باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5383 قېتىم كۆرۈلدى
«3456»Pages: 6/6     Go
تېما: قانۇندىن مەسلىھەت بىرىشنى خالايمەن.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1201
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 3337 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2011-04-16
50-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

<سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە،ئىشلىگەنلەر چىشلەيدۇ،ئىشلىمىگەنلەر چىشلىمەيدۇ>غانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز.لېكىن ئىشلەپ تۇرۇپ،ئىش ھەققىگە تولۇق ئىگە بولالمىسا،يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن تۈرلۈك  نام بىلەن ئىش ھەققى <قانۇنلۇق>ھالدا تۇتۇپ قېلىنسا،قانۇنلۇق دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىشلىگەنگە ھەق بەرمىسە،ئىشلىسە بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى ئېلىپ،ئىشلىمىسە ئۈچ كۈنلۈك ئىش ھەققى تۇتۇلسا،قانۇندىن دەلىل كەلتۈرسە، سىياسەتنى كۆرسەتسە،سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئورۇنلانمىغان ۋەزىپىسى ئۈچۈن بىزنىڭ ئىش ھەققىمىزنى تۇتۇپ پىلاننى ئورۇنلىسا،قانۇنلۇق مەنپەئەتىمىزنى قوغدايلى دېسە،<توپىلاڭچى،داۋاخور>بولۇپ قالىدىغان گەپ...
بىلمىدىم سەۋرچان خانىم، ئاشۇ قانۇندىن پايدىلىنىش ئۈچۈنمۇ ئىش ھەققىمىزنى سەرپ قىلىدىغان گەپتۇ؟
ھۆكۈمەت ئوبرازىنى بۇلغاۋاتقان ئاشۇنداق نائەھلىلەرگە دۆلىتىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىدىن مەسلىھەت بېرىپ ساۋاتلىق قىلىپ قويغان بولسىلىرىزە...


توختىماي ئىنكاس قىلىش كىرەك. بۇنداق ئىشلارغا  تۇنۇگۈن بەرگەن ئىنتىھان سوئالدا مۇنداق بىر جاۋاپ باركەن. جىجىئاڭ ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدە بىر سودا  مەركىزى ياساش ئۈچۈن ،يەر ئىگەللەپ ، نۇرغۇن شەخىس، ئىدارە ئورگانلارنىڭ يەر ئورنىنى ئىلىپ ،مەجبۇرى چىقىشقا كىرگۈزۈپتۇ. ھەم يەرلىك ئورۇن بىر ئۇختۇرۇش چىقىرىپ ، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىمىسا، ئايلىق مائاشىنى تۇتۇش توغرىلىق بۇيرۇق چىقىرىپتۇ. ئۇ يەردىكىلەر توختىماي ئەرز قىلىپ ، مەركەزگە بىرىپتىكەن. مەركەزدىن  بىۋاستە ئۇختۇرۇش چۈشۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ  چىقارغان بارلىق يەرلىك نىزاملىرىى بىكار قىلىپتۇ. ھەم بۇ دېلۇغا مۇناسىۋەتلىك 20 نەچچە مەمۇرى رەھبەرنى قولغا ئاپتۇ.
 ئەمدى سىز بۇ يەردە دەۋاتقان مەسىلىلەر قايسى شەھەرنىڭ، قايسى ئورگاننىڭ بىزگە نامەلۇم. ئىشقىلىپ يەرلىك ئورۇنلار تۈزگەن نىزام، بۇيريقلار ئاساسى قانۇن ھەم باشقا تارماق قانۇنلارنىڭ مەزمۇنىغا زىت بولسا ئۇنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

    ئىش قۇشۇپ ئىشلەش مەسىلىسىدە بىزنىڭ ئىدارىدە تۈزۈم خىلى ياخشى. قانۇنلۇق دەم ئىلىش كۈنى دىجۇرنىلىق قىلساق يىرىم كۈنگە 150سوم بىرىدۇ. ئىشقىلىپ بىز بۇنداق <ئىش قۇشۇپ> ئىشلەشنى ياقتۇرىمىز. چۈنكى ئادەتتىكى مائاشتىن يۇقۇرى تۇرسا ، ھې ھې