى كىم ئىشەنمىدى بۇمۇ ھەم ئاشكارە بۇلىدۇ قېرىنداشلا
دوستلىشىش
مۇناجات
Uyturk
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9392
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 291
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە291دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2930 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2012-03-17
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-07 14:58

اللە نىڭ مۆجىزىسى  !!!!    
اللە'نىڭ مېنى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى قىلىپ ياراتقانلىقىغا  يۈزمىڭ شۈكرى ....