بىسمىللاھىررامانىررەھىم
             ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!
            ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا  چەكسىز شۈكۈرلەرۋە ھەمدىلەر بولسۇن،پەيغەمبىرىمىزگەۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بۇلسۇن،ۋە قىيامەتكىچە كەلگەن ئەر-ئايال مۇئمىنلەرگىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن، خۇسۇسەن قەلىپلىرىنى ئىيمان بىلەن سۇغارغان تورداش -قېرىنداشلارغىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن.
           1-ھەر كۈنى قۇرئان كەرىمدىن ئوقۇش ئاسان بولغانلىرىنى ئوقىغىن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپلەپ دۇرۇت ئىيتقىن.
            2-بەش ۋاخ نامازنى چىڭ تۇتۇپ ئوقىغىن،ئۇنىڭ سىرتىدا كىچىلىرى نەپلە ناماز ئوقۇشقا ۋە ئىككىرەكەئەت بولسىمۇ  چاشكا نامىزى ئوقۇشقا ئەھمىيەت بەرگىن.
            3-ساڭا پەرىز قىلىنغان زاكاتنى تولۇق ئاداقىل،ھەركۈنى ئازبولسۇمۇ سەدىقە قىلىپ تۇرغىن  ئەگەر  سەدىقە قىلغۇدەك نەرسەڭ بولمىسا ياخشى سۆز بىلەن بولسۇمۇ سەدىقە قىل.ھەر ئايدا ئۆچكۈن روزا تۇتقىن.
             4-ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردىن بولۇشىنى خالامسىز؟ئۇنداق بولسا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى  ،ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرنى سۆيگىن ۋە ئاتا-ئاناڭغا ياخشىلىق قىلغىن.
              5-ئى پەرۋەردىگارىم!ئىپەرۋەردىگارىم دىسە، ئاللاھ تائالا ؛مانا مەن بەندەم ،قېنى سورا بېرىلىسەن دەيدىغانلاردىن بولۇشنى خالامسەن ،ئۇنداق بولسا يىمەكلىكىڭنى ھالالدىن يىگىن،دۇئايىڭ ئىجابەت قىلىنىدۇ،ئادەملەر گە چىن كۆڭلىڭدىن ئىنساپلىق بولغىن، ۋە ئادەملەردە گۈزەل ئەخلاق يېتىلدۈرگىن.
           6-دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان ۋە قىيامەت كۈنى نام-ئەمەل سەھىپىلىرى نۇرلىنىپ تۇرىدىغانلاردىن بولۇشنى خالامسەن؟ ئۇنداق بولسا دىلىڭنى پاكلا (لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ) دىگەن كەلىمىنى ئاغىزىڭدىن چۈشۈرمىگىن،ۋە ئۆزۈڭ ئۈچۈن ،مۇئمىن ئەر-ئاياللار ئۈچۈن ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلىگىن ،ئاللاھنىڭ زىكىردىن غاپىل بولمىغىن.
         7-ھەمدە ئىيتقۇچىلاردىن ،شۇكرى قىلغۇچىلاردىن ۋە مۇقەررەپلەردىن(ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرىدىن) بولۇشنى خالامسەن؟ ئۇنداق بولسا [ئەلھەمدۇ لىللاھى ۋەسالامۇن ئەلا ئىبادىھىل لەزىنەس تەپا) دىگەن كەلىمىنى كۆپلەپ ئوقىغىن.كەلىمىنىڭ مەنىسى(پۈتۈن گۈزەل مەدھىيەلەر ئاللاھقا مەنسۈپ ۋە تىنىچ- ئامانلىق ئاللاھنىڭ سەرخىل بەندىلىرىگە بولسۇن.)
        8-شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى ۋە ئاللاھنىڭ پەرزەنىتلىرىڭنى ئىسلاھ قىلىپ بېرىشىنى خالامسەن ؟ ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى شۈكۈر ئايىتىنى ئوقۇپ تۇرغىن؛[پەرۋەردىگارىم!سەن مىنى  ماڭا ۋە ئاتا-ئانامغا  بەرگەن نىمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا،سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن.رەھمىتىڭ بىلەن مىنى ياخشى بەندىلىرىڭنىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن][پەرۋەردىگارىم سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا-ئانامغا بەرگەن نىمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئېلھام قىلغىن،مەن ئۈچۈن مىنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن،(يەنى مىنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەردىن قىلغىن)،مەن ھەقىقەتەن (جىمى گۈناھلاردىن)تەۋبە قىلدىم،مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن](نەملە سۆرىسى 19-ئايىتى،ئەھقاپ سۆرىسى 15-ئايىتى،يادلىۋىلىش كېرەك.)
       9-ھەدىس شەرىپ؛مەن سىنى دىنى ۋە دۇنياۋى ئىشلىرىڭنى جەملەپ بېرىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويسام قانداق؟ ئۇنداق بولسا ئاللاھنىڭ  ھەج سۆرىسىدىكى 77-ئايىتىگە كۈچىڭنىڭ يېتىشىچە ئەمەل قىلغىن؛[ئى مۆئمىنلەر!بەخىتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار،سەجدە قىلىڭلار(تەزەررۇ بىلەن ناماز ئوقۇڭلار)،يالغۇز پەرۋەر دىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار،ياخشى ئىشلارنى (يەنى خىش-ئەقرىبالارغا سىلە-رەھىم قىلىش،يىتىم-يىسىرلەرنىڭ بىشىنى سىلاش،كىچىسى تەھەججۈت نامىزى ئۆتەش قاتارلىق ئىشلارنى)قىلىڭلار.
       10-سېنى ھەرقانداق شەيئىنىڭ دەل يۈرىكىگە باشلاپ قويىشىمنى خالامسەن ئۇنداق بولسا بۇ ئايەتنى ئۆزۈڭگە ئۆزلەشتۈرگىن؛[ئاللاھقا ئىشەندىم دىگىن ئاندىن توغرا يول ئۇستىدە بولغىن]ئاللاھ ھەممىمىزگە ياخشىلىقنى مۇۋەپپەق قىلغاي.
        مەنبە؛( 55 ۋەسىيەت)تىن تەرجىمە قىلىندى.